ياپونىيە دە كەلكۈن سەۋەبىدىن 250،000 كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىيتىشىچە، قارا يامغۇرنىڭ تەسىرى بىلەن پەيدا بولىدىغان كەلكۈننىڭ زىينغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 250،000 ئادەم ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئىيتتى.
كىيۇسۇئايمىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئارالدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ سىيرىلىش ئاپىتىدە ھازىرغا قەدەر 20 ئادەم ئۆلگەن.
تىلىۋىزىيە قاناللىرىدا ئارالنىڭ شىمالىدا لاي-لاتقىلارنىڭ ئۆي ۋە كوچىلاردىن دەريادەك ئىقىپ بانكىلارغا زەربە بىلەن ئۇرىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ياپونىيە ھاۋارايى ئاگىنتلىغى خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ : ئۈزلۈكسىز يامغۇر يىغىش ۋە تاغ سىيرىلىشنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىيىشچە ،جۈمە كۈنىدىكى ئاپەتتە ئاز دىگەندىمۇ يەتتە ئادەم يوقاپ كەتكەن .ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسى يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇشنى باشلىۋەتكەن.
ھاۋارايى خادىمىلىرىنىڭ فىرانسىيەAFP ئاگىنتلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە،كۇماموتو ئايمىقىنىڭ ئاسو شەھرىدە 72 سائەت ئىچىدە ياغقان يامغۇرنىڭ مىقدارى cm 75 غا يەتكەن .
كىيوتو ئاخبارات ئاگىنتلىقنىڭ دىيىشىچە، تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى ئويتا، كۇماموتو، ساگا فۇكۇئوكا قاتارلىق ئايماقلاردىكى 85،000 ئائىلىككە تەسىر كۆرسەتكەن.
فۇكۇئوكا ئايمىقىنىڭ ئۆزىدىلا 65،000 ئائىلىكتىكى 190،000 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياناگاۋا شەھەر رايونى ،يامى ھەمدە مىياما قاتارلىق جايلارمۇ تارقاقلاشتۇرۇلماقچى بولغان.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ فىرانسىيەAFP ئاگىنتلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە ،باشقا 140،000 كىشىگىمۇ ئۆيلىرىنى يىغۇشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئۆيلىرىدىن ئايرىلىش ئۇقتۇرۇلغان كىشىلەرگە بەلگىلەنگەن جايلاردىكى مەكتەپ ۋە باشقا مۇداپىئەلەنگىلى بولغۇدەك پاناھگاھلارغا ئورۇنلىشىش تەۋسىيە قىلىنغان.
ئۇيغۇر تورىدىن قۇمجان ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلدى.
http://www.iuyghur.com