مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1770|ئىنكاس: 11

تىز بوغۇمىغا زىيانلىق ئادەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82286
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 09:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.پەلەمپەيدىن تولا چىقىپ چۈشۈش.
نۇرغۇن كىشىلەر پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى بىر خىل چېنىقىش،ئورۇقلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ ھىساپلايدۇ. ئەمما پەلەمپەيدىن تولا چىقىپ-چۈشۈشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ، ئادەم پەلەمپەيدىن چىققاندا تىز بوغۇمىغا  ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ 4.8 ھەسسىسىچىلىك ئېغىرلىق بېسىمى چۈشىدۇ،چۈشكەندە بولسا 6.7ھەسسىسىچىلىك بېسىم چۈشىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاسانلا  تىز بوغۇمىنىڭ زەخمىلىنىشىنى،ئوتتۇرا ياش،ياشانغانلاردا تىز بوغۇمىنىڭ چېكىنىشىنىڭ تېزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا بۇ خىل چېنىقىش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.ئەگەر چوقۇم پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈش كېرەك بولسا،مېڭىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىڭ،بىنادىن چۈشكەندە لىفىت بولسا ئامال بار لىفىتقا چىقىڭ.
2.تاغقا يامىشىش .
تاغقا يامىشىش بىر خىل ئىنتايىن ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى،بىراق ياشانغانلار،بولۇپمۇ تىز بوغۇمى ئاغرىيدىغان ياشانغانلارغا تاغقا يامىشىش ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى تاغقا چىقىپ چۈشكەندىمۇ تىز بوغۇمى ئۇچرايدىغان بېسىم ئوخشاشلا چوڭ بولىدۇ،شۇڭا ياشانغانلار يۇمشاق ئاياغ كىيىپ تۈز يولدا چىنىققىنى ياخشىراق.
3.ئۇزۇن ۋاقىت ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش.
نۇرغۇن خانىم-قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇتقا چۈشىدىغان ئېغىرلىق بېسىمى يۆنىلىشىدە يۆتكىلىش بولۇپ،تىزغا چۈشىدىغان بېسىم ئارتىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشكەندە تىزغا بولغان زىيىنى يېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇت ئاسان قايرىلىپ كېتىدۇ،تاپان ئاغرىيدۇ،بەزىلەردە بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭا  ئىگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاز كىيىش كېرەك.4.زىيادە چېنىقىش.
چېنىقىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ. ئەمما چېنىقىش مۇۋاپىق بولىشى،بەدەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا،ياش قۇرامىغا ماس كېلىشى كېرەك.بەك زىيادە چېنىققاندا،بىرىنچىدىن،زەخمىلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ،ئىككىنچىدىن،بوغۇملارنىڭ ئۇپرىشى تېز بولىدۇ.بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش،ياشانغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ تېز بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان سەيلە قىلىش،ئاستا يۈگرەش،سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن چېنىقىشى كېرەك.
5.سوغۇقتا نېپىز كىيىنىش.
بوغۇملار سوغۇققا بىر قەدەر سەزگۈر بولىدۇ،شۇڭا بەزى كىشىلەرنىڭ بوۈۇملىرى تىمپىراتۇرا ئۆزگەرگەندە،يامغۇر ياغقاندا ئاغرىيدۇ. ئەگەر ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى قېلىن كىيىنمىگەندە تىز بوغۇملىرىدا ئاسانلا رىماتىزىم قاتارلىق كىسەللەر پەيدا بولىدۇ ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ياز پەسلىدە شامالدۇرغۇچنى ئۇزۇن مەزگىل ئېچىپ قويغاندىمۇ تىز بوغۇمىغا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ. شۇڭا ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە  قېلىنراق كىيىنىش،ياز كۈنلىرى شامالدۇرغۇچنى كۆپ  ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
6.ئۇزۇن ۋاقىت تىزلىنىش.
بەزى ئاياللار تىزلىنىپ تۇرۇپ يەر ئېيتىدۇ. بۇنداق بولغاندا بەدەننىڭ ئېغىرلىق بېسىمى تىزغا،بولۇپمۇ لىپەك سۆڭەككە چۈشىدىغان بولغاچقا،ئاسانلا لىپەك سۆڭەكنىڭ كۆمۈرچەكلىرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.بۇنداق بولىۋەرسە تىزنى يىغىش ۋە سۇنۇش تەس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ھەرىكەت قىلىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئادەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك.ئەگەر چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك بولسا،تىزنىڭ ئاستىغا يۇمشاق نەرسىلەرنى قويۇۋېلىش،5_10مىنۇتتا بىر دەم ئېلىپ،قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
7.ئۇزۇن ۋاقىت زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش.
زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا تىز بوغۇمىدىكى ئايسىمان تەخسىگە چۈشىدىغان بېسىم چوڭ بولىدۇ ھەمدە ئاسان زەخمىلىنىدۇ.شۇڭا بەك ئۇزۇن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشمۇ بولمايدۇ.
8.ياغلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش.
ياغلىق تاماقلارنى كۆپ يىگەندە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەندە تىزغا چۈشىدىغان بېسىممۇ ئارتىپ كېتىدۇ_دە،بوغۇم كۆمۈرچەكلىرىنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېمىز كىشىلەردە يەللىك بوغۇم ياللۇغىمۇ كۆپ كۆرىلىدۇ.شۇڭا يىمەكلىككە دىققەت قىلىش،ياغلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش.  پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر،ماش ئۈندۈرمىسى،كۆكتاتلاردىن  قىزىل مۇچ،تەرخەمەك(تەرخەمەك تەركىبىدە پىروپىل ئالكوھول كىسلاتاسى مول بولۇپ،يىمەكلىكتىكى كاربون-سۇ بېرىكمىلىرىنىڭ  بەدەندە ياغقا ئايلىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ)،پالەك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىش،ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.



مەنبە ساغلاملىق دەستۇرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-13 11:50 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69814
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3564
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 11:55:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىكەن .  تېما ئىىسىگە رەھمەت .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30908
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1653
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1167 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30908
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1653
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1167 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:08:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30908
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1653
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1167 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلار ئامال بار ئىگىز پاشنىلىق ئاياغلانى جىق كەيمەڭلا

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UQARBURA يوللىغان ۋاقتى  2012-7-13 12:10 PM
بېڭگۇۋنىدىن باشقا  ئاساسەن  ،ئائېللىكلەردە  لىفېت ي ...

ئاكا خاپا  بولماي ئاۋۇ خەتلىرىمنى بىر توغرا يېزىپ بەسىلە بوپتىكەن ....بەك قىينىلىپ كىتىپتۇ .خىلى خىلىغا كەلمەي ....

تىمىغا :
3.ئۇزۇن ۋاقىت ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش.
نۇرغۇن خانىم-قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇتقا چۈشىدىغان ئېغىرلىق بېسىمى يۆنىلىشىدە يۆتكىلىش بولۇپ،تىزغا چۈشىدىغان بېسىم ئارتىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشكەندە تىزغا بولغان زىيىنى يېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇت ئاسان قايرىلىپ كېتىدۇ،تاپان ئاغرىيدۇ،بەزىلەردە بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭا  ئىگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاز كىيىش كېرەك
  قىزلار ئەمدى دىققەت قىلىڭلار ھە ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيسەك  چىرايلىق كۆرنىمىز دىگەن بىلەن :

خەپ  ئىچكى دۈشمەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30908
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1653
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1167 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3045
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5889
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:27:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈلۈپ قويسام بولغىدەك ..ساقام قوياي ھازىر ئوقۇساممۇ ؟ ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كېتەمكى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7488
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2220 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن تىزلىرىمنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار بەك ئاغرىتى، كۆرپىدە چازا قۇرۇپ بىمالال ئولتۇرالمايتتىم، زوڭمۇ ئولتۇرالمايتتىم، ماشىنىدا ئولتۇرۇش، ۋېلىسپىت مىنىش مەن ئۈچۈن زۇلۇم ئىدى. بىرچاغدا ئۆيدىن چايان چىقىشقا باشلىدى، دەسلەپتە چايانلارنىڭ جەسىدىنى تاشلىۋەتتىم. كىيىن، بىر دورا قىپ باقمايمەنمۇ، دەپ، تۇتقان چاياننى تۇتۇپ بىر شىشىدىكى ئىسپىرتقا چىلىدىم. تەخمىنەن، 5،6 تالغۇ دەيمەن. ئاپتاپقا قويۇپ قويدۇم. كۆپۈك پەيدا بولۇپ، ئىسپىرىتنىڭ رەڭگى سارغۇچ بولغاندا پۇتلىرىمغا سۈرتۈشكە باشلىدىم. ئارىدىن 2، 3 ئاي ئۆتۈپ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىدىن قۇتۇلدۇم دېسە.
دوستلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش