توردىكى قويمىچى
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
ئۆگىنىۋېلىپ ئۆزۈڭچە كىيۇكىيۇدا خەت بېسىشنى،
سېنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتتە تويۇڭ بولدى قويمىچى.
باشلىدىڭ ھەم خىرامان قۇرۇق گەپنى سېتىشنى،
لاپ ئېتىپلا بىر يايلاق قويۇڭ بولدى قويمىچى.
قىزارماستىن پو ئېتىپ شاھزادىگە ئايلاندىڭ،
يەتتە قەۋەت سارايدا ئۆيۈڭ بولدى قويمىچى.
چىقالمايسەن ئادەتتە باش كۆتۈرۈپ مەلىگە،
لېكىن توردا ئالامەت يۈزۈڭ بولدى قويمىچى.
مۇنبەرلەردە كېرىلىپ، چايخانىدا سۆرىلىپ،
قۇرۇق ئابروي تالىشىش ئىشىڭ بولدى قويمىچى.
يېزىپ قويساڭ بىر يازما ماختاپ قويسا ئۆزگىلەر،
زەپ ھىجايدىڭ ئالتۇندىن چىشىڭ بولدى قويمىچى.
يازغىنىڭنى ھۆرمەتلەپ چاۋاك چالسا ساددىلار،
زەپ غادايدىڭ شەمشادتەك بويۇڭ بولدى قويمىچى.
يىتىپ كەلدى پۇرسەت دەپ سېنى كۆزگە ئىلغاننىڭ-
چونتىكىنى كۆزلىمەك كويۇڭ بولدى قويمىچى.
تۇل ئايالنى ئالدىدىڭ بويتاق باي دەپ ئۆزۈڭنى،
‹‹ياخشى قىزغا ئۆيلىنىش›› ئويۈڭ بولدى قويمىچى.
چوڭ سودىنى تۈگىتىپ قايتىش ئۇنىڭ ئۆيىگە،
ھاياتتىكى نىشانەڭ، يولۇڭ بولدى قويمىچى.
ئىشەندۈرۈپ ئۇلارنى دەسمى كاملاپ قالدى دەپ،
تۇيۇقسىزلا كارتاڭدا پۇلۇڭ بولدى قويمىچى.
سېنى كۈتۈپ بىچارە چاچلار يۇلۇپ خىلۋەتتە،
ياتار جايى سامانلىق بۇلۇڭ بولدى قويمىچى.
سەبىلەرنى دەسسىتىپ زەپلا ئاسان توزاققا،
شىرىك تېپىش تۈركۈملەپ يولۇڭ بولدى قويمىچى.
پۇللىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلار يىغلاپ يۈرۈشسە،
سېنىڭ ئۈچۈن كۈلكىلىك ئويۇن بولدى قويمىچى.
ھارام سىڭمەس ئىنسانغا دىگەن ئىكەن كونىلار،
مانا قىزىل قىيامەت كۈنۈڭ بولدى قويمىچى.
تۇشمۇ-تۇشتىن بىلىشتى ھەممە سېنىڭ ئەسلىڭنى،
ئۆز بېشىڭغا چىققىنى خۇيۇڭ بولدى قويمىچى.
2011-9-11
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-14 10:05 PM