رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ۋەتەنگە مۇھاببەت
مەن بىر كۆچەت تېخى بوران كۆرۈپ باقمىدىم،
ھەم خەلقىمگە تېخى مېۋە بىرىپ باقمىدىم،
لىكىن مىنڭ ۋەتەن ئۈچۈن جان قۇربان قىلسام،
دىگەن سۈزۈم يۈرۈكۈمدە ئۇنتۇپ باقمىدىم.
باغۋەنلەرنىڭ پەرۋىشىدە تاپتىم مەن ئەقىل،
مېنى كۈتەر ھاياتلىقنىڭ قىسمىتى ھەر خىل.
ۋاس كەچمەيمەن قانچە يىراق بولسىمۇ مەنزىل،
ئۆزگەرمەيدۇ مۇھاببىتىم ۋەتەنگە ئىزچىل.
بوران كىلىپ شاخلىرىمنى قايرىپ كەتسىمۇ،
مۇسىبەتتىن ئاھۇ زارىم كۆككە يەتسىمۇ.
بىر جىنىمنى قىيناش بىلەن نەچچە ئالسىمۇ،
ئۆزگەرمەيدۇ مۇھاببىتىم جىنىم كەتسىمۇ.
يۈرۈكۈمدە شۇ مۇھاببەت يالقۇنجار ئۆچمەس،
بۇ مۇھاببەت مەڭگۈلۈكتۇر گۈللەرگە كۆچمەس.
مۇھاببەتنىڭ شاھىدۇر بۇ مۇھاببەت يەتمەس،
ۋەتەن ئۈچۈن كۆيدى يۈرەك باشقىغا كۆيمەس.
نەسىھەت
ئاتا-ئاناڭ ئىتىز قىردا ئىشلەيدۇ ھارماي،
سەن مەكتەپتە مۇدا قوغلاپ يۈرىسەن چانماي.
ئاتاڭ دىھقان ئاناڭ دىھقان دەردىنى بىلمەي،
بايۋەتچىدەك يۈرەي دەيسەن ھالىڭغا باقماي.
ئايدا يەتمەس سالغان پۇلى ئوينىشىڭغا ھەم،
شۇ سەۋەپلىك سەن ئۇلارغا سالدىڭغۇ مىڭ غەم.
غەملىرىنى چاندۇرماستىن يېڭىيدۇ ھەر دەم،
پەرزەنتىمىز باشقىلاردىن بولمىسۇن دەپ كەم.
لىكىن سەنچۇ ئۈمۈدىنى ئاقلىماي پەرزەنىت،
ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالدى بەكمۇ كۆپ ئىللەت.
ئاتا-ئاناڭ ساڭا قىلسا بىر ئۈمۈر خىىزمەت،
قايتۇرماستىن سالدىڭغۇ كۆپ بىشىغا كۆلپەت.
ئويغان پەرزەنىت قەدىردانلار كەتمىسۇن يىغلاپ،
ھايات دىگەن ئۈتەر ئىنسان ئۈمرىنى قوغلاپ.
كىتىپ قالسا زار يىغلايسەن قەۋرىنى بويلاپ،
سەنمۇ قويغىن نادان پەرزەنىت شۇلارنى ئويلاپ.
ئازغانلارغا
ئازغانلارنىڭ ھەممىسى زامان دەيدۇ جاۋاپكار،
توۋا دەيمەن شۇلارغا نىچۈن زامان گۇناھكار.
كىرىپ شەيتان كەينىگە يىقىلغاندا ئەجەللىك،
زامان دىمە ئازغانلار ئەسلى ئۈزۈڭ سەۋەپكار.
تاپالمىساڭ يۇلۇڭنى باقالمىساڭ جىنىڭنى،
نۇمۇس قىلماڭ زامان دەپ ئاقلاپ كەلدىڭ ئۈزۈڭنى.
ۋىجدان غۇرۇر ساتقىنڭ خۇددى گۇناھ ئەمەستەك،
ئاق ساتقان ھەم زىناخۇر تىللاپ كەلدىڭ زاماننى.
كۈلۈپ باقساڭ زامانغا كۈلۈپ باقار زامانمۇ،
رەنجىسەڭ گەر زاماندىن كەچەر دىمەس ھەرگىزمۇ.
رەنجىپ يۈرگەن زاماندىن نادان ئۆزى ئەقلسىز،
تاپالمايدۇ ئۇنداققا داۋا لوقمان ھەكىممۇ.
بىلىپ قويغىن ئازغانلار ئۆزۈڭ تاپقاچ ھارامدىن،
راۋا كۆرمەي زامانمۇ ئالار شۇنداق ئەجەلدىن.
زامان دىمە ھەر بەندە كىلەچىكىڭ قۇلۇڭدا،
شۇڭا دىگەن تەڭرىممۇ يارالمىشىڭ ئۈزۈڭدىن.
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ...........................ئاتۇش
بورتالا ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-12 02:24 AM