|
|
|
|
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم:
مىسرانىم مۇنبىىرىدىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق،كونا-يېڭى قېرىنداشلار،پېقىر سۇ دىن ھەممەيلەنگە ئوتلۇق سالام،تورغا چىقمىغىلى ئۇزۇن بولغانلىقتىن سىلەر بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ بۇلالمىغىلى خېلى ۋاقىتلار بۇلۇپتۇ، مەن يوق ۋاقىتتا يۇرتىمىزنىڭ بەزى بىر سۆرەتلىرى ھەم يوللىنىپتۇ،سىلەرنىڭ بەرگەن ياخشى باھايىڭلاردىن ئالەمچە سۈيۈندۈم،بۈگۈن يۇرتۇمنى تۇنۇشتۇرغاچ سىلەرگە يەنە بىرقىسىم سۆرئەتلەرنى سۇنماقچىمەن،كۆزدىن كەچۈرگەيسىلەر...
توقسۇ ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ تاغ تىزمىسى، يېزا ئىگىلىك، بوستانلىقلىرى، ئورمانچىلىق، ئوتلاق رايونى، دەريالىرى، يارداڭلىق، قۇم بارخانلىرى، توغراقلىقى، چۆل – باياۋانلىرى، سازلىق، كۆل قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىگاھلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن ئاۋات يۇرتلارنىڭ بىرى. 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، توقسۇدا بايقالغان تۈرلۈك سېھىرلىك مەنزىرىگاھلار ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ئۇلارغا يېڭىچە ئېستېتىك زوق بېغىشلاپ كەلمەكتە.
مەنبە:يىغىپ ساقلىغانلىرىم......
|
|
|
|
|
|