1.ۋېنا ئۈچ يىل ئۈزلۈكسىز رەت تەرتىپى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغانGDP ئومۇمى قىممىتى 54 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى،دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت،ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ تەقسىملىشىنى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،بىخەتەرلىك باشقۇرۇش جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
2.دانىيە ئۈچ يىل ئۈزلۈكسىز رەت تەرتىپى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.يەر مەيدانى كىچىك بولغان بۇ دۆلەتنىڭ كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
3.ئاۋسترالىيە 2009-يىلى 5-ئورۇندىن 3-ئورۇنغا چىققان،بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ناھايىتى مۇكەممەل،شۇنداقلا بايلىق مەنبەسى ناھايىتىمۇ مول.
4.يېڭى زېللاندىيىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ۋە مائارىپ جەھەتتىكى باشقۇر ناھايىتىمۇ مۇكەممەل بولۇپ،بۇ جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇنداقلا يېڭى زېللاندىيە كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ،بۇ جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
5.شۋېتسىيە ھۆكۈمەت تەرتىپى ناھايىتىمۇ مۇكەممەل،جەمئىيەت تەرتىپى ناھايىتى ئىلغار،مۇھىت قوغداش جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،شۇنداقلا پەن-تېخنىكا ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەننىتى.
6.كانادا بولسا شىمالى ئامېرىكا قىتئەسى بۇيىچە ئەڭ باي دۆلەت،شۇنداقلا كىشىلىك ئەركىنلىك جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.كانادانىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر مەنبەسى ناھايىتى مول،نوپۇسى ئاران 30 مىليون،شۇنىڭ بىلەن تەڭ ناھايىتى قىزغىن دۆلەت.
7.فىنلاندىيىنىڭ مائارىپ ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان.
8.شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت باشقۇرۇش جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،داۋالاش ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
9.گوللاندىيە ناھايىتى مۇكەممەل بولغان دېموكراتىك سىستېمىغا ئىگە،كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بىرلىشىش كۈچىگە ئىگە.
10.ئامېرىكا بولسا كارخانا قۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى بولغان جاي،داۋالاش ساغلاملىق جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تەڭ پاكىز سۇ ئىشلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-16 06:56 PM