بىز ئاشىق مەشۇق ئەمەس، بىراق سەن مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم، بەك مۇھىم!
سېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن، بىراق بىز بىرگە بولالمايمىز!
بىلەمسەن، مەن سېنىڭ ئاشۇ شوخ كۈلكەڭنى ياخشى كۆرىمەن.
بىلەمسەن، مەن داۋاملىق سېنى سېغىنىمەن.
بىلەمسەن، سېنىڭ بارلىق خۇيۇڭ، ئادىتىڭ ماڭا ئايان.
بىلەمسەن، سېنىڭ ھەربىر قىلغان سۆزۈڭ مېنىڭ ئېسىمدە.
بىلەمسەن، سېنىڭ كۆزۈڭنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى مەن چۈشىنىمەن.
بىلەمسەن، مەن سېنىڭ ئەستايىدىل ھالىتىڭنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن.
بىلەمسەن، سەن مېنىڭ قەلبىمدە ھەممىدىن قالتىس.
بىلەمسەن، سەن مېنىڭ ئۈلگەم.
بىلەمسەن، مەن ساقلاپ قويدۇم، سەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىقنى.
بىلەمسەن، مەن سېنى ھەممىدىن بەك مۇھىم دەپ بىلىمەن.
بىلەمسەن، سەن دېگەنلا ناخشا بولسا مەن چۈشۈرۈپ ساقلىۋالىمەن.
بىلەمسەن، ئۇ ناخشىنى مەن قايتا قايتا ئاڭلايمەن.
بىلەمسەن، سېنىڭ ئېيتقان چاقچاق يۇمۇرلىرىڭ مەن يادلىغان سۆزلۈكتىنمۇ بەكرەك ئېسىمدە تۇرىدۇ.
بىلەمسەن، ياق، سەن بىلمەيسەن، بەك كۆپ ئىشلارنى بىلمەيسەن.
شۇنداق ئالدىراش بولساممۇ ، ساڭا ھەمراھ بولغۇم كېلىدۇ.
بازار ئايلانغاندا، تۇيۇقسىز بۇ نەرسىنى سەن ياقتۇرۇپ يەيدىغىنىڭ ئېسىمگە كېلىدۇ.
مەن داۋاملىق ساڭا تېلفۇن قىلىپ ئاشۇ تونۇش ھەم يېقىملىق بولغان ئاۋازىڭنى ئاڭلىسام دەيمەن.
بىز ئاشىق مەشۇق بولمىساقمۇ، بىراق بىز مېھرى مۇھەببىتىمىز دوستلۇقتىن ھالقىغان ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە.
ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككىمىزگە ئايان، بىر -بىرىمىزگە ھەقىقەتەن بەك مۇھىم بىز!
بىراق،بىز ئايرىلىپلا كەتسەك، ھەتتا دوستمۇ بولالمايمىز! مانا بۇ كىشىلىك ھايات!