|
|
|
|
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى مۈشكۈل جەڭنى باشتىن كەچۈردى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە << لۇنىڭ >> لۇڭقىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپ <<ئەمىن >> پۇتبول كاماندىسى. ( غۇلجا شەھەر ئەمىن ئۆي مۇلۇك چەكلىك مەسئولىيەت شېركىتى ئىقتىسادى ياردەم قىلغان ) بۇگۈن تولىمۇ مۇشكۈل ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى باشتىن ئۆتكۈزدى. مۇسابىقە جەريانىدا نەچچە قېتىم يۇرىكىمىزنىڭ ئورنىدىن ئاجراپ، نەچچە قېتىم ئورنىغا چۈشكىنىنى، نەچچە قېتىم تەر چىقىپ، نەچچە قېتىم دۇئاغا قول كۆتۈرگىنىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. 11_ 12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى دوڭگۇڭ يىجىيا كۇلۇبىنىڭ ئا كاماندىسى بىلەن مۇسابىقىغە چۈشتى. مەزكۈر كاماندا خېلىلا كۈچلۈك كاماندا بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدائۇتتۇرۇپ باقمىغان كاماندىلارنىڭ بىرى ئىدى. بىزنىڭ بىر ئاساسلىق ئەزارىمىز ئالىمجان ئابلىمىت تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە يارىلىنىپ، بۈگۈن مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى. بۇ ئەزانىڭ كاملىقى بىزگە خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا رەقىپ كاماندا بىزگە جىددى ھۇجۇم باشلاپ بىر توپ ئۇرۋالدى... كۆزلىرىمىزگە ياش تولدى ... ھار كەلدى !... مۇسابىقە باشلىپ ھازىرغىچە قارشى كاماندا بىزگە ئالدىن دوپ ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى. قۇدرەتلىك ئاللا ! بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن ئامىن ! مۇسابىقە جىددى داۋاملىشىۋاتاتتى. ئەزىمەتلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۆتتى. بارىكاللا ! مانا بىز بىر تۇپ ئۇردۇق. كارامەت چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇردۇق ! 1_ 1 تەڭلەشتۇق! ھۇررا !~ ئەمدى بىز ئالدىغا ئۆتىمىز! ...... مۇسابىقە يەنە جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا ... ئەستەخپۇرلا !! نىمە قىسمەت بۇ ؟ بۈگۈن نىمە بولغاندىمىز !! قارشى تەرەپ بىزگە يەنە بىر توپ ئۇرۋالدى. بىز 2گە قارشى 1نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدۇق... يۇرەكلىرىمىز تىترەپ كەتتى . كۆز چاناقلىرىمىزدا لىققىدە ياش. بەدەنلىرىمىز كىرىشىپلا قالدى. بىز ئەزەلدىن بۇنداق پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان ئىدۇق.
___ باللا بىز ئارقىدا قالدۇق ، غەيرەت قىلايلى باللا ! ھۇررا ! بىز چوقۇم يەڭمىسەڭ بولمايدۇ! .... دەپ توۋلىدى كاماندا كاپىتانى.
باللا قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى . ھۇررا ! ھۇررا ! ئەزىمەتلىرىمىز يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى ! ھۇررا ... ! يارايسەن ئەزىمەتلەر ! يارايسەن ! بىز بىر توپ ئۇردۇق نەتىجە 2 گە قارشى 2 تەڭلەشتى .
مۇسابىقە داۋاملىق جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا . توۋا دەيمەن، بەزىدە تەقدىر مۇشۇنداق كاج كېلىپ قالامدىغاندۇ ؟ بىز بۈگۈن غەلبە قىلالماي قالارمىزمۇ ؟ ئەستا ! قارشى تەرەپ بىزگە يەنە بىر توپ ئۇرىۋالدى ! بىزنىڭ نىمە بولۇپ كەتكەنلىگىمىزنى بەلكىم شۇ مەيداندا دوپ كۆرىۋاتقان بۇرادەرلەرلا ھىس قىلالىسا كېرەك؟ بۇ دوپ ۋارتاغا ئۇرۇلغان بىلەن بىزنىڭ يۇرۇكىمىزگە زىق بولۇق سانجالغاندەك بىلىندى.
___ ھودۇقماڭلار باللا ! بىز چوقۇم غەلبە قىلىمىز ! پاس بىلەن ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلايلى ! كاماندا كاپىتانى بالىلارنى يەنە بىر قېتىپ تەشكىللىدى .
بالىلار قايتارما ھۇجۈمغا ئۆتتى . يار رەببىم ! ھۇررا ! كارامەت ، كارامەت ! بەك چىرايلىق ، بەك قالتىس ئۇرۇلدى! ئەزىمەتلىرىمىز قارشى كاماندىغا غەلبىلىك ھۇجۇم قىلىپ بىر توپ ئۇردى . مۇسابىقە نەتىجىسى 3 قارشى 3 بولۇپ يەنە تەڭلەشتى . يۇرىكىمىز ئورنىغا چۈشكەندەك بولدى. لىكىن بىز يەنىلا ئالدىدا ئەمەس ! يۇرەكلەر يەنىلا تىترەپ تۇراتتى. پۇشتەك چېلىندى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلاشتى. نەتىجە 3 قارشى 3 تەڭ. لىكىن بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى نەتىجە ئەمەس!
تېئىنىرلار بالىلارغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارغا نىسبەتەن قايتا تەڭشەش ئېلىپ باردى. ئاتا _ ئانلار بالىلارغا ئۇسسۇلۇق تەمىنلەپ، پۇت - قوللىرىنى ئۇگۈلاشقا باشلىدى.
__ غەيرەت قىلىڭلار باللار ! يەنە بىر كۈچىۋىتىڭلار !
__ باللىرىم سىلەر چوقۇم غەلبە قىلالايسىلەر !
__ باللا چۈشكۈنلەشمەڭلار ياخشى ئويناۋاتىسىلەر چوقۇم غەلبە قىلالايسىلەر !
__ ھەي باللا ئورنىڭلارنى ياخشى تەڭشەڭلار .....
پۇشتەك چېلىندى . كېيىنى يېرىم مەيدان باشلااندى. ئىككى تەرەپ ھۇجىمى يەنىلا جىددى بولماقتا. قارشى كامانا بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم تەشكىللىدى. ئەزىمەتلىرىمىز غەلبىلىك ھالدا ھۇجۇمنى توسۇپ قالدى. مانا بولمىدى! قارشى تەرەپ يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى . ئەزىمەتلىرىمىز تېزدىن مۇداپىيە سېپى تۈزدىدە قارشى كاماندىنىڭ ھۇجىمىنى غەلبىلىك توسۇپ، تۇيۇقسىز قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى . ھۇررا ! ھۇررا ! بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بەكمۇ غەلبىلىك بولدى. شىددەت بىلەن تەشكىللەنگەن ھۇجۇمغا ،قارشى كاماندا مۇداپىيە سېپى تەشكىللەشكە ئۇلگىرەلمىدى. گۈپ ! قىلغان ئاۋاز بىلە شۇنداق بىر توپ ئۇرۇلدىكى ھەممە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق . ھېلىقى گۈپ قىلغان ئاۋاز بىزگە ناغرا سۇناي ئاۋازىدەك بىلىندى. ياشاپ كەت ئەزىمەتلەر ، ئۇغۇلبالا دىگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. بىز ئۇستۈنلكە ئۆتتۈق . نەتىجە 3 قارشى 4 . بىز ئۇستۈنلۇكتە . بىز ئىختىيارسىز ساماغا چۈشكەندەك سەكرەپ كەتتۈق.
مۇسابىقە يەنە داۋاملاشماقتا . بايىقى گۈپ قىلىپ ئۇرۇلغان دوپ ساداسى قارشى كاماندىنىڭ يۇرىكىنى تىترەتتى بولغاي ؟ بىزنىڭ خەلقىمىزنى دۇئالىرى، بىزنىڭ يۈرەك سادالىرىمىز ئىجابەت بولدى بولغاي. بىزنىڭ بالىلار جانلىنىپ كەتتى. قايتا قايتا ھۇجۇم تەشكىللەشكە باشلىدى. قارشى كاماندا بۇداپىيە سېپى بۇزۇلدى . ھۇررا ! 3 قارشى 5 ، ھۇررا ! 3 قارشى 6. نىمە دىگەن قالتىس ! بىز ئۇستۈنلۇكتە كېتىپ بارىمىز . مانا ، مانا بىز ئۇسۇلغا چۈشتۈق ، بىز ساماغا چۈشتۈق ، بىز بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدۇق !
ھۇررا ! ھۇررا ! ھۇررا ! 3كە قارشى 8 نەتىجە بىلەن بىز يەڭدۇق ! ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى يەڭدى ! ئەزىمەتلىرىمىز نەچچە مىليۇن خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئاقلىدى !
9_ 10 ياشلىقلار كاماندىسى ئەسلى بېيجىڭ مىنشاۋ بىلەن ئوينىماقچى ئىدى. ئۇلار مۇسابىقىدىن ئۆزلىگىدىن چېكىنگەنلىگىنى بىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ تەلىۋى بويىچە، لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ بىر يىلدىن بېرى تەربىيىلەۋاتقان ئوخشاش گۇرۇپپىسىدى بالىلار بىلەن دوسلۇق مۇسابىقىسى تەشكىللىدۇق. كىچىك ئەزمەتلىرىمىزمۇ بۇ مۇسابىقىدە 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن تەڭ بولۇپ مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئەتە تېخىمۇ مۇشكۈل جەڭ بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى . چۈنكى ئەتە 11- 12 ياشلىقلار كوماندىسى چۈشىدىغان كاماندىمۇ بەكمۇ كۈچلۈك كاماندا ئىدى. مۇشكىلات ئالدىمىزدا ، لىكىن مۇشكىلات بىزنى تىز پۇكتىرەلمەيدۇ!
تۆۋەندىكىلەر مۇسابىقىدىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە بۈگۈنكى پائالىيەتلەر
ئەسكەرتىش : مۇسابىقە بەكمۇ جىددى بولغاچقا 11- 12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ رەسىمىنى تارتىشنىمۇ تولا ۋاقىتلاردا ئۇنتۇپ قاپتىمەن كەچۈرگەيسىلەر !
14 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش چۈشۈرۈش (177.04 KB)
|
|
|
|
|
|