|
|
|
|
شالتاق
ھىكايە
مۇھەممەتساقى ساۋۇر
شامالداپ كىلىش ئۈچۈن موتسىكىلىتىمنى ھەيدەپ يېزىمىزنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە قاراپ ماڭدىم. چىڭقى چۈش، ھاۋا تونۇردەك ئىسسىق، يولدا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. يول ماڭا ئۆزەمنىڭ ھويلىسىدەكلا ئوڭچە قالغانىدى.
تۇيۇقسىزلا يىگىرمە قەدەم يىراقلىقتا موتسىكىلىتقا ۋە ئۇنىڭدىن تۆت بەش قەدەم نېرىدا دۈم ياتقان بىرسىگە كۆزۈم چۈشتى.شۇھامان موتسىكىتىمىنى قاتتىق تورمۇزلىدىم. لىكىن سۈرئەت بەك تىز بولغاچقا موتسىكىلىت ئون بەش- يىگىرمە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن ئاندىن توختىدى. موتسىكىلىتتىن سەكرەپ چۈشۈپ يەردە دۈم ياتقان ئادەمنىڭ يېنىغا ماڭدىم. ئالدىراشچىلىقتا موتسىكىتنى ياخشى توختاتماپتىمەن، تۆت-بەش قەدەم ماڭار ماڭمايلا موتسىكىلىت جالاققىدە قىلىپ يىقىلدى. خۇددى موتسىكىلىت مېنىڭ ئەمەستەك ئۇنى يۆلىمەيلا يەردە ياتقان ئادەمنىڭ يېنىغا باردىم. ھېلىقى ئادەم يەردە ئۆلۈكتەك مىدىر-سىدىر قىلماي ياتاتتى. ئۇنى ئاستاغىنا يانغا ئۆرۈپ ئوڭدا قىلدىم، ئۇنىڭ يۈز-كۆزى قىپقىزىل قانغا بويالغان بۇلۇپ تونىغىلى بولمايتتى، كۆزىنىمۇ ئاچمايتتى. بېشىدىن تېخىچە قان ئېقىۋاتاتتى. ئۇنى يالغۇز كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىرالمايتتىم. دەماللىققا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم. بىرەر ئادەم كىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتراپىمغا ئۈمىد بىلەن باقاتتىم. لىكىن يولدا ھېچقانداق ئادەم كۆرۈنمەيتتى. باش كۆزى قانغا بويالغان يىگىت يەنىلا جىمجىت ياتاتتى. بەزىدە بوش ئىڭراپ، بەزىدە نەپەس يىتىشمىگەندەك خىرخىراپ قوياتتى. ئادەم كەلمىگەنسىرى ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم تىتىلداشقا باشلىدى. شۇچاغدا يەردە، پۇتۇمنىڭ يېنىدىلا تۇرغان تېلىفۇنغا كۆزۈم چۈشتى-دە، كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى، تېلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپلا سۆزلەشكەن نومۇر خاتىرسىدىكى بىرىنچى نۇمۇرغا تېلىفۇن بەردىم.
-سىز بۇ تېلىفۇننىڭ ئىگىسىنى تونامسىز؟ -سورىدىم ئالدىراپ.
-ھەئە تونۇيمەن ئۇ مىنىڭ ئاكام بۇلىدۇ. –دىدى قارشى تەرەپ.
-تىز كىلىڭ ئاكىڭىز موتسىكىلىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. –دىدىم ھەم ئۇنىڭغا ئورنۇمنى ئېيتىپ بەردىم.
ھايال بولمايلا بىر ئۈچ چاقىلىق موتسىكىلىتتا تۆت ئەر، ئىككى ئايال كەلدى. ئۇلار مەن بىلەن سوغۇقلا سالاملاشقاندىن كىيىن يىگىتنىڭ يېنىغا ئولاشتى. ئۇنىڭ قانغا بويالغان ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۆرگەن ياشتا چوڭراق ئايال «ۋاي بالام» دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. خېلىدىن بىرى شۇنچە كۈتسەممۇ كەلمىگەن ئادەملەر خۇددى مۇشۇلارنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا تۇشمۇ تۇشتىن كىلىپ بىردەمنىڭ ئىچىدە يېغىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا گۇمان ۋە نەپرەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدە قارىشاتتى. بۇ كۆزلەر ماڭا ھەر قېتىم تىكىلگىنىدە مەن ئۆزۈمنى ئوڭايسىز ھىس قىلاتتىم.
-ساقچىغا خەۋەر قىلدىڭلارمۇ؟ -سورىدى كېيىنرەك كەلگەن قارامتۇل، ئېگىز بويلۇق يىگىت دەسلەپ كەلگەن چارساقال ئادەمگە.
-ياق.
-نىمىشقا خەۋەر قىلمىدىڭلار؟ سورىدى يىگىت ماڭا ئالىيىپ قاراپ قۇيۇپ. ئۇ يانفۇنىدا قاتناش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەمدى قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئاغىزى ئېچىلىپ كەتتى.
-قاراڭلا، ئاشۇ يەردىن تورمۇزلاپتىكەن، مۇشۇ يەرگە كىلىپ يىقىلىپ ئاندىن توختاپتۇ!
-يىقىلمىغان بولسا يەنە قانچىلىك ماڭاتتىكى.
-نەگە ئالدىرايتىكى بۇ غوجام.
-نەگە ئالدىرايتتى گۆرگە ئالدىرىيدۇ، گۆرگە.
-ئۆزىنىڭ بېشىنى يىگەن بولسىچۇ، بۇ بىچارىنىڭ بېشىغا چىققۇچە.
-ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم دىگەننى ئاڭلىمىغانما!
ئۇلارنىڭ ئاغىزى سۆزلەشتىن توختايدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دەسلەپ كىمنى تىللاۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي، تېڭىرقاپ قالدىم. كىيىن بۇ سۆزلەرنىڭ ماڭا قارىتىلغانلىقىنى بىلىپ ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ئاخىرى چىداپ تۇرالماي؛
-ئۇنى مەن سوقمىدىم. –دىدىم ئۈنلۈك ئاۋازدا.
-ئەمىسە كىم سوقتى. بىز كەلگەندە بۇيەردە سەندىن باشقا ئادەم بولمىسا. –دىدى بۇيەرگە تۇنجى بۇلۇپ ئۈچ چاقىلىق موتونى ھەيدەپ كەلگەن ئوتتۇرا بوي بۇغداي ئۆڭ يىگىت. ئۇنىڭ چىرايى غەزەپتىن قارىداپ كەتكەنىدى.
-مەن كەلسەممۇ ئۇ شۇنداق يېتىپتىكەن.
-سەن يالغان سېلىپ قۇتۇلماقچىمۇ؟ -قارىمۇتۇق يىگىت شۇنداق دىگىنىچە مۇشتىنى تۈگۈپ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كەلدى. ئۇنى قاراپ تۇرغانلاردىن بىرى تۇتىۋالدى. باشقىلارنىڭ ئاغىزى بولسا يەنە ئېچىلدى. ئۇلار مىنى يالغانچى، ساختىپەزلىكتە ئەيىپلەشتى. ئىككى، ئۈچ ئادەم مېنى ئاقلاپ «بۇ يىگىتنىڭ گىپىمۇ ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سوققان بولسا سىلەرگە تېلىفۇن بېرىپ يۈرمەي، ھېچكىم كۆرمىگەندىكىن قېچىپ كەتكەن بولاتتى» دىيىشىگە قارىمۇتۇق يىگىت ئۇلارغىمۇ ھۆرپىيىپ گەپ قىلغىلى قويمىدى.
ئارىدىن ئون- ئون بەش مىنۇت ئۆتمەيلا قاتناش ساقچىلىرى كەلدى. ئۇلار كىلىپلا يەردە ياتقان يىگىتنى كۆرۈپ؛
-يارىدارنى نىمىشقا دوختۇرخانىغا ئاپارمىدىڭلار. دىدى.
-نەق مەيداننى بۇزىۋەتمەيلى دەپ يۆتكىمىدۇق. -دىدى قارىمۇتۇق يىگىت.
-سىلەرگە نەق مەيدان مۇھىممۇ ياكى ئۇنىڭ جېنىمۇ؟ -دىدى ساقچىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا كايىپ.
قاراپ تۇرۇشقانلار شۇچاغدىلا ئۇنى قول-قولچە ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتقا ياتقۇزۇشتى-دە، ئۈچ ئادەم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.
-ھادىسە تۇغدۇرغان كىم؟ -دىدى ساقچىلاردىن بىرى.
-مۇشۇ ئاق كۆڭلەك. –دىدى قارىمۇتۇق يىگىت مېنى كۆرسىتىپ. ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلاردىنمۇ بىر نەچچىسى «راست، شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بىرىپ ئۈلگۈرۈشتى.
-ياق مەن ئەمەس. –دىيىشىمگە قارىمۇتۇق يىگىت؛
-سەن يالغان ئېيتىپ قۇتۇلماقچىمۇ؟-دەپ ھۆرپەيدى.
ساقچىلارغا ھەممە ئەھۋالنى ئىنىق ئېيتقان بولساممۇ ئۇلار مىنىڭ گۇناھسىزلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپات ياكى بىرەر گۇۋاھچى يوقلىقىنى، راست-يالغاننىڭ يارىدار ھوشىغا كىلىپ سۆزلىيەلەيدىغان بولغاندا ئايرىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغىچە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، نەخمەيداننى مېتىرلاپ، سۈرەتكە ئالدى-دە، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئىسمىنى ۋە ئادىرسىنى يېزىۋالدى. ئاندىن يارىدار بىلەن ئىككىلىمىزنىڭ موتسىكىلىرىنى ئېلىپ ماڭدى.
ياخشى ئىش قىلىمەن دەپ قۇرۇق شالتاققا يولۇققىنىمدىن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا ئۆيگە پىيادە قايتتىم. يارىدار بولغان يىگىت ھوشىغا كىلىپ ساقايسىغۇ ئىش ئاسان ھەل بولاتتى. ئەگەر ھوشىغا كىلەلمەي ئۆلۈپ كىتىپ قالسا ئىشنىڭ چوڭى شۇچاغدا چىقاتتى. ئۆيگە كەلگەندە، ئايالىم «مىنى نەگە بارسا شالتاققا يولۇقىدۇ» دەپ ئەيىپلىدى.
كۆڭلۈم ناھايتى يېرىم، سولغۇن ھالدا ھويلىدىكى تال بارىڭىنىڭ ئاستىدا سايىداپ ئولتۇراتتىم. ئۆينىڭ ئالدىغا ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتتىن بىرى كىلىپ توختىدى. بۇدەل ھېلىقى يارىدار بولغان يىگىتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن موتسىكىلىت ئىدى. شۇھامان ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولدىمۇ نىمە دىگەن مۇدھىش گۇمان كۆڭلۈمدە يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. داستىخان كۆتۈرۋالغان يەتتە- سەككىز ئادەم دەرۋازىدىن مەن تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ھەممىسىنىڭ چىھرىدە خجىللىق ۋە پۇشايمان جىلۋە قىلاتتى.
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
تېما يوللىغۇچىغا ئەسكەرتىش:
1.ئەسەر ژانىرى سىز كۆرگەن گېزىتتىمۇ ئەنە شۇنداق تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئەسكەرتىلمەيلا "ھىكايە " دەپلا خاتا ئىملادا بېسىلىپتىمۇ؟ ( بۇ مۇمكىن ئەمەس )
2. ئەسەر مەنبەسى ئېلىنغان گېزىت نامى تولۇق ئاتالغاندىن باشقا، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىناتتى. ئەسكەرتىشنىمۇ تىرناققا ئېلىپ ئەسكەرتەتتۇق.
توغرىسى تۆۋەندىكىچە:
شالتاق
( ھېكايە )
مۇھەممەتساقى ساۋۇر
( مەنبە: "شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى"نىڭ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)
ھېچ بولمىغاندا، كۆچۈرۈلمە تېمىلارنىمۇ بولسا، توغرا ئىملادا كۆچۈرۈپ كېلەيلى. -مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى: ئەركزات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-12 09:01 AM
|
|
|
|
|
|