|
|
|
|
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىنىڭ 4- غەلبىسى ۋە سوئاللارغا جاۋاپ شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە مەملىكەتلىك " لۇنىڭ "لۇڭقىسى ئۆسمۇرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان غۇلغا شەھەر 12- باشلانغۇچ ئەمىن پۇتبول كاماندىسى بۈگۈن يەنە ئىككى گۇرۇپپا بويىچە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى. 11- 12 ياشلىقلار كاماندىسى چاڭشا دېچۈن كاماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. مۇسابىقە بەكمۇ غەلبىلىك بولدى. ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى 1 گە قارشى 10نەتىجە بىلەن ئۇستۈنلۇككە ئېرىشتى. 9- 10 ياشلىقلار كاماندىسى خاڭجۇۋ چىڭگوڭ كاماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ 0 گە قارشى 3نەتىجە بىلەن ئۇستۈنلۈككە ئېىرىشتى.
ئەتە 11- 12 ياشلىقلاركاماندىسى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ بىر يىل مەخسۇس تەربىيىلىگەن كاماندىسى بىلەن مۇسابىقىغە چۈشۈدۈ . بۇ كاماندىدا بۇلتۇر بىزنىڭ ئايخان ئانا كاماندىسىدىن تاللىۋالغان 4 ئەزىمىتىمىز پەرمان ، جۇشقۇن، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇقىيىم دىن ئىبارەت 4 نەپەر كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزمۇ بار . ئۇلار ئەتە مەيدانغا چۈشەمدۇ يۇق بىزگە نامەلۇم.
تور يۈزىدكى بىر قانچە سوئاللارغا جاۋاپ :
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى قاچان يۇرتىغا قايتىدۇ ؟
ئانا يۇرت ئەزىمتلىرى7- ئاينىڭ 18 كۇنى شەندۇڭدىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقىپ چىقىپ 20 - چېسلا ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى 7 دىن 56 ئۆتكەنلەر ئەتراپدا ئۇرۇمچى ۋوگزالىغا چۈشىدۇ. ئۇلار ئۇرۇمچىدن ئەتىگەنلىك ساياھەت پويىزى ئارقىلىق غۇلجىغا قايتىپ 20- چېسلا كەچتە غۇلجىغا يېتپ كېلىشى مۇمكىن .
تور يۈزىدىكى بىر قانچە سوئاللارغا جاۋاپ :
بىزنىڭ باققاۋۇلنىڭ قولىدا نىمىگە 30 يۈەنلىك پەلەيمۇ يوق ؟
باققاۋول مەشىقتە پەلەي كىيمەي مەشىق قىلغان ئەگەر مۇسابىقىدا بىردىنلا پەلەي كىيىۋالسا توپ تۇتىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىزنىڭ بالىلاردا نىمىشكە بوتىس يوق ؟
1. بىز ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغاندا مۇسابىقە چوقەي كىيىلىپ ئوينىلىدۇ دىيىلگەن . لىكىن كەلگەن كاماندىلارنىڭ كۆپىنچىسى بوتىس بىلەن كەپتۇ. بىز بەلگىلىمە بويىچە چوقەيلا ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق . ئەگەر بالدۇرراق بىلگەن بولساق غۇلجا شەھەر ئەمىن ئۆي مۇلۇك چەكلىك مەسئولىيەت شېركىتىنىڭ مەسئولى ئابدۇۋەلى ئەلى ھاجىم بىزگە بوتىس بىلەن تەمىنلىگەن بولار ئىدى .
2. بالىلار 8 ئايلىق مەشىقتە چوقەي بىلەن مەشىق قىلغان، ( سەۋەبى ھەممىزگە مەلۇم ) ھەم توپا مەيداندا مەشىق قىلغان، ھازىرقىسى چىم مەيدان، ئۇنىڭ ئۇستىگە بىردىنلا بوتىس كىيىپ مۇسابىقىغە چۈشسە بالىلار ماسلىشالمايدۇ، مۇسابىقىغە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ .ھەم يېڭى بوتىسنى كىيىپ بىۋاستە مۇسابىقىغە چۈشكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا مەن ۋە بىرگە كەلگەن بىر قانچە ئاتا _ ئانىلار دەرھال بوتىس ئېلىپ تەمىنلىگەن بولاتتۇق .
نىمىشكە بانكا ھىسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلىمەيسىز ؟
1. بىز ئاشكارە ھىسابات ئېلان قىلىپ ئىئانە توپلىيالمايمىز. بۇنىڭغا قانۇن - نىزام جەھەتتە ۋە باشقا تۇزۇم جەھەتلەردە بەلگىلىمىلەر بار. بىز دۆلەت قانۇن نىزاملىرى ۋە مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە .
2. ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ھەر ھالدا بىزنىڭ بالىلارنىڭ قايتىش سەپىرىگە تولۇق يېتىدۇ. بالىلىرىمىزنى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى مەخسۇس مۇسۇلمانچە تاماق بىلەن تەمىنلىدى. تاماق ۋە ياتاق جەھەتتە قىينالمىدۇق. شۇڭا تور يۇزىدە ئاشكارا ئىئانە توپلاشنى توغرا كۆرمىدۇق . ئەگەر شۇنداق قىلساق بۇ ئىشنىڭ خارەكتىرى پۇل تېپىشقا بۇرمىلىنىپ كېتىپ سۆز _ چۆچەك كۆپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن .
بىز قانداق ئۇسۇلدا ، قانداق ۋاقىتتا بۇ ئەزىمەتلەرگە ياردەم قىلىشىمى كېرەك ؟
بۇلتۇر ۋە بۇ يىل مۇسابىقە جەريانىدا ئايخانا ئانا ئەزىمەتلىرى ۋە ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىگە ياردەم قىلىدىغان، ئىئانە توپلايدىغان ئىنكاس ۋە چاقىرىقلار بەك كۆپ بولدى. بىز ھەر ئىككىلا قېتىم سەمىمى رەھمىتىمىزنى بىلدۇرۇپ رەت قىلدۇق. سەۋەبى يۇقىرىدا سۆزلەندى. مېنىڭ بۇيەردە توختالماقچى بولغىنىم پەقەت مۇسابىقە جەريانىدىلا ئوتۇرىغا قويۇلغان بۇ چاقىرىقلار بىردەملىك ھاياجاندىن كىيىنكى قاررارمۇ قانداق ؟ بىز دائىم ھاياجانلانغان چاغدىلا قارار چىقىرامدۇق؟ ۋە ئىتپاقلىشىشقا چاقىرىق قىلامدۇق ؟ مۇشۇناق ھاجاندا چىقىرىلغان قارارنىڭ ئۇنىمى قانچىلىق بولىدۇ؟ ھاياجان ئاخىرلاشقاندا يەنە شۇ قارارغا ئەمەل قىلالامدۇق ؟ بۇ كۇزنىڭ گۇرۇلدەپ ئۆتكەن شامىلىدەك بىردەملا گۇكىرەپ توختاپ قالامدۇق؟ ( بۇلتۇرمۇ ئايخانا ئانا ئەزىمەتلىرى مۇسابىقىغە چۈشكەندە مۇسابىقە جەريانىدا شۇندا سۆزلەر بولغان. لىكىن قايتىپ بارغاندىن كىيىن بۇ سۆزلەر قەبرىگە دەپنە بولۇپ كەتكەن )
بىز زادى قانداق ياردەم قىلساق شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىغا ھەقىقى ياردەم قىلالايمىز ؟ ئانا يۇرت ئەزمەتلىرىگە ھەقىقى ياردەم قىلالايمىز ؟ دىگەن سوئال كېلى چىقىدۇ ئەلبەتتە . پۇتبول ماھارىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەشىق ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، يېتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەشىق جەريانىدا بالىلار تولۇق قورالغا، ياخشى شارائىتقا، ياخشى كۇتۇنىشكە ئېرىشەلىسە ئاندىن مۇسابىقىدە شارائىت قىيىن بولسىمۇ ئۇزغۇن بولۇپ چىقىدۇ. مەشىق تولىمۇ جاپالىق ۋە مۇشەققەتلىك، ئۇزۇنغا سوسۇلغان، چىقىمى ئەڭ كۆپ، چىدامچانلىقنى ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىدىغان جەريان. مۇسابىقە بولسا چاقماق چاققاندەك تېز ۋە دەھشەتلىك ئۆتىدىغان قىسغىنە بىر دەقىقە. ئاشۇ مۇشكۈل ئۇزۇن جەرياننى باسالىغان كىشى، چاقماق بولۇپ چېقىپ، گۇلدۇرمامىدەك ھۇررا سادالىرىنى ياڭرىتپ، دېڭىز شاۋقۇنىدەك ياڭراق چاۋاك سادالىرى ئاسىتغا چۆمەلەيدۇ.
ئەمدى ئۆيلاپ كۆرەيلى؟ بىز ياردەمنى قاچان؟ قايسۇ ۋاقىتتا قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز شۇ بالىلار مەشىق قىلغان چاغدا مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن ئالاقە باغلاپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلساق بولامدۇ يوق ؟
ئەمەت دىھقان يوقلاپ كەلدى قوللىرىدا چوقىيى، بايانخۇنكام مەغرۇر كەلدى قولىدا ھەم بوتىسى. ھاشىم پولا ئېلىپ كەلدى قازان بىلەن كەپكۇرنى، ئەنە ھېلىم سەيپۇڭ، لىق كىيىمدۇر سومكىسى. مېنىڭ ئالاقىلىشىش QQ نومۇرۇم 448102348 تېلفون نومۇرۇم 18099836515 قالغان سوئاللار بولسا يۈز تۇرانە جاۋاپ بەرسەك بولىدۇ
تۆۋەندىكىلەر بولسا مۇسابىقە جەريانىدا تارتىلغان سۇرەتلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-16 08:46 AM
|
|
|
|
|
|