مەشھۇر بىر پىراپپىسورنىڭ 20 دوللار دەرسى
مەشىھۇر بىر پىروپپىسۇر 200 كىشى قاتناشقان بىر يىغىن زالىدا قولىدا 20 دوللارلىق بىر ۋاراق پۇلنى تۇتقىنىچە سەھنىگە چىقىپ كەلدى ۋە سۆزىنى باشلىدى.
- بۇ پۇلنى ئېلىشنى كىم خالايدۇ. قوللار بىر- بىردىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. پىروپپىسۇر- مەن بۇ پۇلنى بىر كىشىگە بېرىمەن ئەمما ئالدى بىلەن بەزى ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دېدى. ئاندىن ئۇ پۇلنى قولى بىلەن قايتا- قايتا قاتلاپ پۇرلاشتۇرغاندىن كېيىن- يەنىلا بۇ پۇلنى ئېلىشنى خالايدىغانلار بارمۇ، دەپ سورىدى. قوللار يەنە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. پىروپپىسۇر- ئەمدى مۇنداق قىلسام دېدى- دە قولىدىكى پۇلنى يەرگە ئېتىپ دەسسەپ، چەيلەپ، ئېزىپ، يەنجىۋەتتى. پۇل ئەمدى كىرلىشىپ، پۇرلۇشۇپ مەينەت بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئەمما قوللار يەنىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇ پۇلنى يەنىلا ھەممە كىشى ئېلىشنى خالايتتى.
پىروپپىسۇر سۆزىنى شۇنداق داۋام قىلدى:- "بىرادەرلەر! ھازىر بەكمۇ مۇھىم بىر نەرسە ئۆگەندىڭلار. بۇ پۇلنى نېمە قىلسام قىلاي سىلەر يەنىلا ئېلىشنى ئۈمىد قىلدىڭلار. چۈنكى مېنىڭ قىلغانلىرىم بۇ پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمىدى. ئۇ يەنىلا 20 دوللار. بىز ھاياتىمىزدا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىز ۋەياكى، قارارلىرىمىز ۋە ۋەزىيىتىمىز سەۋەبىدىن كۆپ ۋاقىتلاردا تاياق، توقماق، بالاسى- قازالارغا مۇپتىلا بولىمىز، ئېغىر بەدەل تۆلەيمىز، يەردىن يەرگە ئۇرۇلىمىز، خارلىنىمىز، ئۆزىمىزنى ئۈمۈتسىز ئەھۋالدا كۆرىمىز ئەمما ھېچ بىر زامان قىممىتىمىزنى يوقاتمايمىز. باشقىلارنىڭ ئاياق ئاستىدا قالايلى، غۇرۇرىمىز دەپسەندە قىلىنسۇن، ئۈمۈتسىز، چارىسىز بولۇپ قالايلى، بۇلار مۇھىم ئەمەس. چۈنكى سېنى ياخشى كۆرگەنلەر سېنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىڭنى ھەر ۋاقىت بىلىدۇ. ھاياتىمىزنىڭ قىممىتى نىمىش قىلغانلىقىمىز، نىمىش قىلالىغانلىقىمىز بىلەن ئەمەس، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. سەن مۇكەممەل يارىتىلغانسەن، بۇنى ھەرگىزمۇ ئېسىڭدىن چىقارما. كىچىككىنە بىر ئۇچۇرنىڭمۇ يۈرەكلەرگە قانچىلىك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن قىيىنچىلىقلارغا بويۇن ئەگمە. ھەر ۋاقىت بېشىڭنى تىك تۇت، ئالدىڭغا قارا: دېدى.
مەشھۇر بىر پىراپپىسورنىڭ 20 دوللار دەرسى
مەشىھۇر بىر پىروپپىسۇر 200 كىشى قاتناشقان بىر يىغىن زالىدا قولىدا 20 دوللارلىق بىر ۋاراق پۇلنى تۇتقىنىچە سەھنىگە چىقىپ كەلدى ۋە سۆزىنى باشلىدى.
- بۇ پۇلنى ئېلىشنى كىم خالايدۇ. قوللار بىر- بىردىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. پىروپپىسۇر- مەن بۇ پۇلنى بىر كىشىگە بىرىمەن ئەمما ئالدى بىلەن بەزى ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دېدى. ئاندىن ئۇ پۇلنى قولى بىلەن قايتا- قايتا قاتلاپ پۇرلاشتۇرغاندىن كېيىن- يەنىلا بۇ پۇلنى ئېلىشنى خالايدىغانلار بارمۇ، دەپ سورىدى. قوللار يەنە يوقۇرى كۆتۈرۈلدى. پىروپپىسۇر- ئەمدى مۇنداق قىلسام دېدى- دە قولىدىكى پۇلنى يەرگە ئېتىپ دەسسەپ، چەيلەپ، ئىزىپ، يەنجىۋەتتى. پۇل ئەمدى كىرلىشىپ، پۇرلۇشۇپ مەينەت بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئەمما قوللار يەنىلا يوقۇرى كۆتۈرۈلدى. ئۇ پۇلنى يەنىلا ھەممە كىشى ئېلىشنى خالايتتى.
پىروپپىسۇر سۆزىنى شۇنداق داۋام قىلدى:- "بىرادەرلەر! ھەزىر بەكمۇ مۇھىم بىر نەرسە ئۆگەندىڭلار. بۇ پۇلنى نىمە قىلسام قىلاي سىلەر يەنىلا ئېلىشنى ئۈمۈت قىلدىڭلار. چۈنكى مېنىڭ قىلغانلىرىم بۇ پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمىدى. ئۇ يەنىلا 20 دوللار. بىز ھاياتىمىزدا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىز ۋەياكى، قارارلىرىمىز ۋە ۋەزىيىتىمىز سەۋەبىدىن كۆپ ۋاقىتلاردا تاياق، توقماق، بالايى- قازالارغا مۇپتىلا بولىمىز، ئېغىر بەدەل تۆلەيمىز، يەردىن يەرگە ئۇرۇلىمىز، خارلىنىمىز، ئۆزىمىزنى ئۈمۈتسىز ئەھۋالدا كۆرۈمىز ئەمما ھىچ بىر زامان قىممىتىمىزنى يوقاتمايمىز. باشقىلارنىڭ ئاياق ئاستىدا قالايلى، غۇرۇرىمىز دەپسەندە قىلىنسۇن، ئۈمۈتسىز، چارىسىز بولۇپ قالايلى، بۇلار مۇھىم ئەمەس. چۈنكى سېنى ياخشى كۆرگەنلەر سېنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىڭنى ھەر ۋاقىت بىلىدۇ. ھاياتىمىزنىڭ قىممىتى نىمىش قىلغانلىقىمىز، نىمىش قىلالىغانلىقىمىز بىلەن ئەمەس، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. سەن مۇكەممەل يارىتىلغانسەن، بۇنى ھەرگىزمۇ ئېسىڭدىن چىقارما. كىچىككىنە بىر ئۇچۇرنىڭمۇ يۈرەكلەرگە قانچىلىك تەسىر قىلىدىغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن قىيىنچىلىقلارغا بويۇن ئەگمە. ھەر ۋاقىت بېشىڭنى تىك تۇت، ئالدىڭغا قارا: دېدى.
http://gulvecihat.blogcu.com/20-dolar-hikayesi/8128487
11- ئىيۇل ۋەقەسى، ھەممە نەرسىنىڭ ئىمكانسىزى ئامىركىدا مۇمكىن
ئەمدى نىمە چىقتى قېنى قاراپ باقايلى
3 تاسادىپى، ئاددى بىر ۋاراق 20 دوللارلىق پۇلنىڭ ئۈستىدە!!!!!!!
http://www.uslanmam.com/bilgi-deposu/69483-20-dolarin-11-eylul-hikayesi.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-16 12:27 PM