بارى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ پەخرى ئۇ ئىشىنىمەنكى مەڭگۈ پۇتبول سۆيەر ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلمايدۇ .
بارى توغۇرلۇق بىر تىما يېزىشنى ئويلاشقانتىم لىكىن بارى توغۇرلۇق ماتىرياللارنى تاپالماي قالدىم شۇڭلاشقا بۈگۈن مەن سىلەرگە بارى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ ناملىق ھىكايەمنى سۇنماقچى . بۇ تىمىنى يېزىش جەريانىدا بەزى خاتالىقلار كۆرۈلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ چۈنكى ئىنسان ئەيىپ نۇقساندىن خالى ئەمەس . خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرى بولسا تۈزۈتۈش بەرسەڭلار بولىدۇ .
ھىكايە : بارى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ !
2144-يىلى5-ئاينىڭ 29-كۈنى 50-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشىغا پەقەت بەشكۈنلا ۋاقىت قالغان ئىدى.
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يىتىپ كىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 65 ياشلىق بوۋاي ئابابەكرى نەۋرىسى ئەلىغا بالام بىز ئۇيغۇرلادىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇنلىغان تالانتلىق پۇتبولچىلار يىتىشىپ چىققان دەپتۇ . بوۋاينىڭ نەرۋىسى ئەلى بوۋا ماڭا بۇرۇنقى ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ تارىخى ئەھۋالىنى بىلسەڭ ئېيتىپ بەرسەڭ بوپتىكەن دەپتۇ.
بوۋاي ماقۇل بولۇپ مەن ساڭا بارى ئىسىملىك بىر ئاتاقلىق ئۇيغۇر پۇتبولچىنىڭ ھىكايىسىنى دەپ بىرەي دەپتۇ . بالا خۇشاللىقىدىن ماقۇل بوۋا ئەمسە قولۇغۇم سەندە ھىكايەڭنى باشلىغىن دەپتۇ . بوۋاي يەتتە ياشلىق نەۋرىسىنى ئۇخلاتقاچ ھىكاينى باشلاپتۇ .
بۇرۇننىڭ بۇرىنىسىدا پۇتبولغا ئىنتايىن قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ئوتيۈرەك بارى ئىسىملىك بىر بالا شىنجاڭ دىيارىدا دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىكەن . ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا پۇتبولغا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن . بارى 7 ياش ۋاقتىدىلا باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان بولۇپ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە دائىم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇرۇدىكەن.
گەرچە بارىنىڭ يېشى سەپداشلىرىغا قارىغاندا خېلى كىچىك بولسىمۇ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىكەن . بارى 12 ياشقا كىرگۈچە باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدا توپ تىپىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردە بارى دىسە تۇنۇمايدىغان ئادەم ئاز دىيەرلىك دەرىجىدە تۇنۇلۇپ بولغان ئىكەن . بارىنىڭ دادىسى بارىنىڭ پۇتبولچى بولىشىنى قوللايدىكەن بارىنىڭمۇ كەسپى پۇتبول مەكتىۋىدە ئوقۇغۇسىە بار ئىكەن. لىكىن بارىنىڭ ئائىلە شارايىتى سەل ياخشى ئەمەسكەن شۇنداق بولسىمۇ بارىنىڭ دادىسى ئائىلە قىيىنچىلىقىغا قارىماي بارىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پۇتبول مەكتىۋىگە بىرىشنى ئويلىشىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مەركىزى شەھرى بولغان ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەپتۇ . ئۈرۈمچى چوڭ شەھەر بولغاچقا بارىنىڭ دادىسى نىمىقىلارىنى بىلەلمەي ۋاقتىنچە پۇل ئازراق كىتىدىغان ياتاققا چۈشۈپ ئورۇنلىشىۋاپتۇ . بارى يۇرتىدىن كونىراپ كەتكەن پۇتبولدىن بىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ كىچىسى ئۇخلىسىمۇ توپ بىلەن بىللە ئۇخلايدىغان دەرىجىدە پۇتبولغا ئىشتىياقى بار ئىكەن . 12ياشلىق بارى ياتاق ئەتراپىدا كۈندۈزلىرى توپ ئويناپ ياتاق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ . ياتاق ئەتراپىدىكى كىشىلەر بارىنىڭ توپنى ئويناتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ . بارى توپنى پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن ئوينىتىپ تۇرۇۋاتقان پەيتتە ياخشى نىيەتلىك پۇتبولغا قىزىقىدىغان بىر ئادەمگە ئۇچراپ قاپتۇ . بۇ ئادەم بارىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ بارىنى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبولچىلىق مەكتىۋىگە تۇنۇشتۇرۇپتۇ .
بارىنى كۆرگەن پۇتبول تىيېنئىرلىرى بارىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ سەن نىمە ئۈچۈن پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىسەن دەپتۇ .
بارى ئىككىلەنمەستىنلا مەن پۇتبولنى 1-دىن پۇتبول سۆيەر خەلقىم ئۈچۈن تىپىمەن 2-دىن ئۆزەم ئۈچۈن دەپتۇ . 12 ياشلىق بارىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىغان پۇتبول تىيېنئىرى ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ دەرۋەقە بارى تىيېنئىرنىڭ سورىغان سۇئالىغا ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ . تىيېنئىر بارىنىڭ ئەمەلى توپ ئويناش تېخنىكىىسىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ 30 مىتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ بارىنىڭ توپنى ئۆزىگە پاس بىرىشىنى تەلەپ قىپتۇ بارى توپنى تىيېنئىرغا قارىتىپ تېپىپتۇ توپ دەل تىيېنئىرنىڭ پۇتىغا چۈشۈپتۇ . بارىنىڭ پېسىنىڭ دەل جايىغا ماڭغانلىقىنى كۆرگەن تىيېنئىر توپنى بارىغا قارىتىپ تېپىپتۇ . تىيېنئىر بۇ توپنى مەيدىگە ئېلىش كېرەك دەپ تۇرغاندا بارى توپنى دەل مەيدىسىدە توختۇتۇپ ئوينىتىشقا باشلاپتۇ . بارىنىڭ تېخنىكىسىنى كۆرگەن تىيېنئىر پەرھات بارىنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى بىر پۇتبولچى بولۇپ يىتىشىپ چىقالايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ .
بارى پەرھات تىيېنئىرنىڭ ھەرخىل سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ سۇڭچىڭلىق پۇتبولچىلىق مەكتىۋىگە ئوڭۇشلۇق كىرىۋاپتۇ . بارىنىڭ دادىسى بارىنى پۇتبول مەكتىۋىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يۇرتىغا قايتىپ كىتىپتۇ
مىلادىيە 2003-يىلى 14ياشقا كىرگەن بارى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە تەربىيلەنگەن ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش كەلگۈسى پارلاق دەپ قارالغان پۇتبولچىغا ئايلىنىپتۇ. بارى ئىككىيىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان جاپالىق مەشىقلارنى قىلغاندىن سىرت بارىنىڭ ساۋاقداشلىرى دەم ئالغىلى ياتاقلىرىغا كىرىپ كەتسىمۇ بارى ئۆزى يالغۇز پىژغىرىم ئىسسىتا مەشىقنى داۋاملاشۇرىدىكەن. جاپانىڭ كەينى ھالاۋەت دىگەندەك
بارى 16 ياش ۋاقتىدىلا شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىغا تاللىنىپ تىزلا كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلىنىپتۇ . بارى شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىدا نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنىڭ تارقىلىپ كىتىشى سەۋەبىدىن يەنىلا توپ تىپىدىغان بىرە كۇلۇبى يوق ھالەتكە كىلىپ قاپتۇ . شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسى تارقىلىپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەملىكەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ . بارى شىنجاڭ كوماندىسىغا تاللىنىپ كوماندىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ بارىنىڭ ياش تۇرۇپلا بۇنداق ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پۇتبول كۇلۇپلىرى بارىنى كوماندىغا قېتىۋالماقچى بوپتۇ . بارى ياخشى ئويلانغاندىن كىيىن خۇاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ شۇ كوماندىغا قېتىلىپتۇ .
بارى خۇاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىغا قېتىلغاندا ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئىكەن . ئەينى زامانلاردا 18 ياشلىق بىر ئۇيغۇر
بالىنىڭ جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كوماندىسىغا كىرگىنى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى نەتىجە ئەمەس ئىكەن . بارى خۇاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىدىكى ئىسىل ئىپادىسى بىلەن كوماندا تىيېنئىرىنىڭ ئىشىنىشىگە ئېرىشىپتۇ بىراق بارىنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن بارىنى
ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا كۈرگۈزمەپتۇ . بارى ئۆزىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەپ مەشىق قىپتۇ . دەل مۇشۇ پەيتتە ئاسىيا كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇقنى تالىشش مۇسابىقىسىدە خۇاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن ياپونيەنىڭ بىر كۇلۇبى مۇسابىقەلىشىپتۇ
مۇسابىقە باشلىنىپ 70 مىنۇتتىن ئاشقاندا خۇڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى بىر توپ ئارقىدا قالغان ئىكەن كوماندا تىيېنئىرى بارىنىڭ تالانتىغا كۆز يۇمالماي بارىنى 70 منىۇتتىن ئاشقاندا مەيدانغا چىقىرىپتۇ بارى مەيدانغا چىقىپلا ئىنتايىن ياخشى بولغان بىرقانچە ھۇجۇملارنى تەشكىللەپتۇ بىراق توپ كىرمەپتۇ . مۇسابىقە ھالقىلق باسقۇچقا كىرگەندە بارى چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن قارشى تەرەپ ۋارتارىغا قارىتىپ توپنى ئۇرۇپتۇ دەرۋەقە بارىنىڭ توپى ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن كىرىپ كىتىپتۇ . بارى خۇشاللىقىدىن،خەلقىگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرالىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ بىر پاس چىقىرىپ رەقىبىنى 2:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىپتۇ . بارى دەل شۇ مۇسابىقىدە پۈتۈن ئاسىياغا شىنجاڭدىدىمۇ ياخشى پۇتبولچىلارنىڭ بارلىقىنى جاكارلاپتۇ .
بارىنىڭ شۇ مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىنى كۆرگەن جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىيېنئىرى گاۋخۇڭبو بارىنى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىپتۇ .
بارىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپلا قالماي پۈتۈن شىنجاڭلىق مەستانىلەرنىڭ ئاپىرىن ئېيتىشىغا ئېرىشىپتۇ .
مىلادىيە 2015-يىلى خۇڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىدىكى بارى پۈتۈن ئاسىياغا تۇنۇلغان شىنجاڭلىق پۇتبولچى بولۇپ قاپتۇ شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەقىياتىدا يەنىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى ئۆرلەش بوپتۇ . 26 ياشقا كىرگەن بارى ئۆز يۇرتىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا قېتىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكىن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى يىڭىلا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلىگەن كوماندا بولۇپ بارىدەك ياخشى پۇتبولچىنى سېتىۋالغۇدەك ئىقتىساد يوق ئىكەن . بارى تاشئالما كوماندىسى ئۈچۈن يۇقۇرى مائاش تەلەپ قىلمىسىمۇ لىكىن خۇڭجۇ يىشىل شەھەر كۇلۇبى بارىغا 50 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۇقۇرى باھانى قويۇپ تۇرۇۋاپتۇ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ بارىنى يۆتكەش پىلانى ئىقتىساد يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن مەغلۇپ بوپتۇ . بارىغا كۆزى چۈشكەن كۇلۇپلار شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئىتالىيە ئىنتىر مىلان كوماندىسىنىڭمۇ بارىغا كۆزى چۈشۈپ قالغان ئىكەن .
ئىتالىيە ئىنتىر مىلان كۇلۇبى خۇاڭجۇ يىشىل شەھەر كۇلۇبىدىن بارىنى 50 مىليون ياۋرۇغا سېتىۋېلپ كوماندىغا قېتىۋاپتۇ . بارىنىڭ ئىتالىيە ئىنتىر مىلان كۇلۇبىغا 50 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۇقۇرى باھا بىلەن قېتىلىشى پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىكەن .
دەل شۇ مەزگىلدە ئىتالىيە ئاس مىلان كۇلۇبى بىلەن ئىتالىيە ئىنتىر مىلان كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدا ئىتالىيە كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇقنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سان سىرودا باشلىنىپتۇ ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنىڭ باش تىرىنىرى گۇۋادىئولا بارىنى ئاساسلىق ئەزا سۈپۈتىدە مايدانغا كىرگۈزۈپتۇ . مۇسابىقە باشلىنىپ 80 مىنۇتقىچە توپ كىرمىگە ئەھۋال ئاستىدا بارى ئوتتۇرا مەيداندىن بۆسۈپ كىرىپ بىر توپ ئۇرۇپ ئىتالىيە ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈپتۇ . بارى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدوغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن .
بارى ئىنتىر مىلان بىلەن ئا س مىلاننىڭ مۇسابىقىسىدە ئۆزى قىزىقىدىغان رونالدو ئۇرغان توپقا ئوخشاش توپتىن بىرنى ئۇرۇپ دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى تەرىپىدىن شىنجاڭلىق تاشقى پىلانت ئادىمى دەپ تەرىپلىنىپتۇ بارىمۇ ئۆزىنىڭ شۇ توپنى ئۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ . ئارلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنتىر مىلان كۇلۇبى بىلەن ئىتالىيە يۇۋىنتىس كۇلۇبىنىڭ چىمپىيونلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بارى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارىي قىلدۇرۇپ بىر توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنى ئىتالىيە كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرىدىكەن . بارى شۇ مۇسابىقىدىن كىيىن پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى دىققەت قىلىدىغان دۇنياۋى دەرىجىلىك پۇتبول چولپىنىغا ئايلىنىپتۇ . 2016-يىلى بارى ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنى باشلاپ دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ بارى شۇ يىلى كۇلۇپتىكى ياخشى نەتىجىسى بىلەن دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىپتۇ .ئەينى زامانلاردا شىنجاڭدىن ئەمەىس ھەتتا ئاسىيادىنمۇ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى چىقىپ باقمىغان ئىكەن دەل شۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىز بارى تۇنجى ئاسىيادىن چىققان دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىپتۇ . دەپ بوۋاي ھىكايىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بالام ئەلى دەپ نەرۋىسىگە قارىسا نەرۋىسى يوق تۇرغۇدەكمىش بوۋاي نەرۋىسىنى ئىزدەپ تۇرىشىغا بوۋاينىڭ نەرۋىسى پۇتبولنى كۆتۈرۈپ كىرىپ بوۋا بارى تۇنجى ئۇيغۇرلادىن چىققان پۇتبول ئەپەندىسى بولسا مەن ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى پۇتبول شاھى بولىمەن دەپتۇ بوۋاي كۈلۈپ بالام ئارزۇيىڭ بەك كۈچلۈككەن دەپتۇ .
ئەلى دەرھاللا بوۋىسىغا بوۋا بارى ئاكام 7 ياشتا باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىغا كىرگەن بولسا مەنمۇ 7 ياشتا باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىغا كىردىمغۇ دىگۈدەك . بالا بىر دەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن بوۋىسىغا بارى ئاكام مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۇنتۇلمايدۇ چۈنكى ئۇ بىزدەك كىينكى ئەۋلادلارغا يول ئېچىپ بەردى .مەنمۇ شۇ بارى ئاكامدەك ياخشى مەشىق قىلىپ پۇتبول شاھى بولۇپ مەنمۇ بارى ئاكامدەك مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان پۇتبولچى بولۇپ چىقىمەن دەپتۇ . ئابابەكرى بوۋاي بالام ئارزۇيىڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن !!! ئەلى بالام ئەمدى ئۇخلىغىن دەپتۇ بالا شىرىن ئارزۇ خىياللار بىلەن يېتىپ ئۇخلاپقاپتۇ .
مىلادىيە 2144-يىلى 6-ئايدانىڭ 3- كۈنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۈركىيەدە باشلىنىپتۇ . ئەلى مۇسابىقىنى باشتىن ئاخىرى كۆرمەكچى بوپتۇ بولۇپمۇ جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى تولۇق كۆرۈشنى مەخسەت قىپتۇ چۈكى جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىدا . شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچىدىن بەش نەپەر پۇتبولچى بولۇپ ئەلى شىنجاڭلىق ئاكىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ئىنتايىن ھىرىسمەن ئىكەن
جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ 16 كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرىپتۇ شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇلۇق مۇخبىرلار كوماندىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئۆمەرنى زىيارەت قىلىدىكەن . مۇخبىر ئۆمەردىن سىز بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە ياخشى ئىپادىڭىز بىلەن جۇڭگۇ كوماندىسىنى 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا باشلاپ كىردىڭىز سىزدىن شۇنى سوراپ باقسام سىز پۇتبول چولپانلىرىدىن كىمگگ قىزىقىسىز دەپ سوراپتۇ . ئۆمەر مەن 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىگە تۇنۇلغان پۇتبولچىمىز بارىغا قىزىقىمەن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . مۇخبىر پىلى ، مارادونا ، تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو ، قاتارلىق نەچە ئەۋلاد پۇتبول شاھلىرى ئۆتكەن تۇرسا سىز نىمىشقا مۇشۇ پۇتبول شاھلىرىغا قىزىقمايسىز دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئۆمەر دەرھاللا مۇنداق دەپتۇ .چۈنكى بارى بىز ئۇيغۇرلانىڭ پەخرى ئۇ مىنڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ . مىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن شىنجاڭلىقلار ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتالمايدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . مۇخبىر سىزنىڭچە جۇڭگودىن پۇتبول شاھى چىقارمۇ دەپ سوراپتۇ . ئۆمەر بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن غايىپنى ئىنسان بىلمايدۇ . بەلكىم نەچچە ئون يىللىردىن كىيىن ئۇيغۇرلاردىنمۇ پۇتبول پادىشاھى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
ئۆمەر مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن ئەتە ئۆتكۈزىلىدىغان سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىپتۇ
سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقكىسىدە جۇڭگو بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ . تىلۋىزور ئالدىدا مۇسابىقە كۆرىۋاتقان يەتتە ياشلىق ئەلى
ئۆزىنىڭ ئاكىلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرۈپ يىغلاپ تۇرۇپ ھامان بىر كۈنى مەن بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول
مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولىمەن دەپ ئۆزىگە ۋەدە بىرىپتۇ .
ئەلى يەتتە ياش ۋاقرتىدىن باشلاپلا پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلىپتۇ . ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەناىن كىيىن 2064-يىلى 55- نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گىرمانىيەدە ئۆكۈزۈلمەكچى بوپتۇ . ئەلى 23 ياش ۋاقتىدا جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ 54-نۆۋەلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈككە كىرگەن بولسىمۇ گىرمانىيە تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن ئىكەن .
مانا ئەمدى 27 يەتتە ياشلىق ئەلى 55-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ بوپتۇ .
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەلىنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن كونا رەقىبى گىرمانىيەنى يڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپتۇ . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دەل 20 يىل ئالدىدا ئەلى چۇقۇم ىڭىمەن دىگەن بىرازىلىيە دۆلت كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىكەن .
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىپتۇ مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلىپتۇ . 90 مىنۇتتا توپ كىرمەي قوشۇپ بىرىلگەن 15 مىنۇت ۋاقىتتا ئەلى ئىككى توپ ئۇرۇپ ئەشەددى رەقىبى بىرازىلىيەنى بۇزۇزلاپ تاشلاپ دۇنيا چىمپىيونى بوپتۇ تارىختىن بۇيان 2164-يىلىغا قەدەر
ھېچقانداق بىر ئاسىيادىكى دۆلەت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولۇپ باقمىغان ئىكەن . ئەلى جۇڭگۇ كوماندىسىنى دۇنيا چىمپىيونى قىلش جەريانىدا 9 توپ ئۇرغان بولۇپ جەمى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئۇرغان توپ سانى 17 گە يىتىپ دۇنيا رىكوتىنى يىڭىلاپتۇ . ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەلىنى تۇنجى ئاسىيادىن چىققان پۇتبول شاھى دەپ ئېلان قىپتۇ . مۇخبىرلار ئەلىدىن بەس-بەستە سوئال سوراپ سىز كىمگە قىزىقىسىز دەپ سورىغاندا ئەلى كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ بارى ئاكامغا ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
مۇخبىرلار نىمىدىن تەسىرلىنىپ يىغلىدىڭىز دەپ سورىغاندا ئەلى بارى ئاكامنىڭ كىملىكىنى ماڭا تونۇشتۇغان ، مىنىڭ پۇتبول شاھى بولىشىمغا دۇئا بەرگەن بوۋامنى ئەسلەپ يىغلىدىم چۈنكى ئۇ مىنىڭ پۇتبول شاھى بولغىنىمنى كۆرەلمەي ئۇ ئالەمگە كەتتى دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
تۈگىدى .
ھىكايە گەرچە راس بولمىسىمۇ پۈتۈن شىنجاڭلىقلار ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ مۇشۇنداق تەرەقىي قىلىشىنى ئويلايدۇ مەنمۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ مۇشۇ ھىكايەمدىكىدەك ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مەنبەسى : ھۇررا مۇنبىرى ، ئاپتۇرى :ئەزا رونالدو
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvlnigar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-16 10:24 PM