مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 582|ئىنكاس: 12

ئەبجەش خىياللار (4) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48999
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6714
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2039 سائەت
تىزىم: 2011-7-24
ئاخىرقى: 2012-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 06:15:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       مۇشۇ كۈنلەردە تىمىسى يوق خىياللارنى قىلىۋىرىپ،مۇنبەرگىمۇ مۇشۇنداق تىمىسى يوق، ياكى ئەبجەش پاراڭلارنى   يوللاۋىرىدىغان بولۇپ قالدىم.ئامال يوق،ئەمدى شۇ قالپاققا چۇشلۇق كاللا بولمىغاندىكىن،قالپاققا دەسمى سالغاندىن كاللىغىلا ئىشلەي دىدىم، يەنە كىلىپ،بۇ ئەبجەش خىياللىرىمنى بىر تىمىغا چۈشۈرۈپ باغلاپ قويساممۇ،بەرىبىر بىر قىلىپقا چۈشۈرەلمەيمەن.تۇرۇپ،مەنمۇ شۇ ئەبجەش خىياللىرىمنى ۋەتەنگە نەچچە ھەپتىلىك ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ قويسام،دەپ ئويلايدىغان بوپقالدىم.خىياللىرىمۇ بىربىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسىنى ئۆگىنىپ،ئۆزىگىلا خاس خاراكتىرىنى،رەڭدارلىقىنى نامايان قىلىمەن دەپ ئىشنى بۇزمايتتى...دىمىسىمۇ ئۇ ئۇششاق چۈششەك خىياللارغا نىمە قويۇپتۇ ئۆزلۈكنى...شۇ خىياللارغا ئىگە بولۇۋاتقان بىزلەر جىنىمىزدا ئۇنچە قىلمايمىز ئۇ ئۆزلۈك،كىملىك دىگەنلەرگە...
       بۈگۈن توردا "ئاپتوماتتىن قورقامسەن قىزىم"ناملىق بىر تىمىنى ئوقۇپ قالدىم،ھەم نەچچە كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى،نەچچە كۈن بۇرۇن،يەرلىك خوشنامنىڭ ئوغلى مەكتەپكە ئويۇنچۇق تاپانچىسىنى ئىلىپ بارغانىكەن، سىنىپ مەسئۇلى شۇ كۈنىلا ئۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسىنى چاقىرىتىپ كىلىپ،ئوغلىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق يامان خاراكتىرلىك نەرسىنى كۆتۈرۈپ بالىلار بار يەردە يۈرمەسلىكىنى تاپىلاپتۇ،تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم،بىزنىڭ ئۇ يەردا ئويۇنچۇق ئاپتومات ئەمەس،ھەقىقىي ئاپتوماتنى كۆتۈرۈپ،مەكتەپلەر ئالدىدىمۇ "قوغداش"ئىلىپ بىرىۋاتسىمۇ،ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن ھىچگەپ ئەمەس بولۇپ قالدى،ھەتتا، مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن تارتىپ شۇنداق ماسلىشىپ بىرىۋاتىدۇ،شۇنىڭغا قاراپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە كۈلگۈم كەپقالدى،بالىلار ئاپتوماتتىن قورقسىمۇ،مەجبۇرلاپ كۆرسىتىۋەسە،خۇددى بىزنىڭ بالىلاردەك قورقماسمۇ بولۇپ كىتە بولغىيتتى بەلكىم،نىمانچىمۇ قورقۇنچاق خەقتۇ بۇ...بولسا تىخى تۇغۇلمىغان بالىلارغىمۇ ئاپتومات تەربىيىسى ئۆتۈلسە،ھىلىقى ئۈچ ئايرىلالماسلىققا قىتىپ ئاپتوماتچى تاغىلىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز دەپ شوئار توۋلىساق...بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن باتۇر مىللەتكەنمىز...
       ئاپامغا بۈگۈن تىلىفۇن قىلغانىدىم،شىكەر ئارىلاشتۇرۇلغان چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ،ئاپام ئەزەلدىن تاتلىق يىمەيدىغان...لىكىن ھەيرانمۇ قالمىدىم،يەۋەرسە ھەسەلمۇ ئەمىن تىتىغاندەك،ئاچچىقنىمۇيەۋەرگەنسىرى ئەمىن تىتىيدىغان بولۇپ قالىدىكەن،ئاپاملارغۇ ھىچ بولمىسا شىكەرمۇ ئالالمىغۇدەك كۈندە ئەمەس،لىكىن،بۇرۇن مەن ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىمدا بىلىدىغان بىرلىرى بولىدىغان،ئاچچىقنى ياخشى كۆرگەچكە ئەمەس بەلكى تاتلىقنى تاپالمىغاچقا ئاچچىقلا يەپ يۈرىدىغان...ئاچچىقنىمۇ يەپ كۆرگۈلۈك،لىكىن،ئۇيغۇرلىرىم ئاچچىقنى ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىستىمال قىلىپ كەتتى...نەچچە قىتىم ۋەتەنگە قايتىپ شىكەر قومۇش تىرىپ،پىشقاندا شۇ تاتلىق يەپ باقمىغان كىشىلىرىمگە ھەدىيە قىلسام،ئۇلارمۇ تىتىپ باقسۇن دەپ ئويلاپ كەتتىم...لىكىن،ئۇ قۇرۇق ئويلىرىممۇ سولىشىپ،قۇرۇشۇپ بولدى،ھىچ قايتالمىدىمغۇ تاڭ...
        بىر چاغلاردا ئاپاملاردىن شۇ دەۋرلەردىكى تىلەمچىلەر توغرىسىدا ئاڭلاپ قالاتتىم،ھازىر قاراپ باقسام،مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلغان بىر قىسىم قىزلىرىمىزمۇ ئەينى دەۋرلەردىكى تىلەمچىلەر ھەققىدە ئاپىلىرىدىن ئاڭلىغانمۇ قانداق،ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگىلى تۇرۇپتۇ،كۆپىنچىسى شۇ خىل ئۇسلۇبقا ماسلىشىمىز دەپ يىڭىلا سىتىۋالغان كىيىملىرىنى كىرئالغۇدا قايتا قايتا قۇرۇقتىن قۇرۇق چايقاپ نىپىزلىتىپ،بىر قات تىرىسى كۆرۈنگۈدەك ھالغا كەلگەندە ئاندىن كىيىشىدىكەن،قارىغاندا،ھازىر ھىچقانداق ئۇسلۇب يارىتالماي جاھاننىڭ كەينىدە قىلىۋاتقان مەنلا ئوخشايمەن...شۇنداقتىمۇ ئۆزۈم بىرە ئۇسلۇب ياراتقۇچە بوۋام موماملار يارىتىپ قويغان ئۇسلۇبنى بولسىمۇ بۇزۇپ قويماي دەپ شۇنداق ئىھتىيات قىلىپ كىلىۋاتىمەن..
      يىقىندا مەن بىلەن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۆلۈمى مىنى بەكلا چۆچۈتتى... قايتا قايتا سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ،ئۇنىڭ مۇشۇ يەردىكى تۈركىيە مۇسۇلمانلار جامائىتى ئارقىلىق يەرلىككە قويۇلغىنىنى ئاڭلىدىم،لىكىن،ئۇنىڭ يەرلىككە قويۇلۇش جەريانىنى سۆزلەشنى راۋا كۆرمىدىم...چۈنكى،مەنمۇ شۇ جەريانلارنى بىلمەيلا قالمىغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلىپ كەتتىم...ئۇ قىزغۇ مۇساپىرچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى،لىكىن...جىسمى مۇشۇ سوغۇق تۇپراقلاردا قىپ قالدى...ئاللاھتىن بىزگە ئوخشاش مۇساپىر بەندىلىرىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن،ھەم،ئۆز ئانا تۇپراقتا ئولتۇرۇپ مۇنبەر ئارىلاۋاتقان مۇنبەرداشلىرىمغا يوشۇرۇن ھەسەت قىلىپ يۈرۈيمەن...
      بايام يەرلىك خوشنامنى ئۇچرىتىپ قالدىم،70لەرگە يىقىنلاپ قالغان بوۋاي،تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنى 50 لەردە بار دەپ ئويلىغانىدىم، قارىسام ئۆيىنىڭ يىنىغا كىچىكرەك ئۆي ياسىغىلى تۇرۇپتۇ،نىمە قىلىسەن دىسەم،ئىتىمغا ئۆي سىلىپ بىرىۋاتىمەن دەيدۇ...كۆزلىرىمگە ياش كىلىپ كەتتى،دىمىسىمۇ بۇ يەردە يەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان يەرلىكلەرنىڭ ئىتلىرىنىڭمۇ ئايرىم ئۆيلىرى بار...بىراق،دۇنيانىڭ يەنە بىر چىتىدىكى بىر سۆيۈملۈك،مىھرى ئىسسىق بىر يۇرتتا مەن   بىلىدىغان بىراۋلار ئۆزى يىرىم ئەسىرگە يىقىن ئەجىر قىلغان يىرىدە ئىجارىگە ئولتۇرۇپ،ئۆز زىمىنىدا مۇساپىر...بۇ يەرنىڭ ئىت مۈشۈكلىرىمۇ مۇساپىرلىقنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ...لىكىن...ماڭا ھەم بىزگە مۇساپىرلىق بەك ئۆتۈلۈپ كەتتى....
       ياشاش نىمانچە تەستۇ دەپ قالىمەن،بولمىسىغۇ،رىزقىمىزنى يەنە شۇ ئىگىمىز بىرىدىكەن،ئۆلۈپ قالمايدىكەنمىز...لىكىن،بۇ دۇنياغا ئادەم بولۇپ يارىلىپ قالغانغا چۇشلۇق ئادەم بولۇپ ياشايلى دەيمىزدە،بىراق شۇ ئىگىمىز بىرىدىغان رىزقىمىزنى يىيىشمۇ ئاسان ئەمەس بۈگۈن...
       رەھمەتلىك بوۋام دايىم دەيدىغان،دۇنيادا بىكارغا كەلگەن بەخت تەلەي ئەڭ قىممەت بولىدۇ دەپ...شۇڭا ئۇ قىممەتچىلىككە ئىسىلىۋالماي،ئەرزانراق دەپ ئۆزۈم ئەجىر قىلىپ تاپقان بەختىم ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغانمەن،ئاپام داداملارغىمۇ بوۋىلىرى شۇنداق دەيتتىكەن،بوۋامغىمۇ ھەم بوۋىسى شۇنداق تاپىلاپتىكەن...
       بۇرۇن ئانچە مۇنچە خەلقئارالىق خەۋەرلەرگە قىززىققاچقا،خەۋەرنى خىلى كۆرۈپ قوياتتىم،ھازىر پەقەتلا كۆرگۈم كەلمەس بوپقاپتۇ،سىياسيونلارنىڭ نەزىرىدىكى تىنچلىقتىن باشقىنى خالىمايدىغان بۇ دۇنيا ئۇرۇش ئوتىغا توشۇپ كەتتى،لىكىن ئۇ سىياسونلا يەنە ئۆز پىكرىدە،يا مەن سىياسەتنى چۈشەنمەمدىم....
       نەچچە كۈن ئاۋال نەۋرە ئىنىم بىر ساۋاقدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ،ئاپىسى ھىچنىمىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئىنىمنى خەقتىن كەچۈرۈم سورىغۇزۇپتۇ...ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى،چۈنكى ئىنىمنى خىلى ياخشى چۈشىنەتتىم،ھەق ناھەققە كەلگەندە ھەممىمىزدىن ئىنچىكە بولۇپ كىتىدىغان ئىنىمغا كەچۈرۈم سوراش ھار كىلىشى ئىنىق.بىراق،نىمە ئامال...8 ياشلىق ئىنىم ئۈچۈن بۇ بىر باشلىنىش،تىخى ئۆتكەن ئايدىلا مەكتىپىدىن تارقىتىلىپ، ئۆزىگە تىگىشلىك بولغان سۈت سىچۇەندىن كەلگەن تىنى ئاجىز ساۋاقدىشىغا بىرىلگەندىن باشلاپ،ئىنىممۇ ئەمدى ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن پەندە نەسىھەت كىتاپلىرىدىكى نەزەرىيىلەنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،جاھانغا قاراپ ئىش قىلىشنى ئۆگىنىشى كىرەك بولۇپ قالدى...
       بۇ دۆلەتنىڭ باشقا يىرى ئانچە ئەمەس،شۇ بىر يىرى بەك ياقىدۇ ماڭا،نوپۇسى ئاز بولغاچقىمىكىن،ئۆيلەرنىمۇ ئىگىز سىلىۋالمايدۇ،يەنە كىلىپ ئۆي سالغۇچە بىزتەرەپتىكىدەك يەر كولاپمۇ يۈرمەيدۇ،چۈنكى كىيىنچە ئۆينى چىقىپ ۋەيران قىلغاندىن كۆرە كران بىلەن كۆتۈرۈپ ئىلىۋەتكۈدەك قىلىپ سالىدۇ،دەسلەپتە ئىشەنمىگەنىدىم،كىيىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ئىشەندىم...بىراق،بىزنىڭ يەرنى شۇنچە چوڭقۇر كولاپ ئۈستى ئۈستىلەپ سىلىپ كەتكەن بىنالىرىمىزىنى ئويلىساملا قورققۇم كىلىدۇ،ھەرقانچە كۆتۈرۈشلۈك يەرنىڭمۇ كۈتۈرۈش چىكى بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق بىز،شۇنداقلىقىغا باقماي،يەنە بىراۋلارغا تۇرغۇدەك ماكان يوق...بولمىسىغۇ بىر ئوبدان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىمىز بار بىزنىڭ،لىكىن نوپۇس ھەسسىلەپ ئاشسا ئاشتىكى،تۆۋەنلەي دىمىدى...بىر جۈپ پۇتقا قىشلىق ئاياق تاپالمىغانسىرى،جۈپلەپ پۇتلار كۆپەيگىلى تۇردى...شۇ نوپۇسلار كۆپەيگەنگە چۇشلۇق ئادەملەرمۇ كۆپىيىپ ماڭسىغۇ مەيلىتىغۇ...

         دادام ئۆزىنىڭ ساقىلىغا،ئاپام ياغلىقىغا ئىگە بولالمايۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە،مۇنبەرگە تىما يوللاشتىنمۇ قورقىدىغان بوپقالدى ئادەم...شۇنداقتىمۇ، ھەممە گەپنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئاغرىپ يۈرگەندىن،مۇشۇنداق دەۋەتكىنىم ياخشىراق دەپ ئويلىدىم...
        مەنبە: ئۆزۈم


ئۇلۇغ ئاللا، بۇ دۇنيادا بىر ئۆزۈڭدىن باشقىغا مۇھتاج قىلمىغايسەن...

♥LOVE✿KEY♥

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7698
تۆھپە نۇمۇرى: 695
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 10:45:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ئەبجەش خىياللاركەن، بىشى بار ئاخىرى يوق، ھىچنىمىنى چۈشەنمەيلا ئوقۇپ تۈگەتتىم............... يا كاللام ھىشنىمىنى چۈشەنمەيدىغان قاپاق بولۇپ قالدىمۇ.........

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

كـۈرەشـجان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8232
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 4967 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 11:16:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ ھېچنىمىنى چۇشەنمىگەن ئادەمنىڭ ، چاتاق كاللىسىدا ئەمەس ،
يۇرىكىدەمىكىن دەيمەن .  

بەزىلەر دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ؟ مەن دەيمەن ، شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3512
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 11:51:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنىڭ ئاخىرى باردەكلام ھىسقىلىۋاتىمەنغۇ؟

ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 12:52:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلدىم تىمىنىڭ ئاخىرى بارما

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20068
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6325
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 01:23:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇشۇ  ئادەم ئىچىدىكىنى دەۋەتمىسە بولمايدۇ ،،،شۇنداق دىموگىراتىيە تۇرسا ،،،،،،ىمىدى ئەنسىرەش دەيسىز،،،،ھاھا

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12990
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3095 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 01:26:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن . اللە ئىلىمىڭىزنى زىيادە ، ئۆزىڭىزنى ئامان ئىسەن قىلسۇن .ئۇقۇپ تۈگتىپ كۆڭلۈم شۇنداق ئاچچىقنى تاتتىكى.................كونىلاردا ئاچچىقنى ئاچچىق ئالىدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟...................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76386
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3440
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 07:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ...........   تۇنۇگۇن بىر ئادالەتسزلكنى كۇرۇپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلدكى ...........ئىې..

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6951
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 07:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
adj يوللىغان ۋاقتى  2012-7-14 11:51 AM
تېمىڭىزنىڭ ئاخىرى باردەكلام ھىسقىلىۋاتىمەنغۇ؟

شۇ ، ئاخىرى بار ،  تۇگىمەس ئەبجەش خىياللاردە بۇ...

دادام ساقىلىغا ، ئاپام ياغلىقىغا ئىگە بولالمايۋاتقان زامان تۇرسا بۇ..... ما گەپنى

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78835
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 01:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
@tulpar@ يوللىغان ۋاقتى  2012-7-14 10:45 AM
راستىنلا ئەبجەش خىياللاركەن، بىشى بار ئاخىرى يوق، ھىچ ...

قاراشقىلا چۇشەنمەيدىغان لىقىڭىز چىقىپ تۇر دىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش