ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن سۆزلەيمەن .
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى گۈزەل ئەخلاق-پەزىيلەتكە تەۋسىيە قىلىپ ، جەمىيەت مۇقۇملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق پەسكەش ، رەزىل قىلمىشلاردىن تۇسۇش بىلەن بىرگە بارلىق ياخشى ئەمەللەرگە بۇيرۇپ ، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت كىلىدىغان بارلىق سۆز -ھەركەتلەردىن تۇسۇدۇ . دىمەك ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى كىشىلەر ئارىستا ئادىل بۇلۇشقا ،جىمى خەلىققە ياخشىلىق قىلىشقا چاقىرىپ ، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلىشتىن چەكلەيدۇ . بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
يەنى[ئاللاھ ھەقىيقىتەن (كىشىلەر ئارىسدا )ئادىل بۇلۇشقا ، (جىمى خەلىققە) ياخشىلىق قىلىشقا ، خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ، قەبىھ(سۆز- ھەركەتلەر)دىن ، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن تۇسۇدۇ . نەسىھئەتنى قۇبۇل قىلسۇن دەپ ئاللاھ سىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلىدۇ. ]16-سۈرە 90-ئايەت.
دىمەك يۇقارقىدەك ئاللاھ نىڭ ھەق تەۋسىيەلىردىن بىز شۇ ھەقىيقەتلەرنى بۈلىپ قالىمىزكى ، ئىسلام دىننىڭ ئىنسانلارنى كىشىلەر ئارىسدا ئادىل بۇلۇشقا ،جىمى خەلىققە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ ، زىمىندا بۇزغۇنچىلىق بىلەن كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ تىنىچ -ئامان خاتىرجەملىكىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان خاتا سۆز ، قەبھى ھەركەتلەردىن تۇسۇدىغان ئاللاھ نىڭ ھەق دىنى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز . دىمەك بىز بۇ ھەقىيقەتلەردىن ئىسلام دىننىڭ ئۆزىدىن باشقا ساماۋىي دىنلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمتىيازلارنى ئۆز داھىرسىگە ئالغان ھالدا ، ئۇ بارلىق دىنلاردىن زامان ، ماكان ۋە ھەرقانداق ئۇممەتنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ كىلىش بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خەلىق ئارالىق دىن بۇلۇشقا مۇناسىپ كىلىدىغان دىندۇر . بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دىگەن : يەنى [(ئى مۇھەممەد ! )بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىركى (ساماۋى)كىتاپلارنى ئىتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى )نازىل قىلدۇق ]5-سۈرە 48-ئايەتنىڭ بىر قىسمى .
دىمەك ئىسلام (يەنى ھەق قۇرئان ) زامان ، ماكان ۋە ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ تەبئىتىگە مۇناسىپ كىلىدۇ، شۇڭا ئىسلامنى قۇبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ، ھېچقانداق بىر خەلىقنىڭ قەيەردە ۋە قايسى ۋاقىتتا بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ مەنپەتىگە زىت كەلمەستىن بەلكى ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر . شۇڭلاشقا ئىسلامنى (يەنى ھەقنى )قۇبۇل قىلىش ، ئۇ ئۇنداق بەزى بىر ئىنسانلارنىڭ چۈشەنگىنىدەك ھەرقانداق زامان ۋە ماكانلاردا ياشاۋاتقانلارنىڭ خاھىشى بۇيىچە بولمايدۇ . چۈنكى ئىسلامدا ئۇنىڭغا كىرىشكە زورلاش يوقتۇركى ، ئاللاھ نىڭ ھېكمىتىمۇ ئىنسانلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىغا قۇيۇۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ . دىمەك ئىسلامنى (يەنى ھەقنى) كىم ؟ قەيەردە؟ قايسى ۋاقىتتا قۇبۇل قىلىيلاۋەرسە ئۇمۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇ . ئەگەردە بۇنىڭ ئەكسىچە ھەقنى قۇبۇل قىلماستىن ، ھەقنى ئىنكار قىلىدىكەن ئۇنىڭ ۋابالىمۇ ئۆزى ئۈچۈندۇر ، ئاخىرى ھەممىمىز ھىساب بىرىش ئۈچۈن ئاللاھ غىلا قايتىمىز . چۈنكى ياخشىغا مۇكاپات ، يامانغا جازا بىرىدىغانغا پەقەت يالغۇز ئاللاھ لا ھۇقۇقلۇقتۇركى ، ئصسلامدا ئىنسانلار بىر -بىرىدىن ھىساب ئېلىشقا قادىر بۇلالمايدۇ . ئەگەردە كىمكى ھىساب ئېلىش ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ ئالدىدا شاپاشلاپ زىمىندا خۇددى سۇراققا تارتىلمايدىغان ئىلاھ تەكلا ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئىش ئېلىپ بارىدىكەن ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ قانۇنى جازاسىغا تارتماي قالمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئادىلدۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر . دىمەك كىمكى زىمىندا كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلماستىن كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىپ ، ئىسلامدىن يۈز ئۆرىيدىكەن ئۇ قاتتىق ئازغان بۇلىدۇ . ئاللاھ ئازغانلارنى ھىدايەت قىلمايدۇ . يەنى[مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى ، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى )ئەلبەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا )قىلاتتى ، لېكىن ئاللاھ نىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قۇيۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمۇراھ قىلىدۇ ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ ، (قىيامەت كۈنى ) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سۇراق قىلنىسلەر ]93-ئايەت.
دىمەك ئىسلام كىشىلەرنى ئادالەتكە چاقىرىپ ، كىشىلەرگە زۇلۇم سېلىشتىن چەكلىگەن ئىكەن بىز ئادالەتنى بەرپا قىلىشىمىز ئۈچۈن ، ئىسلامنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن ؛ كىشىلەر بىزگە چېقىلسا چېقىلىپ ، چېقىلمىسا چېقىلماي ، بىزگە قانچىلىك چېقىلسا بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىپ ، ئاشۇرۋەتمەستىن ئىنتىقام ئېلىشقا ھۇقۇقلۇقتۇرمىزكى ، جانابى ئاللاھ زىمىندا يامانلىقنى ئۈستۈنلىككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن .يامانلار يۇۋاشلارنى بۇزەك قىلىشنى مەخسەت قىلىدىكەن بەزىمىزنى بەزىمىز بىلەن مۇداپىيە قىلىپ . ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرنى ئۆزى يالغۇز باشقۇرۇپ تۇرىدۇ . ئەگەردە ئۇنداق قىلىپ تۇرمايدىغان بولسا ئىدى زىمىندا ئادالەت پەرۋەرلىك يۇقۇغان ، زىمىننى قاراڭغۇ زۇلمەت قاپلاپ كەتكەن بۇلاتتى . ئەمما ئاللاھ رەھمىتى بىلەن كىمنى ؟ قايسى زىمىندا ياشىتىشنى ئىرادە قىلىدىكەن ، شۇنى شۇ زىمىندا ئادالەتنى بەرپا قىلغان ئاساسىدا ياخشىنى -ياخشىچە ، ياماننى - يامانچە . دىمەك ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە ياشىتىدۇ . ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنىمۇ يەر يۈزىدە چوڭچىللىق قىلىشنى ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلىدۇ . بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن : يەنى[ئەنەشۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىللىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق ، (ياخشى)ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر . ]28-سۈرە 83-ئايەت. تەقۋادارلىق ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنى قوللاپ ، باشقىلارغا ھەقنى ئېلىپ كەلگەنلەرگىلا خاستۇر . شۇڭلاشقا بىز ئىككىلا دۇنيانىڭ نىجاتلىقىغا ئىرىشىشىمىز ئۈچۈن زىمىندا ئادالەتنى بەرپا قىلىپ ، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىپ ، ھەقنى ئېلىپ يۈرۈپ تەقۋادارلاردىن بۇلايلى!
مەنبە : ئاللاھ نىڭ ئىلھاملاندۇرشى بىلەن قۇرئان كەرىمگە ئاساسلىنىپ يېزىلدى .