مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6735|ئىنكاس: 51

ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىلمىيلىكى زادى نەدە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 956
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45692
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6560 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 03:13:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىلمىيلىكى زادى نەدە؟ ①


  ئىلمىي مۇدىر تۈرلۈك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرىنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولغان شەخىس. شۇڭا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تۈرلۈك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمىنى تاللاشتا خېلى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ، بەلگىلىك ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى بار، شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئورتاق ھېمايەت قىلىدىغان، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي باھا بېرەلەيدىغان، ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك، دەۋرىيلىك، ئىزچىللىق ۋە كۈچلۈك ئىلمىيلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي خىزمەتنى ئىلمىي پوزىتسىيە  ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن نەتىجىلىك داۋاملاشتۇرالايدىغان ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە  يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە ھەقىقىي ئىلمىي كىشىنى بۇ خىزمەتكە مەسئۇل قىلىدۇ. ئىلمىي مۇدىرلىققا ئەنە شۇنداق كىشى مەسئۇل بولسا، ئاندىن نۆۋەتتىكىدەك رىقابەت ۋە خىرىس تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە جانلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنىڭ ئىجراچىلىرى، كۆزلىرىمىزنىڭ قارچۇقى، يۈرەكلىرىمىزنىڭ پارىسى بولغان سەبىي بۇغۇنلارنى دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدىكى ساپاغا ئىگە ياراملىق قۇرغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

دەرۋەقە، ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئىلمىي خىزمەتكە مەسئۇل بولىدىغان ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم باشلامچى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇپ يەتكەن خېلى كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە بۇ خىزمەت ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ  قولىدا نەتىجىلىك يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى مەكتەپلەردە «ئىلمىي مۇدىر»نىڭ ئىلمىيلىكىنىڭ زادى ئۇ ئىشلىگەن ۋە ئىشلەۋاتقان قايسى خىزمەتتە ئاز-تولا بولسىمۇ، ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقىنى ئىزدەپ تېپىش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ. ئۇنداقتا، سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۆزۈم ئون نەچچە يىللىق كۈزىتىش، تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، ئورتاقلىشىش داۋامىدا بۇ جەھەتتە يەكۈنلەپ چىققان تۆۋەندىكى ئەمەلىي بايانلارغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.

1.مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان پەنلەرنىڭ تۈرى ئون نەچچىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا، ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىر ياكى بىرنەچچە نەپەر خادىمىنىڭ بۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقى دەر ھەقىقەت. ئادەم ھەر قانچە بىلىملىك بولسىمۇ، جۈملىدىن، بارلىق پەنلەرگە دېگۈدەك چىشى پاتىدىغان ئىلمىي مۇدىرلار بار دېيىلگەندىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەلۇم بىر ئىلمىي مۇدىرنىڭ بارلىق پەنلەر ئوقۇتۇشىغا ئىلمىي ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىپ بولالىشى ناتايىن. چۈنكى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي مۇدىرلار  «ھەممىگە ئۆزى يېتىشىپ بولالايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى»نى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا ئانچە كۈچەپ كەتمەي( شۇنداق قىلسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ھورۇنلۇق قىلدى، دەپ قارىمايدۇ)ھېچ بولمىسا، ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ ئەلمى-تەلمىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا مەسئۇللىرىدىن بولامدۇ ياكى « ئىلمىي بۆلۈم خادىمى » نامىدىكى ياردەمچى خادىملاردىن بولامدۇ، ئىشقىلىپ ھەر قايسى پەنلەردىن  ياخشىراق خەۋىرى بارلارنى ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنى نازارەت قىلىشقا چىداپ تۇرۇپ ياردەملەشتۈرۈشى كېرەك. بولمىسا، ئۇ قانداقمۇ ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىغا ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلالايدۇ؟  ناھايىتى روشەنكى، ئۇلار بۇنداق قىلغانغا، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى كىچىكلەپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئوقۇتۇشتا ئۈنۈم يارىتىش قەدىمى تېزلىشىدۇ.  

تولىمۇ ئەپسۇس، گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى شۇ قەدەر ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە بىلىم ئەھلى دەپ قارايدىغان بەزى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ ئۆز كەسپى بىلەن قىلچە چېتىشلىقى بولمىغان بەزى پەنلەرنى قانداق ئوقۇتۇش، تاپشۇرۇقلىرىنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، قانداق خۇلاسىلەپ بېرىش، ئىمتىھان سوئالىنى قايسى مەزمۇنلاردا نەچچىلىك نىسبەتتە، قانداق شەكىلدە قانداق چىقىرىپ، قانداق تەكشۈرۈپ-خۇلاسىلاش  كېرەكلىكى ھەققىدىكى دانىشمەنلەرچە كۆرسەتمىلىرى ئەنە شۇ پەن ئەھلىلىرىنىڭ ھەم كۈلكىسىنى قىستىماقتا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆتىۋاتقان پەنلەرنىڭ خاراكتېرىنى نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى، يېڭى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش- خاراكتىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆتۈشتىن مەھرۇم قىلماقتا.

بىزدە«پىلانسىز ئىش-قىلىپسىز خىش» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا ئىلمىي مۇدىر بولغان كىشى ھېچ بولمىغاندا، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ «دەرس ئۆلچىمى» ھەققىدە ئەقەللىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، شۇ ئارقىلىق ھەر قايسى پەنلەرنى ھەپتىسىگە زادى نەچچە سائەتتىن، قانداق شەكىللەردە، قاچانغىچە ئۆتۈپ تۈگىتىپ، ئۇنى قانداق خۇلاسىلاش ھەققىدە دەسلەپكى تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

2. ئىلمىي مۇدىرنىڭ كۆڭلىدە ھەم قولىدىكى ئوقۇتۇش پىلانىدا قايسى ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدا، قايسى يىللىققا، قايسى كىتاب-ماتېرىيال دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ؟ ئوقۇش باشلاش پەيتىدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەمىنلەشكە كېرەكلىك زۆرۈر بولغان لازىمەتلىكلەر  مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم ئامبىرىدا زادى تولۇق بارمۇ-يوق؟ دېگەندەك ئوقۇتۇشقا بىۋاستە چېتىلىدىغان مۇھىم خىزمەت  پىلانلىرى بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما بەزى « ئىلمىي مۇدىر»لارنىڭ بۇ نازۇك ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى ئىنىچكە ئېنىقلىماسلىقى سەۋەبىدىن كىتاب بولسا، تەييارلىق يوق، تەييارلىق بولسا، قوللانما يوق، قوللانما بولسا،بور يوق، بور بولسا يەنە بىرسى يوق... قاتارلىق مۇشۇنداق ئىلمىي بولمىغان گۈلدۈر-گۈپپاڭ ئىشلار نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇشنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تولىپى بويىچە ئۆز قەرەلىدە نەتىجىلىك ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ بويىچىمۇ  ئېلىپ بېرىلماسلىق ئەھۋاللىرى  ھەقىقەتەن ساقلانماقتا.

3. بەزى پەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن بىنورمال بولۇپ قالغانلىقتىن، بەزى ئوقۇتقۇچىلار بەزى  كۈنلىرى كۈن  بويى دەرس ئۆتسە، بەزى كۈنلىرى كۈن بويى دەرس ئۆتمەي بىكار قېلىش، ھەتتا بەزى پەنلەر بىر-ئىككى كۈن ئىچىدىلا  ئارقا- ئارقىدىن ئۆتۈلۈپ، ھەپتىلىك دەرس سائىتى بىر-ئىككى كۈندە ئاخىرلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت چىقماسلىق ۋە ھەر قايسى پەنلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىزچىل ئۆگىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقتىن ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئىزچىللىق ئاساسىدا ئۇدۇللۇق قوبۇل قىلىش ئارىلىقى بەك زىچ  بولۇپ قېلىپ، ئاقىمۇ-ئارقىدىن ئۆتۈلىۋەرگەن دەرستىن ئوقۇغۇچىلار بىزار بولۇش، يەنە بەزى پەنلەرنىڭ ياكى بەزى سىنىپلارنىڭ دەرسىنىڭ پەقەت ھەپتىنىڭ بېشى ياكى ئاخىرىغا ياكى بىر كۈندىكى ئارقىمۇ-ئارقا سائەتكىلا توپلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قالغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزچىل ئۆگىنىشىنى كاپالەندۈرەلمەسلىك ياكى ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىغاندەك ئارقىمۇ-ئارقىدىن زەپلەپ ئۆتۈلىۋەرگەن بۇ دەرسلەر ئۇلارنىڭ شۇ پەنلەردىن زېرىكىشىنى كەلتۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ چارچىتىپ- ھالسىزلاندۇرۇپ قويۇش.

4. بىر ئوقۇتقۇچىغا بىر كۈندە ئۇدا يەتتە-سەككىز سائەت دەرس ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئويلاشمايلا يۈكلەپ قويۇش ئارقىلىق ئوقۇتۇشنىڭ نورمال قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش. دەرۋەقە، بىر كۈندە يەتتە-سەككىز سائەت دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەر بار.  ( بۇ ئاساسەن ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان نورمال ئەھۋال ).ئەمما ئېلىمىز ياكى رايونىمىزنىڭ ئەڭ چەت-ياقا، تاغلىق، نامرات، ئوقۇتقۇچى مەنبەسى يېتىشمەيدىغان يۇرت-ماكانلاردا بىرىنچى سائەتتىن باشلاپ تاكى ئەڭ ئاخىرقى 7-،8-سائەتكىچە دەرس ئۆتۈدىغان مەكتەپلەر باردۇر، ئەمما بىر-ئىككىلا ئادەم ئىشلەيدىغان بىرەر دۆڭلۈك ئارىسىغا سېلىنغان مەكتەپ بولغان تەقدىردىمۇ، گەرچە بىر كۈندە ئۇدا 7-8 سائەت دەرس ئۆتۈلگەن ھالەتتىمۇ، ئەمما شۇ  7-8سائەتنىڭ ھەممىسىدە بىرلا ئوقۇتقۇچى بىر-ئىككى خىللا دەرسنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆتىدۇ...دېسە، بۇنىڭغا سىز ئىشىنەرسىزمۇ؟! ئەمما مەن بىلىدىغان، ۋىلايەت،ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى، مەكتەپ شارائىتى ۋە باشقا جەھەتلەردە خېلىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەزى مەكتەپتە ئەھۋال دەل شۇنداق.( ھەپتىدە ئۆتىدىغان 10 نەچچە سائەت دەرسنىڭ 5-6 سائەتلىك دەرسنى بىر كۈندە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆتۈپ، قالغانلىرىنى باشقا كۈنلەردىكى خالىغان ۋاقىتلارغا چېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىتتا بىر-ئىككى سائەتتىن ئۆتۈپ تۈگىتىدۇ. ئەسلى تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتېكا، خەنزۇ تىلى، فىزىكا....قاتارلىق بىر قىسىم ئاساسىي پەنلەر ئوقۇتۇشى شۇ پەنلەرنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىككى سائەتتىن جۈپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، بىر سائەت-بىر سائەتتىن بۆلۈپ-بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرغاندىكىگە قارىغاندا، كۆپ ياخشى بولاتتى. چۈنكى شۇنداق بولغاندا، ئۆتۈلمەكچى بولغان مەزمۇن چېچىلىپ كەتمەي، ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلۈشىمۇ، ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولاتتى). يەرلىك ئورۇندىكى مەلۇم بىر «ئىلمىي مۇدىر»نىڭ دېيىشىچە، ئەگەر دەرس مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، ئۆزئارا دوقال كېلىپ قالارمىش، شۇڭا كومپىيۇتېردا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سەتكىنى قايتا رەتلەپ-تۈزۈتۈش مۇمكىن ئەمەسمىش!!!! توۋا، بىر مەكتەپتىكى 40-50 سىنىپىنىڭ دەرس سەتكىسىنىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق نەچچە ئونلىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ شۇنچە كۆپ مۇسابىقىلىرىنى بىر-بىرىگە دوقال قىلماي، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا قادىر شۇ كومپىيۇتېرنىڭ مۇشۇنچىلىك دەرس سەتكىسىنى ئورۇنلاشتۇرالمىغىنى بەكلا ھەيران قالارلىق ئىش، راستىنلا شۇنداق!!!!

بولۇپمۇ، نۆۋەتتىكىدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندۇۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلىدۇرۇش كۈچلۈك تەلەپ قىلىنىۋاتقاچقا، ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش-ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئىختىيارىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق دەرسخانىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتلارنىمۇ تولۇق كونتىرول قىلىۋېلىپ، بىر كۈندە ئۇدا سەككىز سائەتلەپ  دەرس ئۆتۈشنى قېلىپلاشتۇرىۋېلىپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئۆگەنگەنلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرى بويىچە 2-دەرسخانا پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان شەرت- شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە يوق، ئەكسىچە ئۇنى مونۇپۇل قىلىۋېلىش ھەقىقەتەن مائارىپقا قىلىنغان ئېغىر  زىيانكەشلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

5 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يۇقىرى كۆتېرىشكە ئاساس سالىدىغان  2-دەرسخانا پائالىيىتىنى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا، پەقەت  بەزى پەنلەردىنلا ئالۋاڭغا تەشكىللەپ قويۇپ، ئۇنى  مەلۇم بىرەر كۈندىكى دەرسنىڭ ئاخىرقى سائىتىگىلا يىغىپ پوملاپ قويۇپ،  يۇقىرىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك ناملاردىكى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشلارغا كۆرسىتىپ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا يالغاندىن كۇرژېك پائالىيەت خاتىرىسىنى تولدۇرۇپ قويۇشنى ھەقىقىي تۈردە شەكىلگىلا ئايلاندۇرۋېلىش ياكى ئۇنىڭغا قەتئىي كۆڭۈل بۆلمەسلىك.

      6. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىشىغا كۆڭۈل بۆلدى دېيىشكە توغرا كەلسە، پەقەت دەرسنى ئوخشاش مەزمۇن، ئوخشاش شەكىلدە، خۇددى بىر خۇمداندىن چىققان خىشتەكلا پەرقسىز ھالەتتە، رامكىلانغان شەكىل بويىچە كوللېكتىپ ھالدا تەييارلاشقىلا كۈچەپ، كىتابتىن دەپتەرگە ھەر يىلى تەكرار كۆچۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىنلا، خاتىرجەم ھالدا كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتۇشنىڭ قانداق ئۇسۇلدا، قانداق شەكىلدە، قانداق ئۈنۈمدە ئەمەلىلىيلىشىۋاتقانلىقى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماسلىق. دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن شارائىتتا تەييارلىنىدىغان دەرس لايىھەسىنى شەرت-شارائىتى بار بەزى ئوقۇتقۇچىلار  مۇنتىزىم ھالەتتىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى شەكلىدە كومپىيۇتېردا ئۇرۇپ-تاييارلاپ ئىشلىتىپ، ئوخشاش بىر مەزمۇننى ھەر يىلى بىكاردىن-بىكار ئۇ دەپتەردىن بۇ دەپتەرگە ئارتۇقچە كۆچۈرگەندىن كۆرە، ئەنە شۇ تىجەپ قالغان ۋاقىتتا  يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئوقۇتۇش سەنئىتىنى يۇقىرى كۆتېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئۇنى ماختاپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مەكتەپ بويىچە كېڭەيتىپ قوللىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇنى ھېسابقا ئالماي، قايتىدىن دەرس تەييارلاش خاتىرىسىگە مەجبۇرىي يازدۇرۇش.

   7. تاپشۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچچانلىقىنى قوزغتىش ۋە ئۇلاردا ئەمەلىي ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولغان جانلىق، ئېچىۋېتىلگەن تاپشۇرۇق بېرىپ-خۇلاسىلاپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتى ۋە زېھنىنى خورىتىپ، تاپشۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە ئەمەس، پەقەت قېتىم سانىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتكۈزىۋېلىشنى «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قول ئىشلىرى»نى نومۇر قويۇپ، باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى قىلىۋېلىپ،   پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرمەي،  يەنە يېڭى دەۋردە كونا چىغىر يوللاردا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈش. ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ رامكىسى ئاسارىتىدىن تېخىچە قۇتۇلالماي، يەنىلا ھەر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتە يوقلىما قىلىش، سىناق ئېلىش...تەك كونىچە ئۇسۇللاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق.

8. ئىلمىي مۇدىر بولغان كىشى ھېچ بولمىغاندا، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ دەرس ئۆلچىمى ھەققىدە ئەقەللىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمما  دەرس پىلانىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر قايسى پەن دەرسلىرىنى ئالدىن توغرا مۆلچەرلىيەلمەي، دەماللىققا خىيالىيلا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويۇش تۈپەيلىدىن،  دەرس بالدۇر تۈگەپ كەتسە سوزۇپ، ئېشىپ قالاي دېسە تېزلىتىپ ياكى بالدۇر تۈگەپ كەتكەن دەرسلەرنىڭ دەرس سائىتىنى تۈگىتىپ بولالماي قالغانلار دەرس ئىگىلىرىگە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دەرسنى ھاپىلا-شاپىلا  « ئۆتۈپ»لا  تۈگىتىش.

8.مەكتەپلەرگە نىسبەتەن مۇئەييەن مەقسەتتە سېستىمىلىق تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش مەكتەپ خىزمىتىدىكى ئاڭ مۇھىم ھالقا. ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ پىلانىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە. لېكىن بەزى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ دەرسنى زادى قايسى ۋاقىتتا باشلاپ، قاچانغىچە قايسى مەزمۇنلارنى ئۆتۈپ بولۇپ، قەيەرگىچە بولغان مەزمۇنلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلاشنى ئالدىن مۇۋاپىق پىلانلىماي دەرس ئۆتۈش، ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلاشنى سېستىمىلاشتۇرماسلىقى «پىلانسىز ئىش، قىلىپسىز قىش » بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. يەنى دەرسنى توپلاپ-يىغىپ تېز ئۆتۈش سەۋەبىدىن دەرس بۇرۇن تۈگەپ كېتىپ، بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ۋاقتى يېتىپ كەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىمتىھاننى ۋاقتىدا ئالالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرى خېمىغا يېنىپ قېلىش سەۋەپلىك، نەتىجە تۆۋەن چىقىپ قېلىش ياكى دەرس پىلانسىز ھالدا سالماقلىق بىلەن ئالدىرىماي ئۆتۈلگەنلىكتىن دەرس ئېشىپ قېلىپ، بىر تۇتاش چىقىرىلغان سوئاللاردا تېخى ئۆتۈپ تۈگىمىگەن مەزمۇنلاردىن سوئال چىقىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمۇ  ھەم ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ئكلەشتۈرۈش نەتىجىسىگە  دەخلى يېتىش.

9.تەتىلدىن كېيىنكى ئوقۇش باشلاشقا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا ئەسلى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەر پۈتۈپ، ئوقۇش باشلاشقا شەرت-شارائىت  ھازىرلىنىپ بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى تەييارلىقلار پىششىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپكە كەلگەن، لېكىن ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، ئىشنىڭ بىسىمىللىسىدا ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ-كېتىپ ۋاقىت  ئۆتكۈزسە، ئوقۇغۇچىلار قوغلۇشۇپ، سەكرىشىپ، بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ، ھەتتا ئۇرۇش-جىدەل چىقىرىپ، ئوقۇش ئەمەس، جىدەل-ماجرا باشلىنىشى ئەھۋاللىرى يوق دەپ زادى كىم ئېيتالايدۇ؟! نۆۋەتتىكى بەزى مەكتەپلەردىكى  رېئاللىق  ئەنە  شۇنداق بولغاچقا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتېرىش، دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش... دېگەندەك قۇرۇق شۇئارلار تېخى بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتىن  خېلىلا يىراقتا بويۇن قىسىپ، سالپىيىپ تۇرماقتا.

10. ئوقۇتۇش تىلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ۋاقتىدا،  ئىلمىي خۇلاسىلاش  ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مەكتەپلەردە ھەر مەۋسۇمدا بىر نەچچە قېتىم تۈرلۈك خۇلاسە يېغىنلار ئېچىلىپ، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى يەكۈنلىنىدۇ. بۇنداق خۇلاسىلەردە ئەسلى نېمىلا بولمىسۇن، «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» ، «ئىلغار سىنىپ ھەيئىتى»... قاتارلىق ناملاردا ئاتالغانلار نېمىلا بولمىسۇن، بىرەر ماددىي بويۇم بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. ئەمما شۇ ماددىي بويۇمنىڭ قانداق بويۇم بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر بەزى مەكتەپلەردە بۇنداق ئوقۇغۇچىلار  مەلۇم بىرەر ماگېزىننى بىكارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاللىكىملەرنىڭدۇ ئارىلىشىشى بىلەن  زورلاپ  سېتىۋېتىلگەن، يىللاردىن بۇيان ماگېزىن  ياكى ئامبار قالدۇقى بولۇپ بېسىلىپ قالغان خاتىرە، دەپتەر، چىقماس قەلەم...لەر ئوقۇغۇچىلار تارتىقلانسا، چېيى سوۋۇپ قالىدىغان چايدان، ئاقىدىغان بولۇپ قالغان چەينەك، سېتىلماي بېسىلىپ قالغان مايماق داس،  تېشىلىپ كەتكەن چىلەك، توك ئۆتمەس بولۇپ قالغان ئېلىكتېرلىق ئوچاق ياكى چەينەك،  پۇرلۇشۇپ كەتكەن ئەدىىيال،  سىيرىتمىسى بۇزۇلۇپ قالغان سومكا، رەسىم سېلىپ بولغۇچە يىرتىلىپ كېتىدىغان ئالبۇم... قاتارلىق بويۇملار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇكاپات بويۇمى قىلىپ تارقىتىلىپ، ھەم ماگزىنلاردىكى ئامبار قالدۇقىنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۈگىتىش ھەم بۇ يەمچۈكلەر ئارقىلىق «ئالداشقا كىچىك بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاپاقۋاشنى» دېگەندەك باشقىلارنى خۇشال قىلىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتى بەكلا تېز ئەمەلگە ئېشىپ بەزىلەر تەرىپىدىن خېلىلا ئالقىشلانماقتا. نېمىلا بولمىسۇن، بۇنداق ھالەتنى ئاز-تولا ئىسلا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى ياكى نەق پۇل، ھېچ بولمىغاندا، ئۇلار ھەر قېتىم كۆرسە ئىلھاملىنىدىغان،  ئۆزىنىڭ نام-شەرىپى يېزىلىپ، مەكتەپ تامغىسى بېسىلغان خاتىرە بويۇم بەرسە، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئالقىشىغىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ ئۇلار ئۆزلىرى زۆرۈر دەپ قارىغاننى خالىغانچە ئېلىپ-پايلدىلىنىپ، يادىكار سۈپىتىدە ساقلاپ قويىدىغان لازىمەتلىك سېتىۋېلىشىغا يارايدىغان پۇل ياكى قىممىتى بار خاتىرە بويۇم تارقىتىپ بەرسە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى تېخىمۇ يۇقىرى بولاتتى.

       11.دەرسلىك ماتېرىيال ۋە پايدىلىنىش ماتېرىيالى زاكاس قىلىشتا( بولۇپمۇ، تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتېرىيالى زاكاس قىلىشتا ) سۈپەتنى ئەمەس، ساننى، ئوقۇغۇچىلار شۇ ماتېرىيالدىن ئالىدىغان يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇر يېڭىلىقلارغا دائىر ئەمەلىي پايدىلىق  بولسۇن دېگەن گەپنى ئەمەس، بەلكى زاكاس قىلغۇچىلار بىۋاستە ئېرىشىدىغان نەپنى قوغلىشىش. مۇقاۋىسى بەكمۇ ھەيۋەتلىك، مۇقاۋىدىكى رەڭدار سۈر-ھەيۋىلەردىن ئۇنىڭدىكى سۆز-ئىبارىلەر تېخىمۇ دەبدەبىلىك، خۇددى ئۇنى سېتىۋالسىلا، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر دەرۋازىسىدىن بىمالال ئۆتۈپلا كەتكىلى بولىدىغاندەك چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان، ئەمما بەزى «ئۆلچەملىك جاۋاب»لىرىدىن ئۆلچەمنىڭ زادى نېمىلىكنىڭ قارىسىنىمۇ  شۇنچە ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمايدىغان، سوئال-جاۋاب ۋە تەھلىللىرىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى تۆۋەن، باھاسى يۇقىرى، پايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەن ياكى يوق دېيەرلىك، پەقەت ھەر يىلى ئەنە شۇ بەھەيۋەت مۇقاۋىسى( بەھەيۋەت تون- چاپىنى) بىلەن ئالدىنقى بىر نەچچە بەتلىرىدىكى مەزمۇن ياكى بۈيۈك نامىلا ئاز-تولا ئۆزگەرگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر يىلى تەكرار سۈيئىستېمال قىلىنىپ، تەكرار قوللىنىۋېرىلگەچكە، تەكرار قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە تونۇلۇپ كەتكەن تۈزگۈچىلىرىدىن بىرەر-ئىككىسىنىڭ نامى ئۆزگەرگەن ۋە ئالماشقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، « ئاتام ئېيتقان بايىقى» دەپ قاراشقىلا بولىدىغان، ھەرخىل-سەرخىل ناملاردىكى دەبدەبىلىك پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى، ئۆرنەك سوئاللار توپلاملىرىنى تۈركۈملەپ سېتىپ كىتاپخانىلارنى، بولۇپمۇ ئەنە شۇنداق كىتاب سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىلا ئەمەس، شۇ كىتابنى بىرمۇ بولسا، كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مەجبۇرىي ئەمەس، ئەمما سان بويىچە دېگۈدەك تولۇق سېتىۋېلىپ» ، ئەتىكى گۈزەل ئىسقبالى ئۈچۈن ئات سېلىشىغا « ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگۈچى» بىر قىسىم ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى خۇش، يانچۇقلىرىنى توم قىلىش بەدىلىگە ئىلىمگە تەشنا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاڭقاق ۋۇجۇدىنى بىلىم بۇلىقى بىلەن قەرەرلىك ھالدا ئىزچىل تەمىنلەپ ئۇلارغا  پارلاق سائادەت يولى ئېچىپ بېرىش يولىدا ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماي پالاقشىش...

ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يەرگە شۇنداق بىر ئەمەلىي پاكىتنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومتېتىنىڭ مائارىپقا ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىسىنىڭ يىلسېرى ئېشىشى بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەدەر  دەرسلىك ماتېرىياللار ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلىپ (ئالىي مەكتەپلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك ئەمەس، ئەلۋەتتە )، بۇ جەھەتتە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن خوشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەقسىز دەرسلىككە يانداشتۇرۇلغان ھەقلىق« يانداشما مەشىقلەر» ( ھېلىمۇ ياخشى، ئۇنىڭ نامى « يانداش مەشىق» بولۇپ قالماپتىكەن، بولمىسا دەرسلىككە قايسى دەرىجىدە يېقىنلىشار ئىدىكىن-تاڭ! ) نىڭ كۆپلىكى، باھاسىنىڭ تېخى دەرسلىك كىتابتىنمۇ قىممەترەك بولۇشى، پايدىلىنىشچانلىقىنىڭ ئۇنچىۋالا يۇقىرى بولماسلىقى، ئەمما گەرچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتمەسلىكنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان، بۇنداق ماتېرىياللارنى ئوقۇغۇچىلارغا زورلاپ ساتماسلىقنى قاتتىق توسۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما توسقانسېرى بۇ ئىش تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتمەكتە. گېپىمىزگە كەلسەك، مەلۇم بىر خەلقئارالىق كىتاب شەھەرچىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر پىكىردىشىم بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، تەكرار-تەكرار پىكىرلىشىپ ئېنىقلاپ كۆرۈشۈمچە، بەزى چوڭراق مەكتەپلەرگە مەسئۇل بولغان بەزى مەكتەپ مەسئۇللىرى، ئىلمىي مۇدىرلار، مەكتەپ ماتېرىياللىرىنى ئامبارلاشتۇرۇپ ساقلىغۇچىلار (بۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىكلىەرمۇ بار، ئەلۋەتتە ) ھەر يىلىلا پەقەت مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك ناملاردىكى يانداشما ماشىق ۋە تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ھەمكارلىشىپ سېتىپ چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق خېلىلا ياخشى ئىقتىسادىي نەپگە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەييارلا ئولجىغا ئېرىشەلەيدىكەن. چۈنكى ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭ يەككە باھاسىمۇ 8-10 يۈۋەندىن، ھەتتا 60-70 يۈئەنگىچە بولغان بۇ بەرىكەتلىك ماتېرىياللار ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 50%، 60%، 70% لىك ئېتىبار باھادا مەكتەپلەرگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدىكەن-يۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلاردىن ئەسلى باھاسى بويىچە ھەق يىغىلىدىكەن.( بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك ماتېرىيال ئەمەس، بەلكى تەقلىدىي سوئاللار، تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بولۇپ، بۇ خىل ماتېرىياللارنىڭ تۈزگەن، باسقان كىشىلىرى ۋە ئورۇنلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇلارنىڭ بەزىلىرى 70-80% لىك باھادىمۇ مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدىكەن) شۇنچە كۆپ ماتېرىياللارنى شۇنچە ئەرزان باھادا، پايدىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلى بىلەن مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تۇرۇقلۇقمۇ، پۇلنى نەخلەشتۈرۈپ بولالماي، شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ نەچچە قېتىم-بېرىپ-كەلگىنىگە ئانچە خاپا بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەي، ماتېرىيال ھەققىنى نەخلەشتۈرۈپ بېرەلمەيۋاتقان مۇناسىۋەتلىكلەردىن بىر ئاز ئەپسۇسلىنىپ قالغان ھېلىقى  كىتاب-ماتېرىيال خۇجايىنى بولمىش بۇرادەرنىڭ دادلاپ بېرىشىچە، بىر مەۋسۈمدىكى سېتىلىدىغان مۇشۇنداق يانداشما مەشىق، پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە ھەر خىل سوئاللاردىنلا  بەزىلەرنىڭ نەچچە ئون مىڭ يۈۋەن پايدىغا ئېرىشەلەيدىغان تۇرۇپمۇ،  ئۇنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق نەقلەشتۈرۈپ بەرمىگەنلىكىدىن  خېلىلا نارازى ئىكەن-يۇ، ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق دائىمىيلىق چوپقەت-خېرىدارلىرىدىن يەنىلا سۆيۈنۈپ،  ئۇلارنىڭ ئات-ئېشەكتەك ئىناۋىتىنى قىلىپ،  ئاغزىدىن كىرىپ، بۇنىدىن چىقىپ دېگەندەك تۈرلۈك ئۇسۇل-چارىلار بىلەن ئەپلەپ-سەپلەپ پۇل يىغىۋالسىلا خۇش بولۇشۇپ، بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىشىىدىكەن......

12. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئوقۇغۇچىلار رازى بولغان ئوقۇتقۇچىلار»نى باھالاش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا پىكىر ئالغاندا، خۇددى رەھبىرىي كادىرلارنى يىل ئاخىرىدىكى سىناپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا باھا بەرگەندە،  ئۇلارغا قارىتا ياخشى پىكىر بېرىدىغانلارنى چاقىرىپ كىرىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن پىكىرلەرنى  بەرگۈزگەنگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان بارلىق ئوقۇغۇچىدىن  ئەمەس، پەقەت بىر نەچچە ئوقۇغۇچىدىنلا پىكىر ئېلىپ، ئەنە شۇ  پىكىرگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلارغا تون پىچىش. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي بىلىم-ماھارەت   ئۆگىتىش نىيىتدە ئوقۇتۇشقا ھەقىقىي كۈچەپ، ئوقۇغۇچىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەن ئىقتىدارلىق، تەلەپچان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار خۇددى « خانغا يارىغان  ئالتۇن بېشىم قۇماق باش تازغا يارىماپتۇ» دېگەندەك  ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئوقۇتۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە شان-شەرەپلىرى بەدىلىگە ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون، ھەتتا مەملىكەت دەرىجىلىك شان-شەرەپلەرگە نائىل بولغان ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتكەن دەرسى، باشقۇرغان سىنىپى « ئوقۇغۇچىلار رازى بولمىغان ئوقۇتقۇچى ياكى سىنىپ» شەرىپىگە نائىل بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يوققا چىقىش، ئەكسىچە، ئوقۇغۇچىلار نېمە دېسە، شۇنىڭ رايىغا بېقىپ، كۈن بويى نېمىلا بولمىسۇن، مەكتەپتە لاغايلاپ يۈرۈپ، ئىشخانىدىن سىنىپقا، سىنىپتىن ھاجەتخانىغا....دەۋرىي ھالدا مىدىرلاپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزگەنلەر « ئىلغار»لار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالغاچقا، باشقىلارمۇ شامالنىڭ چىقىشى ۋە تۈكنىڭ يېتىشىغا ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغان سەنەمگە دەسسەپ كۈن ئۆتكۈزۈش.

13. ھەر قېتىملىق ئىمتىھان ئارىلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشىمەي، پەقەت 15-20 مىنۇتلا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش سەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلاردا جىددىيچىلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويۇش، ئۇنى ئاز دەپ تېخى بىر كۈنگە  ماراپۇنچىسىغا ئىش قىلىپ تۆت پەندىن  ئىمتىھان ئېلىش.

14.دەرس سەتكىسىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ-خۇلاسىلاش جەھەتتە  كومپىيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىنى بىلەلمىگەنلىكتىن بۇ جەھەتتە مەشغۇلىيەت ئېلىپ بېرىشتا قىينالسا  كومپىيوتىر ئوقۇتقۇچىلىرىنى، ئىلمىي بۆلۈمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاش ۋە قوبول قىلىشتا قىيلىنىپ قالسا خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى، ھەرخىل ناملار بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي كەلتۈرۈلىۋاتقان دەبدەبىلىك ناملاردىكى كىتاب-ماتېرىياللار ۋە باشقا ھەر خىل ناملاردا يىغىلىپ تۇرىدىغان ھەقلەرنىڭ ھېساۋاتىنى توغرا چىقىرىپ بولالمىسا ماتىماتىكا ئوقۇقۇچىلىرىنى «ئىلمىي مۇدىر ياردەمچىسى»، «ئىلمىي بۆلۈم خادىمى» نامىدا ئەتراپىقا توپلاپ سەپلىۋېلىپ، مۈشۈكنى ئىشقا بۇيرىسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى ئىشقا بۇيرىغاندەك ئەخمىقانە ئىش  قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك  ھېچ بىر ساپالارنىڭ   ئۆز ۋۇجۇدىدا ئەسلا يوقلىقىنى بىلىپ-بىلمەي نامايەن قىلىپ قويۇش.

   15. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلغان ئاساسلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ «ئىلمىي مۇدىر» ئاتالغان بەزىلەر ئۆزىغۇ باشقىلارغا باشلامچى بولۇپ، بىرەر-ئىككى سائەت دەرسنى قاملاشتۇرۇپ ئۆتۈپ،  ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرەلمىسۇن، ئەمما ھېچ بولمىغاندا، ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ مەزمۇنلىرىغا چىشى پاتمىغان تەقدىردىمۇ،  ئۇنىڭ ئۆتۈلۈش قەدەم-باسقۇچلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇل-مېتودىغا بولسىمۇ، جىڭدا توختىغۇدەك بىرەر-ئىككى ئېغىز لىللا ۋە ئىلمىي گەپ قىلىپ، ئۆتۈلگەن دەرسكە ۋە دەرس ئۆتكۈچىگە  قاملاشتۇرۇپراق تون پىچالماي، كىم نېمە دېسە، كىمنىڭ ئاۋازى بەكراق چوڭ -ئۈنلۈكرەك چىقسا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاسماندىكى بۇلۇت ياكى دەريا-كۆللەردىكى شامال ئۇچۇرتقان تەرەپكە ئىرغاڭلايدىغان كېمە-قولۋاق ياكى شامال-بوراندا قالغان يىلتىزسىز  قامغاقتەك  ھەر تەرەپكە دەلدەڭشىپ تەۋرەپلا تۇرۇش. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تۇرۇقلۇق ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن كېسەللىك، ئۆلۈم-يېتىم ۋە ياكى توي-تۆكۈن ئىشلىرى ئۈچۈن سورايدىغان بىرەر-ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت سوراش ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەقسىماتىغا قارىتا ئۆزى مۇستەقىل تەدبىر بەلگىلەپ بېرەلمەي، ھەممە ئىشتا مەكتەپ مۇدىرى ياكى باشقا باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ تەستىقلاپ بېرىشىنى كۈتۈپ، ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق قونچاققا ئايلىنىپ قېلىش.

16. تۈرلۈك ئىمتىھانلار ئۈچۈن كومسىيە ئۇرۇنلاشتۇرغاندا ئەسلىدە ياشىنىپ قالغان، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئېغىر ئاياغ ياكى قۇچىقىدا بالىسى بار ئوقۇتقۇچىلارغا ئېتىبار قىلىنىپ، تەجرىبىلىك، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىلمىيلىك ۋە ئاقىلانىلىق ئىدى. ئەپسۇس، بەزى ئىلمىي مۇدىرلار ئىنتاىن ئىلمىيلىشىپ ئىلمىيلىكتە ۋايىغا يېتىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك، تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا كومسىيە ئورۇنلاشتۇرۇشتا گەرچە  مەكتەپتە ئادەم سانى كۆپ، ئىمتىھان مەيدانى نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، مەقسەتلىك ھالدا ئىمتىھانغا  مەكتەپتىكى ئەڭ پىشقەدەملەرنى، سالامەتلىكى ناچار، تېنى ئاجىز ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپ، ياشلارنى ئاز ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىيلىققا ئايلىنىپ قېلىش خەۋىپى ئېغىرلاپ، نارازىلىق كەيپىياتىنى ئەۋىج ئالدۇرىۋېتىش. بۇ بەلكىمئەنە شۇ ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئىبارەت بۇ ھوسۇلنى تەجرىبىلىك باغۋەنلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن مول پېتى يىغىۋېلىشنى نەزەردە تۇتقىنى بولسا كېرەك.

     17.ئىمتىھان قەغىزى ئىمتىھان مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىلەن تەڭ مىقداردا تەييارلانمىغاچقا، بىر قانچە ئوقۇغۇچىلارغا سوئال يەتمەسلىك. كومسىيە سوئال تولۇقلاپ ئەكىرگىلى چىقىپ كەتسە، ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىدىغان ئادەم بولماسلىق سەۋەبىدىن ئىمتىھان مەيدانى قالايمىقانلىشىپ كېتىش. (قائىدە بويىچە ھەر بىر مەيدانغا ئىككىدىن كومسىيە كىرىشى كېرەك بولسىمۇ، ئىلمىي مۇدىرنىڭ بەك ئىلمىيلىشىپ، كۆيۈمچانلىقى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشى بىلەن بەزىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئۇلارنى ئارام ئېلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقتىن، بىر ئادەملا كومسىيە بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت). يوقىرقىلارنى ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىلمىيلىكى دەپ ئاتاشقا ئاغزىمىز بارارمۇ؟ مۇبادا شۇلارنى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى قائىدە-نىزام، ئۆلچەمگە بىر-بىرلەپ ئەمەلىي تەدبىقلىساق، ئىلمىي مۇدىلرىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ زادى نەچچىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي ئىلمىي مۇدىر بولالار؟ يەنە قايسى بىر ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ يۈزى قىزارماي، «ئىلمىي مۇدىرلىق» تونىغا ئورۇنۇپ بىخۇدلۇق ھەلىتىدە مۈگدەپ جان ساقلاپ ياشاۋىرەر؟!

       18. «ئالاھىدە كەسىپ» نامى بىلەن ئاتىلىدىغان گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا ۋە تەنتەربىيەدىن ئىبارەت بۇ پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامدىنمۇ چىقىپ تۇرىدۇكى، بۇ پەنلەرلەرنى باشقا پەنلەرنى ئۆگەنگەندەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممە ئوقۇغۇچى ئاسانلا ئۆگىنىۋالالمايدۇ. بۇ پەنلەردە ئەمەلىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ پەنگە قىزىقىپ، بۇ پەنلەردە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، بۇ پەنلەردىن ئىمتىھان بېرىپ ئۆتمەكچى بولغان ھەر بىر ئوقۇغۇچى، بۇ پەنلەردە ئەمەلىي ماھارەت ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن خۇددى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش باشقا پەنلەردىكى مەزمۇنلارنىمۇ ئۆگىنىپ مېڭىش بىلەن بىرگە، ئالاھىدە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئاندىن بۇ پەنلەردە بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپلەرمۇ  «ئالاھىدە كەسىپ»لەر ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇ كەسىپكە ئىشتىياق باغلىغۇچى ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرس ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دائىمىيلىق يېتەكلىشىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كپلەپ ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئاندىن«ئالاھىدە كەسىپ»تىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى گۈزەل ئىقبالى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بەزى مەكتەپلەرنىڭ دەرس سەتكىسىدىن بۇ دەرسلەر ( ئاساسلىقى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلاردا رەسىم، مۇزىكا دەرسلىكى) ئاللىبۇرۇن چىقىرىۋېتىلگەن، ئەگەر دەرس سەتكىسىدە يالغاندىن شەكىلگىلا بار بولسا،  ماھىيەتتە ئۇ دەرسلەر ئۆتۈلمەي، بۇ دەرسلەرنىڭ ۋاقتى باشقا پەنلەرگە تەڭشىۋېتىلىپ، بۇ دەرس ئىگىلىرى مەكتەپنىڭ سان ئېلىش، تازىلىق تەكشۈرۈش، ھەر خىل جەدىۋەللەرنى ئىشلەپ-ئارخىپلاشتۇرۇش، مەكتەپنىڭ مالىيە، ئارقا سەپ، ياتاق باشقۇرۇش …ئىشلىرىغا  ياردەملىشىش ئۈچۈن ئاجرىتىۋېتىلىپ، بۇ دەرسلەرنى قاراملىق بىلەن ئۆتمەي توختىتىۋېتىش. ئەگەر مۇشۇنداق بولغاندا، «ئالاھىدە كەسىپ»تە ئالاھىدىكى بار ئوقۇغۇچىلار قايسى ۋاقىتتا، كىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەنىمۇ ياخشى بولغان ئالاھىدە ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزلىرى قىزىقىدىغان كەسىپلەردە قانداقمۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالار؟! ئەگەر خۇددى مەن تىلغا ئېلىۋاتقان مەكتەپلەردىكىدەك يەنە باشقا جايلاردىكى مەكتەپلەردىمۇ مۇبادا ئەھۋال شۇنداق بولسا،«ئالاھىدە كەسىپ»تە تەربىيەلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەنە شۇنداق «ئالاھىدە كەسىپ»لىرىدە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە يوق، ئەكسىچە تەدرىجىي  ئاز   قېلىپ، بەلكى تاقىلىپ، ھېچ بولمىغاندا، چۆلدەرپ قالماسمۇ؟! يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بەزى مەكتەپلەردە  بىر قىسىم «ئالاھىدە كەسىپ»لەرنى ئۆتۈشتىن توختاتقانلىق، ماھىيەتتە، ئالاھىدە كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشى، ھېچ بولمىغاندا، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا  ئازلاپ  كېتىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكمۇ-قانداق؟!  

19.«ئىلمىي مۇدىر» دېگەن بۇ نامدىنمۇ ناھايىتى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇكى، ئۇ- مۇدىرلا ئەمەس، بەلكى ئىلمىي مۇدىر،ئۇ تەبىئەت ئالىمىدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مەخلۇقاتلاردىن ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلارغا مەكتەپتىن ئىبارەت مەرىپەت بېغىدا ئېلىم-ھېكىمەتتىن ئەقىل-پاراسەت دۇردانىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىھنەتسىز مېھنىتى ئارقىلىق بىلدۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى ھېسابلاپ، بۇ يولدا ئۈن-تۈنسىز تېرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى» بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنىڭ نۆۋەتتىكى رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان يېڭى دەۋرنىڭ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، تەدرىجىي مۇكەممەللىشىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى رولى ناھايىتى مۇھىم بولغان ئاچقۇچلۇق شەخس. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىنىچكە، ئىلمىي، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە دەۋرىيلىككە ئىگە  ئىلمىي، ئەقلىي خىزمەتكە ئىلمىي، ئەستايىدىل، قىزغىن مۇئامىلىدە بولالمايدىغان ئىلمىي مۇدىرلار ئىنچىكىلەپ كۈزىتىدىغان بولساق  ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن خېلىلا كۆپ نىسبەتتە مەۋجۇت. مۇبادا «ئىلمىي مۇدىر» يېتەكچىلىك قىلالمىسا، قانداقمۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلالايدۇ؟ قانداقمۇ، ئۆزىنىڭ «ئىلمىي مۇدىر» دېگەن نامىغا يۈز كېلەلەيدۇ. ئالىي دەرىجىلىك مەخلۇق ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلار توپىدىكى ئەڭ ئىلمىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا باش بولغۇچىلار ھەر بىر گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتتە ھەتتا ئىلگىرى قارا كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىكىدىكى ھەر يىلى نەچچە قېتىم تېرىپ ئۆستۈرۈپ يىلدا بىر نەچچە قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان تەكرار تېرىقچىلىق-يېزا ئىگىلىك ئەمگىكىدىمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىنىشقا مۇھتاج بولماقتا. مۇبادا دېھقانچىلىقمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلمىسا يەردىن ئەجىرگە مۇناسىپ ھوسۇل ئەمەس، ھەتتا يەرگە چاچىدىغان ئۇرۇقلۇقمۇ يەردىن چىقماي، ئەجىر بىكارغا كېتىدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىش تامامەن مۇمكىن. بۇ ئالەمگە بىرلا قېتىم تۆرىلىپ، ئاران كەلگەن تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن كەلگۈسىنىڭ خۇجايىنلىرى، ئۆمىدىمىزنىڭ ۋارىسلىرى، يۈرىكىمىزنىڭ پارىلىرى، كۆزىمىزنىڭ قارچۇقلىرى بولغان يۇمران نوتىلارنى پەرۋىشلەشتىن ئىبارەت تولىمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئىلمىي مۇدىر چوقۇم  تېخىمۇ ئىلمىي بولۇش كېرەك. چۈنكى شۇندىلا ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش قەدىمىنى تېخىمۇ ئىلگىرلەتكىلى بولىدۇ.

20.تەلىم-تەربىيە قانۇنىيىتى بويىچە، تۈرلۈك ئىمتىھانلارنىڭ قاچان، قانداق شەكىلدە ئېلىنىشى ئالدىن پىلانلانغان بولىدۇ ھەم ئاساسەن دېگۈدەك تۈزۈلگەن شۇ پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما بەزى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى پىلانلاش، ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە خۇلاسىلاپ ئاخىرلاشتۇرۇش جەھەتتىكى مەسئۇلىيتىنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى ياكى ئىقتىدارسىزلىقى تۈپەيلىدىن، تۈرلۈك ئىمتىھانلارنى ۋاقتىدا ئالماي كەينىگە سۈرۈلۈشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە كۈن تەكرارلاپ، پىششىقلاپ ئۆگەنگەنلىرى خېمىغا يېنىپ قېلىش، ھەتتا ئۇنتۇلۇپ كېتىش، تەتىل دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى سەۋەبىدىن بىر قانچە پەنلەرنىڭ ئىمتىھانلىرى قاپلىشىپ قالغاچقا، ئوقۇغۇچىلار جىددىيلىشىپ قېلىپ، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەسلىك، بۇ تۈپەيلى نەتىجىنىڭ تۆۋەن چىقىپ قېلىشى بىلەن دەرس ئىگىلىرى بىلەن سىنىپ مۇدىرلىرى، باشقۇرغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش ۋە زىددىيەت كېلىپ چىقىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋارللار يۈز بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بولىدۇ. تۆمۈرنىمۇ قىزىقىدا سوقۇش، بۇغداينىمۇ ۋاقتىدا ئورۇنپ،خاماننىمۇ  كېچىكتۈرمەي ئۆز قەرەلىدە ئېلىش كېرەك. كېچە ئوزۇن بولسا چۈشمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەتتا كىشىنى قارا بېسىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن!!!

21.ئادەتتە مەكتەپلەردە ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتېرىشكە ئاساس سېلىش مەقسىتىدە، قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا يىللىقلار ئارا، ھەر قايسى پەنلەر ئارا مەكتەپ بويىچە ئوچۇق دەرس، ئۈلگىلىك دەرس، مۇكاپاتلىق دەرس... قاتارلىق تۈرلۈك دەرسلەر ئۆتۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە دېگەندەك، بۇ خىل دەرسلەرنىڭ ئۆز-ئارا پىشقەدەم ۋە ياش ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئەمەلىي بىلىم-ماھارىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتۇش تەجرىبىسى كەم، ئوقۇتۇش مېتودى يۇقىرى بولمىغان  ياش ئوقۇتقۇچىلار تەجرىبىلىك، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ماھارىتىنى ئۆزلەشتۈرۋېلىپ، كەسپىي جەھەتتىن  پىشىپ-يېتىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بار، ئەلۋەتتە. ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ خىل دەرسلەرگە تەشكىللەشتە بەزى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئەخمىقانە قىلىقلىرىنى ھەر قانچە ئويلاپمۇ چۈشىنىش قىيىن. يەنى ئۇلار «خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتىگە توغرا باھا بېرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن ئوخشاش كەسىپتىكى ئوخشاش مەزمۇندىن دەرس ئۆتىدىغانلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىۋېىلىپ دەرس ئۆتۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە ئۆز-ئارا  بىر-بىرىنىڭ دەرسنى ئاڭلاشقا رۇخسەت قىلماسلىق قائىدىسىنى زورۇقۇپ كەشىپ قىلماقتا. ئۇنداقتا، دەرس ئاڭلاشتىكى مەقسەت زادى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى باشقىلارغا ئۈلگە قىلىشمۇ ياكى بىر قېتىملىق دەرس ئۆتۈش ئالۋىڭىنى ئادا قىلىشمۇ؟!

  مۇبادا، ئۆزى بىلەن ئوخشاش مەزمۇننى ئۆتكەن ياكى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئوقۇتۇشنىڭ دائىمىيلىق قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولمايدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا، مەكتەپلەر ۋە پاراللىل يىللىقلارغا دەرس ئۆتكۈچىلەر ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرماسلىقى، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپلا تىمىسقىلاپ يۈرۈۋېرىشى كېرەكمۇ؟  نۆۋەتتىكىدەك ئۇچۇرلاشقان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاق-دوستانە ھالدا ھەممە كەسىپتىكىلەر قاتارى ئوقۇتۇش قوشۇنىدىكىلەرمۇ ئوقۇتۇشتا كەسىپداشلار ئارا، تەڭتۇش كەسىپداشلار ئارا ئورتاق ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈچۈن دوستانە پىكىرلىشىپ، كەمچىللىكلەرنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى بىرلىكتە جارى قىلدۇرۇشقا يول ئېچىپ بېرىش چوڭ ئومۇمىيلىق بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۇنى تېخىمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، كېڭەيتىش ئەمەس، ئەكسچە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەنە شۇ ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ  ئىلمىيلىكى بولۇپ ھېسابلىنارمۇ؟ دەرس ئاڭلاشتا يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش قېتىم سانىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزى «ئاڭلىغان» دەرسنى سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە نەخ مەيداندا ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەنئىتىنى يۇقىرى كۆتېرىشكە ئاساس سېلىشىغا نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئوقۇتقۇچىلار ھەر مەۋسۈمدە ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلىپ بېرىلگەن 15-20 سائەت دەرسنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى دەرسخانىدا بىر سائەتتە بىردىن ئەمەس، ئۆز ئىشخانىلىرىدا ئولتۇرۇپلا، ۋاقتى كەلگەندە خۇددى چاقماق چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك ھاپىلا-شاپىلا گۈلدۈرمامىلار بىلەن « ئاڭلاپ» تۈگىتىپ، ئۆزىنىمۇ ھەم ئۆزگىلەرنى ئالداپ جاھاندارچىلىق قىلىش كېچىكىگە كىرىۋېلىپ جاھاندارچىلىق قىلىش.

22.مەلۇم بىر قۇشۇنغا يىراقنى كۆرەر قابىل سەركەردە باش بولمىسا، ئەسكەرلەر مەغلۇپ بولىدۇ. ئوخشاشكى، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولغان بىلەن ئۇلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئىلمىي مۇدىر باش بولمىسا، ئۇلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتۇشتا نەتىجە قازىنىش ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشكە ئوخشايدۇ. بۇ گويا ئەڭ ئىلغار مەلۇم بىر قاتناش قورالى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ھەيدەيدىغان شوپۇر ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئىشەك ياكى كالا قوشۇلغان ھارۋىنىمۇ قاملاشتۇرۇپ ھەيدىيەلمەيدىغان ساپادىكى كىشى بولسا، ئۇ زامانىۋىي قاتناش قورالىنىڭ ئەنە شۇ ھارۋىدىن يەنە نېمە پەرقى قالار؟! ئەكىسچە ئىلمىي مۇدىر تەدبىرلىك بولسا، گەرچە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا يا ئۇنداق،يا بۇنداق يېتەرسىزلىكلەر بار بولسىمۇ، ئېنىقكى، ئىلمىي مۇدىر ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتى ئارقىلىق يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ياخشى تەشكىللەپ، مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى نەتىجىلىك يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدىغانلىقىدا گەپ يوق. بۇ سۆزىمىزگە بۈيۈك پەيلاسوپ ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ نەسھىيىتى دەلىل بولالايدۇ:

كۆر ئىتقا بۇلىۋەرسە باش ئارسىلان،

بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسىلانسىمان.

ئەگەر ئىت بولسا باش ئارسىلانلارغا،

بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

شۇڭا ھەر بىر ئىلمىي مۇدىر  ئۆز نامىغا  مۇناسىپ بولغان كەسپىي ساپا ۋە ئەخلاقىي-پەزىلەت ساپاسىغىمۇ ئىگە بۇلۇشى شەرت.   

   يۇقىرىقىلاردىن بەزى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ «ئىلمىي»لىقىنى ھېس ئانچە تەس ئەمەسكى، ئۇنداقلارنى ئىلمىي مۇدىر دەپ ئاتاشقا راستىنلا ئاغزىمىز كۆيىدۇ. مۇبادا شۇلارنى ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى قائىدە-نىزام، بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەملەرگە بىر-بىرلەپ تەدبىقلاپ باقساق، ئىلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ زادى نەچچىسى ئىسىمى-جىسىغا لايىق ئىلمىي مۇدىر بولاللالار؟  قايسى ئىلمىي مۇدىرلار ئۆزىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقىدىن يەن خىجىل بولماي،  ئۆزىنى مەن « ئىلمىي مۇدىر » دەپ ئاتاشقا جۈرئەت قىلالار؟!

مەن يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمنى مائارىپ ساھاسىدىكى ئومۇمى يۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ئەھۋال دەپ ئېيتىپ، بۇ ئايرىلىمىقنى ئومۇمىيلىق ئۈستىگە دەسسىتىش ئويىدا بولمايۋاتقان بولساممۇ، ئەمما بەزى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە يوقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك گەرچە پەخىرلىك نامى «ئىلمىي مۇدىر» بولسىمۇ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن ئىلمىيلىكنىڭ زەررىچىلىرىنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان «ئىلمىي مۇدىرلار» ھەقىقەتەن يوق ئەمەس! بۇنى چوقۇم ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. چۈنكى قۇياشنى ئالقان بىلەن توسۇۋالغىلى بولمايدۇ-دە! گەرچە مەيلى كىم بولمىسۇن، خۇددى ئالتۇنمۇ ساپ بولمىغىنىدەك، تولۇن ئاينىڭمۇ  دېغى بولغىنىدەك ھېچكىم ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىك-نۇقسانلاردىن ئەسلا خالىي بولۇپ بولالمايدىغان بولساقمۇ، ئەمما ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك ئىلمىيلىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتكە چوقۇم ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش كۈچلۈك تەخىرسىزلىك ۋە قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئۆمۈر دېگۈدەك باشقۇرۇش، رەھبەرلىك قىلىش ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشكەن پەخىرلىك رەھبىرىمىز يولداش ماۋزېدوڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندىمۇ « پەن مەسىلىسى-بىلىم مەسىلىسى، شۇڭا ئۇنىڭغا قىلچىمۇ بىخەستەلىك ۋە بىپەرۋالىق قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ». بۇ مەنىدىن ئالغاندىمۇ، ئەگەر بىز نۆۋەتتىكىدەك بىلىمنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان دەۋرىدە بېشى قىچىشسا، دۈمبىسىنى قاشلاپ، بۇ يەردە چاقىرسا، ئاۋۇ يەردە خېلى ئۇزاقتىن كېيىن، ئاران «ھە » دېيەلەيدىغان ئەنە شۇنداقلارنى يەنىلا «ئىلمىي مۇدىر» دەپ ئاتاۋېرىشىمىزگە توغرا كەلسە، مەن ھەممەيلەننىڭ سەگەك تەپەككۇر بىلەن بىر قەدەر ئەتراپلىقراق ئويلىنىپ، ئىلمىيراق ئۇسۇلدا جاۋاب قانائەتلىنەرلىك ھالدا بېرىپ بېقىشىمىز ئۈچۈن شۇنداق بىر سوئالنى سورىغۇم ۋە شۇ سوئالغا ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق جاۋاب ئالغۇم كېلىدۇ.  ئەۋلاد تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۇستازلار، مائارىپ، مەمۇرى ئورۇنلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملار، مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسىس، ئالىم-ئۆلىما، پېداگوك ۋە پىسىخولوگلار... قېنى، سىلەرمۇ بىر جاۋاب بېرىڭلارچۇ؟ ئەگەر «ئىلمىي مۇدىر» ئىسمى-جىسمىغا ھەقىقىي ماس ھالدىكى ئىلمىي مۇدىر بولمىسا ياكى بولالمىسا، يەنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنىڭ تەلىپى، نۆۋەتتىكى يېڭى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يۈنۈلۈشىگە ماس ھالدا ئىلمىي پىلانلاپ، ئىلمىي ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئىز باسارلىرىمىز بولمىش ئەۋلادلارنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش خىزمىتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بارالمىسا، ئۇنداقلارنى يەنە  قانداقمۇ  «ئىلمىي مۇدىر» دەپ ئاتاۋېرەرمىز؟! ئەگەر ئۇنداقلار راستىنلا يەنە «ئىلمىي مۇدىر» بولۇپ ئىشلەۋەرسە،  باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، يەنە مۇنۇ تەخىرسىز  مەسىلىگە  بىرلىكتە جاۋاب بېرىپ باقايلى: ئەنە شۇنداق  «ئىلمىي مۇدىر»لارنىڭ ئىلمىيلىكى زادى نەدە؟؟؟!!!

( مەنبەسى: ئەركزات  نەشرگە تەييارلاۋاتقان «مائارىپ،  تەرەققىيات ۋە مەۋجۇدىيەت » ناملىق ماقالىلار توپلىمى )

2012-يىل 13-ئىيۇل

         ___________________

                      مائارىپ-تەرەققىياتنىڭ ئاساسى. مائارىپقا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش- ئەتىدىكى گۈزەل كېلەچىكىمىز ئۈچۈن مۇستەھكەم ھۇل سالغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن مائارىپ ساھاسىدىكى بىر پەرۋىشكار باغۋەن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئاخبارات-تەشۋىقات خادىمى، شۇنداقلا بىر قەلەم ساھىبى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەتراپىمدا بىۋاستە ئۇچراتقان، گەرچە بارلىق مەكتەپلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلىنىپ، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقاچقا، نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ئۈنۈمىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقاچقا، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلار  ۋاقتىدا تۈزىتىپ، تېزدىن ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بۇ  مۇھىم مەسىلىنى مۇنبەرداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. بەلكىم، ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمنىڭ بەزىلىرى بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولۇپ قالغان، بەلكى بۇ جەھەتتىكى ساقلىنىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى بايقاپ بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك. شۇڭا، مۇنبەرداشلارنىڭ سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي قاراشلار ئارقىلىق «ئىلمىي مۇدىر»نىڭ ئىلمىيلىكىنىڭ زادى نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە  قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىمىزنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئىلمىي بەس-مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرگۈچىلەر چوقۇم ئاپتورى ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىشى

لازىم.


       قوشۇمچە:

ئىلمىي  مۇدىرنىڭ خىزمةت مةسئۇلىيىتى

   1.«ئۈچكة ۋةكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىديسىنى ئةمەليةتتىن ئۆتكۈزۈشتة چىڭ تۇرۇپ، پارتىية،دۆلةتنىڭ مائارىپ فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ،پارتىية، دۆلةت ۋة خةلققة نىسبةتةن يۈكسةك مةسئۇلىيةت تۇيغۇسى بولۇش، سىياسىي نةزەرىية سةۋيەسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش.

  2.مائارىپ قانۇنيةتلىرىنى ئوبدان ئۆگىنىپ،ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا پىششىق بولۇش، ئۆز كةسپىنى قىزغىن سۆيۈش ،ئۈزلۈكسىز بىلىم يېڭلاپ تۇرۇشقا ئةھمىيةت بېرىپ،دةۋر تةلپىدىن ناھايتى ئوبدان چىقالايدىغان بولۇش.

   3.مةكتةپ مۇدىرىغا ماسلىشىپ،مةكتةپ ئوقۇتۇش خىزمىتى پىلاننى تۈزۈپ چىقىش ۋة ئۇنىڭ ئةمەلىيلىشىشىگة مةسئۇل بولۇش، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ئوقۇتۇش خىزمتىنىڭ جةريانىنى ئىگىلةپ،ئوقۇتۇش پىلانىنىڭ ياخشى ئورۇنلىنىشىغا كاپالةتلىك قىلىش.

4.ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك نىشان-كۆرسةتكۈچلىرىنى بېكىتىپ، ئورۇنلىنىشغا ھةيدةكچىلىك قىلىپ،  ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش.

5.ئوقۇتۇش پىروگىراممىسغا ئاساسةن،مةكتةپ كالېندار پىلانىنى،مةشغۇلات جةدىۋىلنى تۈزۈپ چىقىپ،ئوقۇتۇش كۈچىنى تةشكىللةش،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دةرسلىك سېتكىسى تۈزۈش،دةرس ئالماشتۇرۇش،ئوچۇق دةرس ئۆتۈش،ئىمىتىھان ئېلىش، سىناق ئېلىش ۋة تاپشۇرۇق بېرىپ تةكشۈرۈش، كونسۇلتاتسىية قىلىش ئةھۋاللىرىنى ئىگىلةش ۋة ئورۇنلاشتۇرۇش،قةرةللىك ھالدا نةتىجىسىنى تةكشۈرۈپ تۇرۇش، ۋاقتى-ۋاقتىدا سۈپةت تةھلىلى قىلى،خۇلاسة چىقىرىپ تۇرۇش،ئوقۇتۇش جةھةتتىكى ئىلغار تةجىربىلةرنى كېڭةيتىش.

6.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش ئةھۋالىنى چۈشىنىپ،ئوقۇغۇچىلار ۋة ئاتا-ئانىلار سۆھبةت يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋة ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمتىگة بولغان تةلةپ-پىكىرلىرىنى ئةستايدىل ئاڭلاپ ،ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

7.ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمتىنى ياخشى ئىشلةپ،تولۇقسىز ئوتتۇرا يىللىقلىردا مةجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى قةتئىي ئىجىرا قىلىش، ئوقۇش تةۋةلىكىنى باشقۇرۇش بةلگىلمىسىنى قةتئىي ئىجىرا قىلىش.

8.مةكتةپ تةجىربىخانىلىرى، قىرائةتخانا،ئېلىكتېىرلةشكةن ئوقۇتۇش، كومپىيۇتېر ئوقۇتۇش ئۆيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنىڭ فونكىتسيەلىك رولدىن تولۇق پايدىلنىپ ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋة ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكة كاپالةتلىك قىلىش.

9.ئوۇقۇتقۇچىلار كةسپىي ئارخىپى ۋة ئوقۇغۇچىلار نةتىجة ئارخىپىنى باشقۇرۇش خىزمةتلىرىنى ياخشى ئىشلةش،ئوقۇتۇش خىزمتىگة مۇناسىۋةتلىك ئارخپلار ،ھةر خىل ئىمتىھانلارنىڭ  نةتىجة ئارخىپلىرى،سۈپةت تةھلىلى،ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋةتلىك ھۆججةت-ماتېرياللارنى ياخشى ساقلاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش.

10.دةرسلىك ماتېرىياللىرى ۋة پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالةتلىك قىلىش،دةرسلىك زاكاس قىلىش خىزمتىنى ياخشى ئىشلةش،زاكاس سانى ئېنىق بولۇش،زاكاس ۋاقتىغا كاپالةتلىك قىلىش.

11.ساپا مائارىپىنى ئومۇمىيۈزلۈك تةرةققىي قىلدۇرۇشقا ئةھمىيةت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھةر تةرةپلىمة يېتلدۈرۈشكة دىققةت قىلىپ، ھةر تۈرلۈك پةن-كۇرجىكلىرىنى تةشكىللةپ،ئۈنۈمنى كۈرۈش.يېڭى دةرس ئىسلاتىغا ئالدى بىلةن باشلامچى بولۇپ، پائال ماسلىشىپ دةرس بايلىقنى قېزىشقا ماھىر بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ جةھةتتة توغرا يېتةكلةش.

( مەنبەسى: مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي بۆلۈم ئىشخانىلىرىدىكى نەپىس رامكىلاپ ئېسىپ قويۇلغان قائىدە-تۈزۈملەر سەھنىسىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى).

ئەسكەرتىش: بۇ مەسئۇلىيەتنامىنىڭ  ئىملاسىدا ناھايىتى كۆپ ئىملا خاتالىقلىرىغا يول قويۇلغان بولغاچقا، كۆچۈرۈپ كېلىش جەريانىدا، پەقەت ئىملا خاتالىقى تۈزىتىلگەندىن باشقا، ھېچبىر سۆز-جۈملىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 11:48 AM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 300 دەلىللەر يېتەرلىك
شاكىچىك + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك
bayhenim + 20
hekmat110 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
ئەلشاھ + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
XERHAN + 55 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 964   باھا خاتىرىسى

توۋا دەيمەن.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1468
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 04:18:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋتىڭىزگە ئاپرىن ، ماقالىىز ھەققەتەن ياخشى چىقىپتۇ .  باھابىرەي دىسەم سەۋيە تۈۋەن .

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 04:43:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس گەپنى قىلغاندا ھازىر چارچاپ قالدىم ، ماقالىنىڭ ھەجىمى سەل كۆپ ۋە كەڭ دائىرىلىك بولغاچقا كاللىسى سەگەك ، تىتىك چاغدا ئوقىمىسا بولمايدۇ .
شۇڭا ماقالىگە بولغان چۈشەنچەم ۋە كۆز قارىشىمنى كىيىنچە ئوتتۇرغا قويامەن .
مۇشۇنداق ياخشى ماقالىلارنىڭ كۆپرەك يوللانسا...

يەنە بىرگە مائارىپ ساھەسىدىكى ‹ ئىلمىي › لارنىڭ ھەقىقى تۈردە ‹ ئىلمىي › بولىشىنى ، ‹ ئىلمىي › لىكنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ‹ قورچاق ئىلمىي › بولۇپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمەن .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 05:21:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بولغاندىمۇ ئىلمى مۇدىر بولغان ئادەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان پىسخىك ئامىلنى چۈشىنىشى، ئوقۇتۇشنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلىشى، ئوقۇتۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى ـ تۈۋەن بۇلىشىدىكى سەۋەبىنى تېپىپ ھەل قىلالىشى، جەمىيىتىمىزگە ئىقتىدارلىق ياشلارنى تەربىيلەشنى (ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى) ئۈزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ بىلىشى كىرەك ئىدى. بىراق، ھازىرقى تەربىيلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرىلىۋاتقىنى بولسا دەرسكە قىزىقمايدىغان، ئىرادىسىزلىك، ساختىپەزلىك، ھۇرۇنلۇق (تىرىكتاپ) ئۈلۈك يادلايدىغان، مۇستەقىللىق ئېڭى يوق، يۈرەكسىز،شەكىلۋاز، پاسسىپ خاراكتىر بىلەن مىڭە ئىشلەتمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.

ھازىرقى مائارىپ ساھەسىگە  بىر تۈركۈم ماشىنا ئادەملەر بولسا بولدى، ئۇلار ئوقۇتۇش خىزمىتىنى  پەقەت ۋە پەقەت يېزىپ يادلاپلا ئۈگىنىدىغان تۆت چاسا خەت قىلىۋالىدۇ. كىتابتىكى، دەرسخانىدىكى بىلىمنىڭ پەقەت بىر ۋاستىلىك بىلىم ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىلىملەرنىڭ ئەشۇ كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، تەنتەربىيە ، ئىككىنجى دەرسخانا پائالىيتى ئارقىلىق مۇكەممەللىشىپ، ھىس تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئوقۇتۇش بىلەن ئۆگىنىشنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئامىللارغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتمەيدۇ، ئۇلار كۆزگە ئىلمىغان مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، ئىككىنجى دەرسخانا (رەسىم تارتىش،رەسىم سىزىش، ھۆسنىخەت يېزىش، سەنئەت پائالىيەتلىرىگە  قاتنىشىش، ئىكىسكۇرسىيە قىلىش، جەمىيەت تەكشۈرۈش،  مودىل ياساش، ئائىلە ئىشلىرى، ئۈسۈملىك ئۆستۈرۈش، شارائىتى بولسا ھايۋانات، ئۇچار قۇشلارنى بېقىش، كىتاب كۆرۈش... ۋە ھاكازالار) ئارقىلىقلا نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى ئېشىپ، ئۈگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىپ، ئاكتىپ خاراكتىر يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرمەسكە ، بىلمەسكە، ئاڭلىماسقا سالىدۇ.

بىز بىر پروگگرامما تۈزۈپ ئۇنىڭغا 3+3=6 دەپ كىرگۈزۈپ قويساق،باشقىلار پەقەت شۇنداق يازغاندىلا نەتىجىسى بولغان 6نى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ، ئەپسۇس ؟=4+2 دەپ كىرگۈزسە قاراپ تۇرىدۇ( بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە ئايرىم كود كېتىدۇ)، ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇش ئۇسۇلىنىڭ قالاقلىقى، باشلىقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى سەۋەبلىك يۇقىرىقى پروگگراممىدەك بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.

قىسقىسى ‹‹مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش›› ھەرىكىتى قايتا يۈز بېرىۋاتىدۇ، يۇقىرىقىدەك بىر تالاي سەۋەبلەردە قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە  ئىلمى مۇدىلارنىڭ مەسئۇلىيتى بار دەپ قارايمەن.

ئىلگىرى بىزگە خەنزۇ تىلى بىرىدىغان بىر مۇئەللىمە بار ئىدى، ئوقۇتۇش تەلىپى ناھايتى چىڭ، ھەتتا تاپشۇرۇق دەپتەردىن تارتىپ قەلەمگىچە ناھايتى قاتتىق تەلەپ قۇيىدىغان، ھەر قېتىملىق دەرستىن كېيىن بېرىلگەن سۆزلۈكلەرنى 10 قېتىمدىن يېزىپ چىقىش تاپشۇرۇق ئىدى، مەن بىر قېتىم قانداق قىلاركىن دەپ ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن، ئۆلچەملىك قىلىپ بەش قېتىمدىن يېزىپ كېيىنكى دەرس ۋاقتىدا تاپشۇرسام نېمىشقا بەش قېتىم كەم يازدىڭ دەپ ئىككى تەستەك بىلەن مۇكاپاتلانغانىدىم، دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭكىگە قاراپ باقسام 10 قېتىمدىن يازغىنى بىلەن مەندىنمۇ سەت ۋە ئۆلچەمسىز يېزىپتىكەن... شۇ بىر ئاچچىقىمدا خەن تىلىنى تاشلىۋەتكەنچە  شۇنداق ئۆچلۈك بىلەن مەجبۇرى دەپتەر توشقۇزۇپ ئوقۇش پۈتتۈرىۋەتكەن.كېيىن دەردىنى تارتىپ كېچىلەپ ئۈگىنىشىمگە توغرا كەلدى.... بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس قىزغىنلىقىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
جۇڭگۇ مائارىپى ئىسلاھ قىلىنمىغۇچە مۇشۇنداق قارىغۇ ئىلمى مۇدىرلار بىلەن جان باقتى ئوقۇتقۇچىلار، ماشىنا ئادەمسىمان ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىۋېرىدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 06:03 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 11 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 05:56:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئىلگىركى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمنى ئەسلەپ باقسام دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىنقى رەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىپ  ئولتۇرغۇزۇپ قۇيىدىغان، ئىجتىمائى پەن دەرسلىك مەزمۇنىنى ئۈگىنىش باشلىقىغا ئوقۇتۇپ، دەرس ئاخىرلاشتۇرىدىغان، تەجرىبە زۆرۈر بولغان دەرسلىكلەردە نەزىرىيە بىلەنلا ئاخىرلاشتۇرىدىغان، يادلاشقا ئالاھىدە ئىشىنىدىغان،  يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كەلسە كۆز بۇياپ ئەمەلىيەتنى يۇشۇرۇپ، سەبى ئۆسمۈرلەرگە ساختىپەزلىكنى، يالغانچىلىقنى ئۈگىتىدىغان، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ھېچقايسى ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ قىزىقىشىنى سوراپ باقماي، ئەكسىچە كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىدلەيدىغان،ئازراق ئىلگىرلەپ قالسا ئىلگىركى ‹‹خاتا››لىقىنى پەش قىلىپ، مەسخىرە قىلىدىغان، غورورىغا تىگىدىغان گەپ ـ سۆز، ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى تۈۋەنلىتىدىغان، مۇشۇنداق بىر تالاي خاتالىقلار بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار توققۇز يىل مەكتەپتە ئوقۇپمۇ ساۋاتسىز مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلىدىغان،  ‹‹ئىمتىھان نەتىجىسى ھەممىسىن مۇھىم››دەيدىغان ئىددىيە بىلەن دەرس ئۆتىدىغان قىسمەن ئەھۋاللارمۇ بار ئىدى. ساپا مائارىپى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە   ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق ئىشلار قالمىدى ھەقىچان ...


بىر تال سېسسىق ئۈرۈك بىر سېۋەت ئۈرۈكنى سېستىدۇ، ھازىر كۆپىنچە سىتودىنىتلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەمۇر بۇلۇشنى ئويلايدۇ، پەقەت ھېچقانداق ئامال بولمىغاندا ئازراق يول مېڭىپلا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ ئىنساب ھەدىيە قىلغانلىرى مەسئۇلىيەتچان، تەلەپچان ئوقۇتقۇچى بۇلىدۇ، قالغانلىرى بولسا جانباقتى... مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئوقۇتقۇچى قۇشۇنىدىن تازلاش كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 10:57 AM  


ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 08:22:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بەزى ئۇقۇتقۇچىلار باتى مەسىلەن بىزگە 7 پەندىن ئىمتاھان بار فۇدال قىلىڭلار دىسە ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئچىىدە 2 ياكى 3 ئوقۇتقۇچىمىز فۇدال قىلاتتى باشقىسى ئۆزەڭلار ئۆگىنىڭلار دەپ تاشلاپ قۇياتتى  ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش نەدە تۇرسۇن كىتپانى قۇلۇغىمۇ ئامماي خانىمنىڭ ئالدىدا چېقىرشىپ ئوينايتى بىراق  مۇئېللىم گەپمۇ قىلماي ئولتۇراتتى ۋە ياكى سىنىپتىن چىكىتەتتى ھەي ..........

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76857
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5125
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-3-3
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 09:41:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئوبدان پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىغا ھېلىتىنلا پۈچەك ئىنكاسلار چۈشۈشكە باشلاپتۇ. بەزى تورداشلارغا دەيدىغىنىم، بۇ يەردە قايسى بىر جاڭگالنىڭ ياكى دولان سەنىمىنىڭ گېپى بولۇۋاتمايدۇ. ھەر قانداق تېمىغا قاملاشسا قاملاشمىسا ئىنكاس يېزىپ بېقىش شەرت ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49395
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2407
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 10:07:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇقسىزدىكى ۋاقىتتا بىزگە بىر يىل خەنزۇتىلى بەرگەن مۇئەللىم بولىدىغان ،ھەپتىدە بىر  سائەتلىك ئالاھىدە دەرس بار ،لىكىن دەرس تەييارلاش  قوللانمىسىدا يوق ،دەرس سۈرئىتىمىز باشقا سىنىىپلاردىن كىيىن قالسىمۇ،ئىمتاھانلار يېقىنلىشىپ قالسىمۇ  كارى يوق بىزگە چوقۇم بىر سائەتلىك ىەنزۇچە ‹ئىتوت كېچىلىكى › ۋەزىپە ئىدى ،بىرمۇ بالا قېپ قالمايتى ،ئىككى ئۈچتىن گورۇپپىلىنىپ چىقىپ سىنىپتا ھەممە بالىنىڭ ئالدىدا نومۇر كۆسىتەتتۇق .تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددى دىئالوگلاردە ئۇ  ،پەقەت بىلمىگەنلەر
-ياخشىمۇسەن ،نەگە ماڭدىڭ ،
-ئۆيگە
-خوش
دەپلا چۇشۇپ كەتسىمۇ بولىۋىرەتتى ،ئەلۋەتتە سەۋىيەسى ياخشىراقلار بۇنداق قىلسا تىل ئىشىتاتتى ،ھەي،.....قىززىق ۋاقىتلاردە...........بەزىلەرگە قاراپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالاتتۇق .
شۇ ۋاقىتتىقى بىزگە بەكلا بېسىم بولاتتى،(تولۇقسىز بىرىنچى يىللىق تۇرسا سەۋىيە قانچىلىك بولماقچى ) ،ھازىر پايدىسىنى كۆرىۋاتىمز مانا ،ئويلاپ باقسام دەرسنى بەكلا جانلىق ئۆتۈپتىكەن ،ھازىرغىچە خەنزۇچىنى بۇنداق ئۆتكەننى ئاڭلاپ باقمىدىم .؛مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نەزىرىدە دەرسنى ۋاىتىدا تۈگەتمەيدۇ دەپ بىر قالپىقى  بارغۇ دەيمەن مۇئەللىمنىڭ .


ھە راست مۇشۇ بانادا سورىۋالاي ،ھازىر تىلىۋىزوردا نىمىشقا ناھىيلىك ،ناھىيىمىز دىمەي  ناھىيەلىك  ناھىيەمىزدە  ،دەپپ ئۆزگەرتىۋالىدۇ ؟شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى دىگەننىمۇ تېلىۋىزىيەسى دەيدىكەن ،قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كېىتىۋاتىدۇ .........

پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ،ئاغرىمىسا كىشىگە.

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 11:04:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلمىي مۇدىر دېگەن قايسى ئىدارىنىڭ باشلىقى ؟ نېمە ئىش قىلىدۇ ئۇ ...

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 11:57:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نــۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-7-14 11:04 AM
ئىلمىي مۇدىر دېگەن قايسى ئىدارىنىڭ باشلىقى ؟ نېمە ئىش  ...

مەكتەپتە مۇدىر ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئىلمىي مۇدىر دەپ ئۈچ نەپەر ئاساسلىق كاتتىباش بولىدۇ .

بىز ئوقىغان مەكتەپتىكى ئىلمىي مۇدىر ئىلمىي ئەمەس ئۆتۈپ كەتكەن ساپاسىز ، تومپاي ئىدى ، ھېلىھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم ئىلمىي مۇدىرلار شۇنداق ئۆزىنىڭ سالاھىيتىگە چۇشلۇق ئىش قىلمايدۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش