پەرغانە ۋادىسىدىكى سىڭىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار (2-)
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
2. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش باسقۇچلىرى
ئۇيغۇر دىيارىدىن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش دولقۇنلىرى ئىزچىل ۋە ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇ خىل كەڭ كۆلەمدە ۋە ئاممىۋى يوسۇندىكى كۆچۈشلەر 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، بىز بۇ جەرياننى ئومۇمىي جەرياننى بەش دەۋرىگە ئايرىشىمىز مۇمكىن.
بىرىنچى باسقۇچ : (1759-1760-يىللىرى).
مەزكۇر باسقۇچ ، چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە يۈزبەردى. دەسلەپتە مانجۇرىيىنى بازا قىلىپ قۇرۇلۇپ بارا-بارا كېڭەيگەن توڭگۇس تىللىق مانجۇرلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلى’غا قەدەم باستى. مانجۇرلار ئالدى بىلەن جۇڭغار خاندانلىقىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىنى ئىگىلەپ، بولغاندىن كېيىن، 1759-يىللىرىدا قەشقەرىيىنى ئىگىلەشكە ئاتلاندى. قەشقەرىيە ئاھالىسى بۇرھانىدىن خوجا ۋە خان خوجا باشچىلىقىدا چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇپ بولدى. ئەنە شۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاھالىلىرى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، قوشنا بەدەخشان، پەرغانە ۋادىسى، يەتتەسۇ ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ بېرىپ ماكانلاشقان ئىدى. ئەنە شۇ يىللاردىن تارتىپ، تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى شەھەر ۋە دەھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ ئاھالىلارنىڭ -يەنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئەجدادلىرىنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈپ كېتىپ ماكانلىشىپ قېلىشى باشلاندى.
بۇ يىللاردىكى كۆچۈش ئىككى خاراكتېرغا ئىگە. بىرى، چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشقان ئاھالىلارنىڭ چىڭ قوشۇنلىرى پۈتۈن قەشقەرىيىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ قېچىش. يەنە بىرى چىڭ سۇلالىسى بۇ جايلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، قەشقەرىيە ئاھالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بۇرھانىدىن خوجا ۋە خان خوجىدىن ئىبارەت ئىككى ئاكا-ئۇكا خوجىلارنىڭ باشچىلىقىدىكى ئاق تاغلىقلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەزھەپ قارشىلىقىغا ئىگە قارا تاغلىقلارنى قوللىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ خىل تاكتىكىسى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ كۆپلىگەن ئاھالىلارنىڭ ئۆز خوجىلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ۋە ياكى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋالغان يەرلىك قارا تاغلىق بەگلەرنىڭ زۇلۇمى ھەم چىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەدەم-قەدەم پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چىڭ ھۆكۈمىتى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقاندىن كېيىن، بۇ جايلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ھاكىمبەگلىك تۈزۈمى يولغا قويۇپ، ئاساسلىقى قۇمۇل ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن ئۆزلىرىگە سادىق بەگلەرنى يۆتكەپ كېلىپ، رايوننى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا سالدى. بۇ بەگلەر ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى ھېسابلانغان يەرلىك ئاھالىلارغا چىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا تايىنىپ، ھەددىدىن-زىيادە زۇلۇم سالدى. چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرىيىدە يۈرگۈزگەن بۇ خىل باشقۇرۇش تاكتىكىلىرى ۋە بېسىملىرى مانجۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇشنى خالىمىغان ئاھالىلارنىڭ، بولۇپمۇ مانجۇرلارغا نىسبەتەن قارشىلىق ئىدىيىسىگە ئىگە ئاق تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ ئاھالىلارنىڭ توپ ۋە ئايرىم يوسۇنلاردا قوشنا پەرغانىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن بېرىپ يەرلەشكەن قەشقەرلىكلەر بىلەن بىرلەشتى.
ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچ: (1816-1864-يىللىرىغىچەبولغان ئارىلىق)
19-ئەسىر ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن چوڭ يېغىلىق دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1814-يىلىدىن تارتىپ، تاكى 1878-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم -تۇرپان ۋادىسى ۋە شىمالدىكى ئىلى ۋادىسىدىكى ئاھالىلار كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىپ، مانجۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى ئورناتتى. ئىلگىرى -كېيىن كۇچارنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت، خوتەننى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت ۋە ئىلىنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەتلەر بەرپا بولدى. بۇ ئارىلىقتا پەقەت قوقانلىك ياقۇپ بەكنىڭ قەشقەرگە كېلىپ، كۇچار، خوتەن ، ياركەنت ھۆكۈمەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى بەدۆلەت دەپ جاكارلاپ، يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ 13 يىل ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ھېسابلىمىغاندا، 1814-يىلىدىن 1864-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق قوزغىلاڭلار تەكرارلىق تۈسى ئالغان ئىدى. بۇ قوزغىلاڭلار غەلىبە قىلىش ۋە ئارقىدىن يەنە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قېلىش، ئارقىدىن يەنە قوزغىلىش ۋە يەنە مەغلۇپ بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولدى. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ رېت تەرىپى شۇكى، بۇلار 1816-يىلىدىكى قەشقەردىكى زىياۋىدىن قوزغىلىڭى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 1825-1828-يىللىرىدىكى جاھانگىر قوزغىلىڭى، 1830-يىلىدىكى يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭى، 1847-يىلىدىكى ۋەلىخان قوزغىلىڭى، 1857-1858-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ، 1864-يىلىدىكى، قەشقەر، كۇچار، ئاقسۇ خوتەن ۋە يەركەنت قوزھىلاڭلىرى.
مانا بۇ توختاۋسىز ئۇرۇشلار جەريانىدا قەشقەرىيىنىڭ ھەر قېتىم قايتىدىن چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىغا تەكرار چۈشۈشى ئەشەددىي ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولغاچقا، بۇ يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ، يەنى قوزغىلاڭلارغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ توختاۋسىز تۈردە كەڭ كۆلەمدە ۋە ئايرىم شەكىللەردە ئۆزىگە قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىياغا، بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ پاناھلىنىش ھەمدە شۇ جايلاردا يەرلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
3. ئۈچىنچى قېتىملىق باسقۇچ : (1877-1882-يىللىرى ئارىسىدا)
19-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي خەرىتىسى يېڭىدىن سىزىلىپ، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدا يېڭى دەۋر باشلاندى . مەلۇمكى، 1864-1865-يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلاپ، ئىلگىرى- كېيىن كۇچار قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. قەشقەر، خوتەن ۋە ياركەنتتىمۇ چىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. بۇ ۋاقىتتا قوقان ئوفىتسېرى ياقۇپبەك جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇكخان خوجىنى پەرغانىدىن ئېلىپ، قەشقەرگە كەلدى. ياقۇپبەك 1865-يىلىدىن قەشقەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئىگىلەپ، ئىلگىرى -كېيىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىنى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزدى. قەشقەرىيە ئوسمانلى ئىمپەرىيسى، چاررۇسىيە ۋە ئۇلۇغا برىتانىيە بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان بولۇشىغا قارىماي، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوسمانلىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىغا قارىماي، 1877-1878-يىللىرى ئارىسىدا چىڭ سۇلالىسى زور قوشۇن ئەۋەتىپ، قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ يەنە بىر قېتىملىق كۆچۈش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ قېتىمقى كۆچۈش بۇرۇنقى كۆچۈشلەردىن پەرقلىق بولۇپ، بۇ نۆۋەت مۇستەقىل قوقان خانلىقى تەۋەسىگە ئەمەس، بەلكى چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى تېررىتورىيىسىگە كۆچۈش بولۇپ ھېسابلاندى.
شىمال تەرەپتە ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر-تارانچىلارنىڭ 1865-يىلى، مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قۇرغان ئىلى سۇلتانلىقى،1871-يىلى چار رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىغاندىن كېين، 1881-يىلى "رۇسىيە-جۇڭگو ئىلى شەرتانىمىسى" ئىمزالىنىپ، رۇسىيە 10 يىل بېسىۋالغان ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندە ، ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئاز ساندىكى تۇڭگانلار چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، كوللېكتىپ ھالدا چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى يەتتەسۇغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى. بۇ كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسىمى تۈركمەنىستاننىڭ بايرام -ئالى رايونىغا كېلىپ يەرلەشتى. بۇ قېتىمقى كۆچۈش تارانچى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن "كۆچ-كۆچ" دەپ ئاتىلىپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن قوشاقلار ۋە خەلق ناخشىلىرى پەيدا بولغان ئىدى.
19-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ ۋاقىتتا تۈركىستاننىڭ غەربىي قىسىمى چار رۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قەدەممۇ-قەدەم چۈشۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. تۈركىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا بولسا بەدۆلەت رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇردى شۇنىڭدەك چار رۇسىيە يەنە ئىلىدىكى ئۇيغۇر تارانچى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، ئىلى ۋادىسىنى 10 يىل ئۆز خەرىتىسىگە كىرگۈزدى. مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مەھەل ئۇلۇغا برىتانىيە، چار رۇسىيە، ئوسمانلى ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى "چوڭ ئويۇن"( گرەئات گامە ) دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ئىمپېرىيىلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك تەسىر دائىرىسى ۋە مەنپەئەت تالىشىش كۈرەشلىرى قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى خالاس!.
مەركىزىي ئاسىيانىڭ بۇ ئىككى پارچىسىدا تاشكەنتنى مەركەز قىلغان چار رۇسىيىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسى، يەنى <<تۇركېستانسكاي گۇبېرنيا>> ( كېيىن تۇركەستانسكىي كراي دەپ ئاتالدى) ۋە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى تەسىس قىلىنىپ، مەزكۇر ئىككى ئىمپېرىيە بۇ رايونلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلكە سىستېمىسىدىكى ھەربىي-مەمۇري ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن باشقۇردى. ھەر ئىككىلا تەرەپ ھاكىمىيىتىنى پۇقرا مەمۇرىيلار ئەمەس، بەلكى ھەربىي گېنېراللار باشقۇردى.
4- قېتىملىق دولقۇن: (1900-1920-يىللىرى )
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولۇپ، بۇ چاغدىكى كۆچۈشنىڭ خاراكتېرىدا ئازراق پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ مەزگىلدە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا ياۋروپانىڭ سانائەت ۋە مەدەنىيەت تەسىرلىرى يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئېلى بولسا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ چەتتىكى ھەر جەھەتتىن قالاق قالدۇرۇلغان رايونىغا ئايلانغان ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدا بۇ ئىككى رايوننىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئوخشاشلا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. جۇڭگودا بولسا 1911-يىلى، چىڭ ئىمپەرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ، جۇڭگو جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر قايسى رايونلار ئايرىم مىلىتارىستلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يەرلىك خاندانلىقلىرىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ئۆلكىسىدە گېنېرال ياڭ زېڭشىن قاتارلىق جۇڭگو مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلدى. قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا، 1917-يىلى پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتلاردا ياڭ زېڭشىننىڭ <<نادان قالدۇرۇپ باشقۇرۇش>> سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا سانائەت، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىقتىساد ۋە باشقا ھەر جەھەتتىن قالاق قالدۇرۇلغان ئىدى. بۇ خىل قالاق ئىقتىسادىي ھايات، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ، قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا، يەنى رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلارغا بېرىپ، تىرىكچىلىك قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدىن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن پەرغانە ۋادىسىغا ۋە يەتتە سۇغا بېرىپ، مەدىكارچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كاسىپلىق ۋە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەتتا زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشتى.
شۇ يىللاردا قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن كەم دېگەندەك بىرەر ئادەمنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلەش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى[6]. ئۇيغۇرلار پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ جايلارنى، قىسقىسى پۈتۈن ئۆزبېكىستاننى قىسقارتىپ، << ئەنجان>> دەپلا ئاتايتتى. بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەملىرى تاشكەنتتىن تارتىپ يىراق ياۋروپا شەھەرلىرى ھەتتا موسكۋا، قازان، ئورېنبۇرگ، سانكىتپېتىربۇرگقىچە يېتىپ بېرىپ، مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى شۇ جايلاردىكى زاۋۇت ، كارخانا قاتارلىق جايلاردا قارا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تاكى 20-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە تەخمىنەن 30 يىل داۋاملاشقان بۇ جەرياندا يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ( قەشقەرلىكلەر) پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي تۈركىستان رايونىدا يەرلىشىپ قالدى.
بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا يەرلىشىپ قېلىشى تاكى 1920-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتى.
5-قېتىملىقكۆچۈش باسقۇچى:( 1954-1963-يىللىرى)
ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنى 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا قوزغالدى. بۇ كۆچۈشنىڭ سەۋەب ئامىللىرى يەنىلا ئالدى بىلەن سىياسىي، مىللەت ۋە ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ دەۋردىكى كۆچۈش ئىككى خىل تۇس ئالدى، بىرى رەسمىي سوۋېت پۇقرالىقى پاسپورتى بىلەن ئائىلىۋى ھالدا كۆچۈش، بۇ قەدەم-قەدەم ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتى. يەنە بىرى ئاممىۋى يوسۇندان چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈش بولۇپ، بۇ 1962-يىلى يۈز بەردى. بۇ كۆچۈشكە 9 ناھىيىنىڭ ئادەملىرى قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ 60 مىڭ ئادەمنىڭ سوۋەت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكىنى ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.
بىراق رۇس مەنبەلىرى 1962-يىلى، 66 مىڭ 500 ئادەمنىڭ قانۇنسىز ھالدا سوۋېت-جۇڭگو چېگرىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى، 1963-يىلى، ماي ئېيىدا بولسا، يەنە 46 مىڭ ئادەمنىڭ شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ قازاقىستانغا ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ(6). جۇڭگو مەنبەلىرى 1954-1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ پاسپورت ۋە قېچىش ئۇسۇلى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولۇپ، جۇڭگو مۇتەخەسىسى لى دەنخۇينىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېنىق سانلىق مەلۇماتىغا تايانغاندا، 1954-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 86890 سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھاجىرى ۋە ئۇلارنىڭ 45983 نەپەر ئائىلە -تاۋىئاباتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلدى. 1960-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە 8559 نەپەر سوۋېت مۇھاجىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20907 نەپەر ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر خىل سوۋېت ھۆججەتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەرمۇ بار.
[7]. يەنە باشقا جۇڭگو مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1954-1963-يىللىرىغىچە بولغان 9 يىل ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدىن جەمئىي 198 468 ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇسلار 18.8 % نى ئىگىلىگەن، يەنى 18،800 ئادەم بولغان(8). قالغانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە يەنە قازاقلارمۇ مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ شۇنىڭدەك يەنە بۇلارنىڭ ئىچىدە تاتارلار، ئوزبەكلەر، قىرغىزلار ۋە باشقا خەلقلەرمۇ بار.
ئەگەر مەزكۇر قانۇنلۇق قايتۇرۇلغان 198 مىڭ ئادەمگە 66 مىڭ ھۆججەتسىز ھالدا چېگرىدىن قاچقانلارنى قوشقاندا، 1954-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەرنىڭ سانى 260 مىڭدىن ئارتۇق بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەقتە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرلۇك ئۇچۇرلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ك ب گ سىنىڭ مەخسۇس شىنجاڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى، پولكوۋنىك توقان يۇسۇباقۇن يۇسۇباقۇنوفنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، 1955-1963-يىللىرى ئارىسىدا شىنجاڭدىن جەمئىي بىر مىليون ئادەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كوچۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار كوپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.
3. كۆچۈشلەردىكى ئاساسلىق سەۋەب-ئامىللار
1759-1760-يىللىرىدىن تارتىپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۆچۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ۋە ئامىللار ھەر خىل بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل رايوننىڭ سىياسىي ھاياتى، يەنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك غايىسى ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن رايوننى بېسىۋالغان تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باستۇرۇشى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتىن ئىبارەت ئىدى. بەلكى، 18-ئەسىردە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قوشۇنلىرى بۇ رايونغا بېسىپ كەلمىگەن بولسا، 18-19ئەسىردىكى بۇنداق كۆچۈشلەر بولمىغان بولار ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرى ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ، بۇ جايدا بىر ئايرىم ھاكىمىيەت قۇرۇلغان بولسا، بەلكى 20-ئەسرىنىڭ 50-60-يىللىرىدكى كۆچۈشلەر بولمىغان بولار ئىدى.
18-19-ئەسىرلەردىكى كۆچۈشلەر بىلەن 20-ئەسىردىكى كۆچۈشلەردە ئورتاقلىق ھەم قىسمەن پەرقلىق ئۆزگىچىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى ئىككىگە بولۇپ تەھلىل قىلىشىمىز مۇمكىن:
1) 18-19-ئەسىرلەردىكى كۆچۈشنىڭ خاراكتېرلىق سەۋەب-ئامىللىرى
ئومۇمەن قىلىپ، ئېيىتقاندا 18-19-ئەسىردىكى كۆچۈشلەر ھەر بىر قېتىملىق چىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزھىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتى نەتىجىسىدە چىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشى ۋە جازالىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىرى خوجىلارنىڭ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان ھەمدە خوجىلارغا سادىق ئاھالىلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .بىز بۇ يەردە بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن كورسىتىشكە تىرىشىمىز:
مەلۇمكى، 19-ئەسىردىكى كۆچشلەردە مانجۇ-چىنلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشىدىن ئەنسىرەش ئامىلىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى، 1881-1883-يىللىرى ئارىسىدا رۇسىيە تەۋەسىدىكى يەتتەسۇغا كۆچكەن تارانچى ئۇيغۇرلىرىدا ئېنىق بولغان . ئەنە شۇ تارانچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلار بلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان رۇسىيە تارىخچىسى رۇمىيانسېۋ تارانچىلارنىڭ ئىئىئى چىنگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چىنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورقۇپ رۇسىيە تەۋەسىدىكى جايلارغا كۆچۈش يولىنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[8]. ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئىلىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلىدىكى تارانچىلار ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدا قورقۇنۇچ ۋە ئەندىشە ھەم پانىكلار كۆتۈرۈلگەن ھەمدە تارانچىلار يېزا يېزا بويىچە كۆچكەن، ئىلىدىن كۆچكەن بۇ ئاھالىلارنىڭ سوتسىيال تەركىبى شەھەر ئاھالىلىرى، سودىگەرلەر، قول-ھۈنەرۋەنلەر ۋە دەھقان يېزا ئاھالىلىرى ئىدى[9].
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭ ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقى، قوزغىلاڭغا قاتناشقان خەلقتىن رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىش بىلەن ئۆچ ئالغانلىقى ئاھالىلاردا ھامان قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوشنا پەرغانە ۋە باشقا جايلارغا قېچىش ۋە كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ 1759-1765-يىللىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى ھەمدە 1816-1878-يىلىغىچە بولغان قارشىلىقلارنى باستۇرۇش جەريانلىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئىگىلەش قىيىن، ئەمما چىنلەرنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقى ھەقىقەت. جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدا چىڭ سۇلالىسى ئەنە شۇنداق قىرغىن قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار 6 ئايغىچە شەھەرنى مۇداپىئە قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. چىڭ سۇلالىسى قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىلىدىن بىر تۇمەن كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كەلگەن ھەتتا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى << ئۇچتۇرپان ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئۇرۇقىنى قالدۇرماي، ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ يوقىتىش كېرەك>> دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى[10]. ئەنە شۇ بۇيرۇق بويىچە قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، شەھەر ئىچىدىكى 2300 نەپەر ئۇيغۇر قوزھىلاڭچى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلانغان[11]. چىڭ ئەسكەرلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن خەلق ئۈستىدىن قانلىق چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىپ[12]، قورامىغا يەتكەن ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى قىرىپ تاشلىغان[13]، ئاجىز ياشانغانلار، ئاياللار ھەم بالىلار كوللېكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان[14]. ياش ئاياللارنىڭ بىر قىسىمى مەجبۇرىي تۈردە چېرىكىلەرگە خوتۇنلۇققا بېرىلگەن . نەتىجىدە 20 مىڭ نوپۇسلۇق ئۇچتۇرپان ئادەمسىز قالدۇرۇلۇپ، كېيىن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە يەركەندىن ئىبارەت توت شەھەردىن 500 ئائىلە كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان[15].
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدىمۇ يەنە كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلغان بولۇپ، جاھانگىر خوجا 1820-يىلى، 1824-يىلى، 1826-يىلى، ئۈچ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئالدىنقى قېتىملىق ھەرىكەتلەردە غەلىبە قازىنالماي، ئۇنىڭ قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن نۇرغۇن كىشىلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. ئەمما، 1826-يىلى، ئىيۇلدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، ئۇزۇن ئوتمەي قەشقەر، يەركەنت، يېڭىھىسار ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارغىچە بولغان رايونلاردىكى چىڭ قوشۇنلىرى يوقىتىلىپ، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەر ئومۇمىي يۈزلۈك جاھانگىر خوجىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى. بىراق، بۇ ۋاقىتتا چىڭ ھۆكۈمىتى جاھانگىر قوزغىلىڭىنى تىنجىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئەسكىرى كۈچىنى ئاقسۇغا توپلىغان بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ 40 مىڭغا يېقىن مۇنتىزىم قوشۇنى بىلەن جاھانگىر خوجا قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا ئاقسۇ شەھىرى يەنىدىكى قۇمباش، ئۇچتۇرپان، كەلپىن قاتارلىق جايلاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر قاتار ئۇرۇشلار بولدى. چىڭ ئىمپېرىيىسى قوزغىلاڭنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئەڭ ۋەھشىي قىرغىنچىلىق چارىسى قوللانغان بولۇپ، جاھانگىر خوجىنى قوللىغان ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى << ئوغرىلار>> دەپ جاكارلاپ، قاتتىق قىرغىنچىلىق قىلىپ جازالاش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تىنجىتماقچى بولدى. چىڭ قوشۇنلىرى 1826-يىلى، 9-ئايدىن تاكى 1828-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان بىر قاتار ئۇرۇشلار جەريانىدا قوزغىلاڭچىلار ئۈستىدىن بىر قاتار دەھشەتلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. مەسىلەن، 1826-يىلى، 23-سېنتەبىر كۈنىدە قۇمباش ئەتراپىدىكى ئۇرۇش جەريانىدا 1000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى ۋە پۇقرالارنى قىرىپ تاشلىدى. 11-ئايدا كەلپىن ئەتراپىغا ھۇجۇم قوزغاپ، 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى. چىڭ قوشۇنلىرى 1827-يىلى، 3-ئايدا قەشقەرگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلاپ، يەڭىئېرىق، بارچۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا كەلگەندە يەنە 3000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى ئاممىنى قىرىپ تاشلىدى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلىشىغا ئائىت سانلىق ئۇچۇرلارنى ۋە بەزى ئەھۋاللارنى ھازىرقى زامان تارىخىي كىتابى << شىنجاڭ قىسقىچە تارىخى>> ھەمدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ رەسمىي تارىخىي ھۆججەتلىرى توپلىمى ھېسابلىنىدىغان << چىڭ شىلۇ>> دىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن.
<< شىنجاڭ قىسقىچە تارىخى>> دا چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جاھانگىر غوجىغا ئەگەشكەنلەرنى قانداق قىرغىن قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كىرگۇزۇلگەن بولۇپ، 1827-يىلى، 20-مارت كۈنى چىڭ قوشۇنلىرى جاھانگىر خوجىنىڭ قوشۇنلىرى ئورۇنلاشقان يېزىسىغا ئۈچ يول بىلەن باستۇرۇپ كىردى ھەم ئارقىدىنلا پەيزىۋاتقا ھۇجۇم قىلىپ، پەيزىۋات تەۋەسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەمدە 2500 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى. << چىڭ شىلۇ>> دىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋاتتىكى يېڭىئاۋات يېزىسىغا جاھانگىر خوجىنىڭ قوزغىلاڭچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، 100 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئورۇنلاشقان بولۇپ، چىڭ قوشۇنلىرى بۇ يەرگە ھۇجۇم قوزغاپ، زەمبىرەكلەرنى ئىشقا سېلىپ، قاتتىق قارشىلىقلارنى بويسۇنۇدۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلار دىن 40-50 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى( 16). چىڭ قوشۇنلىرى ئارقىدىن يەنە يانداما قاتارلىق جايلاردىمۇ قىرغىن قىلدى.
چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قەشقەر كونا شەھىرى ۋە قوزغىلاڭچىلار قولىدىكى مانجۇ شەھىرىنى ئىگىلەش ئۇرۇشى جەريانىدىمۇ ئەنە شۇنداق قىرغىنچىلىق قىلىش ئۇسۇلى قوللانغان بولۇپ، جۇڭگو مەنبەلىرى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ 1927-يىلى،26-27-مارت كۈنلىرى قەشقەرنى ئېلىش ئۇرۇشى جەريانىدىلا 60 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خوتەننى ئېلىش ئۇرۇشىمۇ ئەنە شۇنداق قىرغىنچىلىق بولدى. خوتەن ئۇرۇشى جەريانىدا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم چىڭ قوشۇنىنىڭ قولىدا ئولدى.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭغا قاتناشقان ، ياكى قوللىغان ۋە ياكى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ ھەم بۇ مەزھەپتىكى خوجىلارنى قوللىغانلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول جازالاش چارىسى قوللانغان بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە قارا تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلار قوراللاندۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرغۇچىلارغا قارشى قويدى. چىڭ سۇلالىسى ئىزچىل تۈردە ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلارنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلانغان بولۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى مەيداندىكى ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا قارا تاغلىقلاردىن تۈرلۈك شەكىلدە پايدىلانغان ئىدى. قارا تاغلىقلار قوزغىلاڭغا قاتنىشىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ بەزى خوجىلىرى ۋە بەگلىرى ئاستىرىتتىن چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى ۋە چىڭ قوشۇنلىرىنى ئاق تاغلىق قوزغىلاڭچىلار ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش، چىڭ قوشۇنلىرىنى ئاشلىق، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش ۋە ھەتتا ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش يولىنى تۇتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىشى تەبىئىي ئىدى.
جۇڭگو مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلگەن ئەشۇ سانلىق مەلۇمالارنى جەملىگەندە چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جاھانگىر خوجا قوزھىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا، يەنى 1820-يىلىدىن 1828-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا ئولگەن ئادەمنىڭ سانى ئاز دېگەندە 110 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ چىقىدۇ. يارىدار قىلىنغان، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە كېيىن جازالانغانلارنىڭ سانى بۇ يەردە ئېنىق ئەمەس. << چىڭ شىلۇ>> دىمۇ چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قۇمباشتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىلگىرى-كېيىن يېڭىئاۋات، شاپتۇل قاتارلىق جايلاردىلا 100 مىڭدىن ئارتۇق توپىلاڭچىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قانچە مىڭنى تۇتقانلىقى ھەم قارشىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ(17).
ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىمۇ بەزى ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، موللا مۇسا سايرامى مۇنداق مەلۇمات قالدۇرىدۇ:
<< جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، چىڭ چىرىكلىرى جاھانگىر خوجا دەۋرىدە قەشقەردە مەنسەپ تۇتقان ياكى خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى، يەر-مۈلۈكلىرىنى ۋە چارۋا-ماللىرىنى ئولجا ئالغاندىن تاشقىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل-قىز، كىچىك بالىلارنى ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ، بۇ تەرىپى ئىلى، ئۇ تەرىپى لەنجۇغىچە ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگولارنىڭ ئىشلىتىپ خىزمەتك سېلىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى>>[18]. ئۇ، يەنە بۇ ئىشتىن كېيىن قوقان خانىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن چىڭ خانى يارلىق چۈشۈرۈپ، ئولجا ئېلىنغان بۇ بالىلار ۋە ئاياللارنى يۇرتلىرىغا قايتۇرغانلىقى، لېكىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ بۇ ئارىدا چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىگە خوتۇنلۇققا تۇتۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك بولغانلىقى ھەم بالىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى يازىدۇ[19].
بەلكى ، مۇسا سايرامىنىڭ بۇ مەلۇماتى 1830-يىلى، قوقان خانلىقى بىلەن چىڭ ئىمپەرىيىسى ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلۈپ، قوقانلىكلەرنىڭ قەشقەردە زور سودا ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئارقا كورۇنۇش بىلەن باغلىنىشلىق بولسا كېرەك.
مۇھەممەد ئاتىف ئۆزىنىڭ <<تارىخىي كاشغەر>> ناملىق كىتابىدا 1847-يىلىدىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەشىلىلىكلىرنىڭ شۇ قېتىملىق كۆچۈشكە سەۋەب بولغانلىقى ھەمدە كۆچۈشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، قەشقەر ئاھالىلىرىنىڭ <<چىنلىقلار كېلىدىغان خەۋپ ۋە ۋەھشىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن قىشنىڭ سوغۇقلىرى ۋە يوللارنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي قوقانكە كۆچكەنلىكى>>نى كۆرسىتىدۇ.[20]
چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىدىكى رەھىمسىزلىكلىرى ۋە قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، تەرتىپ ئورنىتىلغاندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە خوجىلار ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان ۋە قوزھىلانغا قاتناشقان ھەم ئەگەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرى قوللانغانلىقى ،ۋەلىخان تۆرە قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەلىخاندىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە زۇلۇم سالغانلىقى چوقان ۋەلىخانوف تەرىپىدىنمۇ تەكىتلەنگەن. ئۇ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:
<< جۇڭگولۇقلار قەشقەرنى ئىگىلەپ، ۋەلىخاندىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە ئىش تۇتتى. بولۇپمۇ، ئاشلىق، چارۋا -مال، يەم-خەشەك ۋە باشقىلارنى يىغىپ بەرگەن ئەتراپتىكى يېزىلار جۇڭگولارنىڭ زەربىسىگە بەكرەك ئۇچرىدى. ھەتتا مەسچىتلەرنىڭ دەرىزە، ئىشىك ھەم خوجىلارنىڭ مازارلىرىنىڭ ياغاچ قىسىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ زور دات-پەرياتلىرىغا قارىماي ئوتۇن قىلىپ ئىشلىتىلدى. قالماقلار مەسچىتلەرنىڭ ئىچىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتخانىسى قىلدى ھەمدە يەرلىك كىشىلەرنى سەۋەبسىز ئۇردى ھەمدە ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى.>>[21].
ۋەلىخان قوزغىلىڭى باستۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەرگە كەلگەن چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بىۋاسىتە ئىشەنچىلىك مەلۇمات توپلاشقا مۇۋەپپەق بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە يېڭىدىن ھاكىمبەكلىككە تەيىنلەنگەن قۇتلۇقبەك قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە باشقىلارغا ساۋاق بېرىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ۋەلىخانوفنىڭ بايان قىلىشىچە، قوزغىلاڭچىلارنى قوللىغان شەيىخ ئاخۇن ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ چوڭ ئوغلى قازى ئاخۇن تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۇرۇپ قىيناشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن كاللىسى ئېلىنغان، باشقا ئىككى ئوغلى بولسا قورقۇپ قوقانكە قېچىپ كەتكەن[22].
چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان خەلقلەرگە قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقى ۋە تالان-تاراج قىلىشى 1877-1878-يىللىرى زو زوڭتاڭ ۋە لىئۇ جىنتاڭ قوماندانلىقىدىكى ھەربىي يۈرۈشى جەريانىدا يۈز بەردى. چىڭ قوشۇنلىرى داۋانچىڭدىن ئۆتۈپ، تاكى ياركەنت ۋە قەشقەرغىچە بولغان جايلارنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم جايلاردا قاتتىق قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ھەر بىر قېتىملىق قارشىلىق قاتتىق باستۇرۇلدى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك جازا يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ كۆپ ساندىكى ئاھالىسى چىڭ قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتۈپ كەتتى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار، بولۇپمۇ ياقۇپ بەك ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتتىق ۋە رەھىمسىز بولدى. ھەتتا ياركەنتتە ياقۇپ بەكنىڭ ئايالى، ئىككى كىچىك ياشتىكى ئوغلى ھەم ئۇچ نەۋرىسى لىئۇ جىنتاڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى[23].
جۇڭگو تارىخچىسى گۇئو يىڭدېنىڭ يېزىشىچە، 1877-يىلى، لىئۇ جىنتاڭ ياركەنت ۋە خوتەننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن 7450 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 1166 ئادەم مانجۇرلارغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار ئىدى. لىئۇ جىنتاڭ بۇ ئادەملەرنى كوللېكتىپ قىرىپ تاشلىدى ،قالغان چەتئەللىك سودىگەرلەر، دىنىي زاتلار ۋە باشقىلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى[24]. 1878-يىلى، تېخى قەشقەردىن كەتمەي يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ياقۇپ بەكنىڭ ئىلگىرى سانكتپېتېربۇرگ ۋە تاشكەنتكە ئەۋەتكەن ئەلچىسى موللا تۇراپ خوجا مەخپىي تۈردە تۈركىستان گۇبېرناتورىغا خەت ئەۋەتىپ، چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ، خېتىدە قەشقەر، ياركەنت ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تەبىقىدىن كېلىپ چىققان 72 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان[25].
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى پۈتۈن قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى بايلارنىڭ، قوزھىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى، مال-مۈلكى ۋە بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلغان بولۇپ، زو زوڭتاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ خاتىرە قالدۇرغان:
<< لىئۇ جىنتاڭ قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلىش ۋاقتىدا شەھەرنىڭ زور كۆپچىلىك ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۆي-ماكانلىرى، بايلىقلىرى ۋە قىممەت باھالىق ئۈنچە-مارجانلىرى نى تاشلاپ چەتئەلگە، رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەن ۋە بۇلار لىئۇ جىنتاڭ تەرىپىدىن يىغىۋېلىندى . بۇلارنىڭ قىممىتى 70،153 لياڭ( سەر) كۈمۈشكە باۋارەر. سابىق توپىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىندى. بۇنىڭ قىممىتى 4827 سەر كۈمۈشكە تەڭ>>[26].
زو زوڭتاڭ ۋە لىئۇ جىنتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ياقۇپبەك ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، بۇ ئۆلكىنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش جەريانىدا تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك بىرى ياقۇپ بەكنىڭ پارغانىلىقلارنى مۇھىم باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قويۇپ، يەرلىكلەرگە نىسبەتەن ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسىتى قوللىنىشىدىن پايدىلىنىپ، ياقۇپ بەككە نارازىلىقى بار بىر قىسىم يەرلىك بەگلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ياقۇپ بەكنى ئۆلتۈرۈش ھەمدە قەشقەرىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ئىختىلاپلىرى ۋە پەرغانىلىقلارنىڭ كۆپ ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ، يەرلىك بەگلەرنى چەتكە قېقىش قاتارلىق تەرەپلەر بۇ دۆلەتنىڭ يوقىلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جازا يۈرۈشى جەريانىدا ياقۇپ بەك ھاكىمىيىتىنىڭ ھامان يىمىرىلىشىنى كۆرگەن قەشقەرىيە يەرلىك ئاھالىلىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس بەگلەر ، سودىگەرلەر ھەم باشقىلار ئۆز ھاياتىنى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چىڭ قوشۇنلىرىغا ئالدىدا بەيئەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ماسلاشتى. بىراق، بۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس بولۇپ، يەنىلا ئومۇمىي خەلق ئۆز مۇستەقىل ھاكىمىيىتى بولغان يەتتە شەھەر دۆلىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى ۋە ياكى سۈكۈت قىلىش ئۇسۇلى قوللاندى. بەزىلىرى بولسا ۋەتىنىنى تاشلاپ كېتىش يولىنى تاللىدى ،ئەمما 1878-يىلى پۈتۈن قەشقەرىيە ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، زو زوڭتاڭ ۋە لىئۇ جىنتاڭ گۇرۇھى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، بۇ رايوننى ئىشغال قىلىش جەريانىدا قوللانغان دەسلەپكى بەزىبىر يۇمشاقراق تاكتىكىلىرىنى ۋە چاقىرىلىقلىرىنى ئۆزگەرتتى. نەتىجىدە، بىر قىسىم جايلاردىكى خەلق قايتىدىن قارشىلىق كۆرسىتىش پارتىزانلىر ئۇرۇشلىرىغا ئۆتتى. پەرغانىغا كەتكەن ياقۇپ بەكنىڭ ئوغلى بەك قۇلبەك ۋە ھاكىمخان تۆرە قاتارلىقلار يەنە قوشۇن تەييارلاپ چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلەر قىلدى. 1879-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىدىكى قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلۇپ، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. 1879 -يىلى ۋە 1880-يىلى يەنە قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن بېرىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا كەتتى[27]. ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ياقۇپ بەكنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان خوتەننىڭ ۋالىيسى نىياز بەكمۇ چىڭ ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى تۇتتى. بىراق، ھازىرقى زامان جۇڭگو تارىخچىلىرى زو زوڭتاڭنىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ، ئۇنى <<ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان قەھرىمان>> دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ شەنشىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى نەسلىدىن يوقىتىش تۈسى ئالغان ئېتنىك تازىلىشى ھەتتا خەنزۇلارنىڭ مانجۇلارغا قارشى مىللەتچىلىك قوزغىلىڭى-تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەر سۈپىتىدە مەدھىيىلەيدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى پۈتۈنلەي ئاخلاپ، پەدەزلەپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلغۇچى تەرىقىسىدە كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن، بىر قىسىم تارىخچىلار 18-19-ئەسىرلەردىكى خوجىلار باشچىلىقىدىكى بارلىق قوزغىلاڭلارنى قارىلاپ، بۇنى خوجىلارنىڭ "تاجاۋۇزچىلىقى" دەپ ئاتايدۇ ھەمدە خوجىلارنى "زوراۋان"، "بۇلاڭچى"، خەلقنى "مەجبۇرىي ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن" دەپ چۈشەندۈرۈش بىلەن چىڭ قوشۇنلىرنىڭ ھەر قەتىملىق باستۇرۇش ئۇرۇشلىرى جەريانىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان قىرغىنچىلىقلىرىنى كۆرسەتمەي، ئۇنىڭدىن چەتنەپ ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىش ھەرىكەتلىرىنى بولسا، خوجىلار تەرىپىدىن "مەجبۇرلانغان" دەپ تەرىپلەيدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان جۇڭگو دۆلەت بىرلىكى ئىدېئولوگىيىسى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيىسى پۈتۈن جۇڭگونى بويسۇندۇرۇش جەريانى ۋە بويسۇندۇرغاندىن كېيىن پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ئۇزۇن مەزگىل خەنزۇلارنىڭ مانجۇرلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى داۋاملاشقان ئىدى. بۇ ۋەقەلەر ئادەتتە جۇڭگو تارىخىدا << فان مان يۇندوڭ>> يەنى <<مانجۇلارغا قارشى ھەرىكەت>> دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو تارىخچىلىرى تەرىپىدىن خەنزۇلارنىڭ تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى ۋە باشقا مەن چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى بۇ ھەرىكەتلىرى بولسا، ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ چۈشەندۇرىلىدۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋە ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى بولسا قارىلىنىدۇ. ئەمەلىي تارىخى رەئاللىقتىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار، مونغۇللار ، تۇڭگانلار ۋە باشقا مىللەتلەر خۇددى خەنزۇلارغا ئوخشاشلا مەنچىڭ خاندانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغۇچىلار بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئوخشاش ئىدى. لەكىن، مانجۇلار پۇتۇن ئىمپەريىنى ئىدارە قىلىش ئۇچۇن خەنزۇ يۇقىرى تەبىقە گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى دۆلەتنى ھەربىي-سىياسىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇردى. خەنزۇلار، تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ ھەممىسىنى باستۇرۇشتا ئەشۇ گۇرۇھ ئاكتىپ رول ئوينىدى.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 1759-1760-يىللىرىدىن تاكى 1954-1963-يىلىغىچە بولغان ئىككى ئەسىر تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشلىرى دائىم كەڭ كۆلەملىك تۈس ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ جەرياندىكى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلەر ھەر 20-60 يىلدا بىر قېتىم يۈز بەرگەن. مەسىلەن، 1759-1760-يىللىرىدىكى كۆچۈشتىن ، 60 يىللار ئۆتۈپ، 1816-1880-يىللىرىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن، 30-40 يىللار ئۆتۈپ، 20-ئەسىرنىڭباشلىرىدا ۋە يەنە 30-40 يىللار ئۆتۈپ، 1950-60 يىللاردا يۈز بەردى.
بۇ ئىككى ئەسىر ئىچىدە ئەڭ زور كۆچۈشلەر 1816-1882-يىللىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم يۈز بەردى. ھەتتا بۇ جەرياندا ھەر بىر قانچە يىل ، ئون نەچچە يىللار ئىچىدە بىر قېتىمدىن تەكرار يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتلاردىكى كۆچۈشنىڭ قېتىم سانىنىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن قاراپ تۇرۇپ، 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىق پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپەيگەن باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ يەرلەشكەن بىر قىسىم قەشقەرىيىلىك ئەرلەرنىڭ تەكرار ئۆزلىرىنىڭ خوجىلىرىغا ئەگىشىپ ، قايتىدىن ئانا ۋەتىنى قەشقەرىيىنى مانجۇلاردىن قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەرغانە ۋادىسىغا يەرلەشكەن قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.
2) 20-ئەسىردىكى كۆچۈشلەرنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى
يۇقىرىدا قەيت قىلغاندەك، 18-19-ئەسىرلەردىكى كۆچۈشلەردە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ باستۇرۇشىدىن ساقلىنىش خەۋپى بولغان بولسا، 20-ئەسىردىكى كۆچۈش قويۇق سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قوشما پەرغانە ۋادىسىدا يەرلىشىپ قېلىشىدا ھەمدە ئىككىنچى يېرىمىدىكى كۆچۈش ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئامىلنى نەزەرگە ئېلىش لازىم.
بىرىنچى ئامىل، بۇ رايونلاردا ئىلگىرىدىنلا يەرلىشىپ بولغان بىر قانچە ئەۋلاد زور ساندا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلار بىلەن بولغان نىسبەتتە مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى.
ئىككىنچى ئامىل. ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئامىلى. بۇ رايوننىڭ چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەركىبىدە بولۇش بىلەن سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە سانائەت جەھەتلەردىن ئۇيغۇر ئېلىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلغار ۋە راۋاجلانغان بولۇشى.
بولۇپمۇ،1918-يىلىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ،ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئۆزگىرىشلەر. بولۇپمۇ مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتلەردىكى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلار.
ئۈچىنچى ئامىل. سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيە ۋە مىللەتپەرۋەرلىك .
1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. رايوندا مۇستەقىللىق، ئىسلامى گۈللىنىش، تۈركچىلىك، كوممۇنىزم قاتارلىق يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
بولۇپمۇ، گرازھدانلار ئۇرۇشى مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي چېگرىلارنى ۋە مىللىي مەمۇرىي چېگرىلارنى ئايرىش ھەم بېكىتىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئايرىم مىللەت ھەم مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى ھەمدە ئايرىم ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدىيىلىرى دۇنياغا كەلدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، كوممۇنىستلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ << قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىشچى دېھقانلار ئىتتىپاقى>> دەپ ئاتالغان تەشكىلاتى 1921-يىلى،4-ئىيۇندا تاشكەنتتە تۇنجى قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىپ، بۇ ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، << ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى >> دېگەن نام ئاستىدىكى تەشكىلاتنى قۇردى. بۇلارنىڭ تۈپ سىياسىي شۇئارى ، ئابدۇللا روزىباقىيېۋ قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە <<ئۇيغۇرسىتان>> ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار قەشقەرلىك ۋە تارانچى دەپ ئاتالغان ئاھالىلارنىڭ ئايرىم خەلق ئەمەس بەلكى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىيدىن كۆچۈپ چىققان بىر خەلق-ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، ئۇلارغا ئورتاق ئۇيغۇر نامىنى بېكىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ پروگراملىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قوشنا شىنجاڭدىكى جۇڭگو مىلىتارىست ھاكىمىيىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۇ يەردىكى ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار گېزىت ۋە مەبۇئاتلارنى پەيدا قىلىپ، كەڭ تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان خەلقلەر بۇ ھەرىكەتلەرگە قوشۇلدى ۋە قوللىدى. دېمەك ئەنە شۇنداق خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ بارسا، مىللىتارستلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىشى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان قالاق ۋە مۇستەبىت ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈمنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقىدىن بۇ جايلارغا يەرلىشىش يولىنى تاللىغان.
مەلۇمكى، 1931-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، 1933-يىلى، 12-نويابىردا قەشقەردە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ھۆكۈمەتنى قوللىماي، خەنزۇ مىللىتارستى شېڭ شىسەينى قوللاپ، سوۋېتپەرەس ئۆلكە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئۆلكىگە مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھال ئۆلكىنىڭ سوۋېت مودېلىدىكى مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىش مەنزىرىسىنى ياراتتى. بارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئاساسەن دېگۈدەك ،سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كېلىندى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈپ قايتىپ كەلدى.
1944-يىلىغاكەلگەندە ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى بولۇپ، غۇلجىدا <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى>> قۇرۇلدى. مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى تاكى 1949-يىلى، جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭنى ئىگىلىگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق ئازاد ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە ئۆلكىنىڭ باشقا جايلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل تەسىرى ئاستىدا بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1946-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭدا سوۋېت پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ئېلىپ بېرىپ، زور ساندا كىشىلەرگە سوۋېت پاسپورى تارقاتتى.
1949-يىلىدىن كېيىن، ئۆلكىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشىدىن كېيىن كېلىپ چىققان بىر قاتار، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ،مىللەتپەرۋەرلىككە زەربە بېرىش ھەمدە سىياسىي كۈرەشلەر شۇنىڭدەك يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېغى چېكىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ 1955-يىلىدىن تاكى 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا رەسمىي ھۆججەتلەر بىلەن سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا كۆچۈشى، 1962-يىلى، ماي ئېيىدا كەڭ كۆلەمدە ، ئاممىۋى يوسۇندا چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.