|
|
|
|
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى يەنە غەلبە قىلدى شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە << لۇنىڭ >> لوڭقىسىنى تالىشى مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر تەكلىپلىك مۇسابىقىسىنى ئويناۋاتقان غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلنغۇچ مەكتەپ << ئەمىن >> پۇتبول كاماندىسى ( غۇلجا شەھەر ئەمىن ئۆي مۇلۇك شېركىتى ئىقتىسادى ياردەمدەبولدى ) نىڭ تۇنجى غەلبە خەۋىرىنى تۇنۇگۈن يوللىغان ئىدۇق . بۇگۈن بۇ ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى يەنە قوش غەلبىنى قولغا كەتۇردى . 9- 10 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بىڭجوۋ بىڭچىڭ 6- ئورتا كاماندىسى بىلەن مۇسابىقىغە چۈشۈپ 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يەڭدى. 11- 12 ياشلىقلا گۇرۇپپىسى بېيجىڭ يېيۇ كاماندىسى بىلەن مۇسابىقىغە چۈشۈپ 0 قارشى 7 نەتىجە بىلەن يەڭدى. ( مەزكۈر كاماندا لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ 1 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەربىيىلىگەن كاماندىسىنى يەڭگەن كاماندا ) مۇسابىقا بەكمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى . نىمىسىنى دەيسىز . يەنىلا شۇ سېسىق چوقەي بىلەن بوتىسقا جەڭ ئېلان قىلدى. ئەزىمەتلىرمىز مەردانىلىق بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. ئۇلارنى ئىپادىسى بەكلا ياخشى بولدى . ھۇجۇمچى ئەزىمەت مۇسابىقە باشلىنىپلا 10 مىنۇت ئىچىدە 3 توپ ئۇردى، ئەزىمىتىمىز ئادىلجاننىڭمۇ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، ئىككى قېتىپ 3 مۇھاپىزەتچىنى بېسىپ ئۆتۈپ شۇنداق چىرايلىق توپتىن ئىككى ئۇرۇپ ۋارتاغا كىرگۈزدى. يەنە بىر ئەزىمىتىمىز ئالىمجاننىڭمۇ ئىپادىسى بەك ياخشى بولىۋاتاتتى، لىكىن ئىككىنجى مەيداندا ھۇجۇم جەريانىدا يەڭگىل يارىلاندى. بۈگۈنكى مۇسابىقە تۇنۇگۈنكى مۇسابىقىدىنمۇ جىددى بولدى. بىز ھازىر بۇ ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ سىم فىلىملىرىدىن كۆرۈنۈشلەرنى رەتلەۋاتىمىز پات ئارىدا كۆپچىلىكنىڭ ھۆزۇرغا سۇنىمىز. تۆۋەندىكىلەر بۈگۈنكى مۇسابىقە ۋە پائالىيەتلەردىن تارتىلغان سۇرەتلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-14 01:53 PM
|
|
|
|
|
|