مەن ئۆيۈمگە ساياھەتكە باردىم 4-قىسىم سەزگۈرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر باشقۇرغۇچىلار ئۆزەڭلەرمۇ تىژلىق تىژ ئامان تۇرۇشلا ئۆيدىكى بالا چاقا .ئېغىلدىكى قوي پادا ساق سالامەت .(خوشامەتچىدەك بولدۇمما دوسلار )ئەمدى ما مۇنبەردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي كۈندە كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدىن چىقالماي يۈرگەن چوڭ كىچىك ئۇششاقۇ توڭ ئەزالار سىىلەرمۇ تىژلىق تىژ ئامان ....ئالدىن تەۋسىيە ما كومپىيۇتىرغا ئازراق قاراشسىلا تۆت كۆز بولۇشۇپ قىزلار ئايپاتەم ئوغۇللار چوڭ ئەيسا بولۇپ كىتىشمىسىلە يەنە
كەمىنە سەزگۈرى بۇندىن 150يىل ئىلگىرى مۇشۇ مىسرانىمغا بىر نەچچە تىما يوللىغان مەن ئۆيۈمگە ساياھەتكە باردىم دەپ مانا 1-قىسىم 2-قىسىم 3-قىسىم
ئەمدى 4-قىسىمىغا كەلدۇق . ئەلقىسە كەمىنە سەزگۈرى بويتاقلىقتا مېڭىپتۇ مېڭىپتۇ .ئۆيگە چىقىپتۇ ...ئۆيگە چىقسام مەھەلە كادىرلىرى يېغىن ئېچىۋىتىپتۇ ...يەنە شۇ مۇقۇملۇق تىنىچلىق ،توغۇرلۇق ھەم يەنە ئاياللارنىڭ روپاچ بولۋالماسلىق ...دىنى تۈس ئالغان كىيىم كىچەكلەرنى كەيمەسلىك قاتارلىق :
ئىۋۇ يىغىن ئېچۋاتقان ئادىش بۇرۇن بىر تۈزۈك ئوقۇغىنىنى بىلگىلى بولمايتى ....يىزىدىن بىراقلا 60ئادەم ئېلىپ شۇلارنىڭ قاتارىدا ساقچى بوپ بىر مۇنچە دىھقانغا يىغىن ئاچقىلى تۇرۇپتۇ...ئۆزىچە كۈلۈپ ساپتىمەن
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى ئۆتتى ئەتىسى قارسام ئېتىزنىڭ بېشىقا 220كىلوۋولىتلىق توك سىتولبىسى كەپتىكەن ....بىزنىڭ خوشنىمىزنىڭ پىشايلا دەپ قالغان بۇغدايلىرىنى بۇزىۋىتىپتۇ ...شۇنىڭ بىلەن خەنزۇ ئىشلەمچىلەرگە ھەم ھېلقى خوشنىمىزغا تەرجىمانلىق قىلىپ بەردىم ئاڭغىچە ئئۇلار ئۇرشۇپ كەتتى مەن ئاجىرىتىپ بولغۇچە باشقا خەنلەر ساخچىخانىغا تىلفۇن قىلىپ بوپتۇ ...ئۇلار كەلسە ماۋۇ ئىسىل خەخلىرمىز بىزنى كەتمەن بىلەن ماۋۇ ئىككىسى ئۇردى دەپ چىقىشتۇرماسما ! ئەتراپىمدىكىلەر خەنچە ئۇقمايدۇ .مىنىڭ شۇھامان ئاچچىقىم مىڭەمگە چىقتىدە بىرىپلا ئۇ خەنزۇنىڭ گېلىدىن بوغۇپ يەرگە باستىم .ئاڭغىچە باشقىلار ئاجىرتىۋالدى ...شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ھېلقى خوشناممۇ..ھېلقى ئاتالمىش كەتمەن بىلەن تاياق دىگەن ئاداشمۇ ماشىنىغا چىقىپ ماڭدۇق ...يامغۇر دىگەن شۇنداق يېغىپ كەتتى ئۇ كۈنى ... ماشىنىدا ماڭايلىك دەپ تۇرساق ناھيىدىن بىر ماشىنا ئالاھىدە ساقچى كەپتۇ ؛(ھېلىقى قارا كىيملىكلەر )ئۇقۇشىمچە ئۇ خەنزۇلارنىڭ ئىش بېشى ناھيىلىك ساخچىغانىغا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار توپلۇشۇپ ئۇرشۇپ كەتتى دەپ خەۋەر قىلىپتۇدەك ...ئۇلار كىلىپ ئىشنىڭ تىپسىلاتىنى ئۇققاندىن كىيىن بىزنى يىزىلىق ساخچىخانىغا تاپىلاپ قويۇپ ،پۈتۈن مەھەلە بويىنچە يەنە يىغىن ئاچتى. ساخچىخانىغىمۇ چىقتۇق ...ئۇ يەردە يەنە شۇ سوراق سەراپلا قويۋىتەمدىكىن دىسەم سائەت 11دە ئېچىقىۋالغان يەرگە سائەت 4كىچە ھېچ بىرەرسى سوراي دىمەيدا ! جىلە بوپ ئولتاردۇق 4ئادەم بىر ئۆيدە .كەچتە 2سائەت سورايدىغىنىنى سوراپ بىر كىتاپبى ئوقۇتۇپ ئاندىن قويۇپ بەردى ھەممىمىزنى ....ياخشى قولۇمدا تىلفۇن بولغىنى بولمىسا زىركىپ ئۆلۈپ قالاتتم شۇ 5سائەتتە ...
ئۇ ئىشلارنىمۇ تۈگىتىپ تۇرسام ماۋۇ مۇنبىرمىزنىڭ قابىل باشقۇرغۇچىللىرىدىن بىرى مارشال قەشقەرگە كەپتۇدەك دىگەن خەۋەر تۇيۇقسىز ئاڭلىنىپ قالدى . دەل شۇ كۈنى مەنمۇ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتى ئوپالدا بولغاچقا شۇ يەرگىلا چىقىڭلار دەپ تىلفۇن قىلىشتۇق .ھەم كۆرەشتۇق شۇ يەردە ....بىرەر قۇر تاماق يىيىشىپ قەبىرستانلىققا قاراپ ماڭدۇق ...بۇرۇن شۇ يەرنىڭ يولى ئادەتتىكىدەك تاشيول بولۇپ ،بۇ قېتىم ھۆكىمەت خېلى كۆڭۈل بۆلگەنمۇ قانداق يوللار ئاسفالىتلىشىپ قالغاندى ...ھەم بىزمۇ 3چاقلىق موتۇسكىلىت بىلەن 5مىنۇتقا قالمايلا بىرىپ بولدۇق ماۋۇ شۇ يەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى خەتلەر
ئەڭ كاللىمىزدىن ئۆتمەيدىغان يېرى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تەۋەرۈك جايلىرىمىزغىمۇ پۇل تۆلەپ كىرىشىمىز بولدى ... بىزغۇ ئۇنچىۋالا بوش مۇ ئەمەس يەنىلا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىمىزنى كۆرسىتىپ يېرىم باھادا بىلەت ئالدۇق قاقۋاشلىق بىلەن مانا بۇ باھا جەدۋىلى
ئۇنىڭ كەينىدىن بۇ ئىشىكىدىن كىرگەندىكى ھەيكەل ئىكەن
مانا ماۋۇ ھاي ھاي تىرەك ئىكەن
بۇ تىرەكنىڭ ئاستىدىكى بۇلاق بۇچاغچىقە قۇرۇپ كەتتىمىكىن دەيمەن ...چۈنكى بىز بارغاندا ناھايىتى ئاز بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق بۇلغۇنۇپ كەتكەنىدى ...مەينەت بوتىلكا غازاڭ قاتارلىق ئەخلەتلەر باركەن ...
مانا بۇ بىزنىڭ مۇنبەردىكى ئاپتاپ جان باشقۇرغۇچى مارشال كەمىنە سەزگۈرى
سۈرەتكە قارغاندىكى ئوڭ تەرەپتىكى بالا ئاپتاپجان ئوتتۇردىكى قابىليەتلىك باشقۇرغۇچى مارشال سولدىكى كاستىيۇم كەيگىنى پېقىر سەزگۈرى (ئەڭ كىلىشكىنى مەنمۇ نىمە ؟)
ماۋۇ مۇنبىرمىزنىڭ ئاكتىپ ھەم قابىل ئەزالىرىنىڭ بىرى ئاپتاپ ئەپەندى
ئۇ يەردىن ئۆتۈپ مەقبەرىنىڭ ئىچىگە كىردۇق مانا بۇ بۇيۇك تىلشۇناس ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرىسى
مارشالنىڭ خاتىرە سۈرتى
ماۋۇ شۇ يەردىكى تامغا ئېسىلغان پورتىرتى
ئەمدى ئۇ يەردىن چىقىپ ئەجدەرھا غارىغا قاراپ ماڭدۇق كەمىنە ۋە مارشالنىڭ ئىنىللىرى
كەمىنە سەزگۈرى ۋە مارشال
پېقىر سەزگۈرى ۋە ئاپتاپ ئەپەندى
مارشالنىڭ ئارقىسىدىكى دەل ئاشۇ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبىرىستانلىقىنىڭ سىرىتتىن كۆرنىشى
كەمىنە سەزگۈرى ئەجدەرھا غارىنىڭ ئالىدا !
ئەپسۇس ئۇ غارنى ئوت قويۋەتتىمۇ قانداق ئىچى قاپقارا بوپ كىتىپتۇ ! ئەمدى ئۇ يەردىن يېنىپ شۇ يەردىكىلەرننىڭ دىھقان بازىرغا كىردۇق بازار كۈنى دۈشەنبە كۈندە بولدىغان بولۇپ ،دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنىڭ بويىدا بولاتتى ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە نەرسە تېپىلاتتى
مانا ئۇ يەردىنمۇ ياندۇق يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن قەشقەرگە كىرىش نىسىپ بوپ قالدى ئۇ يەردە مەن مارشال ۋە مۇنبىرمىزدىكى كونا ئەزا رافىت <<تۈركىيار>>بىلەن بىرلىكتە ماروژنى يەپتۇق كەينىدىن ئوخشىغان لەغمەن يەپتۇق ...دىگەندەك مانا ماروژنى كىم يەيدۇ ماۋۇ كەنىمەنىڭ ھېيىتگاھنىڭ ئالدىدا چۈشكەن سۈرتى ماۋۇ قەشقەر پوچتىخاننىڭ ئالدىدىن تارتقان سۈرەت
ماۋۇ كەمىنەنىڭ كىيىنكى قېتىم كىرگەندە ھەلقى قەشقەر كونا شەھەر رايۇنىدىن تارتقان بىر پارچە سۈرتى
مانا بۇ ئىتىقادنىڭ كۈچى ...ئەتراپىدىكى بولسا بۇ يىل يېڭىدىن تىككەن ياڭاق . ئۇ ئايال مىنىڭ قوشنام بولۇپ شۇ يەردە ياڭاق بېقىۋاتىدىكەن مەن چىقسام ...ئۆزى يالغۇز بولغاچقا نامازنىمۇ شۇ يەردە ئوقۇۋاتىدۇ ...
ماۋۇسى ئىشىك ئالدىمدىكى ئۆستەڭ
مانا بۇ بالىسىنى مەھمۇد كاشغەرى دىيارىدىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم يۇرتى بولغان ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا ئالدىدا مەكتەپكە ئەككەلگەن دادا
ماۋۇسى ناھيىلىك خەنزۇچە ئوتتۇرا (كونىشەھەر ناھيىلىك 2-ئوتتۇرا)
ماۋۇسى مەھمۇد كاشغەرى دىيارىدىكى ئەڭ ئالى ئوقۇلنىڭ كىرىش ئىشىگى
ماۋۇ تىكتاك توپ مەيدانى
ماۋۇسى ئاشخانىسى
مانا ئۇنى دەپ بۇنى قەشقەردە ئۆزەمنىڭ تەتىل ۋاختىنى ئۆتكۈزگەندەك تۇرۇپ كەپتىمەن .يات ھەم چوڭ شەھەردە ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى ئەمما بۇ يەرگە يەنى ئۆزۇمنىڭ يۇرتىغا كىلىپ ھچ بولىمغاندا شەھەر ئىچىدە ئىككى قېتىم ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىشىگە ئۇچۇراپتىمەن ..
ئەسكەرتىش :بەلكىم ئاراڭلاردا نەچچىمىز قەشقەرلىكتۇرمىز شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا تۈزۈتۈ قويساڭلار ...ئەمما سېسىق گەپnoھە
رىۋاياتلەردە ئېيتىلىشىچە 8شەرەپ 8نومۇسنىڭ 9-چىقىپتۇ يەنى ....تىما كۆرۈش شەرەپ ئىنكاس يازماسلىق نومۇس دەپ ، ئەگەر رىئايە قىلمىغانلار بايقالسا 3ئاي سىياسى ئۈگىنىش قىلىپ يىللىق تەكشۈرۈش يىغىنىدا ئۆزىنى تەكشۇردۇ ھەم 6ئايلىق مۇئاشىنىڭ 25%تۇتتۇلىدۇ .يىل ئاخىرىدا ئىلغار بولۇپ سايلىنالمايدۇ
ھە راس مۇشۇ تىمىدىلا دەۋىرەي :يېقىندىن بىرى تور باشقۇرۇش يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىلدى ...تورلىرىمىزنىڭ سىياسى ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەلكىم بەزى تىمىلار قۇلۇپلانغان بولشى مۇمكىن شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنى قالايمىغان تىللىمىساڭلار...يەنە بىر خوشامەت بولدى دە بۇ
سىز كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنىڭىز بىلەن网警دەيدىغانلار سىزنىڭ ھەر قانداق ئورۇندا بولشىڭىزدىن قەتئى نەزەر تېپۋالالايدۇ...ئۆزىڭىزنى ۋە مۇشۇ تور بەتنى قۇرغان ئابابەكرىنى ئويلاڭ ... ھاياتلىقنى قەدىرلەپ توردا قالايمىغان گەپ سۆز تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى .
ئەمدى مىسرانىم تورىغا ئازراق كاپشىپ قوياي .بۇرۇن ماۋۇ مۇنبەرنىڭ سىستىمىسىدا تىمىنى يېزىپ يوللاشتىن بۇرۇن كۆرۈپ بېقىش دەيدىغان بىر يېرى بارتى قىنە شۇ يەر ...؟ شۇ يەرنى بىر ئەسلەگە ئەكىلىپ قوياشسىلا سادىغىڭغا كىتەيلا !!!
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى ئاتالمىش ساياھەتمۇ ئاخىرلاشقان بولدى... مەنبە : سەزگۈرى ۋە كونا ئاپراتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sazguri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-14 04:14 PM
|