|
|
|
|
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى تۈنجى غەلبىنى قولغا كەلتۇردى
شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتپول مەكتىۋىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان <لۇنىڭ >> لوڭققسىنى تالىشىشى مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر تەكلىپلىك مۇسابىقىسىغە قاتنىشىۋاتقان، غۇلجا شەھەر 12- باشلانغۇچ << ئەمىن >> پۇتبول كاماندىسىنى ( غۇلجا شەھەر ئەمىن ئۆي مۇلۇك شېركىتى ئىقتىسادى ياردەم بەرگەن ) بۇگۈن 9 -10 ياشلىقلار ۋە 11-12 ياشلىقلار بويىچە ئىككى گۇرۇپپا، ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى.
ئانا يۈرت ئەزىمەتلىرى بۇ مۇسابىقىدە ئۆزلىرىنىڭ باتۇر، قورۇقماس، جاسەرەتلىك، جەڭگىۋار روھىنى نامەيەن قىلدى. يۇقىرى سەۋىيەدە تولۇق قوراللانغان، ئەلا شارائىت، يۇقىرى سەرپىيات بىلەن مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن دوڭيىڭ يىجا پۇتبول كۇلۇبى ۋە جېجىياڭ لۈچېڭ پۇتبول كۇلۇبىدىن ئىبارەت ئىككى كۇلۇپ كاماندسى بىلەن مۇسابىقىغە چۈشتى. گەرچە بالىلىرىمىز ناچار شارائىتتا مەشىق قىلغان، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، كۆپ يول ئازاۋى تارتىپ ،ئاران ئىككى كۈنلا دەپ ئالغان بولسىمۇ، ئۆزدىكى ئۇيغۇر قېنىدىكى جاسارىتىنى نامەيەن قىلدى.
قارشى تەرەپ پۇتلىرىغا ئەلا سۇپەتىك بوتبول ئايىقى ( بوتىس)، قوغداش ياپراقچىلىرىنى كىيىپ مەغرۇر مۇسابىقىغە چۈشۈپ كەلدى. ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى بولسا، پۇتلىرىغا ئاددى پۇتبول ئايىقى (چوقەي) كىيىپ، كەمتەرلىك، ئەمما جەزبىدار، جەڭگىۋار، باتۇرلۇق بىلەن، مەرت - مەردانا ھالدا مەيدانغا چۈشتى. ئۇلار يۇقىرى سەۋىيەدە تولۇق قوراللانغان، ئەلا شارائىت، يۇقىرى سەرپىيات بىلەن مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن بۇ كۇلۇپ كاماندىلىرىدىن قىلچىمۇ قورقۇنۇچ ھىس قىلمايتى . ئۇلار خەلقىنىڭ دۇئاسى، ئاتا _ ئانىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئۇلارغا زور كۈچ قۇۋەت ئاتا قىلىدىغانلىغىنى ئېسىدە مەھكەپ ساقلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يۇرىكىدە پۇتبولغا بولغان ئوتقاشتەك ئىشتىياق يالقۇنجايتى، ئۇلار دىلىغا شىنجاڭدىكى نەچچە مىليون خەلىقنىڭ ئۇمىد _ ئارزۇسىنى مۇجەسسەملىگەن ئىدى . ئۇلارنىڭ پۇتىغا كىيگىنى سېسىق چوقەي بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئالى دەرىجىلىك پۇتبول ئايىقىدەك بىلىنەتتى. ئۇلار يەرنى دەسسەپ ئەمەس بەلكى ئۇچار گىلەمدە ئولتۇرۇپ مېڭىۋاتقان ھىسىياتتا ئىدى.
شېۋىستىك چېلىندى! ھۇررا ! دەپ ئاتاكىغا ئۆتتى ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى !.... ھۇررا ..!! ھۇررا ساداسى رەقىپلەرنىڭ يۇرىكىگە قورقىنىش سالدى. خۇددى گۇلدۇرمادەك ئاڭلىناتتى ئۇلارغا ..! . مانا قىزغىن جەڭ باشلاندى. ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! ھەممىمىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كەتتۇق! قالتىس! بەكمۇ قالتىس! 5 مىنۇت بولمايلا ئەزىمىتىمىز رەھمىتۇللا بىر توپ كىرگۈزدى. ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! كۆزلىرىمىزگە ئىسسىق ياش كەلدى! ئەركىشى بولمىغان بولساق يىغلىۋەتكەن بولاتتۇق. ئالاھەزەل 10 مىنۇت ئۆتكەندەيەنە بىر توپ ئورۇلدى. ھۇررا سادالىرى مەيداننى بىر ئالدى ! ئەستا ! چاتاق بولدى! رەقىپ كاماندا بىزگە بىر توپ ئۇرۋالدى. يۇرىكىمىز زەرداپتەك ئېچىشتى، گەرچە 2 گە قارش 1 نەتىجە بىلەن ئۇستۇنلۇكتەبولساقمۇ ..... مۇسابىقە جىددى داۋالاشماقتا مانا ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! 3قارشى 1 ، ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! مانا 4 كە قارشى 1 .... بىرىنجى مەيدان ئاخىرلاشتى. ئاھ خۇدا بىز 4گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى مەيدان ئۇستۇنلۇكتە !
مانا ئىككىنجى مەيدانمۇ ئاخىرلاشتى! ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! ھۇررا ..!! بىز غەلبە قىلدۇق! بىز بۇ 7 كىشىلىك مۇسابىقىدە 7 گە قارشى 2 نەتىجە بىلە رەقىپ كاماندىسىنى يەڭدۇڭ !
بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر كاماندا 9 _ 10 ياشلىقلار كاماندىسى ئاللا بۇرۇن رەقىبىنى 8 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇپ بولغان ئىدى ! نىم دىگە قالتىس ! بىز بۈگۈن قوش غەلبىنى قولغا كەلتۇردۇق !
مەن مۇسابىقىگە چۈشكەن ئەزىمەتلىرىمىزنى بىردىن قوچاقلىدىمدە ياتاققا يۈگۈردۇم ! بۇ خەۋەرنى ئانا يۇرتتىكى نەچچە مىليون خەلقىمگە تېزدىن يەتكۈزۈم كېرەك !
تۆۋەندىكىلەر مۇسابىقە جەريانىدا تارتىلغان سۇرەتلەر
|
|
|
|
|
|