مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5185|ئىنكاس: 83

كېچىدە قالغان ئايال(ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 03:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېچىدە قالغان ئايال


(ھېكايە)


ئاپتورى: ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت


توك يەنە تۈگەپ كېتىپتۇ، 50 كويغا قاچىلاتقان توك ئاران 68 كۈن يىتىپتۇ. شۈنچە ئاۋايلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم بولمىسا...مەنغۇ مەيلى، بىر ئىشلارنى قولۇمنىڭ دېمىدە قىلىۋىرىمەن ، يامان بولغىنى، ئەسمىرە تاپشۇرۇغىنى ئىشلىيەلمىدى، توكنى يا خوشنىلاردىن سوراپ كىرگىلى بولمىسا.
سەن بويۇڭنى كۆرسەتمىگىلى 10 كۈندىن ئېشىپتۇ.يېنىمدا ئەڭ ئاخىرقى بىر تال 10 كوي قالدى. ئەتە گۈلىرەگە ھەپتىلىك تاماق پۇلىنى بەرمىسەم بولمايدۇ.ئۆيدىن تېلىفۇن ئۇرسام تېلىفۇنىڭ بىرنىمىلەرنى دەپ كەتتى. لىكىن ئەسمىرە سىرىتتىن ئۇرسا ئۇلىنىپتۇ. ھاياتكەنسەن ، ئىشلەۋىتىپسەن.
ئالدىڭدا نىمە گۇناھ قىلدىم، بىلمىدىم؟...
مەن يا ساڭا زورلاپ تەككەن ئەمەس، سەن بوسۇغىمىزدا ئىتتەك يېتىلۋالمىغان بولساڭ، ئاتا- ئانام سېنى يوغان يەردە خىزمىتى بار ئىكەن، بالىمىزنى سېقىپ قويىدىغان ئاتا ئانىسى يوق ئىكەن ، دەپ مېنى ساڭا بەرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق يوقنىڭ دەردىدە سارغىيىپ يۈرمەس ئىدىم.شۇ يىلى تولۇقسىزدىن قاتناشقان ئىمتاھاندا نۇمۇرۇم شۇنداق ياخشى ئىدى، ئەدلىيە مەكتىۋىدىن چاقىرىقمۇ كەلگەن . لىكىن ئۇ ۋاقىتتا مەن ئاللا بۇرۇن سېنىڭ بەكرەك قارىسام بىر يېرى ئاغرىپ كىتەرمۇ دەپ ئاۋايلايدىغان ئارزۇلۇق ئايالىڭ ئىدىم. ئورۇق ،ۋىجىك گەۋدەم، قىممەت باھالىق كىيىملىرىڭ ئاستىدا يەنجىلىپ، بوينۇم ئالتۇن زەنجىرلىرىڭدە باغلىنپ بولغان ئىدى.....
گۈلىرە بىر ياشقا كىرگۈچە يامان ئەمەس ياشاپتىمىز، لىكىن نېمىشقىكىن ئۆيدە ئاش ئېتىپ، قاچا يۇيۇپلا بۇ ھاياتنى ئۆتكۈزىۋەتكۈم يوق ئىدى. بىر ئاماللارنى قىلىپ ھېلىقى پوپايكا توقۇيدىغان دۇككاننى قۇردۇم(سېنىڭ ياردىمىڭدە).
ئىشىم يامان ئەمەس ئىدى، باشقىلارنىڭ خىيالىدىكى پوسۇنلارنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك توقۇپ چىقىرالىسام نەچچە كۈن خۇشال يۇرەتتىم، لىكىن سەن شۇ ئىشلارنىمۇ ئامانىدا قويمىغان ئىدىڭ.
ئۆزۈڭچە چوڭ زاۋات قۇردۇڭ، ھېچكىمگە ھېچنىمە دىمەي ئۆزۈڭ بىلگەنچە قىلىۋەردىڭ.
سېنىڭچە تولۇقسىزنى ئاران پۈتتۈرگەن بىر ئايال(18ياشلىق) مۇشۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلالارمىدى؟ ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا سېنى كۆردى ئەمدى مۇشۇنچە چوڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالارمىدى؟ سەن بۇلارنى ئويلاپ باققانمۇ؟ ياكى چۈشۈڭگە پۇل كېرىپ قىلىپ خىيالىڭغا كەلگىنى بويىچە قىلىۋەرگەنمىدىڭ؟
قاتار- قاتار قۇراشتۇرىۋىتىلگەن توقۇش ماشىنىلىر،ماشىنىلاپ ئەكەلگەن يىپ، قاتارلىشىپ كەتكەن ئىشلەمچىلەر.... مەن ھەيران بولاتتىم ، قايسى پۇلىمىزغا شۇنداق چوڭ زاۋۇت قۇرغاندىمىز؟ قايسى پۇلغا ئىشچىلارغا ئىش ھەققى بېرىۋاتقاندىمىز؟ بۇ پوپايكىلارنى كىمگە، نەدە ساتارمىز؟ ياكى مەڭگۈ ئامباردا دۆۋىلەپ قويساق بولىۋىرەمدىغاندۇ؟ سەن خۇددى گاچىدەك، ياكى مەن جاۋاپ بېرىشىڭگە ئەرزىمەيدىغاندەك زادى جاۋاپ بەرمەيتىڭ .ئاخىرى مەن ئويلىغاندەك چاتاق چىقتى، بۇ پوپايكىلارنى يىزىلاردىكى يايمىچىلارغا ساتساقمۇ تەننەرقى توختىمايتى، چوڭ ماگىزىنلاردا سېتىشقا دەرىجىسى توشمايتى. بىز نەلەردە يۈرۈپ ئۈگىنىۋالغان ھۈنىرىمىزگە تاينىپ قىلدۇك بۇ ئىشنى؟ مەن پەقەت بىر ئايالنىڭ كىچىك كارخانىسىدا بىر- ئىككى ھەپتە تۇرۇپ باققان، ئۇ پوپايكىلارنى پەقەت بۇيرۇقچىلارغىلا توقۇيتۇق بۇنداق دۆۋىلەپ قويۇپ خېرىدار كۈتۈپ ياتمايتۇق.
ئىشچىلارغا نەچچە ئايلىق ئىش ھەققىگە، توك ئىدارىسىغا نەچچە ئايلىق توك پۇلىغا قەرز بوپتۇق، سەن ئۈسكىنىلەرنىمۇ كىشىلەردىن قەرز ئېلىپ ئاپسەن سوممىسىنى ئېغىزدا دىيىشتىنمۇ قورقىمەن، يىپنىچۇ؟ يىپنىمۇ قەرزگە ئەكەپسەن ،قەرز ئالمىغان نېمە قالدى؟ كىملەرگە ، نىمىلەرگە قەرزدار بولمىدۇق؟ نىمىسىنى دەي؛ كىشىلەر ئىشلەمچى چۆمۈلىلەردەك ئۇلىشىپ ئۆيگە كەلگىلى تۇردى، ھەممىسى قەرز ئىگىسكەن، بانكىنىڭ، خۇسۇسىيلارنىڭ، ئىشلەمچىلەرنىڭ، يىپ زاۋۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزدە ئالىدىغان پۇلى باركەن.
لىكىن بىزدىچۇ ، ئىسسىق جاندىن باشقا نېمە بار ئىدى ئۇلارغا بەرگۈدەك؟ ھەممە يەر مۇدھىش ، ھەممە يەر قورقۇنۇچلۇق ئىشىكتىن چىقىشمۇ، ئۆيدە ئولتۇرۇشمۇ ئوخشاشلا قورقۇنۇچلۇق بوپ كەتكەن ئىدى ئۇ كۈنلەر.
ئاخىرى ئەسمىرەنى تۇغۇپ ياتقان ۋاختىمدا ئۆيدىكى چىنە بىلەن قازاندىن باشقا ھەممە نەرسىنى بانكىدىكىلەر قەرزگە ھىساپلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
سەن نەلەردىندۇ تىپىپ كەلگەن ئالى دەرىجىلىك ئۇ ئۈسكىنىلەر ئەسكى تۆمۈرنىڭ پۇلىغىمۇ يارىمىدى.ئاشقان يىپ، پوپايكىلارمۇ قەرىز ئىگىلىرگە تەخسىملەپ بىرىلىپتۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدا بىر ئۆمۈر ئىشلىسەكمۇ تۈگىمىگىدەك قەرزگە بوغۇلۇپتۇق. سوتلاردا يۈرگىنىڭنى كىيىن بىلدىم.
غۇربەتچىلىك...يوقلۇق ھەممە يەردىن تۆكۈلۈپ تۇراتتى ، تاممۇ، يەرمۇ، ئىشىكمۇ ، دەرىزىمۇ ھەممىسى يوق. يوق، يوق دەيتى. ھاراق ئىچىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، لىكىن بۇنچە ئىچىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. بىر ئىچسەڭ ھېچنىمە ئېسىڭدە يوق ئىچىۋىرەتتىڭ بىر ئىچىشنى باشلىساڭ، نەچچە يۈز يۈئەنگە قەرز بولمىساڭ توختىمايتىڭ، نە ئۆي ، نە بالا، نە خىزمەت ھېچنىمە ئېسىڭدىن كەچمەيتى . بەزىدە ئايىقىڭ يوق، بەزىدە چاپىنىڭ يوق ئىگىز پەس دەسسەپ ئۆيگە كىلەتتىڭ . ئەمدى ماڭا يىڭى بىر ئىش چىقتى، بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدا قاۋاقمۇ قاۋاق يۈرۈپ سېنى ئىزدەيتىم ، مەخسىدىم بىرلا ،خىزمىتىڭنى ساقلاپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق بالىلىرىمنىڭ يەيدىغان نېنىنى ساقلاپ قېلىش ئىدى.
بەزىدە سېنى ئۆيگە ئەپ كەلگۈچە ئۆلۈمۈمنى كۆرەتتىم، ئەتە ئىشقا كىچىكمىسۇن دەپ كېچىچە ئۇخلىماي سېنى ساقلاپ ،ئەتىگەندە پاكىز كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ئىشقا يولغا سالسام ، چۈشتە ئىشخاناڭنىڭ ئالدىدا مەكتەپ ئالدىدا بالىسىنى ساقلىغان ئانىدەك سېنى ساقلايتىم، سەت گۆلەيگەن كۆزلىرڭنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆيگە ئىلىپ كىتەتتىم. بىرەر ھەپتە ئىچمىسەڭ بىرەر ئاي ھاراق ئېسىڭگە كەلمىگەندەك بىر ئوبدان بوپ قالاتتىڭ. لىكىن ئىچىشنى بىرلا باشلىساڭ سېنى توختىتىش بەسى مۈشكۈل ئىش ئىدى.
سېنى ئىزدەپ يۈرۈپ، قاۋاقنىڭ يىنىدا دۇككان ئاچىدىغان بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇقخانا ئاچىدىكەن، مەنمۇ ئىچىپ باخسام بولارمۇ دىگەن خىيال كاللامدىن كەچتى ، سېنىڭ ئىش ھەققىڭنى سوتتىكىلەر قەزىر ئىگىلىرگە بۇيرىۋەتكەچكە بىزگە يىگۈدەك نان بەكمۇ تەستە چىقىۋاتاتتى.
ھەر كۈنى قەرز سۈيلەپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى، شۈنچە كۆپ پۇلنى نەگە ،نېمىگە ئىشلەتكەن بولغۇيدىڭ؟ 500مىڭ يۈەن؟... مەن بەكمۇ ھەيران قالىمەن ، ئويلىسام شۈركىنىپ كېتىمەن ، لىكىن بۇ چوقۇم قايتۇرشىمىز كىرەك بولغان قەرزىمىز ئىدى . بۇ سان ھەر كۈنى مىڭەمنى ھەرىدەك چاقاتتى.
مەن 19 يىشىمدىن باشلاپ مۇشۇ قىسمەتلەرگە چۆكۈپ كەتكەن ئىدىم .
سېنىڭ ‹‹قىممەتلىك›› غۇرۇرۇڭغا مىڭ قېتىم يالۋۇرۇپ ئاخىرى ئىككى ئويۇنچۇق ماشىنىسى بار بىر دۇككان ئاچتىم ، بالىلاردىن 20پۇڭدىن، 50 پۇڭدىن ھەق ئالساممۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس كېتىۋاتاتتى. بەزىدە چوڭلارمۇ كىرىپ ئوينايتى، بۇنداق كۈنلەردە كىرىم باشقىچە ئاۋۇپ قالاتتى .
ئەمدى قەرىز ئىگىلىرى ئۇدۇل بۇ دۇككانغا كېلىپ مېنى ئىزدەيدىغان بولدى، سېنى ئىزدىسە يەردىن زۇۋان كەلسىمۇ سەندىن زۇۋان كەلمىسە ، مېنى ئىزدىمەي قانداق قىلىدۇ ؟بەزىلىرى شۇنداق بىچارە چىراي كېلىپ ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ پۇللىرىنى بېرىۋىتىشىمنى ئىيتىدۇ. بەزىلىرى سەت تىللار بىلەن ئاقارەت قىلىپ تۇرۇپ پۇللىرىنى دالايدۇ.
ئۇلاردىن رەنجىشكە قىلچە ھەققىممىز يوقلىغىنى بىلىمەن ، مىڭ بىر جاپادا يىغقان پۇللىرىنى ساڭا بېرىپ تۇرۇپ ئۇلارغىمۇ نىمە كۈن بۇ؟
شۇ كۈنلەردە جان -جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاقارەتلەر ئىچىدىكى بىرسى ئۆلسەممۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
قىزلىرىڭنى ساتامسەن... چىرايلىق خوتۇنۇڭنى ساتامسەن... يا بىرەر ئىچكى ئەزايىڭنى ساتامسەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، لىكىن چوقۇم پۇلۇمنى بېرىسەن. ئۇنىڭ قانخۇرنىڭكىدەك قىزارغان چىرايى.... كاپىلداپ سۆزلەۋاتقان ئىغىزى ....قاراڭغۇلاشقان زىمىن...ئەسمىرەنى باغرىمغا چىڭ باسقىنىمچە كەچكىچە يىغلىغان ئىدىم. ئۇنىڭمۇ قىزلىرى بارئىدى، ئۇنىڭمۇ چىرايلىق بولمىسىمۇ خوتۇنى بارئىدى... ئۇ بىر ئەرنى، بىر ئادەمنى مۇشۇنداق ھاقارەت قىلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى، لىكىن بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇمۇ پۇلنىڭ ئاچچىقىدا شۇنداق قىلىۋاتاتتى. بۇ سۆزلەر ساڭا ئېغىر كەلمىگەنمىدى؟ شۇ يەردە سەنمۇ بار ئىدىڭغۇ؟ لىكىن مۇھتاجلىقتا ئادەم ھەممىگە چىدايدىغان بوپ كېتىدىكەن، مۇھتاجلىقتا ھەممە تاشتەك قېتىپ كېتىدىكەن . ئەگەر سەن بىرەر قېتىم ھاراق ئىچمىسەڭ، بىرەر قاپ تاماكىنى كەم چەكسەڭ بىز ئاز-ئازدىن بولسىمۇ مۇشۇ خەقنىڭ پۇلىنى قايتۇرساق بۇنچە ئاقارەتكە ئۇچرارمىدۇق؟! ئۇلارمۇ ئادەم، بەلكىم بۇنچە قاتتىق ئاقارەت قىلماس ئىدى .
تۇنجى قېتىم دۇكاننىڭ پۇلىدىن ھېلىقى مىڭىسىگە قان چۈشكەن ئادەمنىڭ پۇلىدىن 500يۈئەن بەردىم ، ئۇ كىشى ھەر قېتىم ئىككى قولتۇقىدا ھاسا ، كۆزلىرى پۇلتۇيۇپ تونۇغۇسىز بوپ كەتكەن ھالەتتە كېلەتتى.ئۇنىڭ كالۋالاشقان تىللىرى ماڭا پۇلۇمنى بېرىڭ دىيەلمىسىمۇ ، ئۇنىڭ پۇلغا كەلگىنىنى بىلەتتىم . ئۆزۈمگىمۇ شۇنداق ۋەدە قىلغان ئىدىم،‹‹ ئەگەر پۇل تاپسام ئەڭ ئاۋال مۇشۇ كېشىنىڭ پۇللىرىنى قايتۇرىمەن›› دەپ. تۇنجى قېتىم شۇ ۋەدەمنى ئشىقا ئاشۇرۇپ بويۇم ئازراق ئۆسكەندەك خۇشال بولدۇم، ئازراق يېنىكلىدىم، ئازراق بولسىمۇ غەمدىن قۇتۇلدۇم.
گۈلشەننىڭ دۇككاندا پەيدا بولۇشى بىلەن تورخانا ئېچىشقا قىزىقىپ قالدىم ، گۈلشەننىڭ دىيىشچە، ئۈرۈمچىدە تورخانىلارنىڭ تىجارىتى شۇنداق ياخشىكەن .ئۇ تەتىلى توشۇپ مەكتىۋىگە كەتكۈچە ماڭا ياردەم قىلىپ ئۆگىتىپ قويىدىغان بولدى. شۈكرىكىم، سەنمۇ بۇ ئىشقا تىزلا قوشۇلدۇڭ. 20مىڭ كوي قەرز پۇل تاپقۇچە بىز كىرمىگەن چاشقان تۆشىگىمۇ قالمىدى ، لىكىن تاپتۇق. تورخانا باشقۇرۇش مەن ئويلىغاندەك ئۈچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەسكەن مەن كومپىيۇتىرنى نۇرمال قوزغىتىپ ئولتۇرسام قالغان ئىشنى كىرگەن خېرىدار ئۆزى قىلىدىكەن ئەمەسمۇ...
گۈلشەننىڭ ئۆگەنگەن كومپىيۇتىر كەسپى بىزگە بەك ئەس قاتتى.ئەگەر مەنمۇ ئوقىغان بولسام چوقۇم، گۈلشەندەك ئىختىدارلىق ئادەم بولاتتىم. گۈلشەن سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ياخشى دوستۇم ئىدى ، ئەھۋالىم ھەققىدە زادى گەپ قىلمىدى ، ئۇنى ئۆيگە كىر دىيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم .
سەنمۇ بۇ قىتىم تورخانا ئىچىشقا خېلىلا قىزىقىپ قالغان ئىدىڭ ، گۈلشەن ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى سەن بەكمۇ تىزلا ئۆگىنەلەيتىڭ.
ئەمدى گۈلىرەنى ئورۇندۇققا ياتقۇزۇپ ، ئەسمىرەنى پوكىنىمغا بېسىپ ئوتتۇرا كېچىگىچە تورخانا ئاچىدىغان بولدۇم. ئاچقان قوساق، تالغان كاللا ھېچنىمە ئېسمگە كەلمەيتى. پەقەت پۇل تېپىشىم كىرەك، پۇل ئارقىلىق يوقالغان قەدر قىممىتىمنى...كىشىلىك ئىززىتىمنى قايتۇرۇپ كېلىشىم، مەنمۇ ئادەمدەك بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ ياشىشىم كېرەكلىكىنىلا بىلەتتىم.
سودىنىڭ نەقەدەر يۈرۈشۈپ كەتكىنىنى بىلىسەن ...ئەمدى سېنىڭ ھاراق ئىچىۋىلىشىڭدىن باشقا غەملەر بەك پەرۋايىمغا كەپ كەتمەيتى.ئىيىغا 10مىڭلاپ قەرز قايتۇراتتىم . لىكىن يىمەيتىم، كىيمەيتىم، چىشىمنى چىشلەپ قەرز قايتۇراتتىم، بالىلارغا بىرەر كوي بېرىشكىمۇ كۆزۈم قىيماي پۇل يىغاتتىم.
ھېلىقى كۈنى سېنى ساراڭ بوپ قاپمىدىكىن دەپ قالىمەن ، ئەسمىرەنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ مۈگۈدەپ قاپتىمەن، بىر چاغدا مىڭەمگە قاتتىق بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى كۆزۈمنى زادى ئاچالمىدىم قورقۇپ كەتكەن ئەسمىرە قىقىراپ يىغلايتى... دۇككاندىكى خېرىدارلار ساڭا ئېسىلىۋالغان ئىدى.
سەن ماڭا قاراپ ھۈرپىيىپ تۇراتتىڭ.ئوڭ يۈزۈم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى.
ياندىكى دۇككاندىكى ھاراق ساتىدىغان ئايال مېنى يۆلەپ ئەچىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە ئەينەككە قارىسام ئوڭ كۆزۈم بىلەن يۈزۈم قوشۇپ قاپقارا كۆكۈرىپ كېتىپتۇ. ئىچ-ئىچىمدىن بىر يىغا قايناپ چىقىۋاتاتتى....نىمە گۇناھىمغا مېنى ئۇرغاندۇ؟! ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتىم، ھەممە دەردىم مۇشۇ يىغا بىلەن تۈگەيدىغاندەك شۇنداق ئۇزۇن شۇنداق ئىچىنارلىق يىغلىدىم ... گۈلىرە بىلەن ئەسمىرەبىچارە بالىلىرىم ماڭا قوشۇلۇپ يىغلىدى، ئۇلار يىغلاشتىن باشقا نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ بىزگە بالا بولۇپ تۇغۇلغىنى ئۈچۈن ئۇلارمۇ بىز بىلەن تەڭ جاپا چېكىۋاتاتتى.
ئەتىسى بىشىمدىكى ياغلىقنى چوڭراق ياغلىققا ئۆزگەرتىپ ، كۆزۈمگە قارا كۆزئەينەك تاقاپ يەنە دۇككاننى ئاچتىم .دۇككان بىر كۈن توختىسا،سەككىز كومپىيۇتىرنىڭ بىر كۈنلۈك چىقىمى گەدىنىمگە چۈشىدۇ. تاقاپ قويۇشقا ئامالىم يوق ئىدى، ئۆزۈمنى باقالمايۋاتقاندا يېتىپ قالغان كومپىيۇتىرلارنىڭ خىراجىتىنى قانداقمۇ كۆتۈرەلەيمەن؟ سەندىن سەسكىنىپ كەتكەن ئىدىم . چۈشتە، سىيىپ قويغان كىچىك بالىدەك يەرگە قارىغىنىڭچە دۇككانغا كىرىپ كەلدىڭ، ــ نىم بولغاننى بىلمەيمەن، مەنغۇ سېنى ئۇرغاندەك قىلمىغان ....خاپۇمما...
خاپۇممىغىنى بولامدۇ؟ يۈزۈمگە تۇنجى قېتىم ئۇرغان بىلەن يۈرىگىمگە تالاي قېتىم ئۇرغان تۇرساڭ!؟ گەپ قىلمىدىم . دۇككانغا كېرگەنلەر شۈبھى بىلەن كۆكىرىپ كەتكەن كۆزۈمگە قارايتى... ‹‹بىرەر گۇناھ قىلغانمۇ سىز؟ يا دىققەت قىلماي بىرەر ئەر كىشى بىلەن ....؟›› قارا بۇ ئاقارەتنى ... يەنە ئىشخاناڭدىكى ھېلىقى قىلىقى سەت خوتۇن ‹‹كېچىچە دۇككان ئاچىمەن دەپ ئەرلەر بىلەن بىرەر ئىش قىلىپتىكەنمۇ دەيمەن شۇڭا ئۇرۇپتۇ››! دەپ يۈردى.....مەن بۇ ھاقارەتلەرنىڭ ھەممىنى خۇداغا قويدۇم! خۇدا ھەممىنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرغۇچى... كىم نىمە قىلىۋاتىدۇ خۇدالا بىلىدۇ، ئۇلارغا بىرنېمە دەپ ئۆزۈمنى ئۇپراتقۇدەك ھالىم يوق ئىدى.
كاللامدا ‹‹ پۇل›› دىگەندىن باشقا بارلىق ئۇقۇملار يۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بىرەر ئىككى موچەن ئۈچۈنمۇ بەك چىڭ تۇراتتىم ، چۈنكى بۇ پۇللارغا مېنىڭ قان تەرىم ، ياشلىغىم ، ئازاپ ئوقۇبىتىم ، ئادەملىك قەدىر- قىممىتىم ، ئۇيقۇسىز كېچىلىرىم ، غەم ئەندىشىلىرىم ، كېلىشنى خالىمايۋاتقان تولىمۇ يىراقتىكى بەخت تەلىيىم سىڭىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا بىر سىنىتنىمۇ چوقۇم ئېلىشقا تىرىشاتتىم ، ناھىيىمىزدە بىزدىن باشقا تورخانا ئاچقان ئادەم بولمىغاچقا ئىشىمىز ئوڭچە يۈرۈشىۋاتاتتى.
بىر كۈنى سەن يەنە يېڭى گەپ تاپتىڭ، ــ ئىدارە شەھەرگە ئۆي سالىدىكەن تىزىملىتىپ قويدۇم، ــ دىدىڭ، خۇددى تولىمۇ ئاددى بىرەر ئىشنى قىلماقچىدەك، ياكى بازاردىن بىرەر باغلام پالەك ئەكىرەي دەۋاتقاندەك.
ــ ھازىرقى 20 مىڭ يۇئەنگە توختىغان ئۆينى ئېلىشقا قۇربىمىز يەتمەيۋاتسا...ــ دىدىم سەل رەنجىپ.
ــ قەرىز بىجىرىپ بىرىدىكەن.
ــ ھازىرقى قەرزلىرىمىز يەتمەيۋاتامدۇ!؟
ـــ بىر گەپ بولا.......
بۇ نىجس ئۆي! ھەممىدىن بەك مېنىڭ دۇككىنىمغا بېرىپ تاقىلاتتى. شەھەردە تورخانا دىگەن ساماندەك، سەككىز تال كومپىيۇتىر بىلەن تورخانا ئاچىمەن دەپ ئېلتىماس سۇنغىلىمۇ بولمايدۇ. لىكىن سەن پەرۋايىڭ پەلەك يېڭى ئۆينىڭ چۈشىنى كۆرۈشنى باشلىدىڭ.
ئويلىسام مەن بۇ دۇنيادا بىر چۆمۈلىچىلىكمۇ ئورنى يوق ئادەمكەنمەن، ئىككى بالىنى جېنىم بەدىلىگە تۇغۇپ... بېقىپ چوڭ قىلىۋاتىمەن ، لىكىن ھەممە ئادەم تۇرسۇننىڭ بالىلىرى دەيدۇ. جېنىمنى گۆرۈگە قويۇپ ئاچقان دۇككىنىمنى خەق تۇرسۇننىڭ تورخانىسى دەيدۇ. ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان مېنى تۇرسۇننىڭ خوتۇنى دەيدۇ.
دىمەك مەن ، مەن ئەمەس . مەن تۇرسۇننىڭ سايىسى ئىدىم .تۇرسۇن ماڭا يۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولسىمۇ مەن يەنىلا تۇرسۇننىڭ ئىدىم . بۇ خۇددى يۈك ئىشەككە تەۋە بولماي ئىشەك يۈككە تەۋە دىگەندەك تۇيۇلاتتى.
سېنىڭچە مەندە تۈگىمەس پۇل بار ئىدى... ئاغزىڭ پۇل- پۇل دەپ مىدىرلاپلا تۇراتتى. يوق دىسەم زادى ئىشەنمەيتىڭ. بەرسەم ئىچىۋالاتتىڭ. تىقىپ قويغان يەرلىرىمدىن بىر ئاماللارنى قىلىپ تىپىۋالاتتىڭ . سېنى ــ ئادەم ئەمەسمىدۇ؟ تومۇرىدا قان ئەمەس باشقا بىر نەرسە ئېقىۋاتامدىغاندۇر؟ ــ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. قىسقىسى قەلبىڭگە بىرسى قۇلۇپ سېلىۋەتكەندەك ، ھېچنەرسىگە تەسىرلەنمەيتىڭ،ھېچنەرسىدىن ۋايىم يىمەيتىڭ، ھېچ نەرسىگە خۇش بولمايتىڭ..... خاپىمۇ بولمايتىڭ.
گۈلىرە بىر قىتىم ساق ۋاختىڭدا ، ‹‹دادا مەن مەكتەپكە باراي دەپ قالدىم 9-ئايدا ئانام مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدۇ، ئەمدى ھاراق ئىچمەڭ ، مەكتەپكە بارسام، بالىلار مېنى مەستنىڭ قىزى دىسە قانداق قىلىمەن ؟
ھاراق ئىچىپ ئىشقا چىقمىسىڭىز ئانام بەك ئەنسىرەپ كېتىدۇ، سىز خىزمەت قىلمىسىڭىز بىز نىمە يەيمىز؟ يا خىزمىتىڭىزنى ئانامغا ئالمىشىپ بېرىڭ ،ئانام ئىشلەپ ھەممىمىزنى باقسۇن›› ــ دىگەن ئىدى.
سەن سىڭا تەرىپىڭدە كۈلۈپ تاماكاڭنى شوراپ ئولتۇرۇۋەرگەن ئىدىڭ.
قىزىڭغا مەستلىكىڭمۇ كەلمىگەن ، ئازراق ۋىجدان ئازابىمۇ چەكمىگەن ئىدىڭ. خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئۇلۇقۋار ئىشلارنى ئويلاۋاتقاندەك كۆزلىرىڭنى يىراققا تىكىپ ئولتۇرۇۋەرگەن ئىدىڭ.
ھېلىقى يىلى ياز، سەن يىزا خىزمىتى بىلەن يىزىدا قونۇپ ئىشلىگەن ئىدىڭغۇ؟... مەن ئىككى بالىنى ئانا قۇشتەك پوكىنىمغا بېسىپ كېچىچە ئۆرە ئولتۇراتتىم ، ھاجەتكە بېرىشىمغۇ ئىمكان يوق ئىدى، تاماقنى بىرەرسىگە پۇل بېرىپ ئەكەلدۇرەتتىم . تورخانىغا ئەرلەر كۆپ كىرەتتى،
بەزى كېچىسى تۈنەپ قالىدىغانلارنىڭ پۇلى خېلىلا ئاۋۇيتتى، شۇنى كۆزلەپ لىق تاماكا ئىسى قاپلىغان بىر ئېغىز ئۆيدە ،پۇل ئۈچۈن 24 سائەت ئۆرە ئولتۇرۇپ دۇككان ئاچاتتىم. ياز ۋاقىتلىرىغۇ ئىشىك ئالدىغا ئورۇندۇق قويۇپ ئولتۇرسام بولىدۇ، لىكىن قىشتا ئەڭ تەس كۈنگە قالاتتىم . تاماكا ئىسى دىمىمنى سىقاتتى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بالىلىرىڭىزنى ئۆيگە ئاچىقىپ قويۇڭ دەيتى، لىكىن بالىلار بولسا يۈرۈگۈم توق تۇراتتى، يامان كۆزلەر مەندىن نېرى بولىدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولاتتىم ، شۇڭا بالىلارنى يېنىمدىن ئايرىمايتىم .
سەن ئۆيگە قايتمىغىلى ئون كۈندىن ئاشقان ئىدى. بىر كۈنى بىر ئادەم چاقىردى،يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ چىقسام ،چوڭ ياشلىق بىر ئادەم ،‹‹ئۇكام تۇرسۇناخۇننى ياندۇرۇپ ئەكەلسىلە بوپتىكەن ، يىتىۋىرىپ ئۆلۈپ قالمىسۇن، تاماق يىمىگىنىگىمۇ بىر ھەپتىدىن ئاشتى ،توختىماي ھاراقلا ئىچىدۇ. ئىدارىسى ئۇقۇپ قالسا تېخى تەس بولىدۇ ، بىر ئىش بىلەن بۇ تەرەپكە ئۆتكەن، سىلىگە خەۋەر بەرگەچ ئۆتەي دىدىم››ــ دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
دۇككاننى تاقاپ، ئىككى بالىنى يىتىلەپ ، بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپ كېچىلەپ باردىم. سەن ئادەمگە ئوخشىمايدىغان بىر تۇرۇقتا ئىدىڭ، قۇسۇق، تۈكۈرۈك، چىۋىن ،بولتۇلكا ،ئەخلەت شۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېنى تەستە ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا باستۇق.
قانداق قىلىشنى بىلمەيتىم ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىمغا بۇ دەرتلەرنى ئۇختۇرغۇم يوق.يا سېنىڭ بىرەر تۇققۇنۇڭ يوق. ئاخىرى خوشنىمىزغا تىلىفۇن قىلسام ، ئۇ بالا‹‹ دوختۇرخانىغىلا ئاپىرىپ قويايلى ئىدارىمۇ خەۋەر تىپىپتۇ، ئەگەر بۇ ئەھۋالنى بىلسە خىزمىتىنى ساقلاپ قىلىشمۇ تەس، شۇڭا ئاغرىپ قالدى دەپ تۇرايلى ،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئىشقا چىققۇدەك بولغاندا ئىشقا چىقار›› ــ دىدى.
دوختۇر:‹‹ مەستنى ياتاققا ئالمايمىز ›› ــ دەپ ئۇنىمىدى. قانداق قىلىشنى بىلمەيتىم، بۇ تۇرۇقتا ئۆيگە ئەكەتسەم ئەتە ئىشقا چىقمىساڭ بولمايدۇ، بۇ ھالدا قانداق ئىشقا چىقىسەن، ھىلىقى خوشنىمىز ئاخىرى بىر ئاماللار بىلەن سېنى ياتاققا ئالدۇردى. يەنە بولغۇلۇق ماڭا بولدى ، ساڭا تاماق توشىۋاتقان ،بالا بېقىۋاتقان، دۇككانغا قارىمىسام بولمىغان....
ئىدارەڭمۇ ‹‹ئاشقازىنى قاناپ بالنىستقا كىرىپ قالدى›› دىگەن گېپىمىزگە ئىشەندىمۇ، يا بىزگە ئىچى ئاغرىدىمۇ ئارتۇق بىرنىمە دىمىدى.
بۇنداق ئىشلار تالاي تەكرارلاندى... بەزىدە چۈشۈمدىمۇ سېنى مەست ھالەتتە يۆلەپ يۈرۈپ چارچاپ ئويغىنىپ كىتەتتىم.
ئاخىرى شەھەردىكى ھەشەمەتلىك ئۆيگىمۇ كىردۇق، لىكىن ھېلىقى ئاخىرى چىقمايۋاتقان قەرزىمىزنىڭ ئۈستىگە يەنە 100 مىڭ يۈئەن قەرز پۇلنى قوشۇپ ئاندىن كىردۇق. بىزنىڭ باشقىلاردەك ئارتۇق پۇلىمىز بولمىسا، بىر-بىرىمىزگە قاراپ ھىجىيىپ ئولتۇرغانغا قوساق تويمايدىكەن. باشقىلار بەس -بەس بىلەن يېڭى ئۆينى بىزەشنىڭ، جابدۇشنىڭ كويىدا، لىكىن مېنىڭ بۇ ئۆيگە كىرگۈممۇ بۇ ئۆي تەرپكە قارىغۇممۇ يوق ئىدى. چۈنكى
سېنىڭ ھە دىسىلا دۇككاننى ئەكىرگۈڭ كېلىپ كەتتى، لىكىن مەن زادى خالىمايتىم .سەن مەندىن سوراپمۇ قويماي ئەكىرىۋەردىڭ،ئايرىم دۇككان ئېچىش ئىمكانىيتىمىز بولمىغاندىكىن باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ ئاچىدىكەنمىز. شېرىك دۇككاندا ئەسلىدىكى كىرىمىمنىڭ يېرىمىغىمۇ ئېرىشەلمەيتىم ، ئايرىم دۇككان ئاچقۇدەك قۇربىتىمىز يوق ئىدى.
كىرىمىمىز بىراقلا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، بەزىدە ئۆزىنىڭ چىقىمىنىمۇ كۈرەلمىگۈدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتۇق .
ئىككى بالىنىڭ مەكتەپ خىراجىتى ، كىيىم- كېچىكى ، ئۆينىڭ سەر- چىرىغى..... مېنى ھالىمدىن كەتكۈزمەكتە ئىدى.
سەن يەنە شۇ ھالىتىڭدە تۇماندەك لەيلەپ يۈرەتتىڭ، سېنى يا يوق دىگىلى، يا بار دىگىلى بولمايتى.ئارىلاپ ئىش تاشلاپ يېتىۋالاتتىڭ، ئىچەتتىڭ....ئىچەتتىڭ.... ئىچەتتىڭ.......خۇددى سېنىڭ ياشىشىڭ ھاراق ئىچىش ئۈچۈنلىدەك.
ئۇيغۇر شىپاھخانىسىدىكى بىر تېۋىپتىن مەسلىھەت سورىسام ،‹‹ئېرىڭىز ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ، ھاراققا خۇمار بوپتۇ . ئۆزىنى ئەكەلسىڭىز مەن داۋالايمەن ، ئۆزىلا تىرىشسا ئاستا- ئاستا ئامال قىلغىلى بولىدۇ، بۇ مۇھىمى ئىرادىگە باغلىق ئىش›› ــ دىدى.
لىكىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىكى سېنىڭ چىرايىڭ، پۈرۈشكەن ئاغزىڭ ، مېنى ھىلىلا يەۋىتىدىغاندەك سەت گۆلەيگەن كۆزلىرىڭ.
ــ مەن ھاراققا خۇمار ئەمەس ، نۇمۇسۇمنى كەلتۈرۈپ شۇ يەرگە بېرىپ داتلاپ يۈردۈڭما؟....
ھەيرانمەن ، سەن نىمىشقا نۇمۇس قىلىدىغان ئىشقا نۇمۇس قىلماي، نۇمۇس قىلمايدىغان ئىشقا نۇمۇس قىلىدىغانسەن؟ مەن ئامالسىز ئىدىم ، سەن ھەپتىلەپ ئون كۈنلەپ ئۆيگە كەلمەي يوقاپ كېتىدىغان ھۈنەرنى چىقاردىڭ. دۇككاننىڭ ئازلاۋاتقان كىرىمى خىيالىڭدىمۇ يوق، قىزلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ سېنى ئىزدەپ بارمىغان يېرىم قالمايتى. يالغۇز بارسام، كېرىپ مارىلاپ يۈرسەم قاۋاقتىكى ھەر قانداق ئادەم غەلىتە قارايدىكەن ، غۇرۇرۇمغا تېگىدىغان سۆزلەرنى سورايدىكەن . ئېرىمنى ئىزدەيتىم دىيىش بەكمۇ تەسكەن، شۇڭا بالىلار دادا.... دادا... دەپ كىرىۋەرسە بولىدىكەن. بالىلارغا نېمە كۈن بۇ؟ ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىرى ئاتا –ئانىسىنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ ياشىسا بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىز بىلەن تەڭ سەرسان – سەرگەردان ئىدى.
خىزمەتتىن ھەيدىلىپ كەتمىسۇن دىمىسەم، سېنى سېغىنىپقۇ كەتمەيتىم بولمىسا.
ھەر بىر ۋاقلىق تاماقنىڭ قازىنىنى جىق ئويلىشىپ، ئەڭ ئاز خىراجەت كېتىدىغان تاماقلارنى ئېتەتتىم، يېرىم جىڭ گۆش تاپسام ئىككى بالىغا گۆش نان، تۈگىرە ياكى پولو ئېتىپ بىرەتتىم .
كىيىمنىغۇ قىشتا بىر قىتىم، يازدا بىر قىتىم ئالسا بولىدىكەن، لىكىن بىشىمنى ئەڭ قاتۇرىدىغىنى ئاياق ئىدى. شۈنچە ئاۋايلىساممۇ ئاياق يىرتىلىپ كېتەتتى . ئىككى بالىغا ئاياق ئېلىپ ئۈلگۈرتەلمەيتىم، يامىتىپ ھىچ ھالى قالمىغان ئاياقلارنى، مەلىكىدىكەك چىرايلىق قىزلىرىم گۆھەردەك كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ كىيىپ مەكتەپكە كېتەتتى.
مەنمۇ بۇرۇنقىدەك ئۆيدىنلا چىقىدىغان ئاسان ئىش بولمىغاندىكىن ، بىر كوي پۇلنى ئاياپ 3 بىكەت يولنى پىيادە ماڭاتتىم، يېرىم كىچە بوپ كەتسىمۇ پىيادە ماڭاتتىم.يولنى كۆپ ماڭسا ئاياققا ئۇۋال بولىدىكەن ئايىقىم زادىلا توشىمايتى... يۈزۈمدە ماڭغاندەك ئاۋايلىساممۇ يەنىلا يىرتىلاتتى.
ئاز تولا يىغىلغان پۇللارنى ئايقىنى ئۈزۈپ بولالمىغان قەرىزلەرگە بىرەتتىم . پۇل يوق... پۇل يوق...پۇل يوق ئىدى.
سەن بۇ دۇككاننى شېرىك ئاچتۇق دەپ ماڭا جاپانى كۆپەيتكەندىن باشقا ھېچ ئىش قىلماپسەن. قارشى تەرەپ ھېچ ئىش قىلمايدۇ،پايدىنى بىز بىلەن ئوخشاش ئالىدۇ. بىز يەنە ئۇلارنىڭ دۇككىنىغا ئىجارە تۆلەپ ئولتۇرىمىز.
ساراڭمۇ بۇنداق تىجارەتنى قىلمايدۇ، سەن مېنى جاپانى كۆپرەك تارتسۇن دەپ شۇنداق قىلغانمىدىڭ؟!
بۇ دەرتلەرنى سۆزلىسەم تۈگىمەيدۇ ،بۇ دەرتلەرگە مۇپتىلا بولغۇنۇمغا ئونبىر يىل بوپتۇ . گۈلىرە 14 ياشقا كىرىپتۇ،ئەسمىرە12 ياشقا كىرىپتۇ، لىكىن بىز بالىلارغا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمىدۇق. ئۇلار بىرەر قېىتىممۇ كەچلىك تامىقىنى بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەپ باقمىدى. بىرەر قېتىم ھىيىت- بايرامدا بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۈلۈپ ھېيىتلاپ باقمىدى.
بىرەر قېتىممۇ بىز بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قاراپ باقمىدۇق. ئىككىسى بىر بىرىنى بىقىپ چوڭ بولدى.
31 ياشقا كىرىپتىمەن مەن سېنىڭ 15 يىللىق خوتۇنۇڭمەن، لىكىن مەن ئىچىلىپ بىر قىتىم كۈلۈپ باقمىدىم.
ئەر، ئايال ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشى كىرەك ئىدى ؟ دادا ،بالىلار ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىپ بېرىشى كىرەك ئىدى؟ سەن بۇلارنى ئويلاپمۇ باققانسەنمۇ؟
كېرىم كۈندىن- كۈنگە ئازلاۋاتاتتى، كېچىلەپ تەكشۈرىدىغان ئىش تېخى كۆپىيىپ كەتتى، كىچىك بالىلار كىرىپ قالسا جەرىمانىسى ئۇنىڭدىن ئېغىر. مەدىنىيەت ئىدارىسىدىكىلەرگە... جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكىلەرگە تولا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ زېرىكتىڭمۇ بىلمىدىم
تورخانامنى مېنى قاڭقىر- قاخشىتىپ سېتىۋەتكىنىڭگە يېرىم يىل بولدى.
سېنىڭ پۇتۇڭغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇشلىرىممۇ كار قىلمىدى... يىغلاپ بىشەملىك قىلىشلىرىممۇ كار قىلمىدى.
ئاخىرى يەنە بۇ ئۆيگە مەھكۇم بولدۇم، بازارلارنى ئارىلىغان ۋاختىمدا ھەيران قالىمەن ، ھازىر ئاياللار بەكمۇ چىرايلىق ، بەكمۇ ئالىپتە ئىكەن .
مەن سىلاپ بېقىشقىمۇ ئەيمىنىدىغان كىيىملەرگە ئۇلار ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قاراپ ، ۋىيەي ئادەمگە يارىغۇدەك بىرەر قۇر كىيىممۇ يوقيا......دىيىشىپ كىتىدىكەن .مەن پەشتىقىغا پۇتۇمنى ئېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئوردىدەك ئالى تاماقخانىلاردىكى تاماقلارنى، ئۇنى بىرنىمە دەپ، بۇنى بىرنىمە دەپ، بەزىدە تېخى سەمرىپ كېتىمەن دىگەندەك ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ يىمەيدىكەن .
پەردەزخانا دەيدىغان جايلاردا.... ھەر خىل نامدىكى چايلاردا يىگىنى ئالدىدا يىمىگىنى كەينىدە يۈرىدىكەن.
لىكىن مەن بىر ۋاقلىق تاماقنى، قەيەردە، قايسى تۇققۇنۇمنىڭ ئۆيىدە يىسەم بولا دەپ باش قاتۇرىمەن . گۈلىرەنىڭ بىر ھەپتىلىك تامىقىغا بىرىدىغان 20 كوي پۇلنى قەيەردىن تاپارمەن دەپ كېچىچە ئۇخلىماي چارە ئويلايمەن .
سەن قولۇڭغا ئاشىدىغان ئىش ھەققىڭگە ھاراق ئىچىپ تۈگىتىپ يەنە مەندىن پۇل سورايسەن، سېنىڭ سىرتقا چىقىپ ھاراق ئىچىۋىلىشىڭنى توسۇش ئۈچۈن ئىشىك يىنىدا ئۆرە ئولتۇرغان كېچىلىرىم ئازمۇ؟
ئەسمىرەنىڭ ئايىقىڭنى تىقىپ قويۇشى نىمە ئۈچۈن؟... سېنى يالاڭ ئاياق سىرتقا چىقالمىسا ھاراق ئىچمىسە دەيدىغۇ شۇ!... گۈلىرەنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرغانلىرى ئىسىڭدە يوقمۇ؟ ئىدارەڭدىن بالىلارنىڭ يېشىنى سورىغاندا دەپ بىرەلمىگەندە قىزارمىغانمىدىڭ؟ ئېسىت ئۆتكەن ئۆمرۈم .
تورخانىنى سەندىن ئاجرىشىپ ئاچقان بولسام ، بالىلارنى گۈلدەك باقاتتىم سارغايمايتىم ، بانكىدا پۇلۇم بولاتتى ، چۈنكى مەن ھېچكىمدىن قەرز ئالمىغان ، ھېچكىمگە قەرز قايتۇرۇشۇم يوق ئىدى.
مەن ئامالسىز ئىش ئىزدەپ ھەممە يەرگە بېرىپ باختىم ،‹‹ لىكىن خەنزۇ تېلىنى بىلەمسىز؟ قانداق ئارتۇقچىلىغىڭىز بار؟ كومپىيۇتىر ئىشلىتەلەمسىز؟ قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن؟ دەپ سورايدىكەن، بىردەم تۇرۇپ يىشىڭىز چوڭكەن.... كىيىن سىزگە ئۇختۇرايلى.... ›› مۇشۇلاردىن ئاتۇق جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم. دىمەك مەن قولىدىن ھېچ كەلمەيدىغان ، بالىلارغا تاماق ئېتىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ساۋاتسىز ئايالغا ئايلىنىپ قاپتىمەن.
باشقىلار تۆتىنجى قەۋەتتىكى خوشنىمىزنى تۇل خوتۇن دەپ كەمسىتىدۇ، كۆزىگە ئىلمايدۇ. لىكىن مەن ئويلايمەن، ئۇ نېمىشقا تۇل خوتۇن بولغۇدەك؟! سەندەك بىر يۈكى ، سەندەك بىر پۈتمەس يارىسى كەم بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ؟!
ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇشى بار، ئۆيى بار ، ھەر ئايدا ئۇنى ئۈزۈلمەي يوقلاپ تۇرىدىغان مۇئاشى بار. ئۇ ئۆزى بەگ ئۆزى خان. ھېچكىمدىن، ھېچنىمىگە قەرز ئەمەس.
ئەسلى تۇل خوتۇن مەن ئىكەنمەن. مېنىڭ ئېرىم بار ،لىكىن ئۇ قېنى؟! ئۇ بىر ئەر، بىر دادا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلالىدىمۇ؟ ئەڭ ئاددىسى بىر نۇرمال ئادەم بولۇپ ياشىيالىدىمۇ؟ ئەر دىگەن كېچىسى چىراق، كۈندۈزى قۇياش ئىدىغۇ! قېنى مېنىڭ قۇياشىم؟! قېنى مېنىڭ چىرىغىم؟! مەن كېچىسى ئەمەس كۈندۈزلىرىمۇ تەمتىرەپ يۈرىمەن . قېنى مېنىڭ يول باشچىم ؟ مەن باشقا نەرسىگە ئەمەس، بىر ئەرنىڭ ئىللىق بارغرىغا تەشنا بولدۇم!... بىر يۆلەنچۈككە .... مېنى پوكىنىغا ئالالايدىغان بىر قاناتقا مۇھتاج بولدۇم.
ئۇزۇن كېچە... سوغۇق كارىۋات... تۈگىمەس مۇھتاجلىق.... مەن مۇشۇلارنى قۇچاقلاپ يۈرىۋاتقىلى نىكەم؟
سەن نەدە؟ ئۆي ئېسىڭدىمۇ؟ بىز ئېسىڭدىمۇ!؟ يەنە ئۆتكەن قېتىمقىدەك بىرەر قاۋاقتا قەرزگە بوغۇلۇپ ياتتىڭمۇ؟
مېنىڭ ،ئەمدى سېنىڭ قەرزىڭنى تۆلەپ قايتۇرۇپ كەلگۈدەك ھالىم قالمىدى . مەن چارچىدىم ،سېنى قايتۇرۇپ كەلگۈدەك پۇلۇممۇ يوق.
ئەتە تاڭ ئاتسا مۇھتاجلىق يەنە بىز بىلەن بىللە قوپىدۇ.
ئاھ! ئەرلەرگە تولۇپ كەتكەن ئەرسىز دۇنيا......دېگىنە مەن قانداق قىلاي؟
قانداق قىلاي!؟...
ــ جېنىم دادا سىزنى بەك سېغىندىم، ئورۇق قوللىرىڭىزنىڭ مىھرىنى، ۋەزنىلىك سۆزلىرىڭىزنىڭ تەپتىنى بەكمۇ سېغىندىم . جېنىم دادا سىز ماڭا سەۋر تاقەتنى ، ئەقىدە- ئىتىقاتنى ، ئىپپەت- ھايانى، چىدامچانلىقنى، قەيسەرلىكنى،مىھىر مۇھەببەتنى ئۈگەتكەن ئىدىڭىز .
لېكىن، جېنىم دادا مېنىڭ ئەمدى قەيسەر بولغۇم يوق. مەن چىدىمىدىم دادا!....چىداۋەرگىلى بولمايدىكەن، ھەممىنىڭ چېكى بولۇشى كىرەكقۇ؟... ئاخىرى چىقمىغان بۇنداق مۇھتاجىلق كىمنى تالدۇرمايدۇ؟ كېمنى زېرىكتۈرمەيدۇ؟ كېمنى چارچاتمايدۇ؟...
ئىيتىڭە ئەتە تاڭ ئاتسا مەن قانداق قىلىمەن ؟ قەيسەرلىك ، چىدامچانلىق ئۈچۈنمۇ قوساق توق بولۇشى كىرەققۇ دادا !؟
دادا، مېنىڭ بۇ دەرتلەرنى دېگۈدەك نە دوستۇم، نە ساۋاقدىشىم ھېچنىمەم يوق ئىكەن . مەندەك ئىشسىز، يار-يۆلەكسىز، پۇلسىز، ئورۇن – مەرتىۋىسىز ئادەمنىڭ ھەممە نېمىسى تېزىپ كېتىدىكەن، ھەممە كىشىسى تاشلىۋىتىدىكەن. دادا يېنىڭىزغا بارغۇم كەلدى.... سىز ماڭا‹‹ مۇسۇلمان بەندىسى ھاياتىنى ئۆزى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ›› ــ دېگەن ئىدىڭىز. ‹‹مۇسۇلمان قىزلىرى ئەدەپ ئەخلاقنى ، ئىپپەت ھايانى ساقلىمىسا بولمايدۇ›› ــ دېگەن ئىدىڭىز.
مەن قايسىنى ساقلاپ، قايسىدىن ۋاز كېچىشنى بىلمىدىم .
شۇتاپ ئەتە تاڭ ئاتماسلىقىنى تىلەۋاتىمەن، كىممۇ قاراڭغۇ كېچىگە خۇشتار؟... لېكىن مېنىڭ ئەتىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزۈشۈم مۇمكىن؟
مەن مۇشۇ كېچىدە مەڭگۈ قالاي...مۇھتاجىق يوق، غۇربەتچىلىك يوق، ئەنسىرەش، تەشۋىشلەر يوق مۇشۇ كېچىدە قالاي.
دادا!... بۇ تۈگىمەس كېچىلىرىمدە سىز بىلەن مۇڭدىشاي. دادا، يورۇق دۇنيادىن مەن ئورنۇمنى تاپالمىدىم.

"كىروران" ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-12 05:46 PM  


ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YuzarSif + 101 تەسىرلىك ھەم ئويلاندۇ.
katran + 101 ئاھ! ئەرلەرگە تولۇپ كە.
تاش + 300 تەسىرلىك
مەلىكە + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
كارۋان + 68 تەسىرلىك
ayrilmas + 51 بەك تەسىرلىككەن...
aptap104 + 111 ماختاشقا تېگىشلىك
delim + 11 پۇل ئازراقتى !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1243   باھا خاتىرىسى

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6719
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 03:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادا ئۆيگە تۈۋرۇك ئانا ئۆينىڭ تىىمى
تۇرمۇشنى ئائلىنى نورمال قوغداپ مىڭشى ئۈچۈن جاسارەت ھەقىقى ۋىجدان كىرەك

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
boxuk + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8383
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە ئايدىن بىرى  يەنە بىر ياخشى ئەسەرگە ئىنكاس يوللىشىم بوپتۇ  ...ھەقىقەتەن  ئىسىل  ....

يەنە  يالغۇزلۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-12 03:54 PM
دادا ئۆيگە تۈۋرۇك ئانا ئۆينىڭ تىىمى
تۇرمۇشنى ئائلىنى ن ...


ئۆينىڭ دەرىزىلىرىمۇ ساقكەنتۇق بۇ ھىكايىدە .

لىكىنزە ئاۋۇ تۈۋرۈك مۇستەھكەم ئەمەسكەن .

بار جاپا  تامغا يۈكلىنىپ قاپتۇ !

ياخشى  ھىكايە ، تىما ئىگىسى يەنە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   delim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-12 04:30 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئايچىن + 200 ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزاق بوپتىكەن ، ياخشى ھىكايە ئاڭلىمىغىلى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ياخشى تىما ئۇچراتقىنىمدىن خۇشالمەن.
يائاللا ماۋۇ ھېكايىنى ئوقۇپ ئاۋۇ <ئەر>نى ئۆلتۈرۋەتكىم كەلدى،
<مەن> راستلا چىدامچان،قەيسەر ئايالكەن،قول قويدۇم.
ھېكايىڭىز  شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،<بىر پارچە خەت>.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخمەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-12 05:12 PM  


گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىكەم سىدىق ئايقۇتنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقويمەن ئۆزۈممۇ ، بىرخىل ئەمەلي تۇرمۇشنى يازىدۇ....

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:45:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   870606 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-12 04:48 PM  


بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
870606 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-12 04:45 PM
يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى.

يۈرەك ئېچىشىپلا ئەمەس بەلكى بەزى مەسئوليەتسىز ، نىشانسىز ، ئاڭسىز ئەرلەر يەنى ئەسەردە سۆزلەنگىنىدەك  ئائىلىنىڭ تۇۋرۇكلىرىنىڭ يۈزى قىزارسا بولاتتى...

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16131
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9149 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 04:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە ئۇزۇندا بىر كىرىپ تۇرسام مۇنداق نادىر ئەسەرلەرگە ئۇچراپ تۇرغىلى بولدىكەندە....ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
AlgaNazar + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش