خۇاگوفىڭ: جۇڭگۇنۇپۇسىنى ئەينەن ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ
خۇاگوفىڭغا باھابەرگەندە، ئۇنىڭ جۇڭگۇغا ھاياتى كۈچ بەخىش ئەتكىنىنى تىلغائىش زۈرۈر. ناۋادا خۇاگوفىڭ بولمىغان بولسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولسا، جۇڭگۇنىڭ تەقىدىرى مۇنداق ئىككى خىل بۇلىشى مۇمكىن ئىدى: بىرىىسى جاڭچىڭ باشچلىقىدىكى " تۆت كىشلىك گوروھ" تەخىتكەچىقىپ، جۇڭگۇدىكى سىنپى كۈرۈش ھەركۈنى ئېلىپ بېرىلىپ، جەمىيەتتىكى خاتائەنزە -ناھەق ئەنزىلەر تېخىمۇ كۈپۈيۈپ كەتكەن بۇلاتتى، ئىككىنجىسى ئىچكى ئۇرۇش يۈزبىرىپ، خەلق ئوخشاشلا بالايى-ئاپەتكە قالغان بۇلاتتى. " تۆت كىشىلىك گوروھ"نىڭ ئارمىيەئىچىدىمۇ خېلى كۈچى بولغاچقا، ناۋادا خۇاگوفىڭ نەچچە كۈنلا كىچىككەن بولسا، شاڭخەيدە مەركەزبىلەن كۈچ ئېلىشالايدىغان قۇراللىق كۈچ ئۈزىنى ئڭشىۋالغان بۇلاتتى. شۇنداق بولسا، جۇڭگۇ مىلتارىسلار ئۇرۇشىغا پېتىپ قالغان بۇلاتتى.
بۇقاراشلىرىمىز ئاسسسىز ئەمەس. مەركىزى پارتىيەمەكتەپ پىروففىسورى شىن باۋ شاڭ يازغان " رەھبەرلىك جەۋھەرلىرى" دە ئاشكارىلىنىشچە، خۇاگوفىڭ 1978-يىل ئىككى قېتىم خۇياۋباڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغان. ھەرئىككىلىسىدە " تۆت كىشلىك گوروھ" نى تارماش قىلىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنىغان. خۇاگوفىڭنىڭ قارىشىچە، " تۆت كىشلىك گوروھ" نىڭ قۇلىدا ئاخپارات قۇراللىرى ۋە ئارمىيە بولغاچقا، ئۇلارنى تۇتمىغاندا ئىچكى ئۇرۇش يۈزبىرىشى مۇمكىن، تۇتقاندا مەغلۇپ بولساق بېشىمىز كېتىشى مۇمكىن دېگەن. نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن گىنرال يې جەن يىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتە قايىل بولغان ۋە " بۇئشنى يولداش دىڭشاۋپىڭمۇ قىلالمايدۇ، جۇزۇڭلىمۇ قىلالمايتى" دېگەن.
خۇاگوفىڭ خۇياۋباڭ بىلەن ئىككىنجى قېتىم سۆھبەتتە بولغاندا مۇنداق دېگەن:" مايسا كۈچۈرۈش ماشىنىسىنى بىز كەشىپ قىلدۇق، ياپۇنلار بىزدىن ئۈگۈنۈپلا ئۈچ يىلدىلا ئۇمۇمىلاشتۇرۇپ بولدى، ئەمما بىزتېخىغىچە سىناق باسقۇچىدا. چەتئەللەردىكى تۇخۇ فىرمىللىرىدا 150مىڭ تۇخۇنى پەقەت ئىككىلا ئادەم باقىدۇ، بىزنىڭ قىزىليۇلتۇز باقمىچلىق مەيدانىمىزدا بولسا210مىڭ تۇخۇنى 280 ئادەم باقىدۇ. ئامېرىكىدا يىلىغا 7 يۈزمىلىيۇن توننا كۈمۈرنى 190مىڭ ئىشچى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بىزدە بولسا5يۈزمىلىيۇن توننا كۈمۈرنى220مىڭ ئادەم ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىزدە31مىلىيۇن توننا پۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىشچنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا پۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ئىشچىلارنىڭ سانىغا تەڭ. كاپىتالىزىم ئەللىرىدىكى ئىشچىلار ھەپتىسىگە ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ شەخسى ماشىنىسى بار، ساياھەت قىلالايدۇ. بىزدىچۇ؟ داش قازان تۈزۈمى ئاستىدا ئىشلىسىمۇ، ئىشىلىمسىمۇ ئوخشاش بۇلىۋاتىدۇ... "
خۇاگوفىڭ 78-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خۇياۋباڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتەيەنە مۇنداق دېگەن:" جۇڭگۇدا ھازىر ھەقىقى نۇپۇس 970مىلىيۇن ( 九亿七千万人 ) بىز سىرىتقا ئېلان قىلغاندا مۇنداق كۆپ ئېلان قىلساق بولمايدۇ، ب د ت ئەزالىق بەدەل پۇلىغىلا يەنە نەچچەئون مىلىيۇن قۇشۇلۇپ قالىدۇ ، نەچچە ئون مىلىيۇننى ئاز كۆرگىنىمىز بىلەن، چەتئەل پىرىۋوت زاپىسىدىنلا ئايرىپ ئالىدىغان نىسبىتى ئاز ئەمەس ."
خۇاگوفىڭنىڭ " تۆت كىشلىك گوروھ"نى تارمار قىلىشىنىڭ ئۈزىلا، " ئىككى ئۇمۇمەن" بىلەن چەك-چىگراسىنى ئايرىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. خۇاگوفىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە چەتئەللەردىن ئۈگۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن، جۇڭگۇ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان رەھبەر.
مەركىزى پارتىيەمەكتەپ پىرافىسورى شىن باۋ شاڭنىڭ ئوتتۇرغا قۇيىشىچە، يولداش خۇاگوفىڭ ھەققىدىكى نۇرغۇن ماتىرياللارنى ئىلگىرى ئېلان قىلىش بەك تەس ئىكەن، مۇندىن كىيىن، بۇخىل ماتىرياللارنى ئېلان قىلىپ تارىخنىڭ ھەقىقى ماھيىتىنى خەلق ئالەمگە ئاشكارىلاش لازىم ئىكەن.
مەنبە: شىنلاڭ مىكروبىلوگى.ئەسلى مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4eddf60c0102dvc1.html?tj=1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-17 11:35 AM