ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىلىق دوستى ۋە ئىرانلىق شېرىكى
ئاپتورى: براھما چېلانىي (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)
ئامېرىكا يېقىندا ھىندىستاننىڭ ئىراننى جازالاش ھەرىكىتىدىكى يۈكىنى يېنىكلەتتى: ئىران بىلەن ئالاقە قىلغان ھىندىستان كارخانىلىرىنى جازالىمايدىغان بولدى، شەرتى ھىندىستان ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازلىتىشى كېرەك. ئەمما باشقا ھەر قايسى جەھەتلەردە گۈللەپ راۋاجلىنىۋاتقان ئامېرىكا ھىندىستان مۇناسىۋىتىدە، ئىران يەنىلا بىر قارا كۆلەڭگە.
ھىندىستاننىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىران ئىنتايىن مۇھىم قوشنا، ئىران بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ ئاقىۋىتىگە بەرداشلىق بېرەلىشى تەس. ئەمەلىيەتتە جۇغراپىيىلىك جەھەتتە ھىندىستان دۆلەتنى مەغلۇپ قىلىدىغان ياكى ئىقتىدارىنى يوق قىلىدىغان يايسىمان قورشاۋدا قالدى، بارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن سىرتقى تەھدىتكە ئۇچرىدى.
مۇبادا ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ ئىراننى چەكلەش ئىستراتىگىيسىگە قېتىلسا، چوقۇم ئىنتايىن ئېغىر ئىستراتىگىيىلىك تەننەرخنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. ھىندىستان ئالدى بىلەن ئىراندىن ئافغانىستانغا كىرىدىغان يولدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بۇ يول ھىندىستاننىڭ ئۈزۈلمەي مېڭىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ كابۇلغا بېرىشىدىكى مۇھىم يول. بۇنىڭدىن سىرت، چەكلەش ھەرىكىتىمۇ ھىندىستاننىڭ ئېنىرگىيە مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدۇ.
ناھايىتى ئاز دۆلەتلەر ھىندىستانغا ئوخشاش پارس قولتۇقىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تەمىنلىشىگە تايىنىدۇ، پارس قولتۇقى نېفىتى ھىندىستان ئىچكى ئومۇمىي ئېنىرگىيە سەرپىياتىنىڭ %80 نى ئىگەللەيدۇ. ئىران دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت (تەبىئىي گاز زاپىسىمۇ دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ)، يەنە بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەرگە تۇتىشىدىغان ئىستراتىگىيىلىك ئىشىك.
ئىراق ۋە ئىران ھىندىستانغا ئاساسلىق نېفىت تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر ئىدى. ئەمما ئامېرىكا ئىراقتا ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش قىلدى، ئىران ھازىر ئامېرىكا باشلىقىدىكى ئىراننىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولغان نېفىت ئېكىسپورتىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان چەكلەش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى. ئاقىۋەت، ئامېرىكا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان «ئىراننى جازالاش لاھىيىسى» نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقى ھىندىستانغا قوش زەربە بولدى.
ئالدى بىلەن، بۇ سىياسەت ھىندىستاننى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ۋە قاتار قاتارلىق ئىسلام پادىشاھلىق دۆلەتلىرىنىڭ نېفىتىغا تېخىمۇ تاينىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇ دۆلەتلەر ئەرەب باھارىنىڭ زەربىسىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك قېچىپ قۇتۇلدى ھەمدە ھىندىستاننىڭ ئېنىرگىيە ئىمپورتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتىگىيسىگە تەھدىت سالدى. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تېزلەشتۈردى ھەمدە تالىبان بىلەن ھەمكارلاشقان ئەھۋالدا ئىراننى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەنھا قالدۇرىشى، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستان ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىشىنى تەسلەشتۈرۈپ تاشلىدى.
ھىندىستان ئافغانىستانغا ياردەم بەرگۈچى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستان-ئافغانىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىۋاستە چېگىرلىنىدىغان يول بولمىغانلىقتىن پەقەت ئىرانغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھىندىستان بىلەن ئىراننىڭ ئافغانىستاندا ئوخشاش نىشانى بار، بۇ نىشان دەل پاكىستان يار-يۆلەك بولۇۋاتقان تالىباننىڭ ھاكىمىيەتنى قايتا تارتىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئەگەر مۇقىمسىز ۋەزىيەت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئۇرۇشنىڭ توختىشىشى بىلەن يامانلىشىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئىران بىلەن ھىندىستان 1990-يىللاردىكى ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىقىنى چوقۇم قايتا باشلاش كېرەك. ئەينى يىلىمۇ دەل ھىندىستان، ئىران ۋە روسىيەنىڭ قوللىشىدىكى شىمال ئىتتىپاقى ئامېرىكا ھاۋا كۈچلىرىنىڭ ياردىمىدا تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى.
بۈگۈنكى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىراننى چەكلەش بىر قانچە چوڭ جۇغراپىيىۋى سىياسەت نىشانىنى كۆزدە تۇتقان. بۇ نىشانلارنىڭ بىرى بولسا ئامېرىكا سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئىراننىڭ ئىراقتا ئېرىشكەن ئىستراتىگىيىلىك ئۈستۈنلىكىنى يوقىتىشتۇر، چۈنكى ئەينى چاغدا ئىراننىڭ تەسىرى نوپۇسنىڭ كۆپ قىمىسىنى ئىگەللەيدىغان ئىراق شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقنى تارتىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كىچىك بوش ئىراننى «رەززىل ئوق مەركەزلىرى» نىڭ بىرى دەپ ئېيتقان، ئەمما ئۇنىڭ ئەينى يىلىدىكى ئىراققا ھۇجۇم قىلىش قارارى شىئە مۇسۇلمانلىرى ئوخشاشلا كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئىرانغا ئامەت ئاتا قىلغان ئىدى.
يەنە كېلىپ، جۇغراپىيىۋى سىياسەتتە تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنى باش قىلغان قۇدرەتلىك «سۈننىي مەزھىپىدىكى ھىلال ئاي» ئىران، ئىراق، سۇرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق «شىئە مەزھىپىدىكى ھىلال ئاي» دۆلەتلىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا سۈننىي مەزھىپىدىكى گۇرۇھلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىتتىپاقىدىن پايدىغا ئېرىشتى. ئىستراتىگىيە ئۈستۈنلىكىدىن سىرت، ئامېرىكا بىلەن نېفىت ئەمىرلىكى دۆلەتلىرى (ھەم دۇنيادىكى تاشقى پروۋوتى ئەڭ زور بىر قىسىم دۆلەتلەر) ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەت ئامېرىكا دوللىرىغا يۆلەنچۈك بولدى.
يۇقىرىقى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئامېرىكا-ئىران توقۇنىشىدىكى تېخىمۇ ماكرولۇق جۇغراپىيىۋى سىياسەت جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە يادرو ئىشلىرى پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ تىركىشىشنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنىڭ قورالى، ئىران رەھبەرلىرى يادرو پىلانى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتىنى قۇترىتىدۇ، ئامېرىكىلىقلار بۇ ئارقىلىق ئىران سىرتىدىكى ئاممىغا يادرو قويۇلدۇرۇش تەھدىت نەزەرىيىسىنى دارۋاڭ قىلىدۇ.
ھىندىستان ھەقىقىي ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئويناش ئارقىلىق ھەربىي دۈشمەنلىشىش پەيدا قىلىدىغان تەھدىتنى يوقىتىشى كېرەك، چۈنكى بۇ تەھدىت ئېھتىمال دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نېفىت يول-ھورمۇز بوغۇزىنى (ئىران ئەگەر نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈلسە بۇ كىرزىسنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى) ئۈزۈپ تاشلىشى مۇمكىن. ھىندىستاننىڭ گەرچە ئامېرىكا ئىران ئارىسىدا كۆۋرۈك بەرپا قىلىش ئىقتىدارى يوق بولسىمۇ، ئەمما سىياسەتنىڭ تار يولىدا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى، بىتەرەپ يولدا مېڭىش ئارزۇسىمۇ ئاقمايدۇ.
ھەر قېتىم ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى ئۆز ئارا زىيارەت قىلىشقاندا، ئامېرىكا ھىندىستانغا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىرانغا يېقىنچىلىق قىلمىشى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ تېخىمۇ يېقىن ئىستراتىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا «توسالغۇ» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما 2005-يىلى ۋە 2006-يىلى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى كېڭەش يىغىنىدا ئۇدا ئىككى قېتىم ئىرانغا قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكتىن، ھىندىستان ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپ، پايدىسى ئىنتايىن زور، مۇددىتى 25 يىللىق، قىممىتى 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز سودىسى بىكار قىلىندى.
ئىران ئىشلىرى ئەمەلىيەتتە دېپلوماتىيەدىكى لاكمۇس سىناق قەغىزى سىنىقى بولۇپ قالدى: ھىندىستان زادى ئۆزىنىڭ رايونلۇق ئىستراتىگىيىلىك ۋە ئېنىرگىيە مەنپەئەتىدە چىڭ تۇرىشى كېرەكمۇ ياكى ئامېرىكا بىلەن بولغان قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەت مۇلازىمىتىنى تاللىشى كېرەكمۇ؟ ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ ئىران ئىشلىرىدا ئۇچرىغان بېسىمنى چوقۇم يېنىكلىشى كېرەك، چۈنكى جازالاشنى بىكار قىلغان تەغدىردىمۇ بۇ بېسىملار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ھىندىستان بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاپىزەت مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىقىشى زۆرۈر ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى ئاسىيانىڭ «تۈگۈنى»بولغان ھىندىستانغا تېخىمۇ كۆپ سالماق بولىشى كېرەك.
مەنبە: ئاپتورى براھما چېلانىي يېڭى دېھلىدىكى ئىستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتىگىيە تەتقىقاتچى پراففىسسورى، بلوگىدىن نەپرەت 2009تەرجىمە قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 10:23 PM