|
|
|
|
بۇگۇن مەۋرىنىڭ تۇغۇلغان كۇنى.مەۋرى يىزىدىكى دىھقان تاغىسىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالدى.
خەت مۇنداق يىزىلغان;( قەدىرلىك مەۋرى, تۇغۇلغان كۇنىڭگە مۇبارەك بولسۇن.مەن ساڭا بىر نەچچە چۈجە ئەۋەتتىم,ئۇلار ئەتە يىتىپ بارىدۇ.مەن سىنىڭ ئۇلارنى ياختۇرشىڭنى ئۇمۇد قىلمەن,تاغاڭ توبىدىن)
مەۋرى شۇنداق خوش بولدى.ئۇ تۇخۇم ۋە توخۇ گۆشىگە بەك ئامراق ئىدى.مەۋرى ;مەن ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى يىسەممۇ,ياكى گۆشىنى يىسەممۇ بولىدۇ دەپ ئويلىدى.
ئەتىسى چۆجىلەر يىتىپ كەلدى.ئۇلار بىر يىشىككە قاچىلانغان ئىدى.مەۋرى بەك ھاياجانلاندى.ئۇ يىشىكنى كۆتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھويلىسىدىكى گۇللۇككە قاراپ ماڭدى.كىتىۋاتقچە يىشىك ئغىر بولغاچ قولىدىن چۇشۇپ كىتىپ چۆجىلەر تەرەپ-تەرەپكە قىچىپ كەتتى.بۇ چۆجىلەر خوشنىلارنىڭ ھويلىسىغا, يول بويدىكى دۇككانلارغا,ۋە ياندىكى كوچىلارغا كىرىپ كەتتى.مەۋرى كۆپ جاپالارنى تارتىپ ئۇلارنى قىچىپ كەتكەن جايلىردىن ئۆز ھويلىسىدىكى گۇللۇككە قايتۇرۇپ كەلدى.
بىر نەچچە كۇن ئۆتكەندىن كىيىن ,تاغىسى توبى ئۇنى يوقلاپ كەلدى.-چۈجىلەر بىخەتەر كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى
مەۋرىدىن.-ئەلۋەتتە, بىخەتەر كەلدى توبى تاغا, دەپ جاۋاپ بەردى مەۋرى. -لىكىن مەن ئۇلارنى دەپ كۆپ
ئاۋارچىلىق تارتتىم, يىشىك قولۇمدىن چۇشۇپ كىتىپ چۆجىلەر ھەر تەرەپكە قىچىپ كەتتى,مەن ئۇلارنى تۇتۇش
ئۇچۇن كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلدىم,دىدى مەۋرى سەبىلەرچە.-ئۇلارنىڭ ھەممىسنى تۇتالىدىڭمۇ؟ دەپ سوردى تاغىسى.-مىنىڭچە مەن ھەممىنى تۇتالىدىم,ساناپ باقسام ھەممىسى 11 تال ئكەن,دەپ جاۋاپ بەردى مەۋرى.
تاغىسى كۇلۇپ كىتىپ,-بەك قىزقارلىق بوپتۇ, چۇنكى مەن ساڭا 6تال چۈجە ئەۋەتكەن ئىدىم دەپتۇ.
مەنبە;شاڭخەي چەتئەل نەشىرياتىنىڭ,; قىسقا قىزقارلىق ھىكايىلەر;دىن تەرجىمە قىلغۇچى قىزىم نۇربىيە.
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-16 08:25 PM
|
|
|
|
|
|