مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 554|ئىنكاس: 14

بىچارىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54182
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 1397
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 08:31:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، مەن بۇ يازمىنى يوللاشتىن بۇرۇن  بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي، مەن 2011-يىلى 9- ئايدا <باشقىلارغىمۇ ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى> دىگەن ماۋزۇدا  بىر تىما يوللىغان ئىدىم. مانا بۇ دەل شۇ تىمىنىڭ داۋامى، بىرىنجى قىسمىنىڭ ئادرىسى :
          https://uyghur-archive.com/misranim/thread-59960-1-1.html



                                                                      بىچارىلەر  

   2011-يىلى 12- ئايدا بۇ بىچارە مۇماينىڭ ئوغلى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپ، ئۇ دۇنياغا كەتتى. ھەي........... بۇ بىچارىلەرنىڭ بىردىن بىر يۈلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قالغىنى بۇلارغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى.قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرى بۇلارنى تولىمۇ قېينىدى،خەيرىيەت بۇ بىچارىلەر ئالدى بىلەن ئاللانىڭ رەھمىتى،ئاندىن قالسا مەن ۋە بىرنەچچە دوستلىرىمنىڭ ياردىمى ۋە بىچارە مۇماينىڭ ئەتتىگەندىن كەچكىچە نەمۇ-نە مېڭىپ يۈرۈپ تەرگەن ئەسكى ئاياغ، كۆمۈر پارچىللىرى بىلەن بۇ يىل
3-ئايغا ئۇلاشتى، دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىچارىلەرنىڭ بېشىغا كۈتۈلمىگەن بىر قىسمەت كەلدى، بۇ بىچارە مۇماينىڭ كېلىنى بىر قېتىم قىزىتىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن، ئوڭ پۇتىنىڭ پىيى تارتىشىپ، پۇتى يىغىلىپ قالدى. مەن ۋە يەنە ئىككى دوستۇم بۇ ئايالنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۇق، نەتىجىدە بۇ ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن، يىلىك يېرىمداپ، پەي يىغىلىپ قاپتۇ. دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ، دۇرا-ئوكۇل ۋە يىمەگلىكتىن بىر ئاز قۇۋۋەت تۇلۇقلىغاندىن كىيىن، ئاندىن ئوپىراتسىيە قىلىدىكەن. بىز دوختۇردىن نەچچە پۇل كىتىدغانلىقىنى سورىساق، دوختۇر: ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 35-40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى دىدى، بۇ بىچارىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك كۈنى ئاران-ئاران ئۆتىۋاتسا، بۇنچىۋالا پۇلنى...  ھەتتا مەن بارلىق دەسمايىمنى يىغساممۇ بۇنچىلىك پۇلۇم يوق. بۇنداق دىسەم  بەزىلەر مىنى مازاق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئەمىلىيەت. مىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىم شۇنچىلىك.   بىز ئامال يۇق بۇ ئايالنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيدۇق. بىز بىرنەچچە ئاددى تىجارەتچىلەر، بۇلارنىڭ ھالىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەر ئېلىپ تۇرۋاتقان ئىدۇق، بىز بىريەرگە يىغىلىپ، قانداق قىلىش تۇغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق. ئارىمىزدىن نەچچەيلەن <مەن ئەمدى بۇ ئىشلارغا ئارلاشمايمەن، مىنىڭمۇ ئائىلەم،باللىرىم بار...>دەپ چىكىنىپ چىقتى، بىز پەقەت مەن ۋە يەنە ئىككى دوستۇم بولۇپ، ئۈچىمىز قالدۇق. بىز ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى نامى چىققان، نەچچە ئون مىليۇن،ھەتتا نەچچە يۈز مىليۇن مەبلىغى بار بىر قانچە شىركەتكە بېرىپ، بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارغا ئېيتىشنى قارار قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ بىز بىرنەچچە كۈن تىجارەتنى توختۇتۇپ قويۇپ، بۇ شىركەتلەرگە باردۇق، ئەمما بىرىنجى بولۇپ بارغان شىركەتنىڭ باش لېدىرى بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى. ئىككىنجى بولۇپ بارغان شىركەتنىڭ لېدىرى بىلەن،نەچچە كۈن ساقلاپ، ئاندىن كۆرۈشتۇق، ئەمما بۇ لېدىر_ ھازىر شىركەتنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچارلىقىنى ئېيتىپ، ياردەم قىلىشنى رەت قىلدى، ئەمما قورۇق قول قايتماڭلار دەپ مالىيە بۈلۈمىگە تېلفۇن قىلىپ 300 يۈەن ئېچىقتۇرۇپ بەردى. ئۈچىنجى بولۇپ بارغان شىركەتنىڭ لېدىرىمۇ، ھازىر مالىيە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئېيتىپ ياردەم قىلىشنى رەت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىز<بۇ پۇلدارلار، نامراتلارنى ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە ئانچە-مۇنچە پايدىسى تىگىدىغان بىرەر رەھبەرنىڭ تۇغقىنى بولسا شۇنداقلارغا تاردەم قىلىدىغان ئوخشايدۇ> دىگەن ئويغا كىلىپ، يەنە باشقا شىركەتلەرگە بېرىشتىن ۋاز كەچتۇق، مەن بۇ يەردە ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسمىنى،ھەتتا بىز كۆرۈشكەن ۋە بىزنى قوبۇل قىلمىغان باش لېدىرلارنىڭ ئىسمىنى بەكمۇ  ئاشكارە يازغۇم كەلدى، ئەمما   باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش، مۇسۇلمانلار ئەخلاقىغا ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ بىز باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن،  ئۈرۈمچى سەھەرلىك، مىھرى شەپقەت ئىدارىسىگە باردۇق، ئەمما بۇ بىچارىلەرنىڭ نوپۇسى سىرىتنىڭ بولغاچقا، قورۇق  قول قايتىپ كەلدۇق. ئاندىن خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە باردۇق، بۇ ئىدارىدىن<بىزنىڭ ئىدارە كىسەللەرگە ئەمەس، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بىرىدۇ> دىگەن جاۋاپقا ئىرىشتۇق. بىز ئاخىرى مىھرىبان ئانىلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى رەيھان ئاپپاينى ئىزدەپ تاپتۇق،رەيھان ئاپپاي بۇ بىچارىلەرنىڭ ھالىغا بەكمۇ ئېچىندى ۋە مۇنداق دىدى:<بىزنىڭ قۇلىمىزدا نەخ پۇل يۇق،  بىزگە تىجارەتچىلەر، ساخاۋەتچىلەر...ئىئانە قىلىپ ئەكىلىپ بەرگەن پۇللارنى ئىشلىتىمىز، بىزنىڭ مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئوبيىكتىمىز ئاساسەن بۆرەك ئالماشتۇردىغان، يۈرەك كىلاپانى.... دىگەندەك ئېغىر كىسەللەر، بۇ ئايالنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار، مەن بىرنەچچە ساخۋەتچىلەرگە بۇ ئەھۋالنى ئېيتاي، ئۇلار ياردەم قىلىشى مۇمكىن، مەنمۇ يوقلاپ بارىمەن>.   
بىز يەنە سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ساخاۋەتچى ئاتىلار جىمىيىتىنىڭ ۋەكىلى ھەسەنجان ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى تاپتۇق، ئەمما ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمىيىتىنىڭ ياردەم قىلىش ئوبيىكتى، پەقەت ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئىچىدىكى ئېغىر كىسەللەر بىلەن چەكلىنىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىز 20 كۈن ئەتراپىدا ھەممە يەرگە قاتراپ يۈرۈپ،ئاخىرى قورۇق قول قايتىپ كەلدۇق. شۇ ئەسنادا ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى. ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك  دىگەندەك، ئەمدى بۇ بىچارىلەرنى بۇ ئۆيدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى. بىز ئۆزىمىزگە يېقىنراق جايدىن ئۆي تېپىپ بۇلارنى كۆچۈرۈپ كىلىشكە بارساق، بۇ بىچارە مۇماي<باللىرىم ئەمدى ياز كەلدى، سىلەر ھىلىمۇ بىر يىلدىن بىرى ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ كىلىۋاتىسىلەر، بىزنى دىھقانچىلىق قىلىدىغان يەرگە ئاپىرىپ قويساڭلار، كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق> دەپ تۇرۋالدى. بىز قانچە قىلساقمۇ، مۇماي چىڭ تۇرۋالغاچقا بىز ئاخىرى بۇ بىچارىلەرنى ماناس ناھىيىسىگە ئاپرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. ئەتراپىمىزدا ياخشى كىشىلەر يەنىلا كۆپ ئىكەن. بۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بىر دىھقان بىر يۈرۈش بىكار ئۆيىنى بۇلارغا ئىجارىسىز بەردى. شۇنداق قىلىپ بىز قايتىپ كەلدۇق. ئارلىقتا بىز  ئايرىم-ئايرىم 3-4 قېتىمدىن تاپقىنىمىزنى ئېلىپ يوقلاپ بېرىپ تۇردۇق.  دەرۋەقە بۇلارنىڭ تۇرمۇشى مىچۈەندىكى تۇرمۇشىدىن خېلىلا ياخشى ئىدى.  بىزنىڭ يوقلاپ بېرىپ تۇرشىمىز ۋە شۇ يەردىكى خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ(ئۇيغۇر خوشنىلار) ئانچە-مۇنچە يوقلاپ تۇرشى بىلەن  بۇلارنىڭ يىمەك-.ئىچمەك مەسىلىسى ھەل بولغان ئىدى، بىچارە مۇماي بىلەن، ھېلىقى پۇتى يېغىلىپ قالغان ئايال قولتۇق ھاسىسى بىلەن مېڭىپ يۈرۈپ، چامى يەتكەن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ ، ئاز تۇلا ئىقتىسادمۇ قىلغان ئىدى. بىچارە مۇماي، يىغلاپ تۇرۇپ، يىغقان 650 يۈەن پۇلىنى ماڭا كۆرسەتتى.مەن ھەرھالدا بۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن سەل خاتىرجەم بولدۇم. ئەمما ھېلىقى پۇتى يېغىلىپ قالغان ئايالنىڭ ئىشى مىنى تۇلىمۇ ئازاپلاييتتى.  دوختۇرنىڭ دىيىشچە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىكەن، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئۇزۇنغا بارماي يەنە بىر پۇتىمۇ يېغىلىپ قالىدىكەن. شۇنداق بولغاندا بۇ بىچارە ئايال ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۈرەلەيدىكەن. بۇ ھەممىمىز ئويلۇنۇپ بېقىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە. مۇشۇنداق بىچارىلەرگە بىز ياردەم قىلمىساق كىم ياردەم قىلار؟! بېشىنى بىز سىلىمىساق كىم بېشىنى سىلار؟!...
مانا ھازىر بىريىل ئىچىدىكى ئايلارنىڭ سەر خىلى بولغان رامىزان ئېيى يېتىپ كىلىۋاتىدۇ، مانا بۇ ئاي- بىزنى ۋە پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان، يەككە يىگانە اللە غا كۆپرەك قۇلچىلىق قىلىدىغان، تائەت-ئىبادەتنى ئەڭ كۆپ قىلىدىغان، ئىتىسادى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىدىغان، مال-دۇنيارىمىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدغان.... ئەڭ ئۇلۇغ ئايدۇر. ياراتقان اللە ھەممىمىزنىڭ خەير-ساخاۋەت، سەدىقىلەر بىلەن روھىمىزنى ۋە ئىقتىسادىمىزنى پاك قىلسۇن!  رامىزان ئېيىغا روھىمىز ۋە ئىتىسادىمىز نى پاكلاپ كىرىشكە اللە ئىرادى قىلسۇن!   ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تاما-تاما كۆل تۇلار دەپتىكەن، بىر ۋاخ تاماقنىڭ پۇلى،  بىر قۇتا ئەتىرنىڭ پۇلى، بىر قاپ تاماكىنىڭ پۇلى،بىر....نىڭ پۇلى...

   ئەگەر بۇ بىچارىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما راست-يالغانلىقىدىن گۇمان قىلغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باراي. ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ،مەن   بىلەن ئالاقىلىشىڭلار. ئەگەر خالىسانە ياردەم قىلىشنى ئىختىيار قىلغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا
يېزا ئىگىلىك بانكا ھىساپ نومۇرى: 813  8490   9079  4808   6228   
  باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمامنى تىزراق تەستىقلاپ بىرىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن. رەھمەت!

    مەنبە: ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەقىقى ئىش.                              






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-15 01:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 10:44:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ۋۇ  مۇنبەردە خوتۇن قىزلار توغۇرلۇق تىما يوللانسا بىرەر سائەتكە قالماي نەچچە يۈز قېتىم كۆرلەپ ئىنكاسلار يېغىپ كىتەتى قېنى ماۋۇ نوچىلار ئەمدى....


توردىن ئازراق كۆڭلۇمنى بىلدۈرەي دىگەن ،خاپا بولماي كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويىڭە ...
بىجىرگەن بانكا  قاتارلىقلارنىڭمۇ ھەم...
ماۋۇ قوتۇر مەكتەپ ئىچىدە جۇڭگۇ بانكىسى سودا سانائەت بانكىسىنىڭ پۇل بەرگۈسىلا بار ئىدى

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4933
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 10:55:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-15 10:44 AM
ما ۋۇ  مۇنبەردە خوتۇن قىزلار توغۇرلۇق تىما يوللانسا بى ...




راس بىيچارىكەن بۇلاربولسا ھەممىمىز ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-15 10:56 AM  


ئادەمنىڭ كۆزى قارا ،يۇرىكى قىزىل بۇلدۇ،لىكىن ھازىر ئادەملەرنىڭ كۆزى  قىزىل يۇرىكى قارا .............
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82773
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-11
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 11:19:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24046
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 3965 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 11:27:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kala0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-14 07:19 PM
بىز قەشقەرلىكلەر بەك يامان،باشقا يۇرتلار كۈتتۈمگە ھىس ...

تۆتىنجى دوختۇرخانىدا داۋالىنىشىڭىز مەغلۇپ بولغان ئوخشىمامدۇ.

قېرىنداشلىرىم،ئۆز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى پىششىق ئۆگىنەيلى!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82773
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-11
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 11:28:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەن مېنىڭ بارلىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49132
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3671
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 11:59:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27072
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6776
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3928 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 12:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياردەم قىلغۇسى بار ،ئەمما تورغا چىقمايدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ كۆپ ،بولسا بۇ ئايالنىڭ ئەھۋالىنى مەسجىد لەرگە ئۇختۇر سىڭىز  ياخشىراق بۇلامدىكىن ،

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24680
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 12:49:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيىتىمىزدە  بىر رومكا ھاراق ، بىر قۇتا سوغۇق ئىچىملىك ، بىر قاپ تاماكا ۋە بىرەر تال پايپاقنىڭ پۇلىنى تىجەپ مۇشۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ئىشلار كۆپەيسە نىمىدىگەن ياخشى ھە !
ئاللاھ ھەممىزنى ساق سالامەت ، خاتىرجەم قىلغاي !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bananas + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3800
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 03:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىزنى ساق سالامەت ،  قىلغاي !        ھەي   خۇدا   ھەممە  بەندەڭگە    ئاسانچىلىق    بەرگىن       ئامىن........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش