|
|
|
|
شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى
شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ، ئوتتۇرا مائارىپ ۋە پۇتبول تەربىيىلەشنى بىر گەۋدە قىلغان پۈتۈن كۈنلۇك ئوقۇش تۇزىمىدىكى، ياتاقلىق مەكتەپ. مەكتەپ 1999- يىلى 7 – ئايدا قۇرۇلغان. لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى ۋە لۇنىڭ تىكتاكتوپ مەكتىۋىدىن ئىبارەت ئىككى ۋېۋىسكا ئېسىلغان. بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئىككى مەشىقلەندۇرۇش سېستىنمىسىغا ئىگە. شەندوڭ ئېلىكتىر كۈچى گۇرۇھى شېركىتىنىگە تەۋە ، شەندۇڭ پۇتبول كۇلۇبىغا پۇتبولچى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان ئارقا سەپ بازىسى.خەلقارا بويىچە داڭلىق پۇتبول مەكتىۋى قۇرۇش ئۇلارنىڭ نىشانى.
مەكتەپنىڭ ئومومى كۆلىمى 500 مو . 20 ئۆلچەملىك پۇتبول مەشىقلەندۇرۇش مەيدانى بار بولۇپ، تەبىئى چىم مەيدان 11 ، سۇنى چىم مەيدان 2، 1- نومۇرلۇق پۇتبول مەيدانىدا 5000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرەلەيدۇ. كۇتىۋىلىش رايۇنىنىڭ يۇرۇشلۇك ئەسلىھەلىرى تولۇق. 800 يۈز نەپەر ئادەمنى بىرلا ۋاقىتتا كەسپى پۇتبول مەشىقى، مۇسابىقىسى، ۋە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش ۋە كۈتىۋىلىش ئېشلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ.
مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بېرى تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى ياش ئۆسمۇرلەر پۇتبول مۇتەخخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ باش تېئنىر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كېكىۋىچ، فىلەندو، زولەن. زوزىچى،(可可维奇、弗兰多、佐兰.佐季奇) قاتارلىق 3 نەپەر مۇتەخخەسىس مەكتەپنىڭ باش تېئنىر ، ساشا، سىلاچ (萨沙.拉西奇担) بەدەن قۇۋەت مەشىق تېئنىرى. تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ پۇتبول مۇتەتخخەسىسلىرنىڭ كېلىشى مەكتەپ پۇتبول كاماندا ئەزالىرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول مەشىق ۋە نەزىريە بىلىملىرى بىلەن تەمىن ئەتتى. ھەر يىلى مەكتەپ مەملىكەت بويىچە ياش ئۆسمۇرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ، تالان ئىگىلىرىنى تاللاش ئېلىپ بارىدۇ.
مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بېرى مەكتەپنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەش نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولدى. مەملىكەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە 37 قېتىم ئۇزغۇن بولدى. لۇنىڭ تەيشەن كۇلۇبىنىڭ 75% ئەزاسىنى مەزكۈر مەكتەپ تەربىيىلەپ چىققان . ھەممىزەگە تونۇشلۇق ئۆتكۈر، مىرەخمەتلەرمۇ بۇ مەكتەپتىن تەربىيىلىنىپ چىققان. 68 نەپەر پۇتبولچى مەملىكەت دەرىجىلىك كاماندىلاردا توپ تېپىۋاتىدۇ.
مەملىكەت ئىچىدىكى مەملىكەتلىك پۇتبول كاماندىسىغا ئەڭ كۆپ پۇتبولچى تەربىيىلەپ بەرگەن پۇتبول مەكتىۋى. مەكتەپنىڭ ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى 70% بولۇپ مەملىكىي ئىچىدىكى داڭلىق تەنتەربىيە مەكتەپلىرىگە تالانىت ئىگىلىرىنى كۆپلە يېتىشتۇرۇپ بەرمەكتە.
لۇنىڭ پۇتبول مەكىۋىدىكى چەتئەللىك تېئىنىرلار
مەكتەپتىن بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر
|
|
|
|
|
|