مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3469|ئىنكاس: 41

چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10007
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3570 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 08:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
داۋاملىق بوشلۇقۇڭغا كىرىپ يوقلاپ تۇرۇشۇم، پەقەت سېنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە قانداق تۇرىۋاتقىنىڭنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، گەرچە ھېچقانداق يېڭىلىق بولمىسىمۇ....
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
مەن نېمىشقا ساڭا داۋاملىق ئۇچۇر يوللىمايمەن؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدە سېنى ئويلىغىنىم ئەمەس، بەلكى ئىزچىل سېنى ئويلاپ، سېغىنىپ كەلدىم. ھازىر ئادەتتىن تاشقىرى سېغىنماقتىمەن.
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
مەن قانداقسىگە سەن توغرۇلۇق كۆپ ئىشلاردىن خەۋەردار بوپ تۇرىمەن؟ چۈنكى سېنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭ، ھەتتا ناشتىلىقتا نېمە يېگىنىڭدىن تارتىپ مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر خەۋەر ھېسابلىنىدۇ...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سەن كىم بىلەن بىللە نېمىش قىلدىڭ، بوشلۇقۇڭغا كىملەر نېمىلەرنى يازدى ، بۇلار مەن ئۈچۈن بىر تۈگۈن بوپ قالىدۇ،  مەن بۇ ئىش ئۈستىدە قالايمىقان پەرەز قىلىمەن، ئۆزۈمچە خاپا بولىمەن، گەرچە ئىككىمىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز بولمىسىمۇ...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سەن ماڭا بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىسەن، بىراق مەن ساڭا ھەممىدىن بەك دىققەت قىلىمەن... پەقەت ساڭىلا ....
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
مەن ساڭا ئېۋەتكەن شۇ < ئەمسە ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، ئاۋارە قىلماي...> دېگەن خەتلەرنى باسقىنىمدا يۈرىكىمنىڭ قانداق ئازاپلانغىنىنى .....
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
يانفۇنۇمدا سېنىڭ بىلەن يېزىشقان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ساقلاقلىق، چۈنكى سېنى سېغىنغىنىمدا شۇلارنى قايتا قايتا كۆرۈپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن...كۆڭلۈم يېرىم چاغلاردا ئوقۇپ ، ئۆزۈمچە ساراڭدەك كۈلۈپ كېتىمەن...خۇددى سەن يېنىمدا باردەك بىر خىل ھېسسىيات...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سېنىڭ بىردە قىزغىن بىردە سوغۇق قىلغان مۇئامىلەڭ، مېنى ئىختىيارسىز كونترول قىلىۋالدى...بىردە شېرىن، بىردە ئازاب...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
مەن نېمىشقا سەندىن خاپا بولىمەن؟ سەندىن ئاغرىنىمەن؟ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسە، شۇ ئادەمگە ئۆزىنى ئازابلاندۇرسا بولىدىغان ھوقۇقنى تەڭ بەرگەن بولىدىكەن...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سېنىڭ ئۇچۇرىڭنى ئالالمىغان كۈنلەردە قانچىلىك ئازابلانغىنىمنى، مەن مۇشۇنداقلا سېنى يوقىتىپ قويۇشتىن بەكمۇ قورقىمەن...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
مەن قانچىلىك تەنھا يالغۇز قالغىنىمنى، سەن بولمىغاچ، مەن ھامان يالغۇزسىراپ قالىمەن...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سەن مېنىڭ نەزىرىمدە قانچىلىك مۇھىم، لېكىن، ماڭا ئايانكى، مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەرزىمەس بىر ئاددىي ئىنسان...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
مېنىڭ چ چ باش سۈرىتىم پەقەت سەن ئۈچۈن يېنىق ھالەتتە تۇرىدۇ، پەقەت سېنىڭ مېنىڭ توردا ئىكەنلىكىمنى بىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سەن مېنىڭ بوشلۇق يېڭىلىقلىرىمغا دىققەت قىلمايسەن، نەگاندا بىر كىرىپ قالساڭ، ھەممە نەرسىنىڭ، ھەتتا بىر تال خەتنىڭمۇ سەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسەن،،، سېنىڭ مۇنداقلا كىرىپ قويغىنىڭدىن مەن ئالەمچە خۇشال، ھەم شۇنداق ھاياجانلىنىپ تەمتىرەپ كېتىمەن...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سەن قەتئىي ئىرادە بىلەن بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قوغلاشقان چېغىڭدا، مەنمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن سېنى ساقلايمەن...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
مەن ئىزچىل سېنىڭ كۆيۈنۈشىڭنى كۈتۈپ، ئاقىۋەت كۈتۈۋالغىنىم ئۆز كۆڭلۈمنىڭ ئۆلۈشى بولدى.
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سېنىڭ ھەربىر سۆز ھەرىكىتىڭ مەن ئۈچۈن بىر كونتروللىغۇچ، مېنىڭ كۆڭلۈم ۋە تۇرمۇشۇمنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ...
چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، شۇڭا سەن چۈشەنمەيسەن!
سەن ماڭا ئەزەلدىن نەزەر سېلىپ باقمىدىڭ! ماپا پەرۋا قىلمىدىڭ! ھەتتا مېنىڭ ئۈن تىنسىز سەن ئۈچۈن ئاتا قىلىۋاتقان پاك ئەقىدەمنىمۇ بىلمەيسەن...چۈنكى سەن ئەزەلدىن مېنى چۈشەنمەيسەن!

   مەنبە : بوشلۇقۇمدىن تەرجىمە قىلدىم.

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى
UQARBURA بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:02:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىغانچە رۇمانتىكىلىقىم تۇتۇپ، مۇشۇنداق تېيمىلانى ئۇقۇغۇم كىلدىغان بۇلۇپ قالدىغۇ؟





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-13 01:32 PM  


ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى چۈشىنىدۇ،بىر كۈنى بىلىدۇ ،بىر كۈنى ياخشى كۈرىدۇ.......بەزى جايلىرى مەندە بەر كەن ،ئۇنىڭدىمۇ بار،لىكىن ئۇ مىنى ياخشى كۆرگىنى بىلەن بەزىدە مىنى خاتا چۈشىنىدۇ،كۆڭلۈمنى چۈشەنمەي قالىدۇ،مەنمىغۇ شۇنداق......شۇ خاتا چۈشىنىشلەر ئارىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قۇيىدىكەن،لىكىن ھەممىسى ۋاقىتلىق بۇلىدىكەن،ئىرىنمەي ئولتۇرۇپ چۈشەندۇرسىڭىزلا......

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 934
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10008
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 10096 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى سەن ياخشى كۆرمەيسەن، چۈشەنمەيسەن..
ھەر قېتىم تېلىفۇندا پاراڭلاشقاندا مېنىڭ تېلىفۇننى قويۋەتلكۈم يوق لېكىن سېنىڭ خوش دېگىنىڭنى ئاڭلاپ ئامال يوق قويىۋەتكىنىمنى سەن چۈشەنمەيسەن.
چۈنكى سەن ياخشى كۆرمەيسەن، چۈشەنمەيسەن..
مەن ھازىرمۇ سېنى ساقلاۋاتىمەن، بۇ كۈتۈشلىرىمنى سەن قاچانمۇ چۈشىنەرسەن......ياق، سەن چۈشەنمەيسەن، چۈنكى سەن ياخشى كۆرمەيسەن...

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:25:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ..ئىۋۇ بىر تېمىنى كۆرمەپسىز ھە ! سىزگە دىققەت قىلمايدىغان ئەرلەردىن يىراق تۇرۇڭ ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5065
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن چۈشەنمەيسەن ، مەن تىيەتجىنگە سىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن كەلدىم .
سەن چۈشەنمەيسەن ، ئازاپقا تولغان قەلبىم بۇ ناتونۇش ئادەملەر ئارىسىدا تىڭىرقىماقتا .
دىڭىزنى كۆرگۈم بار ، قەلبىم ئازاپقا تولدى ، دىڭىزلارغا غەرىق بولسۇن ئازاپلىرىم .
ئازاپلىرىم مىنى ئۇنتۇپ كەت ،
      ئاھ كۆز يەتكۈسىز دىڭىز .... شاۋقۇنلىرىڭ ئارقىلىق مەن سىىنىڭ ماڭا پىچىرلاۋاتقانلىرىڭنى ھىس قىلىۋاتىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   白绿光 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-13 12:39 PM  


ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

جەننەتنڭ نۇرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75020
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 12:45:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كۆردۈم دەپ ئۆيىگە  بىرپ يىتۋالغىلى بولمايدۇ......!!!
ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىپادىلىرى جىققۇ...........!!!
بۇنى  ھىس قىلالمسىڭىز ،سىزنىڭمۇ ياخشى كۆرشىڭىز چاغلىق ئوخشايدۇ..........!!!

سىغنشنىڭ  قانداق  بۇلدىغىنىنى   سۆيۈپ  باققانلار   ئوبدان  بىلدۇ...........!!!
ھىچكىم  مىنى   سىنڭدەك  ياخشى  كۆرمەيدۇ..........!!!
سۈيۈملۈك  ئاللاھىم........!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5814
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 991 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 01:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-13 12:16 PM
شۇ  قانداق قىلىسەن سىنى ياخشى كۆرمەيمەن گىپىڭ بارمۇ !؟

...

دېمەك نېمە بوپتۇ

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

ۋەتەنسىزنىڭ نىمىسى بار؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30001
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4521
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 01:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە يۇشۇرۇن ياخشى كۈرۈش ،قارشى تەرەپنىڭ چۈشۈنىشىنى كۈتۈش ئاشىق كۈڭۈل ئىگىسى ئۈچۈن ئەڭ شىرىن ۋاقىتلار...................
بۇنى سىز مۇ چۈشۇنىسىز ...........................
غەيرەت قىلىڭ ھەرقانداق مەۋجۇدىيەت غەيرەت ئۈستىگە قۇرۇلغان.
خۇدايىم بارلىق ئاشىق كۈڭۈللەرگە مەشۇقلۇق ئاتاقىلسۇن،ئۇلارغا ئىمان،ئىنساپ ئاتاقىلسۇن.

ۋەتىنىڭنى سۆي،مىللىتىڭىنى سۆي،بىرلىك غەلبە،بىز ئىتتىپاقلاشساقلا ئاخىرقى غەلبە بىزگە مەنسۇپ،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھۇررا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش