مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى دوستىمىز ئاخسا شۇم ئۆزىنىڭ ناھايتى ئېسىل بىر كىنو كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇ كىنونى كۆرۈپ بېقىشىمنى بولسا تەرجىمىسىگە ئىشىلسەك بولىتى دىگەننى تەۋسىيە قىلدى. بۇ فىلىمنىڭ خەنچە ئىسىمى: 赛德克.巴莱 بولۇپ، تەيۋەندە ئىشلەنگەن كىنو ئىكەن.
كىنونى كۆردۈم راستىنلا قالتىس كىنو ئىكەن. ئېغىزىمغا «قالتىس» دىگەندىن باشقا سۆز كەلمىدى. چۈنكى ئىچىم ئاجايىپ بىر خىل ھەسرەت بىلەن توشقان بولۇپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرى، ئاسمىلاتسىيەسى، مەدەنىيەت كۈشەندىچىلىكىگە بولغان قارشىلىق روھىنى ھىس قىلغاندا مەندىمۇ شۇ كىشىلەردەك پەخىرلىنىش، خوش بولۇش تۇيغۇسى شەكىللەندى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرگەندە بولسا ئىچىم بىر خىل ئاچچىققا تولدى، كىنودىكى مونا روداۋنى ئامېرىكا فىلىمى «جەسۈر يۈرەك» تىكى باش قەھرىمانغا ئوخشاتقۇم كېپ قالدى..راست بۇ شەرقنىڭ جەسۇر يۈرىكى ئىدى...
فىلىم جەمئى ئىككى قىسىم بولۇپ 4.5 سائەتتە تۈگەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە قىلىش نىيىتىمنى ئاخسا شۇمغا دىدىم، ئاخسا شۇممۇ ناھايتى خۇشال بولغانلىقىنى بۇنداق كىنودىن دوستلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنسە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ھىچقانداق بىر تىۋىش چىقارماي تەرجىمە قىلىپلا ئېلان قىلىش تەكلىۋىنى بەردى....شۇنىڭ بىلەن تەرجىمان ئىزدەشكە باشلاپ چچ دا ئۇنىڭغا بۇنىڭغا دىدىم، بۇ فىلىم توغرىسدا ھىچقانداق ئۇچۇرنى بىلمىگەچكىمى تەرجىمانلار تازا قىززىقمىدى.. شۇنىڭ بىلەن زۇلپىقار، پاسىبان، ئاخسا شۇم ۋە مەن قاتارلىقلار تەرجىمىگە ئۇن تىنسىز كىرىشىپ كەتتۇق، قارىسام ئاخسا شۇمنىڭ تەتىلى يېقىنلاپ قالغان، زۇلپىخارنىڭ قولىدا بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى كىنونىڭ تەرجىمىسى بار، پاسىباندىمۇ شۇنداق...ئۇلارنى 300 جۈملىدىن تەرجىمە قىلىپ زور ياردەملەرنى قىلغان بولسىمۇ يەنە تەرجىمىگە چۈشسە باشقا ئىشلىرىمۇ ئۈلگۈرمىسە بولمايدۇ...شۇنىڭ بىلەن قالغان 2500 دىن ئارتۇق جۈملىنى ئۆزۈم تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلدى...ئەمما بۇ 250 جۈملىچىلىك تۇيۇلمىدى، چۈنكى كىنونىڭ ئىچىگە ئۆزۈممۇ كىرىپ كەتكەن ئىدىم....
فىلىم تەرجىمىسى توغرىسىدا
1. فىلىمنى ئىسمى
فىلىمنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 赛德克·巴莱
چەتئەلچە ئىسمى: Seediq Bale
دۆلىتى: جۇڭگو تەيۋەن
رېژىسسور: ۋېي دېشىڭ 魏德圣 Te-Sheng Wei ؛ 1968-يىلى تەيۋەندە تۇغۇلغان.
خەنچە 赛德克·巴莱 دىگەن خەت تەيۋەندىكى يەرلىك خەلق تىلىدىكى ھەقىقى ئەزىمەت، ھەقىقى ئەركەك دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئەسلى تەلەپپۇزى بويىچە سەدىق بالەي دىيىشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم، ئاخسا شۇمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە «ئەجدات روھى» «ئەجدات ۋەسىيىتى» دەپ ئېلىنسىمۇ فىلىمنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا تازا ماس كەلمىگەندەك ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن باشتا «ھەقىقى ئەزىمەتلەر» دەپ ئالغان ئىدىم ھەم مۇشۇ ئىسىم ماس كەلگەن ئىدى... كىيىن بۇ فىلىمدىكى بەزى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى لازىم بولۇپ، ماتىريال ئاختۇرغۇچە فىلىمدىكى باش قەھرىمان مونا روداۋ توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئۇچراپ، ئۇ كىشىگە ئاتاپ قۇرۇلغان مەخسۇس مۇزىينىڭ ھازىر تەيۋەندە بارلىقىنى بىلدىم، ۋە بۇ كىشىگە بىرخىل ھۆرمىتىم ئېشىپ قالدى، شۇنداق قىلىپ كىنونىڭ ئىسمى «ھەقىقى ئەزىمەتلەر» دىن «ئەزىمەت مونا» غا كىيىن ئادەمگە تېخىمۇ يېقىن تۇيغۇ بېرىدىغان «باتۇر مونا» غا ئۆزگەردى.
2. فىلىمدىكى بىر قىسىم ئىسىم-ئاتالغۇلار: كىنودا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، 30 دەك ئىسىم، 7-8 دەك يەر جاي ناملىرى، 12 دەك قەبىلە-قەۋمنىڭ ئىسىملىرى ئۇچرايدىكەن... بۇ ئىسىملارغىمۇ تەرجىمە جەرياندا خېلى باش قاتۇرۇشقا توغرا كەلدى..مەسىلەن: (1) ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 蕃族، 蕃人 بولۇپ، بۇ ئەينى چاغدا ئەزگۈچىلەر ۋە ياپونلار تەرپىدىن سەدىقلەرنى كەمىسىتىپ ئېيتىلغان سۆز ئىكەن.. خەنزۇچە مەنىسى يات تائىپە، ياتلار، چەتئەللىكلەر، كەلگۈندىلەر دىگەندەك مەنىگە ئىگە ئىكەن...بۇلارنى زۇلپىخار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ياتلار، يات تائىپە دەپ ئالغان ئىدىم، كىيىن قارىسام يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ياپونلارنى 异族, 异人 خەت بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى ئۇچراشتى، دىمەك 蕃人 نى يات دەپ ئالساق بولمايدىكەن، شۇنداقلا ياپونلار ئۆزى يات يەردىن باستۇرۇپ كىرىپ شۇ يەرلىك خەلقنى يات دەپ ئاتىشى ئەقىلغە سىغمايدىكەن.. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزنى بەدەۋىلەر، پەسلەر دەپ ئۆزگەرتتىم، چۈنكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا تەيۋەندىكى يەرلىك خەلق تېخى ئىپتىدائى جەمئىيەت مەزگىلىدە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، شۇنداق بولغاچقا بەدەۋىلەر مۇۋاپىق كېلىدىكەن ئەمما ئۇ سۆزنىمۇ ئىشلەتكۈم كەلمىدى، چۈنكى مەندە بۇ مىللەتكە قارتا بىرخىل ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالغان ئىدى..ئۆزى ھۆرمەت قىلغان ئادەمنى كەمىسىتىغان ئىش نەدە بار...شۇنىڭ بىلەن زادى ياپونلار نىمە دەپ ئاتايدىغان بولغىيتى دەپ يەنە ماتىريال ئاختۇرسام ياپونلار "ban" دەپ ئاتايدىكەن..مۇشۇنداق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە «فەن» لەر دەپ ئالدىم. چۈنكى ban مۇ خەنزۇلار تەلەپپۇزىدىكى فەنگە يېقىن كېلىدىكەن... (2) شۇ چاغدا فەنلەرنىڭ 12 قەبىلىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسىمى باركەن، خەنزۇچە تەلەپپۇزى بويىچە قىلىنغا تەرجىمە بىلەن فەنچە تەلەپپۇز قەتئى ئوخشىمايدىكەن. مەسىلەن : 道泽 بۇنى ھەممەيلەن داۋزې دەپ تەلەپپۇز قىلىمىز، ئەمما فەنلەر «تۇدا» دەپ ئاتايدىكەن..شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر مۇشۇنداق ئاتالغۇ ئۇچرىسا گۇگۇللاشقا توغرا كەلدى..12 قەبىلىنىڭ ھەممە ئىسىملىرىنى گۇگۇلدىن ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ يۈرۈپ تېپىپ چىقتىم. (3) ياپونلارنىڭ ئىسمىمۇ خېلى ئاۋارە قىلدى...ياپونچە ئىسىمنى خەنزۇلار باشقىچە تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئەمما مەن يەنىلا ئەسلىسى بويىچە ئالاي دەپ بەيدۇ، گۇگۇللارغا مۇراجەت قىلسام بەزىلىرىنى تاپقىلى بولدى، يەنە بەزىلىرىنى تاپقىلى بولمىدى، تاپالمىغانلىرىمنى كىنودىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىشقا توغرا كەلدى... (4) بۇ كىنو داستان خاراكتىېرىلىق كىنو ئىكەن، داستاندا ۋەقەلىك، دىئالوگ يەنە ناخشا-مۇزىكىلار بىرلىكتە ئورۇنلىنىدۇ... بۇ كىنودىكى ناخشىلار ئاساسلىق ئىپتىدائى جەمئىيەت كىشىلىرىنى تۇتىملارنى، قەھرىمانلارنى مەدھىلەيدىغان قەسىدە خاراكتىرىلىق شىئېر بىلەن تىلاۋەت ئوتتۇرسىدىكى سۆزلەر ئىكەن، بۇنى ئېلىشتا خەنزۇچسىدە قانداق بولسا شۇنداق تۈز تەرجىمە قىلىندى.... (5) ئىلاج بار ئېغىز تىلىغا ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئىخچام سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىندى...ئۇزاقراق جۈملىگە توغرا كەلگەندە شۇ پىرسۇناژ شۇ گەپنى دەپ بولغۇچە بىزمۇ خېتىنى ئوقۇپ بولالايمىزمۇ-يوق دىگەننى بەك ئويلاشتىم، تەڭ ئوقۇپ بولالىغانغا قەدەر قىسقارتىشقا تېگىشلىك سۆزلەرنى قىسقارتتىم.
3. فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى مونا روداۋ توغرىسىدا
مونا روداۋ خاتىرە پۇلى
مونا روداۋ Mona (Mouna) Rudo
بويىنىڭ ئىگىزلىكى 1 مېتىر 90 سانتىمېتىر، 1880-يىلى تۇغۇلۇپ 1930-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. تەيۋەندىكى سەدىق مىللىتىنىڭ ماخىپور قەبىلىسىنىڭ ئاقسىقىلى، روداۋ لۇخېنىڭ چوڭ ئوغلى، ئىلگىرى ياپونىيەگە بېرىپ توكيو، ناگاساكى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى قورال ياراق زاۋۇتلىرى، ھەربىي مەكتەپلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ پەن تەخنىكىسى، قورال ياراقلىرى، ھەربىي تۈزۈلمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەنگەن. ئۇ تەيۋەنگە قايتقاندىن كېيىن قەبىلىسىدىكىلەرگە، ياپونلارنىڭ دەھشەتلىك سىياسەتلىرىگە سەۋرىچان بولۇشىنى، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئىلگىرى بىر قېتىم ياپونلارغا قارشى كۆرەش قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولۇپ ئۇلارغا باش ئېگىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ياپونلارنىڭ ئەمەلى كۈچىنى تونۇپ، ياپونلارغا ھەمكارلىشىپ باشقا بوي سۇنمىغان قەبىلە، رايۇنلارنى بويسۇندۇرۇش ھەركەتلىرىگە قاتناشقان.
تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ياشايدىغان ئاتايالاي (Atayal)مىللىتىنىڭ (تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايدىغان 2-چوڭ مىللەت) ئاقساقىلىنىڭ دىيىشىچە 1920-يىلى مونا روداۋ ئاتايلايلارنىڭ ئوۋ مەيدانىدىن پايدىلىنىپ، نەنتۇ ناھىيسىدە ئۆز قەبىلىسىدىكلەرنى يېتەكلەپ ياپونلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 26 دەك ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. بۇ «سالاماۋ ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان. بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى بولسا ياپونلار «ئىسپانىيە يۇقۇملۇق زۇكامى» سەۋەبلىك ئاتايالايلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇنى شۇ چاغدىكى پارلامىنت ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم سەدىق ۋەكىللىرى ئېتراپ قىلغان. «باتور مونا» دىگەن كىنو مونا روداۋنىڭ «ئۆز قەبىلىسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ، باشقا قەبىلىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش» ئىشىنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن. فىلىم رىژېسسورى ۋېي دېشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «قەھرىماندىمۇ كەمچىلىك بولىدۇ» مونا روداۋغا ھازىرقى زامان نۇقتىنەزىرى بىلەن باھا بېرىشكە بولمايدۇ، ئەينى چاغدىكى شەرت-شارائىت، تارىخى ئارقا كۆرنۈشكە قاراش كېرەك. ئىپتىدائى جەمئىيەتتە ئوۋ مەيدانى مەلۇم بىر توپنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى ئىدى، ئوۋ مەيدانىدىن ئايرىلىپ قالغان قەبىلە ياكى جەمەت ھاياتلىق مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى. شۇڭا قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدا دائىم ئوۋ مەيدانىنى تالىشىش جېڭى بولۇپ تۇراتتى.. بۇنىڭ ئۈچۈن قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدا دوستلۇق بىلەن دۈشمەنلىكتىن ئىبارەت مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى..بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ، بۇنىڭغا ھۇجۇم قىلسا بەزىدە بۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلاتتى....
مونا روداۋنىڭ ھەيكىلى
4-ۋۇشى ۋەقەسى
1930-يىلى قەبىلە ئىچىدىكى بىر قېتىملىق توي مۇراسىمىدا مونا روداۋنىڭ چوڭ ئوغلى شۇ يەردىكى ياپۇن ساقچىسى يوشىموراغا ھۆرمەت شارابى تۇتىدۇ، يوشىمورا بۇنى رەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ياشلا ئۇنى قورشىۋېلىپ، قاتتىق ئۇرىدۇ. كېيىن مونا روداۋ ئالاھىدە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىسىمۇ ئۇ ساقچىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ ھەتتا بۇ ئىشنى يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىدۇ. ئەينى چاغدا ساقچىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى مونا ئوبدان بىلەتتى. ھەمدە ياپونلارنىڭ ئاسمىلاتسىيەسى، ئەنئەنىنى يوقۇتۇش ھەركەتلىرىگە قاتتىق نارازى بولۇپ تۇرغان ياشلارغا ئەمدى توپىلاڭ كۆتۈرمەي ئامال يوق ئىدى.. شۇنىڭ بىلەن 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونلار تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھى» غا ياپونلارنى «نەزىرلىك» قىلىدۇ. مانا بۇ ۋۇشى ۋەقەسىدۇر.
5. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتى
ياپونلارنىڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقى ئاچلىق، تاشقى ياردەمنىڭ پەقەت بولماسلىقى سەۋەبىدىن مونا روداۋ ئوغلى تودو موناغا تەسلىم بولۇشنى ئېيتىپ قويۇپ، ئۆزى تاغقا كىرىپ كېتىدۇ. تودو مونا تەسلىم بولۇشنى خالىماي سىڭلىسى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرەشكە ۋۇشىدىكى 12 قەبىلىنىڭ 6 سى جەمئى 1236 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، 644 ئادەم ئۆلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 267 ئادەم ياپونلار ۋە باشقا قەبىلىدىكىلەر تەرپىدىن ئۆلتۈرلىدۇ، 290 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ..
6. مونا روداۋنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلىشى
مونا روداۋنىڭ جەسىتىنىڭ ۋۇشىغا يۆتكىلىشى 1973-يىلى
مونا روداۋ ئۆلگەندىن كيىن (قاچان ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس) 1933-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلىدۇ، ئەمما جەسەت پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتمىگەن بولۇپ، يېرىمى دىگۈدەك مومياغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.. 1934-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى تەيبېي «ئىمپېريىە ئۇنۋېرسىتتى» (ھازىرقى تەيۋەن ئۇنېۋېرستىتى) دا كۆرگەزمىگە قويىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىنىدۇ. 1973-يىلى ۋۇشىغا يۆتكىلىپ دەپنە قىلىنىدۇ.
7. مونا روداۋنىڭ ئائىلىسى
ئوتتۇردىكى مونا روداۋنىڭ ئوغلى داداۋ مونا
مونا روداۋنىڭ باتان ۋالىس دىگەن ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن 2 ئوغۇل 3 قىز پەرزەنتلىك بولغان. چوڭ ئوغلى داداۋ مونا تەسلىمنى قوبۇل قىلماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان، كىچىك ئوغلى باسو مونا شۇ قېتىمقى جەڭدە ئوق تېگىپ ئۆلگەن.. چوڭ قىزى ماخوڭ مونا (1907-يىلى تۇغۇلۇپ، 1973-يىلى دۇنيادىن ئۆتكەن) بولۇپ، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇنىڭ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولۇپ تۇرغاندا چوڭ ئاكىسى قەبىلە ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ جەڭ قىلىۋېتىپ تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماسلىققا، ئەۋلادلارنى ساقلاپ قېلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ..
ئۇ مونا روداۋ ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى بىردىن بىر ھايات قالغۇچى ھىساپلىنىدۇ..كىيىن يىتىم بالىلارنى بېقىۋلىپ تەربىلەيدۇ ھەمدە ئىسمىنى خەنزۇچە 张秀妹 گە ئۆزگەرتىپ 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ...
مونا روداۋ ھەققىدىكى بەزى رەسىملەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ
ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
www.akburkut.com
( كىنوسىنى مىسرانىمغا يوللاي دەپ ئىككى خىل پىرىسلىغان، ئەمما خەنزۇچە فىلىم تور بەتلىرى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمىنى قوبۇل قىلمىدى..)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-16 11:31 PM