|
|
|
|
چىرا ناھىيسى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان،جەنۇب تەرپى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قاراقۇرۇم تېغى .شىمال تەرپى تەكلىماكان قۇملۇقى،شەرىق تەرپى كېرىيە ناھىيەسى،غەرىب تەرپى لوپ ناھىيەسى.
مەمۇرىي رايۇن ئەھۋالى:بىر بازار،يەتتە يېزا ،127كەنىت بار،چىرا بازىرى،گۇلاخما يېزىسى،دامكۇ يېزىسى،چاقار يېزىسى،ئۇلۇغساي يېزىسى،نۇرى يېزىسى،بوستان يېزىسى. بۇنىڭ ئىچىدە چىرا بازىرى،گۇلاخما يېزىسى،دامكۇ يېزىسى تۈزلەڭلىك رايۇنىغا جايلاشقان.قالغان تۆت يېزا تاغلىق رايۇنغا جايلاشقان.ئۇمۇمىي يەر مەيدانى31688كۇۋادىرات كىلومىتىر،ئۇمۇمىي نۇپۇس230مىڭ،ئۇيغۇرلار ئۇمۇمىي نۇپۇسنىڭ %96نى ئىگىلەيدۇ،خەنزۇلار%3،ئۆزبەك،تۇڭگان،قازاقلار%1نى ئىگىلەيدۇ.
ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان ئورمان كۈلىمى 35مىڭ مو،دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساسىي ئۇرۇندىكى كەسىپ.
يامۇن يايلىقى ناھىيە بازىرىدىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، نۇرى يېزىسىنىڭ سارلۇڭ كەنتىگە جايلاشقان، كۆلىمى 43 مىڭ مو، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىردىن 3700 مېتىرغىچە بولۇپ، يايلاقتا كوئىنلۇن ئەمىنى، كۈمۈش باشاق، ياۋا پىياز قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار. ھەر يىلى 6- ئايدىن 7- ئايغىچە بولغان تومۇز ياز مەزگىلىدە، يايلاققا بېرىپ ئىسسىقتىن ساقلىنىپ دەم ئالىدىغان ساياھەتچىلەر بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوئېنلۇنغا يېقىنلاشقانسېرى «بىر كۈندە تۆت پەسىل، ھەر ئون چاقىرىمدا بىر خىل ھاۋا بولۇش» تەك ئاجايىپ تەسىرات بىرىدۇ. يامۇن يايلىقى ساياھەت قىلىش، ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، كىنو- تېلىۋېزىيە فىلىملىرىگە ماتېرىيال توپلاش ۋە تاشقى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىشتىكى ياخشى جاي.
گۈزەل قارا قۇرۇم تېغى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا weten520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-13 06:35 PM
|
|
|
|
|
|