ئۆسكىدەك...
.
.
(ساتىرا)
.
خۇش بىشارەت:نام-ئەمەل،ئىناۋىتىمئۆسكىدەك،
راھەت نېمە مەن ئۈچۈن،ھالاۋىتىم ئۆسكىدەك،
يەڭ ئىچىدە تاپاۋەت-دارامىتىم ئۆسكىدەك،
يۈكسەكلىكتىن غېمىم يوق،كامالىتىم ئۆسكىدەك!
*
كۈچۈكلىنىپ «جاڭ»لارغا،يېقىنلىقنى بىلدۈرۈپ،
ئېگىلىشتىن ھەتتاكى بەل سۆڭەكنى سۇندۇرۇپ،
يەمچۈك تاشلاپ پەم بىلەن، قارمىقىمغا ئىلدۈرۈپ،
ئۆتۈپتىمەن نەزەردىن،ساداقىتىم ئۆسكىدەك!
*
چوڭاملارغا قوش قوللاپ تۇتقۇزغانتىم ھاياننى،
كەلگەن چېغى پۇرسىتى ،تولدۇرۇشقا زىياننى،
ئەمدى قايرىپ قويمەن، ئىنساپ بىلەن ئىماننى،
بانكىلاردا پۈل پۈچەك،ئامانىتىم ئۆسكىدەك!
*
ئىشلىدىم «باش چۆكۈرۈپ»،ئىلغاپ«ياخشى-يامان»نى،
بەزى چاغدا ئايرىماي بۇغداي بىلەن ساماننى،
قېچىپ كەلدىم جاپادىن، ئىلغىۋېلىپ ئاساننى،
تەلەي ماڭا بېقىپتۇ،شارائىتىم ئۆسكىدەك!
*
دۈشمەنلىرىم كۆزىدىن ئوت چىقىرىش قەستىدە،
مېڭىپ كەتسەم غادىيىپ،كوچىلاردا-رەستىدە،
پىچىرلىسا ھەۋەستە: «باشلىق شۇكەن ئەسلىدە»،
نام-ئەمەلگە يارىشا، سالاپىتىم ئۆسكىدەك!
*
ئۇرۇق- تۇققان، قاياشقا نەپ يەتكۈزۈپ خىزمەتتىن،
سىغالماسمەن تېرەمگە،خوش-خوشلاردىن،ھۆرمەتتىن،
قانائەت يوق دىلىمدا، كۆرگەن شۇنچە ئىززەتتىن،
مەن ئويلىغان چىن بەخت-سائادىتىم ئۆسكىدەك!
*
قۇرۇق گەپكە رايىم يوق،ئىش ئاقمايدۇ ئالدىمدا،
چىقسىمۇ گەر پوتلىڭىز«مىش»ئاقمايدۇ ئالدىمدا،
ئەمەل ئۈچۈن ئەزىيەت تارتقانلىرىم يادىمدا،
پۇل-ئاقچىدىن نېمە غەم، تاپاۋىتىم ئۆسكىدەك!
*
جاھان بىزگە بىر ئۆتەڭ،بەكمۇ قىممەت ياتىقى،
بۇھاياتتىن نە مەنا، قالمىسا نام-ئاتىقى،
قېرىشسىڭىز مەن بىلەن،شۇدۇر ئىشنىڭ چاتىقى،
تا ئۆلگۈچە ئۇنداققا، ئاداۋىتىم ئۆسكىدەك!
*
كەلسە ئەگەر تۇشمۇ-تۇش،ھاجەتمەنلەر يېلىنىپ،
ئىش-كۈشىگە «غەمخورلۇق»،تىلەپ ماڭا تىۋىنىپ،
راۋا بولسا ھاجىتى، نەزەرىمگە ئىلىنىپ،
ماڭا ھەمدوست-ئاغىنە، جامائىتىم ئۆسكىدەك!
.
***********
.
«ئۆسەرمىش نام-ئەمەلى»بىراۋ مىش-مىش گەپ دېسە،
ھاياجاندا شۇ ئويلار سالدى دىلغا ۋەسۋەسە،
بوپقالارمۇ ۋەياكى، ماڭا پۈتمەس دەرد-ئېسە،
ئويلانمىسام مالامەت-خىجالىتىم ئۆسكىدەك!
*
«ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دەر،دانا ئەجداد بوۋىمىز،
ئەمەل تۇتاي ئويلىنىپ،كۈلسۇن ئىللىق ئۇۋىمىز،
تېپىۋالاي ھۇشۇمنى،چىقماستىنلا توۋىمىز،
ماڭسام تۇيۇق يول تامان، ھالاكىتىم ئۆسكىدەك!
.
************
.
مەنبە: ئىجادىيەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 07:48 PM