ئۇچار گىلەم
ئېنسىكلوپېدىيە ئىسىم كارتىسى
ئىلگىرى ئۇچار گىلەم ئېھتىمال تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ساقلانغان بولسا، ھازىر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى ئاللىقاچان ھەقىقىي ئۇچار گىلەمنى ياساپ چىقتى. ئۇ چاغدا گىلەمگە ئولتۇرۇپ ئۇچۇش بىر دۆۋە ئۆلچەش ئەسۋابلىرى، ئۇلىغۇچ ۋە تورمۇزغا يۈزلەنمەيدۇ، ھەم پىرقىرىغۇچ، تۇربىنا قاتارلىق ماتورلارغا تايانمايدۇ. ئۇنىڭ موتورى دەل ھاۋا. تەرەپنى باشقۇرىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشى. بۇ دەل بىر قېتىملىق "سېزىم ئويۇنى" ئوينىغان بىلەن باراۋەر. ئۇندىن باشقا، گىلەم بوشلۇقتا نەزەر سالالايدۇ. بۇ GPS يول تونۇيدىغان پۇلنى تېجەيدۇ، بۇ يەنە ئىنسانلارغا ئورۇن تەمىنلەپلا قالماستىن، ۋاقىتمۇ تەمىنلەيدۇ.
رىۋايەتلەردىكى ئاجايىپ ئۇچار گىلەم
ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى:
كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ئۇچار گىلەم بىر تال ئادەتتىكى قىلىن گىلەم، ئادەتتە ئوتتۇرا شەرقتە ياسىلىدۇ. ئۇ پەرىزات سۈپۈرگىسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەۋزەللىكى ئۇنىڭدا كۆپ ئادەم ئولتۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە راھەتلىكى يەنىلا سۈپۈرگە مىنگەندىن ياخشى. لېكىن ئۇچار گىلەم ئاللىقاچان تەسەۋۋۇر دۇنيادىن ئۇچۇپ چىقىپ، رېئال دۇنياغا قوندى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قوللىنىشچان ماتېماتىكا تەجرىبىخانىسىدا ھىندىستان قان تېپى پروفېسسور Lakshminarayanan Mahadevan ئاقار جىسىم مېخانىكىسى، كېڭىيىش-تارىيىش ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىق تېخنىكىلىق پرىنسىپلاردىن پايدىلىنىپ ئۇچار گىلەمنى ئۇچارتىپ رېئال دۇنيادىكى پەرىشتىگە ئايلاندۇردى.
ئۇچار گىلەمنى تۇرمۇشتا ھەقىقىي قوللانغاندا، ئۇ چاغدىكى ئادەملەر ھەپتە ئاخىرىدا مېھمانخانىدىكى سافادا ئولتۇرۇپلا ئىككى پۇتىنى جىگەر رەڭ گىلەمگە قويۇپلا مېھمانخانىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرەلەيدۇ. ئېلان توسۇۋالغاندا گىلەمگە ئولتۇرۇپ ئاشخانىغا بېرىپ پىۋا ئالسا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاخىرلاشقاندا ئىشىكتىن چىقىپ ھاۋا ئالماشتۇرسا بولىدۇ. سىز پەقەت گىلەمدە تۇرۇپ، ئىككى تىزىڭىزنى ئېگىپ، بەدىنىڭىزنىڭ يانتۇلىقىغا تايىنىپ ئۇچۇش يۆلىنىشنى كونترول قىلالايسىز. ئۇچۇش ئارىلىقى، ئېگىزلىك، يولۇچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، ئۇچار گىلەم ئالغا ئىلگىرلىگەندە تەۋرىنىدىغان ئامپلىتۇدا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدىن ھېسابلىنىپ بولىدۇ. شوپۇرنىڭ يېڭى ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ماي سەرپ قىلىش، سۈرئەت ئېشىپ كېتىش ۋە توسۇلۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ماشىنا توختاش ئورنى يوق بولۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىردىنبىر ئەنسىرەيدىغىنىڭىز كىيىم ۋە گىلەم رەڭگى ماسلاشتىمۇ يوق.
پرىنسىپ تەتقىقاتى
ماتېماتىكىشۇناس ۋە فىزىكىشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى بايقىدىكى، بىر تال نېپىز پلاستىنكا سۇ يۈزىدە لەيلەيدۇ، ھەم ئالدىغا سىلجىيدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرى دەرھال ئاقار جىسىم مېخانىكىسىدىكى يەنە بىر تەتقىقات ئوبيېكتى – ھاۋاغا يۆتكىلىدۇ. بۇ ئالىملار ئۇچار گىلەمنىقوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى: "ھاۋانىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى گىلەمنى يۇقىرى ئورۇندا ساقلايدۇ".
لېكىن گىلەمگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ كۆپۈنچىسى سۇدا ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچى تەجرىبە مودېلى ئېنىقلا ئادەم بەدىنى. پروفېسسور Mahadevan سۇ ئۈزۈۋاتقان ئادەمنىڭ غۇلىچىنى كىرىپ سۇ ئۈزگەندىكى گرادۇس، يېپىشقاقلىق دەرىجىسى، مۇسكۇلنىڭ ھەرىكەت قىلىشى قاتارلىق ئامىللارنى ھېسابلاپ. "سۇدىكى ئۇچار گىلەم" نىڭ تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسى ۋە تەۋرىنىش قېتىم سانى فورمۇلىسىغا ئېرىشكەن. فورمۇلا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا گىلەمنىڭ ئۇچۇش قوللىنىشچانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
Mahadevan پروفېسسورمۇ ئىزچىل ھالدا تەبىئەت دۇنياسىدىن ئۇچار گىلەمنىڭ ئىسپاتىنى ئىزدەۋاتىدۇ. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، ئايروپىلان، تىك ئۇچار، يەر ئېففېكتى ئۇچقۇسى بۇ "ئۇچار گىلەم"نىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى "تەقلىدىي جەمەتلىك ئائىلە". تەقلىد قىلىش ئوبيېكتى قۇشلار، "ئىسپانىيە ئۇسسۇلىچى" دەپ لەقەم قويۇلغان دېڭىز سلۇگ قۇلۇلىسى ۋە سكات بېلىقى ئارىسىدىكى ئېلىشىش. لېكىن ئۇچار گىلەم سىكات بېلىقىنى تاللىغان، ئۇنىڭ ئۆسۈشى يايپاڭ شەكىللىك قازان نېنى، يۆتكىلىشى2700m چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز گورزىنتالى كېسىلگەن يۇمشاق سۆڭەكلىك بېلىق تۈرىگە ئوخشايدۇ. سىكات بېلىقىنىڭ بېلىق پۈۋەكچىسى يوق. چوقۇم بەدىنىنى تەۋرىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈش ۋە ئالغا ئىلگىلەش ھەرىكەت كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ. يايپاڭ بەدىنى دولقۇن شەكلى، دولقۇن چاستوتىسى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە دولقۇننىڭ تارقىلىش يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ۋە تەرەپنى كونترول قىلىدۇ. ئۇچار گىلەمنىڭ پرىنسىپىمۇ ئۇنىڭدىن پەرقلەنمەيدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىشى
قانداق ماتېرىيال بىلەن "ئۇچار گىلەم" نىڭ ماتورىنى ياساشقا بولىدۇ؟ بۇMahadevan پروفېسسور ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن ھەقىقىي كۈچ تەلەپ قىلدى. ھەممە ئادەم يېنىك ۋە ئەۋرىشىلىملىكنىڭ ئۇچار گىلەم ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. لېكىن ئەرەب خەلق چۆچەكلىرىدىكى يېشىل يىپەك ئانچە ئەمەلىيەتچان بولمىسىمۇ . Mahadevan پروفېسسىور يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە ماتېرىيالى، مېتال نېپىز پلاستىنكىسىنى سىناق قىلدى، لېكىن ئېلاستىكلىق ۋە سۈركىلىش كۈچى تەجرىبىسى مەغلۇپ بولدى. يەنە بىر گۇرۇپپا چاشقاننىڭ مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى قىلىپ ئىشلەتتى، يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئۇچار گىلەمنىڭ ماتېرىيالى تېلېگراف دولقۇنىغا ئەگىشىشى، ئەۋرىشىم، ئېلاستىكلىققا ئىگە بولغاندا، تەۋرەنگەندە كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈركىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ تەلەپكە ئاساسەن Mahadevan پروفېسىسور بىرىكمە ماتېرىيالنى سىناق قىلىشنى قارار قىلدى: بىر خىل مېتال يالىتىلغان پلاستىنكىنىڭ يېنىك تالا توقۇلمىسى "ئەقلىي بىرىكمە" دەپ ئاتالدى. تېلېگراف سىگنالى شەكىللەندۈرگەن دولقۇنسىمان دولقۇنغا ئەگىشىدۇ – بۇ ھەقىقەتەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
4cm ئۇزۇنلۇق،0.1ml قېلىنلىقتىكى گىلەم بوشلۇقتا لەيلىگەندە سېكۇنتىغا 10 قېتىم تەۋرەيدۇ، تەۋرەش ئامپلىتۇدىسى 0.25ml. بىرىكمە ماتېرىيالدىن ياسالغان "ئۇچار گىلەم"نىڭ ماسسىسى، ھاۋا زىچلىقى، يولۇچى ئېغىرلىقى، ئۇچۇش ئارىلىقىغا ئاساسەن، Mahadevan پروفېىسىسور "ئۇچار گىلەم"نىڭ تۇنجى ئۇچۇش پارامېتىرىنى ھېسابلاپ چىققىپ، ئۇچار گىلەمگە كىرگۈزگەندە، سىناق ئۇچۇرۇلغان گىلەم ھەر ۋاقىت تېلگراف سىگنالىنى قوبۇل قىلىدىغان ئەقلىي نېپىز پەردىگە ئوخشايدۇ. لېكىن تۇنجى ئۇچۇرۇلغان گىلەم قەغەز پۇل چوڭلۇقىدا، لېكىن تۇنجى"ئالادىڭ" بولسا بىر تال چۈمۈلە.
يۈزلەنگەن مەسىلە
Mahadevan پروفېسىسور "تەبىئەت" ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا چۈمۈلە تۇنجى يولۇچى بولۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. ئەگەر تىنچ ھالدا ھاۋادا لەيلەش ئۈچۈن گىلەمگە كەلتۈرىدىغان تەۋرىنىشنى كىچىكلىتىش كېرەك. لېكىن سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سۈرئىتىڭىز ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ.
روشەنكى، ئۇچار گىلەم يەنىلا ئادەم توشۇيدىغان ئۇچقۇ بولالمايدۇ. يولۇچى مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر ۋاقىتتا گىلەمنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. لېكىن بۇ خىل ئۇچار گىلەمنى قوزغىتىش ئۈچۈن تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچار گىلەمنىڭ قاتتىق تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسى ئېلىپ كەلگەن سىلكىنىشكە يولۇچى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. سۈرئەت ۋە مۇقىملىقنى تەڭشىگۈچى قورالنى ئۇچار گىلەم تېخى ھەل قىلمىغان مەسىلە. بىر كىشىنى كۆتۈرەلەيدىغان ئۇچار گىلەم ياساش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ماتور كېتىدۇ.
2009-يىل 5-ئايدا ياپونىيە ئالەم ئۇچقۇچىسى koichi wakata خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى سىن ئېلىش ئاپپاراتى ئالدىدا ئۇچار گىلەمنى ھەيدەپ، يەنە بىر قېتىم ئۇچۇش سىنىقى قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇچۇش سىنىقى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆتكەن قېتىمقى كۆرسەتكەن ئاچا-سىڭىل قىسمىغا ئوخشايدۇ. koichi wakata نىڭ پۇتى ئاستىدىكى ئاق رەڭلىك ئۇچار گىلەمنىڭ چوڭ –كېچىكلىكى سۇ تېيىلىش تاختىسى بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى پلاستىر بىلەن ئۇچار گىلەمگە مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەيدىگەن ئۇچار گىلەمنىڭ قىياپىتى دولقۇن يۈزىدە تېيىلىشتىن پەرقى يوق. بىردىنبىر ئوخشىماسلىقى بۇ قېتىمقى "سۇ يۈزىدە تېيىلىش " ئېغىرلىق يوقىتىش ھەم ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى بولمىغان مۇھىتتا بولغان. كىشىلەر ھەقىقىي ئۇچار گىلەمنى ھەيدەپ بوشلۇقتا سەيلە قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە ۋاقىت ساقلاش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر
ئۇچار گىلەمگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ بۇرۇنقى ھېكايە سولومون پادىشاھلىقى دەۋرىدە كۆرۈنىدۇ. سولومون پادىشاھى David ۋە Bathshebaنىڭ ئوغلى، سولومون پادىشاھى قەدىمقى ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھى دەپ قارىلىدۇ. "كونا ئەھدىنامە"نىڭ پادىشاھلىق قىسسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ تەجرىبىگە باي سىياسىشۇناس بولۇپلا قالماستىن، يەنە شەپقەتسىز ۋەھشىي جەڭچى. ئۇ مىسىرنىڭ دۈشمەنلىرىنى چېكىندۈردى ۋە ئۇ يەردىن ئىراقنىڭ فىرات دەرياسىنى تاپتى. ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئەقىللىقى ۋە ئادىل پادىشاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ چىرايلىق نەرسىلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان شېئىرلارنى يازدى، ھەممە ئاپىرىن ئوقۇيدىغان ئوردا ۋە ئىبادەتخانىلارنى سالدى. سولومون پادىشاھىنىڭ تۆھپىسى شۇنداق پارلاقكى، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ نۇرغۇنلىغان يەھۇدىي يازغۇچىلىرى ۋە ئىسلام يازغۇچىلىرى ئۇنىڭ داڭلىق سېھىرگەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئىسلام دىنىدىكى "قۇرئان"دا بايان قىلىنغان سولومون "قۇشلارنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيتتى"، پەرىشتىلەر ۋە ئالۋاستىلارغا قوماندانلىق قىلالايتتى ھەم ئۇنىڭدا "بارلىق ياخشى خىسلەتلەر توپلانغان". كېيىن، ئەرەب يازغۇچىلىرى بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا "سېھرىگەر پادىشاھ" دەپ نام بەرگەن. بۇ ئۇنىڭ شامالنى كونترول قىلالايدىغانلىقى، بىر تال سېھىرگەر گىلەمگە مىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە بارالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇچار گىلەم رەسىمى
سولوموننىڭ ئۇچار گىلەمگە قانداق ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرمۇ ئوخشىمايدۇ. لېكىن كۆپلىگەن يازغۇچىلار ئۇچار گىلەمنىڭ ياخشى يېشىل يىپەكتىن ياسىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ھەتتا ئىنتايىن چوڭ، تەخمىنەن 60 ئىنگلىز مىلى كەڭلىكتە. 19-ئەسىردىكى ئېكسپېدىتسىيىچى ۋە ئالىم Richard Burton نىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا "ئۇچار گىلەمنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى سولومون پادىشاھىنىڭ بارلىق يولۇچىلىرى ئۈستىدە تۇرۇشقا يېتەرلىك، ئادەم پادىشاھنىڭ سول تەرىپىدە تۇرىدۇ، ئىلاھ ئوڭ تەرەپتە تۇرىدۇ." ئۇچار گىلەممۇ ئىنتايىن يەڭگىللا سولومون پادىشاھىنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. "شامالمۇ سولومون پادىشاھنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇچار گىلەمنى يەردىن ئۇچىرىدۇ. ئۇچار گىلەم بوشلۇقتا چىقسا قۇشلارمۇ ئۇچۇپ، يولۇچىلارنى قۇياش نۇرىدىن ساقلايدۇ.
سولوموننىڭ ئاجايىپ گىلىمى نۇرغۇن ئەرەب ھېكايىلىرىدىكى ئۇچار گىلەمنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولۇپ قالغان. مەسىلەن "مىڭ بىر كېچە"دىكى شاھزادە ئەھمەد ۋە پەرىشتە پەرۈيمەندۇنىڭ ھېكايىسىدە ئۇچار گىلەم كۆرۈنىدۇ. بىر ھەسەن ئىسىملىك ياش شاھزادە ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر تال ئاجايىپ گىلەمگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ كىتىدۇ، بۇ گىلەم ئىگىسىنى ئۇ بارماقچى بولغان دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە ئاپىرالايدۇ. بۇ گىلەم بولغاندا ھەسەن يىراقتىكى نەرسىلەرنى بىلەلەيدۇ، ئۆزى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان مەلىكە ئۆلىدىغان ۋاقىتتا بۇ گىلەمنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەسەن دەرھال بىر تال سېھىرلىك ئالمىنى مەلىكىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ.
19-ئەسىرگىچە ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا كىشىلىرى گىلەمنىڭ مەنبەسىنى ئىشلىتىشنى باشلىغان، غەربنىڭ چۆچەكلىرى ۋە ئەل ئارىسى ھېكايىلىرىدە ئۇچار گىلەم ھېچقانداق مۇھىم رول ئېلىپ باقمىغان (ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن غەربلىكلەر خاتا ھالدا ئۇچار گىلەم ۋە ئالادىڭنىڭ ھېكايىسىنى بىرلەشتۈرۈۋالىدۇ، ئالادىڭنىڭ ھېكايىسىدە ھەرگىزمۇ ئۇچار گىلەم كۆرۈنمەيدۇ)، ئۇچالايدىغان گىلەمگە ئوخشىمايدىغىنى، غەرب سېھىرگەرلىرى ۋە قەھرىمانلىرى سىرتقى كۈچكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بىر كۆتۈرۈلگەن نەرسە ئاندىن ئۇچالايدۇ. مەسىلەن بىر كۆتۈرۈلگەن پول سۈرتكۈچ ياكى بوشلۇقتا ئايلىنىۋاتقان چامدان ياكى بوشلۇقتىكى ئەينەك لىفىت. بىر ئىنتايىن داڭلىق ئامېرىكا بالىلار ھېكايىسىدە ئۇچالايدىغان نەرسە ئەلۋەتتە سافا! ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇچالايدىغان سۈپۈرگە بار. مەسىلەن Harry Potter ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان "نۇر ھالقىسى 2000". كاتتىۋاش يەر مۇسابىقىسىدە ھەرقانداق نەرسىنى شارسىمان ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ. لېكىن ئۇچار سۈپۈرگىنىڭ كۆپۈنچىسىدە بىر ئادەم ئولتۇرالايدۇ. ئەگەر Harry نىڭ قولىدىمۇ سولومون پادىشاھىنىڭ قول ئاستىدىكىدەك ئەسكەر بولسا (ياكى كۈزدە ۋاقىت ئۇزۇن ۋاقتىدا) ئۇ پەقەت ۋېيسىلەي ئەپەندىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئارىيەت ئالىدۇ.
مەنبە: http://baike.baidu.com/view/753822.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 15999111449 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-15 07:41 PM