ئەسسالام، تورداش دوستلار!
مەن نەچچە كۈن بۇرۇن "ئۇيغۇرلاردىمۇ پەخرلەنگۈدەك قىزلار كۆپ" دېگەن تېمىنى مۇنبەردە جىق چېلىقتۇرغان بولساممۇ، بۇ تېمىنىڭ "ئۆز تۈرك" ئوقۇش مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. بۈگۈن بۇ تېمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم ۋە بەكمۇ ھاياجانلاندىم. بىرىنچىدىن، بۇنداق ئۇلۇغ بىر ئىشقا ئىشتىراك قىلغان، باش قوشۇپ مەسلىھەت بەرگەن ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى مەسئۇللىرى، جەمئىيىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ شۇ كەبىي مەرىپەتپەرۋەر روھى ۋە ھالال سودا بىلەن ئىگە بولغان دەپئىي-دۇنياسىنى مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىشتىكى سېخىلىقى ۋە جۈرئىتى مېنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىلدى. ئىككىنچىدىن، مەن مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ئىسمى، ئوقۇۋاتقان كەسپى، مەكتىپى، مۇكاپات سوممىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، "نېمىدېگەن ئېسىل، نېمىدېگەن پەخرلىك قىزلار بۇ؟!" دېگەن ھېسسىياتقا كەلگەن بولسام، ئارقىدىنلا "ئۆز تۈرك" ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ باھالاش شەرتلىرى توغرىسىدىكى يازمىنى كۆرگىنىمدە بولسا، ئۇلارنىڭ ئەدەب-ئەخلاقى، جۈرئەت-شىجائىتى، تىرىشچانلىقى، يېڭىلمەس روھىغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئېشىپ، بىردەم ئاۋۋالقى ئەشۇ پەخر تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى.
"ئۆز تۈرك" ئوقۇش مۇكاپاتى "شەرەپ مۇكاپاتى" ساھىبلىرىنىڭ تىزىملىكىگە كۆز يۈگۈرتۈپ تېزلا توختىدىم، چۈنكى 1- قاتاردا تۇرغان بۇ ساھىبەنىڭ "ماھىنۇر مەتتوختى" دېگەن ئىسمىدىن بەكراق "خارۋارد تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى" دېگەن بۇ ھەيۋەتلىك سۆزلەر بەكرەك دىققىتىمنى تارتتى. بۇ ئىسىم "خارۋارد ئەركىسى _ قۇدرەت ياقۇپ" تىن كېيىن مېنى بەكرەك ھەۋەسلەندۈرگەن ئىسىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن قىزىقىش ئىچىدە ماھىنۇر مەتتوختى ئىسىملىك بۇ پەخرلىك ئۇيغۇر قىزىنى تېخىمۇ ئېنىقراق تونۇش مەقسىتىدە تورنى ئاختۇرۇپ ئاز-تولا ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم، تۆۋەندە تورداش دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم:
ماھىنۇر مەتتوختى، دۆلەت ئىچىدە تىببىي پەنلەر ماگېستىرلىقى ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ھازىر ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى. ئۇ 2011-يىلى 12-ئايدا خارۋار تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق Wall تەجرىبىخانىسىغا تەتقىقاتچى بولۇپ كىرگەن بولۇپ، تەتقىقات يۆنىلىشى: راك(ئۆسمە) ئىرسىيەتشۇناسلىقى
ئەسلى ئىنگلىزچىسى(ئىنگلىزچىدا Mahi دېيىلىپتۇ) :
Mahi is an MD in China, where she got her Masters in Medicine, and she is now a PhD candidate in Huazhong University of Science & Technology, China. She joined the Wall Lab in December 2011 as a research fellow and will be investigating the genetics of cancer.
بىر قانچە پارچە سۈرەتنى قوشۇپ قويدۇم:
http://wall.hms.harvard.edu/users/mahi
http://wall.hms.harvard.edu/people
1-ئۇلانما سۈرەتتە: ماھىنۇر مەتتوختى
2-ئۇلانما سۈرەتتە: Wall تەجرىبىخانىسىنىڭ ئەزالىرى (ئالدى رەت سولدىن 3-)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-16 11:34 PM