ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىزلەر؟ ھەممىڭلار تىنىچ-ئامان تۇرۇشقانسىلەر!ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن! مەنمۇ يىقىننىڭ ياقى خىزمەت بەك ئالدىراش مۇنبەرگە كىرىپ بۇلالماي،
سىلەردىن ئەھۋال سوراپ بۇلالمىدىم.
خوش ئەمدى ياردەم تىمامنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىگە كەلسەم ، بىلىدىغانلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرىڭلارنى بەرسۇن!
قاراڭلار يىقىننىڭ ياقى ئۈيۈمدە چۈمۈلە پەيدا بۇلۇپ قالدى،ئۆلتۈرۈپ يۇقىتاي دىسەم چۈمۈلىنى
ئۆلتۈرۈش گۇناھدۇر!
چۈنكى چۈمۈلە ئاللاھ قا بەك زىكىر قىلىدىغان ھاشارەتتۇر.
شۇڭا نەچچە رەت قەغەزگە ئوراپ تالاغا تاشلىۋەتتىم. ئەمما يەنىلا پەيدا بۇلىۋالدى.
ئۈيۈم 6-قەۋەتتە تۇرسا قانداقمۇ چىققاندۇ دەپ قالدىم. ئاستىمىزدىكى خوشنىلاردىن سوراپ باقاي دىسەم رەنجىپ قالارمۇ دەپ گەپ قىلماي يۈرىۋەردىم .ئەمما بەك جىقلاپ كىتىۋاتىدۇ، دوسلىردىن سورىسام باي بولغۇدەكسەن -دەپ چاخچاق قىلىپ قۇيىدۇ.
بىراق بەك ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن، كىچىلىرى ئۇخلاۋاتقاندا قۇلاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ
ئىش تاپارمىكىن دەيمەن.
كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ قىلىدىغان ۋەزىپەم، ھاجەتخانا ۋە ئاشخانىدىكى چۈمۈلىنى سۈپۈرۈپ تالاغا تاشلاش.
قانداقمۇ قىلارمەن؟ھاشارەت ئۆلتۈرىدىغان دورا ئەكىلىپ چاچاي دىسەم ، بىچارىلەرنى ئۆلتۈرۈپ گۇناھكار بۇلۇشتىن ئەنسىرەيمەن. زادى قانداق ئامالى بار؟ ماڭا بىر ياردەم قىلىپ ئۈيۈمدىكى چۈمۈلىنى يۇقۇتۇشۇپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.
مەسلىھەت سورىغۇچى:كۆڭۈل.