مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1624|ئىنكاس: 0

چاررۇسىيەنىڭ ئىلى زىمىننى بېسىۋېلىشى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 11:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپ بەگ جەنۇبىي شىنجاڭنى بېسىۋېلىپ شىمالغا تەھدىت سېلىۋاتقان چاغدا،چاررۇسىيە ئالدىن قول سېلىپ ئىلىنى بېسىۋېلىش قارارىغا كەلدى.1871-يىلى5-ئايدا،چاررۇسيە ئارمىيەسى ئىلىغا ھۇجۇم قوزغاپ،شۇ جايدىكى ئۇيغۇر،خۇيزۇ،شىبە قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك قارىشلىقىغا ئۇچرىدى.ھەر مىللەت ئارمىيە ۋە خەلىق زور كۈچكە تىز پۈكمەي،قۇربان بىرىشتىن قورقماي،دۈشمەنلەرنى باتۇرلۇق بىلەن يوقىتىپ،تاجاۋۇزچىلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى.چاررۇسىيە ئارمىيەسى ئۆزقوشۇنلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ،7-ئايدا ئىلىنى ئىشغال قىلدى.
ئىلىدىكى ئارمىيە_خەلىقنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا باتۇرانە زەربە بېرىش كۈرىشىدە تىللاردا داستان بولغىدەك نۇرغۇن قەھىرمانلىق ئىش-ئىزلار مەيدانغا كەلدى.6-ئاينىڭ30-كۈنى،رۇسىيە ئارمىيەسى چىڭسىخۇزىغا ھۇجۇم قوزغىغاندا،ئىلىدىكى 4000مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيە-خەلىقنىڭ كۈچلۈك توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى.نۇرغۇن ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ۋە بالىلارمۇ جەڭگە قاتناشتى،ئۇلار ئىسسىق قېنى بىلەن يېقىنقى زامان شىنجاڭ خەلىقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى يەنە بىر شانلىق سەھىپىسىنى يازدى.7-ئاينىڭ2-كۈنى،ئىلى<<سۇلتانى>>شەھەر قوۋۇقىنى ئېچىپ تەسلىم بولۇپ،50 كۈن داۋاملاشقان رۇسىيەگە قارشى كۈرەشنى يوققا چىقاردى.
چاررۇسىيە ئىلى رايۇنىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن،ھەربىي ئوفىستېر ئەۋەتىپ ۋەھشىلەرچە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان ئىلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئىشخالىيەتچىلەرگە قارشى كۈرەشنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى.مەسىلەن غەللە-پاراق،باج يىغىشقا قارشى چىقىش،رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمەسلىك،باشقا جايلارغا بېرىپ تېرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ قېچىپ كېتىش،تارباغاتايدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بارگاھىغا بېرىپ دېھقانچىلىق قىلىش ۋە لەشكەر بولۇش،دېگەندەك.ئۇلار<<بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆلسىمۇ چەتئەللىكلەرگە تەسلىم بولمايدىغانلىقى>>نى ئىپادىلىدى ھەمدە چاررۇسيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىگە كۆپ قېتىم شىكايەت قىلىپ،چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىدىن تىزرەك قوشۇن ئەۋەتىپ ئىلىنى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.
چاررۇسىيە ئىلىنى بېسۋالغاندىن كېيىن،چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى ئادەم ئەۋەتىپ سۆزلەشكەن بولسىمۇ،چاررۇسىيە ۋەكىلى جۇڭگۇ ياقۇپ بەگ بېسىۋالغان شىنجاڭ رايۇنىنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن،رۇسىيە ئاندىن ئىلىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ دەپ تۇرىۋالدى.1877-يىلنىڭ ئاخىرىدا،چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى ياقۇپ بەگ باسمىچى قۇشۇنىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن،چاررۇسيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەتەي باھانە تېپىپ دۆلىتىگە قايتىپ كىتىپ ۋاقىتنى ئەتەي كەينىگە سۈردى.ئىلاجىسىز قالغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى ئىلىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە ۋەكىل ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدى.
1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى ئاستانە سانغۇنى چۇڭ خۇنى رۇسىيەگە بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.چاررۇسىيە ۋەكىللرىنىڭ قاتتىق-يۇمشاق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىشى ئارقىسىدا،چۇڭ خۇ ئوردىنىڭ تەستىقىنى ئالمايلا رۇسىيە بىلەن ئۆ مەيلىچە<<ئىلىنى تاپشۇرۇپ بېرىش،ئۆتكۈزۋېلىش شەرىتنامىسى>>نى دەسلەپكى قەدەمدە ئىمزالىدى.بۇ خەۋەر تارقىلىش بىلەن پۈتۈن مەمىلكەت خەلىقىنىڭ غەزىپى تاشتى.چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىمۇ جۇڭگۇ بەك زىيان تارتىپتۇ دەپ قاراپ،بۇ شەرىتنامىنى تەستىقلاشنى رەت قىلىپ،چۇڭ خۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى ھەمدە ئەنگىليەدە تۇرۇشلۇق ئەلچى زىڭ جىزىننى رۇسىيەگە يېڭىباشتىن سۆزلىشىشكە ئەۋەتتى.
1880-يىلى ئىككى تەرەپ ۋەكىلى 50 قېتىمدىن ئارتۇق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،1881-يىل2-ئايدا<<جۇڭگۇ-رۇسىيە ئىلى شەرىتنامىسى>>(يەنە<<تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شەرىتنامە>>دەپمۇ ئاتلىدۇ) نى ئىمزالىدى.شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى چاررۇسىيە 11 يىلدىن ئارتۇق بېسىپ ياتقان ئىلىنى قايتۇرۋالدى.
<<ئىلىنى تاپشۇرۇپ بېرىش،ئۆتكۈزۋېلىش شەرىتنامىسى>>سېلىشتۇرغاندا،جۇڭگۇ بەزى زىيانلارنى تولدۇرۋېلىپ،ئىلى رايۇنىنى ۋەتەن قوينىغا بىر قەدەر مۇكەممەل قايتۇرۇپ كەلدى.بۇ،جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىكى ھاقارەتلىك دېپلۇماتىيە تارىخىدا يەنىلا بىر مۆجىزە ھېساپلانسىمۇ،بىراق ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا،ئۇ يەنىلا بىر تەڭسىز شەرىتنامە،مەسىلەن ئۇنىڭدا جۇڭگو چاررۇسىيەگە 9 مىليۇن رۇبىلى،(5مىليۇن سەردىن ئارتۇق كۈمۈشكە تەڭ)ھەربىي خىراجەت تۆلەپ بىرىدىغان بولدى.رۇسىيە سودىگەرلىرى شىنجاڭدا سودا قىلسا باج تۆلىمەسلىككە رۇخسەت قىلىندى،رۇسىيە جىيا يۈگۈەن ۋە تۇرپاندا كۇنسۇل تەسىس قىلىش قاتارلىق شەرىتلەرنى قويدى،بولۇپمۇ كىيىن ئىمزالانغان چىگرا توغىرستىكى بىر قانچە تارماق شەرىتنامىگە ئاساسەن،رۇسىيە يەنە جۇڭگۇنىڭ غەرىبىي شىمال قىسىمىدىن،70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىردىن ئارتۇق زېمىننى بۆلۈۋالدى.

مەنبە~8-يىللىقلار ئۈچۈن2-قىسىم،شىنجاڭ(يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك تارىخى) دىگەن دەرىسلىك كىتابىدىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئېمپىراتور + 10 خۇڭگوچەتما يوللاش!
karluk + 10 بۇرمىلانغان تارىخ.
sazguri + 10 دىمەك سىزمۇ قىزىل كىت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش