مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3079|ئىنكاس: 42

شىپاھلىق مىۋە - چىۋىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72963
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 05:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1.ئۈجمە

ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، B، A، PP، گلۇكوزا، پىراكتوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تاننىن، كالتىسىي ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار، ئۇلار جىگەر كېسەللىكى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى ھىساپلىنىدۇ.

ئۈجمە مىۋىسى قۇرۇق ئىسسىق، زەھەرسىز، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ، كەم قانلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار. ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەن قىلى، ئىسسقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدا ئامرىن، گلۇكوزا، رىزىنناتنتول قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ دەم سىقىلىشنى، قورساق كۆپۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى، قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلىپ ئىچىپ بېرىلسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىدا مول مىقداردىكى تاننىن ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ يېڭى چىققان، چاتالمىغان، يوپۇرماقسىز نوتا شاخلىرى ئۇششاقلىنىپ، قاينىتىلىپ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، سوغۇق يەلنى يوقىتىپ، بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ، رېماتىزىم، پىللاگرا، پۇت- قول قولىشىشلارنى داۋالايدۇ، قاندىكى يەلنى تۈگىتىپ، بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ.

قارا ئۈجمە شىنىجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پىلە قۇرتى بېقىلىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا، مېۋىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دورىلىق رول ئوينايدۇ. قارا ئۈجمە راسا مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ. قارا ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ، تال، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.

2.شاتۇت

شاتۇتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق- چۈچۈك. شاتۇت تىلنى قورۇيدۇ، زەھەرسىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىۋىدە روتىن، كاروتىن، ۋىتامىن C، B، A، ئاقسىل، قەنت، ئانتوتسىئاندىن، ماي، ئەركىن كىسلاتا، ئۇچۇچان ماي، تاننىن، ئالوگول خلىدىكىلەر، كىنتا ئورىدىن، بوياق ماددىسى قاتارلىقلار بار.

شاتۇت ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان كاناي ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئۇ قان بېسىم يۇقۇرى بولۇش، قان قېتىش، بۆرەك، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

50گرام شاتۇت قېقى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا قايناق سۇ بىلەن 25گرامدىن دەملىنىپ ئىستىمال قىلىنسا، قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.

0.5گرام شاتۇت قېقى، 0.2كىلوگرام قىزىل زىرىق، 0.25كىلوگرام قارىئۆرۈك قېقى، 0.2كىلوگرام يەرلىك سېرىق چىلاننى تازىلاپ ئۇرۇقسىزلاندۇرۇپ، بىر كىلو سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 15مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن 0.25كىلوگرام شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىمىتىر ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقۇرى قان بىسىم، قان قېتىشىش، بۆرەك كىسەللىكى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى شىپا تاپىدۇ.

ھۆل شاتۇت مېۋىسىنى سىقىپ ئۈچ كىلوگرامغىچە شاتۇت سۈيىنى تەييارلىغاندىن كېيىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىرلىق تۈنىكە قاچىغا قۇيۇپ، ئىككى كىلوگرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 30مىنۇت قاينىتىپ قىيام قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قان بېسىمى يۇقۇرى، ئىشتەيسىزلىك كېسەللىكلىرى ياخشىلىنىدۇ.

پىشقان شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيى ئەلگەكتىن ئۆتۈزۈلگەندىن كېيىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 200مىللىلىتر ئىشلىتىلىپ ئېغىز چايقالسا، ئېغىز ئىچىگە چىققان ھەرخىل يارىلارغا شىپا قىلىدۇ.

3.ئۆرۈك

ئۆرۈك مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنىپ بىرىلسە، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۆرۈك بەدەن ئاجىزلىق، ئۆت كېسەللىكى، روھىي كېسەللىك، قىزىل داغلىق بۆرەك چاقىسىغا مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سېزىمچانلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ.

ئۆرۈك غورىسىدىن ياسالغان مۇراببا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇزاققا سوزۇلغان پۇت- قول ئاغرىش ھەمدە سوزۇلما خاراكتېرلىك سپازمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۆرۈك قېقى قايناق سۇغا چىلىنىپ ئىستېمال قىلىنسا، سەپرانى پەسەيتىدۇ، سەپرادىن كېلىپ چىققان تال، جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۆرۈك مېغىزى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنسا، بەدەن ئاجىزلىق، ھەرىكەت سىستېمىسىنىڭ بوشىشىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئوبدان شىپا بولىدۇ. ئۈچ گرام ئۆرۈك مېغىزى بىلەن ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئۈچ گرام ئاق پوستىنى قاينىتىپ ئىچكەندە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل بېسىقىدۇ، بەلغەم توختايدۇ. ئۆرۈك چېچىكىدىن قاينىتىلغان شەربەت تۇغماس ئاياللاردىكى بالىياتقۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلدار بولۇشنى تېزلىتىدۇ.

4.شاپتۇل

شاپتۇل سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق، قەۋزىيەت بولغانلار ۋە ھەيز كۆرمىگەنلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ، ناترىي ئاز بولغاچقا، شاپتۇل سۇلۇق ئىششىق بىلەن ئاغرىغان كېسەللەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تازا باب كىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇل مېغىزىنىڭ زەھەر ماددىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قان قېتىش ۋە جىگەر كېسلىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەيز توختاپ قالغان ياكى ھەيز ئاغرىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.

بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇلنىڭ يېلىمى بىلەن خىلوس سىيىش، شېكەر سىيىش ۋە ئىدرا يوللىرىدا تاش تۇرۇپ قېلىش كېلىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. شاپتۇل يېلىمى ھەر قېتىمدا 10-20 گرام قاينىتىپ ئىچىلسە بولىدۇ.

شاپتۇلنىڭ يوپۇرمىغى بىلەن ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، شاپتۇلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىدا جىنسىي يولنى تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەش ئۇسۇلى: 30گرام شاپتۇل يوپۇرمىقى 1000مىللىلىتر سۇ بىلەن قاينىتىلسىلا بولىدۇ.

5.جىگدە

جىگدىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق، جىگدە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى پەسەيتىدۇ.

جىگدىنىڭ كونىلىرىنى (ئىككى يىلدىن ئاشقىننى) ئىشلەتمەسلىك لازىم.

جىگدىدە ناھايىتى كۆپ قەنت ماددىسى بار. بولۇپمۇ نان جىگدىسىدىكى قەنت ماددىسى 50-60 پىرسەنتى تەشكىل قىلىدۇ. جىگدىنىڭ يېلىمى سانائەتتە ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا سەمىقى ئەرىبىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

چەت ئەلدە جىگدە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا، ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىشقا، سىركىگە چىلىنىپ كۈندە بىر قانچە قېتىم 10-20 تامچىدىن ئىچىلىش ئارقىلىق بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

جىگدە گۈلىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، ئۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنىنى قوزغايدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە مۇداپىئە قىلىدۇ.

جىگدە گۈلىنى شەربەت قىلىپ ئىچىش ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرىگە، كۆكرەك ئاغرىقلىرىغا، دەم سىقىلىشقا، ئۆپكە جاراھەتلىرىگە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەشكە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىشقا، يەللەرنى تارقىتىشقا، بەزگەك كېسىلىگە، تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا ئوبدان پايدا قىلىدۇ.

جىگەر گۈلىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ جاراھەتلەرگە تېڭىش ياكى قاينىتىپ موپاسىل، سۇسلاپ كەتكەن پەيلەرنى ياغلاش پايدىلىق، ئۇ يەنە چاچنى ئۆستۈرىدۇ.

6.چىلان

چىلان تەركىبىدە قەنت، ئاقسىل، ماي، كراخمال، كاروتىن، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، ناترىي قاتارلىق ماددىلار ۋە ۋىتامىن E، C كۆپ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ۋىتامىن كۇمىلىچى» دېيىشىدۇ. چىلاننىڭ خۇسۇسىيتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق. چىلان بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كېتىش، قان تومۇر قېتىشىش، مۇسكۇللار قورۇلۇپ قېلىش، قول- پۇت مۇزلاش، چىش ياللۇغى، تۆۋەن قان بېسىم، يۇقۇرى قان بىسىم، نېرۋا ئاجىزلىق، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار چىلان تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.

7.ئاپتاپپەرەس

ئاپتەپپەرەسنىڭ مېۋىسى، چېچىكى، يوپۇرمىقى ۋە يىلىتىزى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتەپپەرەس چېچىكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلسە مېڭە ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرىدۇ؛ ئېزىپ خېمىر قىلىنىپ رېماتىزىم خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلسە، ئاغرىق پەسىيدۇ؛ بەلگە سۈركەلسە جىنسىي ئەزا قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ مېغىزى تىبابەتتە سىلىقلاشتۇرغۇچ ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچ دورا ھېساپلىنىدۇ. ئۇ خام پېتى ئىستىمال قىلىنسا، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، قىيىن تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بالا ھەمرىيى ئاسان چۈشىدۇ، ھامىلدارلىق دەۋرىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سۈتنى كۆپەيتىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بوۋاقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ؛ ئادەم بەدىنىگە چىققان ھەرخىل جاراھەتلەر ئېغىز ئالماي تۇرۇۋالغاندا، ئاپتەپپەرەس مېغىزى سۇ بىلەن قوشۇپ يېيىلسە، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشى تېزلىشىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ يىلتىزى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىزنى چايقىغاندا، چىش ئاغرىقى پەسىيدۇ. قاينىتىلغان يىلتىز سۈيىدىن ئۈچ گرام ئەتراپىدا ئىچىلسە، سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ بۆرىكى قۇۋۋەتلىنىدۇ. يېمەك- ئىچمەك بىلەن زەھەرلىنىپ قالغاندا ئاپتەپپەرەس يوپۇرمىقىنىڭ 10-12 گرام سۈيى قىزىق چايغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، ئادەمنى دەرھال قۇستۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ؛ ئاپتەپپەرەسنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 20-30 مىللىگرام ئىچكەندە، توختاپ قالغان ھەيز راۋانلىشىدۇ.

8.ئۈزۈم

ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن P بار، ئۈزۈم سالامەتلىك ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.

1. ئۈزۈم ئۇرۇقى يېغىنىڭ پايدىسى ناھايىتى زور. ئۈزۈم ئۇرۇقىنىڭ يېغى 15گرام ئىچىلسە، مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىدۇ؛ 12گرام ئىچىلسە ئۆتنى كۈچەيتىدۇ؛ 40-50گرام ئىچىلسە سۈرگە رولىنى ئوينايدۇ.

2. ئۈزۈم ھارىقى بىلەن قان پلاستىنكىلىرى ۋە دانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى كۈنىگە 2-3 قېتىم، 10-15گرامغىچە ئىچىپ بىرىلسە بولىدۇ.

3. ھۆل ئۈزۈم ئىستېمال قىلىنسا قۇۋۋەتنى تولۇقلىغىلى، بۆرەك سۇيۇقلۇقىنى ئوزۇقلاندۇرغىلى، جىگەرنىڭ مەنپىي ئامىللىرىغا پايدا يەتكۈزگىلى، پەي، ئۇستىخانلارنى چىڭىتقىلى، يۆتەلنى توختاتقىلى ۋە بالىياتقۇنى تىنىچلاندۇرغىلى بولىدۇ.

4. ئۈزۈمنىڭ تېلى ۋە يوپۇرمىقىنى سوقۇپ چېپىش ئارقىلىق تاشقى ئىششىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۈزۈمنىڭ تېلى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئىچكەندە، ئىدرا راۋانلىشىدۇ، ھامىلدار مەزگىلدىكى قۇسۇش توختايدۇ.

9.ئالما

تەركىبى: ئالىمىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن A، B1، B2، PP، Cلار، لىمون كىسلاتاسى، تاننىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

خۇسۇسىيتى: ئالما جىگەر، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

شىپالىق رولى: ئالما ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىنسا، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلاردىكى قان تومۇر قېتىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. ئالمىنىڭ سۈيىنى نورمال ئىستېمال قىلىپ بېرىش يېڭى ئوپراتسىيە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. بىر دانە ئالمىنى پارچىلاپ تۇز سۈيىگە يېرىم سائەت چىلاپ ئېلىپ نورمال ئىستېمال قىلىش چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ ھەمدە ئاشقازان، جىگەر، بۆرەك، تال، نېرۋا قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، نەپەسلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ تاماق سىڭدۈرىدۇ.

ئالما چېچىكىدىن ياسالغان گۈلقەنت مېڭە، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ ۋە نېرۋا ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان خامۇشلۇقنى يوقىتىدۇ.

10.ياڭاق

بىر كىلوگرام ياڭاقنىڭ تەركىبىدىكى ئېنىرگىيە مىقدارى تەخمىنەن 4300كالورىيە بولۇپ، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئىنىرگىيە مىقدارىدىن تۆت ھەسسە كۆپ.

ياڭاقنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى ئىسسىق. ياڭاق زەھەرسىز بولغاچقا، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ ھەم قاننى تولۇقلايدۇ؛ بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئۆپكىنى ئىسسىتىپ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىدۇ؛ سوغۇق تېگىشتىن پەيدا بولغان زۇكام ۋە بەل، پۇت قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ؛ بۆرەكنىڭ خىزمەت قابىلىيتىنى ئاشۇرۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولىدىغان بەل، پۇت ئاغرىقى، قېرىلىقتىن پەيدا بولىدىغان يۆتەل، نەپەس سىقىلىش، چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىق، تۇغۇتتىن كېيىنكى قەۋزىيەت، شۇنداقلا ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

11.ئاچچىق بادام

مەيلى ئاچچىق بادام ياكى تاتلىق بادام بولسۇن، ئۇنىڭ مېغىزى يۇمشاق ئېزىلىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ باشقا چېپىلسا، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بادام مېغىزى بەك يۇمشاق ئېزىلىپ كۆزگە سۈركەلسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. بادام مېغىزى مۇۋاپىق يەپ بېرىلسە يۆتەل، كۆكرەك ۋە ئۆپكە ئىششىقى قاتارلىقلارنى ساقايتقىلى بولىدۇ. بادام مېغىزىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرگەندە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرى ئېچىلىدۇ ۋە جىگەر، تالدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. بادام مېغىزىنى مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە، بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش، بۆرەكتىكى تاشنى ئېزىپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

1. ئاچچىق بادامنىڭ مېغىزى ئىزىلىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ قولنىڭ ئالقىنىغا تېڭىپ بېرىلسە، يەڭگىل دەرىجىدىكى مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

2. ئاچچىق بادام مېغىزى ياغلىقارا قىلىنىپ كۆز جىيىكىگە سۈركەپ بىرىلسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

3. ئاچچىق بادام مېغىزى ئىلىمان سۇدا ئېزىلىپ، ئىلىمان ھالەتتىكى سۈتكە ئارىلاشتۇرۇلۇپ قۇلاققا تېمىتىلسا، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇلاق ئىچىدىكى كىر، يىرىڭلارنى تازىلاپ چىقىرىدۇ.

4. ئاچچىق بادام مېغىزى يۇمشاق ئېزىلىپ كۆكرەككە تېڭىپ بېرىلسە، ئۆپكە ۋە ئۆپكە شاخچىلىرىنىڭ ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ.

5. ئاچچىق بادام مېغىزىنىڭ يېغى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى مائۇل ھەسەل (ھەسەلنىڭ سۇ بىلەن قوشۇلغان ئېرىتمىسى)نى قوشۇپ ئىچىپ بەرگەندە، ئۈچەيدىكى ھەرخىل توسالغۇلار يوقىلىدۇ.

6. يۇمشاق سوقۇلغان ئاچچىق بادام مېغىزىنى سانا، قارا ھېلىلە ۋە سېرىق ھېلىلە تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەركۈنى قايناق سۇ بىلەن يېرىم قوشۇقتىن ئىككى قېتىم ئىچىپ بېرىش جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.

7. ئاچچىق بادام مېغىزىنىڭ يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بېرىلسە، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى ئېزىپ چىقىرىدۇ.

12.ئانار

ئانار يۇمىلاق، قىزىل مېۋە بولۇپ، تاتلىق، تەلۋە، ئاچچىق دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئانار ئوزۇق بولۇش، قاننى كۆپەيتىش، ئورگانىزىمنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ توختىتىش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. تەلۋە ئانار تاتلىق ئانارغا ئاساسەن ئوخشايدۇ، لېكىن تەلۋە ئانارنىڭ تەمى سەل ئاچچىق- چۈچۈك كېلىدۇ.

ئاچچىق ئانار 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ھارارىتىنى، خاپىغاننى، مەستلىكنى پەسەيتىدۇ.

ئاچچىق ئانارنى تېشىپ، بىر كۈن سىركىگە چىلاپ، ئاندىن قاينىتىپ ئېلىپ، سوقۇپ خېمىر قىلىپ، كۇمىلاچ ياساپ يەپ بېرىش ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىشقا، ئۈچەي، مەقئەتلەرگە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. ئاچچىق ئانار سۈيىدە ئېغىز چايقاش ئېغىز پۇرىغانغا، ئېغىز جاراھەتلىرىگە پايدىلىق. ئاچچىق ئانار سۈيى ھەسەل بىلەن قاينىتىلىپ ئىچىلسە، بالىلاردىكى نوما كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ؛ قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتىلسا بۇرۇن، قۇلاقتىكى جاراھەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

پوستىدىن ئايرىماي سىقىپ چىقىرىلغان ئاچچىق ئانار سۈيى بەدەنگە چىپىلسا، قىچىشقاققا پايدا قىلىدۇ، ھەرخىل ئىششقلارنى ياندۇرىدۇ.

ئاچچىق، تاتلىق ئانار سۈيى يەڭگىل (كۆيدۈرۈۋەتمەي) قاينىتىلىپ ئىچىلسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ، سۈيدۈك تېمىپ تۇرۇشقىمۇ پايدا قىلىدۇ.

ئانار يىلتىزىنىڭ قاينىتىلغان سۈيى چىش ئاغرىقى، چىش مىلىكلىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىككى گرام قاينىتىلغان ئانار سۈيى ئىككى گرام ۋاسالغۇ بىلەن ئىككى گرام زىرىگە قوشۇپ ئىچىلسە قەينى توختىتىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

ئانار يىلتىزى قاينىتىلىپ ئىچىلسە، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ. سوڭى چىقىدىغان كېسەلنى ئانار يىلتىزىنىڭ قاينىتىلغان سوۋۇتۇلغان سۈيىدە ئولتۇرغۇزغاندا، كېسەلنىڭ سوڭى كىرىپ كېتىدۇ.

ئانار يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ جاراھەت ئورنىدىكى داغلارغا چاپقاندا، داغ يوقىلىدۇ. ئانار يىلتىزىنىڭ كۈلى ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىنىپ، كۆكرەك ھەم ئاشقازان ئۈستىگە چېپىلسا، ئۆپكە ھەم ئاشقازاندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.

ئانار سۈيى دىئابىت كېسەللىكلىرىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئانار دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنى سىركىگە ياكى سۇغا چىلاپ قويۇپ چىقىرىلغان روببە بىلەن ھەرخىل مەددىلەرنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

ئانار پوستى سۆڭەك، پەيلەرنىڭ ئاغرىشى، بەل، پۇت ئاغرىقى، مەقئەت چىقىپ قېلىش، ئىچ سۈرۈش، قان تولغاق، مەنى ئېقىپ تۇتۇش، خۇن كېتىش، ئاق خۇن كېسەللىكى، كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. ئانار پوستى كۆز ياشاڭغۇراشقا سىقىپ ئىشلىتىلىدۇ، باشقا كېسەللىكلەرگە بولسا قاينىتىپ بېرىلىدۇ ياكى قۇرۇتۇپ سوقۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئانار گۈلىمۇ كىشىلەر ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق، ئادەتتە ئىچ توختىتىش، قان توختىتىش، بەدەن قۇرۇتۇش، قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

13.ئەنجۈر

ئەنجۈر چېچەكلىمەيدىغان، يىلىغا ئۈچ قېتىم مېۋە بېرىدىغان، مېۋىسى تاتلىق، شىرنىلىك بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مېۋىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئېسىل مېۋىلەرنىڭ بىرى.

ئەنجۈر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە سەمرىتىش، يۈرەكنىڭ قىزىقىنى ۋە ئاچچىقىنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە، دەپ قارالماقتا.

ئەنجۈر مۇرابباسى بەلغەمنى بوشىتىدۇ. ئەنجۈر قېقى بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى يوقىتىدۇ. ئەنجۈر قېقىنىڭ تالقىنى جاراھەت سۈيىنى يوقىتىدۇ. ئەنجۈر قېقى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىز چايقالسا، تىل ۋە كاناي ئىششىقلىرى يانىدۇ. ئەنجۈرنىڭ ھەسەل بىلەن قاينىتىلغان سۈيى كۆكرەكنى، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. ئەنجۈر سۈيى قورساق ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. ئەنجۈر قېقى ياڭاق مېغىزى بىلەن سوقۇلغاندىن كىيىن كاپ ئېتىلسە، ئىشتىھا ئېچىلىدۇ. پىشقان ئەنجۈرنى ئۈزگەندە ساپىقىدىن ساقىپ چىقىدىغان سۇ (سۈت) سۆگەل ئەتراپىغا 3-4 كۈنگىچە سۈركەپ بېرىلسە، سۆگەل چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ تەمرەتكىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

14.بېھى

بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىششىقىغا چېپىپ بېرىلسە مەنپەئەت قىلىدۇ. جىگەر كىسەللىكىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلارنىڭ، ئاشقازان- ئۈچەي كىسەللىكى ۋە ئىچ ئۆتكۈ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئىستېمال قىلىشى پايدىلىق. بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي- ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە قارىتا بېھىنىڭ ئىشلىتىلىشى كېسەللىكنىڭ ئېغىر- يەڭگىللىكى ۋە كېسەلنىڭ ياش- قۇرامىغا ئاساسەن مۇۋاپىق بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500گرام ئەتراپىدىكى سۇدا سۇ خوراپ 200گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ، ھەركۈنى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش- ئون گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە، قان ئازلىق كېسەللىكى، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزىم خاراكتىرلىك ئالغان بېرى- بېرى (شامال) كېسەللىكىلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

لېكىن يۇقىرقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەر بېھى ئىستېمال قىلىسا بولمايدۇ، بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ شەربەت ياساپ ياكى ھەسەل، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ.

15.قوغۇن

قوغۇندا ئاقسىل، ياغ، قەنت، كالىتىسي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن B2، PP، Cقاتارلىق ماددىلار بار. قوغۇننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق. قوغۇن ئىچنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى ئېرىتىپ چىقىرىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭە ۋە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، پالەچ- لەقۋا كېسەللىكىنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

ئوبدان پىشقان قوغۇن مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بىرىلسە، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، بۆرەك كېسەللىكى، جىگەر كېسەللىكى، دوۋساق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. قوغۇن بىلەن زىرە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان مۇراببا ھەركۈنى تاماقتىن كېيىن ئىككى ۋاخ ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە ئىشتىھا تۇتۇلۇش، چارچاش، چاچ چۈشۈش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەش، جىنسىي ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق، پۇت- قول ئىششىپ قېلىش، جىگەر- بۆرەك زەئىپلىكى، ئۆپكە كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى ھۆل ئىسسىق بولغاچقا، چايغا سېلىپ ئېچىلسە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۆرەكنى، دوۋساقنى، ئۈچەينى تازىلايدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. قوغۇن ئۇرۇقى ياخشى سوقۇلسا، ئاندىن تۇخۇمى كاسىن (كاسن ئۇرۇقى)، بەدىيان بىلەن چاي قىلىنىپ ئىچىلسە يۆتەل، كۆكرەك ئاغرىقى، تىل ۋە گالنىڭ قۇرۇشى، تەپلەردىكى تەشنالىق، سۈيدۈكنىڭ كۆيدۈرۈپ ئېچىشىپ كېلىشى ئۈچۈن داۋا بولىدۇ ھەمدە بۆرەك ياللۇغىغا تېز تەسىر قىلىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى بىلەن قۇرۇتۇلغان قوغۇن شاپىقى سوقۇلغاندىن كېيىن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۈزگە، بەدەنگە چېپىلسا، بەدەننى يۇمشاق قىلىدۇ، تېرىنى پارقىرىتىپ يۈزدىكى داغلارنى چۈشۈرىدۇ.

ئۆپكە سىلى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بار كىشىلەر قوغۇننى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئۇلار قوغۇن يېمەكچى بولسا، قوغۇننى ھەسەل ياكى زىرە قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

16.تاۋۇز

تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى سەۋزە ۋىتامىنى، ۋىتامىن B1، B2، C ھەمدە كالىي، فوسفور، كالتىسىي قاتارلىق ماددىلار بار. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ھەركۈنى 30-50 گرامغىچە سېللۇزىغا ئىھتىياجلىق، سېللۇلوزا يېتىشمىسە چوڭ ئۈچەينىڭ پائالىيتىەە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئادەم بەدىننى ئاجىزلاشتۇرۇۋىتىدۇ. ھەر يۈز گرام تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە سېللۇلوزا 0.5گرام بولىدۇ. ئەگەر كىشلەر تاۋۇز بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلانسا، سېللۇلوزىنى تولۇقلىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە مېۋە يېلىمى بار، مېۋە يېلىمى ئۈچەي يوللىرىنى قوغدايدۇ.   

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇشۇلار يوللاندى . داۋامىنى تورداشلار بىلەن ئىنكاس شەكلىدە يېزىشىپ، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىللىرىمىزنى بېيىتساق !!!



ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 2048
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27810
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 7857 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 06:58:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە، مەنمۇ يىقىندا مىۋە-چىۋىلەرنىڭ رولىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇرۇن قارا-قۇيۇق مىۋە بولسىلا يەۋىرىپتىكەنمەن، قايسى كۈنى بىر ئاشخانىدا تاماقلىنىۋىتىپ،تامغا چاپلانغان بىر ئەدبنىڭ ئەقىليە سۆزى كۆزۈمگە چۈشۈپ قالدى:
ئۆز مىزاجىنى بىلمىگەن ئادەم ھايۋاندىن پەرقى يوقتۇر.

دىمەكچى بولغىنى ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ،بەدەن ساپاسىغا قاراپ تاماقلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن.

مىۋە-چىۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ياخشى ئىش، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ماڭا ئوخشاش سوغۇقچان مىجەزلەر ئامال بار قوغۇن،تاۋۇز...دىگەندەك ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان،سوغۇق تەبىئەتلىك مىۋىدىن ئازراق يەڭلار....

بىھى دىگەن ماڭگو شۇمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ؟ مەن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، يەنە بىرنەچچە پايدىلىق مىۋىنىمۇ قىتىپ قوياي:

كۇكۇس مىۋىسىنى تىشىپ سۈيىنى ئىچسە ئاياللارنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشىگە ئالاھىدە شىپا قىلىپلا قالماستىن،تەركىبىدىكى مول ئاقسىل كىشىگە تەبىئىي قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ.(تەمىنى ئىچىپ كۈنەلمىگەنلەر ئازراق شىكەر ئارلاشتۇرۇپ ئىچسە بولىدۇ)

榴莲(ئۇيغۇرچىسىنى بىلمىدىم)  گەرچە تۇنجى قىتىمدا پۇرىقى غەيرى بىلىنسىمۇ 2-3قىتىم يىگەندىن كىيىن ئىزدەپ سوراپ يەيدىغان بولىسىز. سەۋەبى: كۈنۈپ] قالغاندىن كىيىن تولىمۇ يىيىشلىك تىتىيدۇ. بۇ مىۋىنىڭ يەنەمىۋىلەر پادىشاھى،دەيدىغان يەنە بىر ئىسمىمۇ بار.
ئاساسلىق رولى: مىنىڭ بىلىدىغىنىم ئاياللارغا زور دەرىجىدە مەنپەئەت قىلىدۇ، تەبىئىتى ئوت ئىسسىق، بىرلا قىتىمدا كۆپ يەۋالماسلىق كىرەك،ئەگەر كۆپ يەۋالسا كەينىدىن (ئۇ مىۋىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىكەنمەن) سامساققا ئوخشايدىغان بىر خىل مىۋە بار، ئىسمى山竹،
ئۇمۇ مىۋىلەرنىڭ خانىشى، تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، شۇنىڭدىن بىرنەچچە تال يەۋەتسە بولىدۇ.


ئىشقىلىپ تەپسىلىي دەپ بىرەلمىسەممۇ بۇ مىۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تولىمۇ مول...
پۇرسەت بولسا خانىم-قىزلار يەپ بىرىڭلار.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بىلىۋالدۇق، ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك 榴莲 نىڭ پۇرىقى ياخشى بولمىغىنى بىلەن ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقۇرى، لېكىن جىق يەۋالماسلىق كېرەك، پارچىلاپ، ئايرىم ساتىدىغانلىرىمۇ بار، پارچىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، بەكمۇ قىممەت ئەمەس، بەكمۇ ئەرزان ئەمەس شۇ.
ئاندىن  قالسا گىلاسنى داۋاملىق يەپ بەرسەك تېخمۇ ياخشى.

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16003
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7068 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ئوقۇپ بولغۇچە ، كۆزۈمنى بىرسى ئۇۋلاپ قويغاندەك بولدى  ، خەتنىڭ رەڭگىىمۇ  كىسەل داۋالامدۇ نىمە ؟  ھەجەپ پەيزى رەڭدە يىزىپسىز ؟  ئادەمنىڭ خەتنى ئوقۇغۇسى كەلمەي رەڭگىگە قاراپ ئولتاغىدەك  ..
جاپا تارتىپسىز ؟

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:18:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە يوللىغان ۋاقتى  2012-7-13 06:58 PM
رەھمەت سىزگە، مەنمۇ يىقىندا مىۋە-چىۋىلەرنىڭ رولىغا ئا ...

بىھى  ماڭگو دىگەن مىۋە ئەمەس ....بىھىنىڭ تېشىدا قويۇق تۈكلىرى بولدى پىشقاندا ساپسېرىق بولۇپ ئالمىدن چوڭ كىچىكلىكى پەرقلەنمەيدۇ.
ئەمما پولۇغا بىھى بېسىپ قالمىسۇن ئايھاي ....بىرەر لىگەن يىۋىتىپ يەنە مانداق قازانغا كۆزۈمنىڭ قۇريىقىدا قاراپ قويمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sazguri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-13 07:19 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەلىكە + 11 مەن كۆرۈپ باقمىغان مى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13397
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 8851 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈك مۇراببا قىلىش ئۈچۈن ،ئۈرۈكنى پاكىز يۇيۇپ ئاپتاپدا قۇرتۇپ ، ئۈرۈكنى شىشىگە سىلىپ شىشىگە سالغان ئۈرۈكنىڭ ئۈسىتىگە  بىر قوشۇق شىكەر سىلىۋىتىپ تىز ئوتتا بىر سائەت قاينىتىپ ئىلىۋالمىز ،بۇ ئاساسەن شىكەرسىز مۇراببا دەپمۇ ئاتىلدۇ . ئاغىزىنى ئاچماي ساقلىسىڭىز 2 يىل ساقلىغىنى بولىدۇ . ئۆزۈم ئۈگۈنىۋالغان .....

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5923
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاتۇن قان بېسىمىنىڭ نەق دورسى بولالايدۇ جۇما مەن مۇشۇ خوتەندە شاقتىن شاتۇن ئېلىپ يەيمەن دەپ چۈچمەل بەك تەمى ياخشى بولغاچقا جىق يەۋلىپ ئەتسى بېشىمىنى كۆتۈرەلمەي بىر كۈن ياتقان ..چۈنكى بۇ نىڭ سوغۇق ،قان بېسىمىنى تۆۋەنلتىدىكەن ئەمەسمۇ   ساقلۋىپ قالغىنىنى كۆرەي ........

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66202
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3746
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتاپپەرەسنىڭ چىچىكى  گازىر ئۈستىدىكى سېرىق كىچىك چېچەكلەر شۇمۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:52:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتنى تۇلۇق كۈرەلمىدىمغۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 07:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-13 07:52 PM
خەتنى تۇلۇق كۈرەلمىدىمغۇ

كوزىڭىزدىن چاتاك چىققان ئوخشىمامدا   ............       زەدەكنى   جىق يەڭ كوزگە پايدا  قىلدۇ   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش