مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1284|ئىنكاس: 14

ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلب دەپتىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64421
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 11:13:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلب دەپتىرى

ئاتا-ئانىلىق لاياقىتى ھازىرلىدىڭىزمۇ

ئاتا كىم؟ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئائىلىدە ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ جىسمانىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېجىرىدۇ. ئائىلىنى ماددىي جەھەتتىن كاپالەندۈرۈش، ئايالى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇش، ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئاتىنىڭ زىممىسىدىدۇر. ئاتا ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە قەدىر-قىممىتىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچى ئاساسىي شەخستۇر. تەربىيە بېرىدىغان شەخسنىڭ ئۆزى خۇددى بوۋىلار ئېيتقاندەك «تەربىيىلىك، ھەققانىي ۋە بەركامال ئىنسان» بولۇشى كېرەك. پەرزەنتكە نىسبەتەن ئاتا  ئاساسىي ئېتىقاد نۇقتىسىغا ئايلانمىسا ۋە ئۇلۇغلانمىسا، ئائىلە تەربىيەسى مۇكەممەل بولمايدۇ. ئاتا بولۇش بىر خىل مەردلىك ۋە جاسارەتتۇر.

ئۇنداقتا، ئانا كىم؟ ئانا − ئائىلىنىڭ پاسىبانىدۇر. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئوغۇل ئانىنى ئۈچ قېتىم ھەجگە ھاپاش قىلىپ ئاپىرىپ كەلسىمۇ، ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن چەككەن زەخمەتلىرىنىڭ ئۇچقۇنىچىلىك بولمايدىكەن. ئانىنىڭ پەرزەنتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ قىلىش يولىدا چەككەن رىيازىتىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەت ۋە خىزمەتمۇ كەملىك قىلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئانا ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس زاتتۇر.

ئانىنىڭ ئەڭ بۈيۈك خىزمىتى شۇنىڭدىكى، ئۇ پەرزەنتلەردە ئاۋۋال ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەت − مېھىرنى شەكىللەندۈرىدۇ. مېھىر تۇيغۇسى بالا بۆشۈكتىكى ۋاقتىدىلا قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغان ئانا ئەللىيىنىڭ ئارامبەخش سادالىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە ئورنىشىدۇ. ئانا ئاتىغا قارىغاندا بالىغا مېھرىبانراق كېلىدۇ، ئۇنى ھەر ۋاقىت كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدۇ، يۇيۇپ تارايدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى، قەلبى، مېھرى، ئېتىبارى ۋە مېھنىتىنى بېغىشلايدۇ. ئىنسانغا خاس بولغان ئەڭ ئېسىل، ياخشى پەزىلەتلەر بالىغا ئانىدىن ئۆتىدۇ. چۈنكى، بالا كۆپ ۋاقىت ئانىنىڭ باغرىدا، يېنىدا بولىدۇ، شۇ جەرياندا ئۇنىڭدىن ھايات ساۋاقلىرىنى ئالىدۇ. ئالەم ۋە ئادەملەرگە بولغان مۇھەببەتنى ئۆگىنىدۇ. بالا تەربىيەسىدىكى ئەڭ ئېغىر، مۇشەققەتلىك ۋە مەسئۇلىيەتلىك دەۋر، يەنى ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇپ شەكىللىنىدىغان دەۋرى ئانىنىڭ باغرىدا كېچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئېرىشكەن ھەممە نەرسىنى ئانا قوينىدا بېرىلگەن تەربىيەنىڭ ئوزۇقىدىن، دەپ بىلىش كېرەك. ئانا ھېچقاچان پەرزەنتىگە يامانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ، ئۇ بالىسىنىڭ پاسىبانى، ھىمايىچىسى، سىرداش دوستى ۋە قىبلىگاھىدۇر.

ئاتا-ئانىنى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە قىلغان نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ پەرزەنتتۇر. ئاتا-ئانا بولغۇچىلار لاياقەتلىك پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشالىغاندىلا، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ شان-شەرەپلەرگە نائىل بولالايدۇ.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟

خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريان بولۇپ، ئاتا-ئانا نوقۇل تەربىيە بەرگۈچىدىن ئورتاق ئۆگەنگۈچىگە ئايلىنىشى، ئائىلە تەربىيەسى بىر تەرەپكە سىڭدۈرۈشتىن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئايلىنىشى، بالىلار ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىشى، ئاتا-ئانىمۇ بالىلاردىن ئۆگىنىشى لازىم، ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنى ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، بۇ ئارقىلىق ئىككى ئەۋلاد ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

پەرزەنت ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، مىڭلغان-تۈمەنلىگەن بالىلار خەلقىمىزنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ ئۈمىدى. بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقى ھەربىر ئائىلىنىڭ بەختى ۋە خۇشاللىقىغا، ئاخىر بېرىپ ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلەش قارىشى كونا، ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى ئۈلگە بولالمىسا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە يۈزدە يۈز مەغلۇپ بولىدۇ. رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ھەممە ئاتا-ئانىلار دېگۈدەك پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، لېكىن ئىش ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ. ھازىرقى بالىلارنى باشقۇرۇش، تەربىيەلەشنىڭ قىيىن بولۇشى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. ئاتا-ئانا بولۇش-بولماسلىق كىشىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدۇ، پەقەت دەۋرنىڭ ئېقىمىنى ئىگىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئائىلە تەربىيەسى قارىشىنى تىكلەپ، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەرزەتنلەر بىلەن ئورتاق ئۆگەنگەن ۋە ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلگەندىلا، ئاندىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولغىلى بولىدۇ.

بىز ھازىر ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، دەۋرىمىز كەسكىن ئىجتىمائىي رىقابەت دەۋرى بولۇپ، يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياج ئائىلە تەربىيەسىگە يېڭى مەسىلىلەرنى قويدى. مانا بۇلار ئاتا-ئانىلاردىن ھازىرقى زامان ئائىلە تەربىيەسى قارىشىنى تىكلەشنى، كونا قاراشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ، بىلىم ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئائىلە تەربىيەسىدىكى خاتا تونۇشتىن قۇتۇلۇش زۆرۈرلۈكىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇنداقتا، زادى قانداق ئۇسۇل قوللانغاندا، پەرزەنتلەرنى ئەڭ ياراملىق، لاياقەتلىك، كېلەچىكى پارلاق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى ئۇسۇل قوللىنىش كېرەكمۇ ياكى «دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس بولغان» يېڭىچە تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەكمۇ؟ جەمئىيىتىمىزدە، جۈملىدىن، مىللتىىمىز ئىچىدە مانا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ھازىرمۇ كەسكىن تالاش-تارتىش مەۋجۇت. بولۇپمۇ پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك، دەيدىغانلار بىلەن پۈتۈنلەي يېڭىچە تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك، چۈنكى، دەۋرىمىز يېڭى دەۋر، دەيدىغانلارنىڭ زىددىيىتىنى كېلىشتۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كەسكىن چەك-چېگرا ئايرىۋېلىش، پەرزەنت تەربىيەسىدە بەزى زۆرۈرىيەتسىز خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەنئەنىدىمۇ چىڭ تۇرغان، دەۋرگىمۇ ماسلاشقان تەربىيە ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىمىز. مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئۇسۇلىنى قولانغاندىلا، پەرزەنتلەرنى ھەقىقىي ئەدەپ-ئەخلاقلىق، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، ئاتا-ئانىغا كۆيۈمچان، ھەر ئىشتا باشقىلارنى ئويلايدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان لاياقەتلىك پەرزەنتلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا، پەرزەنتلەرنى خەلقىمىزنىڭ قويۇق ئەنئەنىۋى تەربىيەسىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ. خەلقىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى ھازىرمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى، يەنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيە بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا، بۇنداق تەربىيە بېرىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش بىلەن بىللە، بالىلارغا ئەقىل ئېچىش، ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشى تىكلەش، پارلاق كەلگۈسىنى ئۆزى يارىتىشقا يېتەكلەش، بىلىم ئارقىلىق روناق تېپىش، ۋەتەن، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئۆزىنىڭ ھاياتىي قىممىتىنى نامايان قىلىش... قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە تەربىيە بەرگەندە، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇش نىسبىتىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرگىلى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ.

بالىلارنىڭ دوراش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، بولۇپمۇ بالىلىق دەۋردە ئۇلارنىڭ يېشى كىچىك، ھەق-ناھەق قارىشى ئاجىز بولغاچقا، چوڭلارنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ دوراش دائىرىسدە بولىدۇ. بالىلار بۇنداق دوراش ئىقتىدارىنى بوۋاق مەزگىلىدىلا ھازىرلىغان بولىدۇ. چوڭلارنىڭ قايسىبىرىمىز گۆدەكلىك مەزگىلىمىزدە دوراش ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلمىگەن؟ شۇڭا، ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلىشى ھەقىقىي ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتكەنلىك بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە تەربىيەسى دېگەن ئەنە شۇ. ئاتا-ئانا نېمە قىلسا، بالا شۇنى ئۆگىنىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتلەرنىڭ ئۈلگىسى، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىنىڭ ئەينىكى.

ھازىرقى زامان ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدۇر، ئاتا-ئانا نوقۇل تەربىيەچى بولۇشتىن ئورتاق ئۆگەنگۈچىگە ئايلىنىشى، ئائىلە تەربىيەسى بىر تەرەپكە سىڭدۈرۈشتىن بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئايلىنىشى، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىشى، ئاتا-ئانىمۇ پەرزەنتلىرىدىن ئۆگىنىشى، ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنى ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، ئىككى ئەۋلاد كىشلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ، بالىلىرىدىن: ئىمتىھاندا قانچە نومۇر ئالدىڭ، قانچىنچى بولدۇڭ، دەپ سوراشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە سەۋىيسىنىڭ ئۆسىشۈنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ. 21-ئەسىردىكى جەمئىيەت ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت، ھەممەيلەن ئۆمۈرۈۋايەت ئۆگىنىش ئېڭىنى تىكلىشى لازىم، بۈگۈن ئۆگەنمىسەك، ئەتە ئارقىدا قالىمىز. بىرلا دىپلومغا، بىر خىللا ماھارەتكە تايىنىپ ئۆسىمەن، ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزىمەن دەيدىغان زامان ئۆتۈپ كەتتى. پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەسىپ تاللايدىغان ئېغىر خىرىس ئالدىدا، ئاتا-ئانىلار كەسپىي بىلىم ۋە ئائىلە تەربىيەسى بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلغاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلەيدۇ.

بالىلار تەبىئىي ھالدا ئويۇنغا ئامراق كېلىدۇ. ئويناش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئەقلى ئېچىلىدۇ، ئىجاد قىلىش، ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، خۇشال روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئالدىراشلىق ئىچىدە ۋاقىت چىقىرىپ، پەرزەنتلىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بېرىشى لازىم. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئېھىتىياجىنى قاندۇرساقلا بولدى، ئويناش بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى،  دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بەرگەندە، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولۇپلا قالماي، ئويناش ئارقىلىق بالىلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكىلىرى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئويناش ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

بالىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئامراق. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يادروسى ئەخلاق تەربىيەسى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە كەلسەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىختىساسلىق بولۇشىدىكى ئاساسنى تونۇپ يېتىش كېرەك.

ئادەمنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنى ھازىرقى پۇقرالار ئەخلاقىغا قويۇلغان تەلەپكە ئاساسەن قېلىپلاشتۇرغاندا، ئۇ ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئەدەپلىك سەمىمىي بولۇش، ئىناق-دوستانە ئۆتۈش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئۆزىنى كۈچەيتىش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش ھېسابلىنىدۇ. ياخشى پەزىلەت بولمىسا، ھەرقانچە بىلىملىك بولغان بىلەنمۇ بىكار.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى

يورۇتقۇچىلاردىن بولۇشى لازىم

بالىلار تەپەككۇرغا ئىگە مۇستەقىل ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بالىلارغا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش لازىم. بىرىنچىدىن، بالىلارنى ئامراق نەرسىمىز قىلىۋالماسلىقىمىز لازىم، «بالىنى ئەركىگە قويۇپ بەرسەك، ئۇنى ھالاك قىلىمىز»، ئاتا-ئانىنىڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببىتى بالىنى ئىنتايىن شەخسىيەتچى قىلىپ قويىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بالىلارنى ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان نامايەندە قىلىۋالماسلىق لازىم. بالىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، بالىلارنى ئاجىز ھېسابلىماسلىق لازىم. ھەممىگە چات كېرىۋېلىش بالىلارنى ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ، ئاخىرى ئۇلارنى تۇرمۇشتا ئىقتىدارسىز قىلىپ قويىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، بالىلارنى توختىماي ئۆگىنىش قىلىدىغان ماشىنا دەپ قارىماسلىق، بالىلارنىڭ ئويناش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى بالىلىق دەۋرىدىن بەك بۇرۇن مەھرۇم قىلماسلىق لازىم.

بالىلارنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا بەلگىلىك پسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيلىك تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. چوڭلار ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشۋالماسلىقى لازىم. مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرىمەن دېگەنلىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسدىن بەزى سوئاللارنى سوراشقا ئامراق كېلىدۇ، چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ سوئاللارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى ئاددىي، ھەتتا بىمەنىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىغان ھالدا بالىغا نەزەر تاشلىسا، بالىنىڭ ئويلىغىنىنىڭ بىرمۇ توغرا يېرى يوق دېگەن قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. بالىلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنى بالىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلاپ كۆرۈش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلسا، ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ.

بالا ئەر-خوتۇن مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى، بالا بۇ دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ جەمئىيەتكە بولغان قىممىتىنى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ئاتا-ئانا ۋەتەن ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيەلەش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بالىلارنى كىچىكىدىن  باشلاپ ئىرادىلىك قىلىپ تەربىيەلىشى لازىم. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىرادىلىك قىلىپ چىقىش ماھىيەتتە بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ غايىلىك، كەڭ قورساق ۋە جەلپكار قىلىپ تەربىيەلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنى بايقاش قىيىن ئەمەسكى، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلگەندە، بالىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىنى يېتىلدۈرۈشتە شەخسنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانلىقتىن، چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بالىلار كىچىك ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ۋەقەلەرنىمۇ سادىر قىلىدۇ.

پەرزەنتلەرنى خاسلىقىغا قاراپ تەربىيەلەشنىڭ

ئەھمىيىتى زور

ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، يېتەرسىزلىكىمۇ بولىدۇ، ئەقىللىق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئۇلارنى ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر بالىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى بولىدۇ، جۈملىدىن، ئاجىز بالىلارنىڭمۇ شۇنداق.

ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ پسخىكىلىق بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇلاردىن بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتمەسلىكى لازىم. چۈنكى، ئۈمىد يۇقىرى بولغانسېرى، ئۈمىدسزلىكمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەتتا شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە مۇقەررەر ھالدا ئەكسىگە قايتىدۇ. ئاتا-ئانىلار يەنە ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزەپ، شامالغا ئەگەشمەسلىكى، بەسلەشمەسلىكى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشى لازىم.

رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك مەسىلىلىرى، ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، چىن كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىشكە زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەمئىيەتكە نورمال ئارىلىشالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەربىيەلەشتە پەرزەنتلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق كۆيۈنۈپ، ئۇلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۇلارغا «ئىش ئوڭىدىن كېلىدىغان»دەك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئوڭۇشسىزلىققا قانداق توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمىگەندە، ئويلىمىغان بەزى ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن بالىلاردا پسىخىكىلىق مەسىلىلەر، ھەتتا پسخىكىلىق توسالغۇ، پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئۇشتۇمتۇت كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئاتا-ئانىلارنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھەتتا ئائىلە، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنى ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ.

ئاتا-ئانا بولۇشمۇ بىر خىل كەسىپ، بۇ كەسىپ كىشلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى تۇغما بولىدۇ؛ ئائىلە قۇرۇلۇپ، پەرزەنتلىك بولسىلا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەلۋەتتە ئاساسلىق ئائىلە باشلىقى (پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ياشايدىغان قۇرامىغا يەتكەن باشقىلارنىمۇ ئۆز ئىچگە ئالىدۇ) ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تەبىئىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئاتا-ئانا ھەممىسى مۇشۇ تەبىئىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ لاياقەتلىك بولالامدۇ؟ ھەممىسى كامالەتكە يەتكەن ھېسابلىنامدۇ؟ بەلكىم ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. لاياقەتلىك ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى بەختلىك، تەلەيلىك بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ھازىرقى بالىلارنى تەربىيەلەشتە، ئاتا-ئانىنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭى جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا يېتىشەلمىسە، پەرزەنتلىرى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ.

بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئاسان قولغا كەلمىگەن بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش تەربىيەسى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇرۇن داۋاملىق قوناق ئۇنى يەيتتۇق، ھازىر گۈرۈچ، بۇغداي ئۇنى يەيمىز، دېسە، بالىلار: ئۇنداقتا قوناق ئۇنى نېمە ئۈچۈن بۇغداي ئۇنىدىن قىممەت؟ دەپ سورايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلغاندا، پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىغا: سىلەر نېمە ئۈچۈن ئالىم بولمىدىڭلار؟ دەپ سوئال قويۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ، ھەتتا پەرزەنتلىرىدىن چاتاق چىققاندا، ئاتا-ئانا سەۋەبنى ئۆزلىرىنىڭ تەربىيەلەش ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلىدىين ئىزدىمەستىن، جەمئىيەتتىن، مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىدىن كۆرىدۇ، سەۋەبىنىڭ پەقەت ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قەدىمدىن تارتىپ «ئوغۇلنى تەربيىلىمەسلىك ئاتىنىڭ سەۋەنلىكى» «قانداق ئاتا بولسا، شۇنداق ئوغۇل بولىدۇ»، «قانداق ئانا بولسا، شۇنداق قىز بولىدۇ» دېگەن گەرپ بار، ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش مەسىلىسى بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى لازىم. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرنى يېتىلەپ تۈرلۈك كۇرسلارغا ئاپىرىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ قوش دەم ئېلىش كۈنلىرى بىكار قالماي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بوش ۋاقىت قالدۇرۇلمايدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پۇل خەجلەپ مەبلەغ سېلىشقا، ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ ھەر خىل كۇرسلارغا قاتنىشىشقا چىدايدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار مەكتىپىگە بېرىپ تەربىيە ئېلىش ۋاقتى كەلگەندە، بەزى ئاتا-ئانىلار بىرىنچىدىن، ۋاقتىمىز يوق، ئىككىنچىدىن، بۇ قالايمىقان ھەق ئېلىش، دېيىشىدۇ.

ئاتا-ئانىلاردا شۇنداق بىر ئېنىق تونۇش بولۇشى كېرەككى، ئۇلاردا «تەبىئيلىك تىپى» دىن «تەربىيىچىلىك تىپى» گە، «ئىختىيارىچە» تەربىيەلەشتىن «پىلانلىق» تەربىيەلەشكە، «زىياندىن كېيىن ئورنىنى تولدۇرۇش تىپى» دىن «ئالدىن ئېلىش ۋە ئالدىن كۆرۈش تىپى»گە ئۆتۈش ئۈچۈن، بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئازراق مەبلەغ چىقىرىپ ئاتا-ئانىلار مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش ئورگىنىغا بېرىپ، ئائىلە تەربىيەسى جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ياكى ئائىلە تەربىيەسىگە ئائىت كىتاب-ژۇرناللارنى سېتىۋېلىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، خۇددى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى كىنىشكىسى ئېلىشى زۆرۈر بولغىنىدەك، لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلىق كېنىشكىسى ئېلىشى لازىم، شۇنداق بولغاندىلا، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ، جەمئىيەتكە، ۋەتەنگە ۋە خەلققە ياراملىق ئىختىسالىقلارنى تەربىيىلەپ چىققىلى بولىدۇ.

ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ تەربىيەلىشىنىشىنى پەرزەنتلىرىنى كۇرسلارغا قاتناشتۇرغاندىنمۇ مۇھىم دەپ قارايدىكەن، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە قىينچىلىق ئاز بولىدۇ، لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلار قوشۇنى بارغانسېرى زورىيىدۇ.

پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت

قازىنىشنىڭ سىرى

پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنشنىڭ سىرى ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىدا. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت ساقلانسا، نۇرغۇن تەربىيىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەرزەنت بىلەن ھەر قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقنى خېلى كۆپ قىسقارتىدۇ.

ئۇنداقتا، پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىر نەدە؟ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىغا قارىساق، پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىرنىڭ ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىشىدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت مۇناسىۋىتى ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىدىكى چوڭلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېينىلا، «ئاتا-ئانا-پەرزەنت» مۇناسىۋىتى پەيدا بولىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ كىشلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ھايۋانات دۇنياسىدىمۇ ئاتا-ئانا بىلەن بالا مۇناسىۋىتى بولىدۇ. «ۋەھىشىي يولۋاسمۇ بالىسىنى يېمەيدۇ»، يىرتقۇچ پادىشاھى بالىسىنى بېقىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، يەنە ئۇنىڭغا ياشاش ماھارىتىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ قانداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ تەبىئىي ھەرىكىتى، تەبئىى خاسلىقى. ئادەم جەمئىيەتتە ياشايدۇ، ئىنسانلاردىكى «ئاتا-ئانا-پەرزەنت» مۇناسىۋىتى تەبىئىي خاسلىققا ئىگە بولۇشتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئىنسانلاردا بولغان ئالىي ھېسسىيات − مۇھەببەتنى ئاساسىي يىپ، روھىي ئىشەنچنى رىشتە قىلىپ شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتتۇر.

بۇندىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەت پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئاساسى، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان تەربىيەسى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش-يېتىلەلمەسلىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىر مۇتەخەسىسس: ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا يېقىن، زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاش نۇرغۇن تەربىيەدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى بىلىملەر ناھايىتى كۆپ، يادرولۇق مەسىلە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

پىكىر ئالماشتۇرۇش − ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەيئىلەرنى بىلىش سەۋىيەسى، كۆڭلىدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقى ۋە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇسى ۋە غەزەپ-نەپرىتىنى بىلەلەيدۇ، ئۇلار بىلەن خۇشاللىقتا ئورتاقلىشالايدۇ، ئۇلارنىڭ قىينچىلىقىنى ھەل قىلىشىپ بېرىدۇ، روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا ئۇلارغا ئۈنۈملۈك يېتەكلەش تەربىيەسى ئېلىپ بارالايدۇ. سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئىشىنىدىغانلىقى ۋە كۆيۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك دوستى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئۇرغۇيدۇ. دېمەك، پەرزەنتلەر بىلەن بولغان ھەربىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى كۆپ يېقىنلاشتۇرىدۇ.

ھۆرمەت قىلىش بالىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بالىلار باشقىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا تولىمۇ موھتاج. ئائىلىدىكى بارلىق تەربىيە جەريانىدا بالىلارنى مۇھىم بىلىش، بالىلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم.

ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتتە، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ئىشىنىدۇ، بۇ خىل ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئاتا-ئانىنىڭ ئابرويى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئابرۇي قانچە يۇقىرى بولسا، پەرزەنتلەرگە بولغان چەكلەش كۈچى ۋە تەسىر قىلىش كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

خەلقىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئەنئەنىسىدە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتنى سۆيۈش، ئەقىل ئىگىسى بولۇش، پەرزەنتلىك بۇرچىنى جايىدا ئادا قىلىش، ئىلىم ئىگىلەش، توغرا نىيەتلىك، قانائەتچان، مەرد، سېخىي بولۇش، يامان ئېلىنىدىغان قىلىقلاردىن يىراق قېچىش، جامائەتچىلىككە ئەگىشىش، ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يولىدا قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، تازىلىق، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش، مەنىۋى گۈزەللىكنى قەدىرلەش...تەك نۇرغۇن تەربىيە ئۇسۇللىرى بار. پەرزەنت تۇغۇلۇپ تاكى بويىغا يەتكۈچىلىك مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك قائىدە-يوسۇن، جامائەتچىلىك يوسۇنى، تۇرمۇش يوسۇنىدا تەربىيەلىنىدۇ ۋە ئېڭىغا سىڭدۈرۈلىدۇ، بۇلار قانداقتۇر مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، تەبىئىي، ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى تارىختىن بېرى ناھايىتى يوقىرى بولۇپ كەلگەن.

خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، بېيىتىپ باردى. تارىختىن بېرى ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئەخلاق تېمىسىنى چوڭ ئىجتىمائىي ئىلىم تەرزىدە تۇتۇپ تەتقىق قىلدى. دەرۋەقە، خەلقىمىز تارىختىن بۇيان ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان، چىڭ تۇرۇۋاتقان مىللىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھەر بىرى ياخشى بىلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى ۋە كۈندىلىك ئىش-ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشى زۆرۈر. خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى، ئۆتمۈشى، ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتنى تونۇشى ھاياتلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن مەنىۋى مىراسلىرىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇ مىراسقا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشىمىز، ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن ئاساستا ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىشىمىز، مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر.

خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىلىرىدە ياخشىلىققا ئۈندەش، غۇرۇرىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئاكتىپ ئامىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ. كىشىلەر ئارا ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرلىكلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلۇغ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھەر نە مۈشكۈللۈكلەرگە بەرداشلىق بېرىش، كەڭ قورساق، مەرت، سېخىي بولۇش، بارلىق ئىنسانىي ئېسىل خىسلەتلەرنى جارىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاش، يامان ئىللەتلەردىن يىراق قېچىش، يامان خۇيلۇق كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلەش، ئالىيجاناب، ئۇلۇغۋارلىققا ئىنتىلىش، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە دەۋەت قىلىش قاتارلىق ھاياتلىقنىڭ ھەممە بۆلەكلىرىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدىكى جەسۇرانە خىتابلار، مەردۇ-مەردانىلىققا تولغان سۆز-جۈملىلەر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئائىت بايانلاردىن؛ ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرىدىن؛ مەھمۇد قەشقەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرلىرىدىن؛ ئەلىشىر نەۋائىي، مۇھەممەد سادىق قەشقەرىي مۇھەممەد سىددىق رەشىدىينىڭ ئەخلاق ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن خەلقىمىزدە ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا شەكىللەنگەن ئەخلاق بىناسىنىڭ ئەسىرلەر بويى بارغانچە مۇكەممەللىشىپ، مۇستەھكەملىنىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەتتا ئايرىم بىر پەن سۈپىتىدە ئەخلاقشۇناسلار، ئالىم-ئۆلۈمالارنىڭ قولى ئارقىلىق تېخىمۇ تاكامۇللىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز.

ئۇيغۇرلار ھېلىمۇ ئەنئەنىۋى ئەخلاقتا چىڭ تۇرۇۋاتقان ۋە بۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى. خەلقىمىز ھازىرمۇ پەرزەنت تەربىيىسىدە بالىلارغا ئەنئەنىۋى ئەخلاققا بويسۇنۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىشنى بېجىرگەندە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشنى ئاساسىي مىزان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ھېلىھەم ئۆز رەڭگى، مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەخلاق مىزانلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىۋاتىدۇ.

ھالبۇكى، بىز مۇشۇ يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ ئاشكارا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تەربىيە بېرىشتە ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىدىن قېيىپ كېتىشتەك خاتالىقلارغا يول قويغانلىقى سەۋەبلىك، جەمئىيەتتە بىر تۈركۈم ئەخلاقسىز، يارامسىز كىشىلەرنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا چوقۇم مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلماقتىمىز. خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئەدەپ-ئەخلاق مەزمۇنىنى توغرا شەرھىيلەش، ئۇنى ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئۆز ئەخلاقىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ دىققەت نەزىرىگە سۇنۇش نۆۋەتتە ئەڭ زۆرۈر خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

مەنبەسى: ۋەلى كەرىم كۆكئالىپنىڭ «پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73581
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ياخشى بىلىم بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت ، ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك مەسىلىلەكەن

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15409
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3319 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:40:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنت تەربىيلەش سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5678
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:44:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىلار سۆزى ئاتنىڭ قامچىسى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# w% b/ z: h! T2 z) Wئانىلار سۆزى بۇلاقنىڭ سۈيى،

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17689
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 04:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە قەدىر-قىممىتىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچى ئاساسىي شەخستۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 H- X) `0 b0 p1 B

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' v* S: i, r% [- v& ^+ yئانا ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس زاتتۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% F4 `9 ^# y; c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- _0 @1 h, i' x6 a6 o8 Dئانىنىڭ ئەڭ بۈيۈك خىزمىتى شۇنىڭدىكى، ئۇ پەرزەنتلەردە ئاۋۋال ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەت − مېھىرنى شەكىللەندۈرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ^' F5 o8 ?7 I0 ^" Q, D; a* y

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14294
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 04:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا تەربىيلەشمۇ مۇھىم ئىش ،

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9752
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 05:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما  بوپتۇ

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5774
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2156 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 05:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىلار ئۆزىدە يېتەرلىك ساپانى ھازىرلىغاندا ئاندىن بالىنى ياخشى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 B- L5 g3 Z9 {# M9 {: P
ئاتا ئانام جىق ئوقۇمىغان  بولسىمۇ لېكىن بىز ئۈچ بالىغا ئېتىقاد ،ئەدەب ئەخلاق ،ئادىميلىك ،پەزىلەت جەھەتتە ناھايىتى ياخشى تەربىيە بەرگەن ، مەن دائىم ئاپامغا چاقچاق قىلىپ ئۈچ بالىڭىز شۇنداق ياخشى بالىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ سىزلەرنىڭ يۈزىڭىزنى يورۇق قىلدى دېسەم ، ئاپاممۇ ،ھەئە ،سىلەر ئۆزەڭلەرچە ئاشۇنداق ياخشى بالا بولۇپ قالغان ئىدىڭلار دەيدۇ .ئاتا ئانامنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە  كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ھەم دۇئا قىلىمەن .

بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13518
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 05:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىدا  ئاتا ئانا .جەمىيەت .مەكتەپ تەربىيسى  قاتارلىق 3 تەربىيە بولغاندىلا ھەقىقى بالا بولوپ يىتىلىدۇ،بولمىسا باشقا بالا بولىدۇ ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە.
قاتتىق يامغۇردىن كىيىن ھاۋانىڭ ئىچىلىشىغا ئىشىنىڭ.

ئاللاھ يولىداشاتۇتدەك سۆزلەيمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82545
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 05:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىلار خۇددى كۇچا ئاپدۇبۇزىدىكى شوپۇر بىلەن بىلەتچىگە ئوخشايدىكەن ،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ j/ r  g- H: u. `- \باشتا ئىككىسى يالغۇز مېڭىپ ناھايتى كۆپ كىشىلەرنى بارىدىغان مەنزىلىگە بىخەتەر ئاپىرىپ قويۇپ كىيىن يەنە ئىككىسلا قالىدىكەنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 _0 A* F. l6 J5 |  {2 P
ئاتا ئانىلار بەكمۇجاپاكەش ئىنسانلار ئىكەن ، ئاللاھ شۇ ئاتا ئانىلىرىمىزنىڭ تىنىىى ساغلام قىلغاي

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
بۇدۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۆتكۈنچىدۇر،بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ.
شۈكرى ئاللاھ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش