rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-15 01:09 PM 
مەنغۇ تۇلۇق ئۇقىغان بولمىسا سىز دىگەندك ھەزىم قىلا ...
 
باشقىلار   چايناپ   يىگۈزۈپ   قويغان   نەرسىنىڭ   ئانچە   تەمىي ، لەززىتى  بولمايدۇ .
بەزى  دۆلەتلەردە  ھۆكۈمەت  باشقۇرشىدىكى   مەكتەپلەردە  دەرىسلىك  قىلىپ بېكىتىلگەن
كىتاب  ئىكەن  .  ئوقۇپ  باقمىغانلار   ئوقۇپ   باقسا  ،  بىزدىكى  مائارىپ  ،  بىلىم
ئېڭى  بىلەن   پەرىقلىق  يەرلىرى  بار  ئىكەن  دەپ  يوللىغان  .   باشقا  جىق  گەپ  يوق .
ئالايىتەن   بۇنى  كۆچۈرۈپ  يوللاپ   يەنە  ئۆزۈمنىڭ   كۆز  قارىشىنى  سىلەرگە  سۆزلەپ
بېرىشنىڭ   ئانچە  ئەھمىيتى   يوق  . بىر ئادەم تېما  يوللىسا ، ئۆزىنىڭ  ئويلىغانلىرىنى 
پىكىرىنى  قوشۇپ  يوللاش   شەرىت  ئەمەس .  ھەر  ئادەم ئۆز  ئىديىسىنىڭ خۇجايىنى .
مىنىڭ  سىلەرنى قايىل  قىلالىغۇدەك  بىلىم - ئىقتىدارىم يوق .
بەلكىم مىنىڭ ئويلىغانلىرىمغا  سىلەر  قايىل بولمايسىلەر  ،  سىلەرنىڭ  ئېيىتقىنىڭلارغا  
مەن  قايىل  بولمايمەن  .  تالاش  ـ  تارتىش  باشلىنىدۇ  .   
<<  مۇنازىرە  كۆپىنچە  كۆڭۈل ئاغرىقى  بىلەن ئاخىرلىشىدۇ >>.  بولۇپمۇ 
مۇنبەردە  خارۋاردنىڭ  دوكتۇرلىرىدىنمۇ  ،  مەككىدىكى ئىسلام ئۇنۋىرسىتېتىلىرىنىڭ 
ئۆلىمالىرىدىنمۇ   بىلىملىك  كىشىلەر  بار  .  ئالا  ـ  جوقا  سۆزلەپ  ، << دانا >> لىرىمىزنىڭ 
ئالدىدا  بىلەرمەنلىك  قىلىپ  قويماي  دەيمەن .  
ھەم بۇ  ئىشلارغا   ۋاقىت  ئىسراپ  قىلىپ  ئولتۇرغىچە  باشقا  تىل  ئۆگەنسەم  نەچچە سۆز
ئۆگىنىپ  بولالمايمەن .  كىتاب  ئوقۇسام  بىر  پارچە  ياخشى  كىتاب  ئوقۇپ بولالايمەن .
خىزمەت  قىلسام  پۇل  تاپىمەن  . كىتاب  ئاددى  تىلدا  يېزىلغان .  ئىزاھات ھاجەتسىز
ھەم  سىلەرنىڭ  پىكىر  بېرىپ   يۈرۈشۈڭلارغىمۇ   قىلچە  خۇشتار ئەمەسمەن . پىكىر  
ئىنكاسلاردىن  تەمايىم   يوق  ...
ئوقۇپ  قويساڭلار  ،  يا  باشقا  ئىش  قىلساڭلارمۇ  بولىدۇ  ...  
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-15 03:11 PM