ئۇخلۇدۇم چۆچۈپلا كەتتىم ئويغۇنۇپ،
سەن بۈگۈن غىپپىدە كىرگەچ چۈشۈمگە.
شۇ كېچە سىماھىڭ قىينار قەلبىمنى،
شۇ سەۋەپ ئۇيقۇمۇ كەلمەي كۆزۈمگە.
ئاھ گۈلۈم!ھېلىھەم ئىسىڭدىمۇ،بىز ئۇچراشقان ھېلقى كۆل بويى.مەنمۇ شۇ كۆلدىكى سۈپسۈزۈك سۇدىن ئۆز سىماھىمنى كۆرۈشكە ئامراق بولغاچ...كۆل بويىغا كەلگەن ئىدىم،بىراق،كۆل بويىغا كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم.نېمىشقا دەپ سوراۋاتامسەن؟چۈنكى سەنمۇ مەن ئامراق كۆل سۈيىگە تىكىلگىنىڭچە خىيال سۈرۋېتىپسەن ئەمەسمۇ.مەن سېنىڭ ئارقاڭدا قانچىلىك تۇرغىنىم ئېسىمدە يوق،سەن تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئورنىڭدىن تۇرۇپ كەتتىڭدە ئارقاڭغا قارىماستىن كېتىپ قالدىڭ.مەن شۇ چاغدىلا ھىس قىلدىمكى،پۇتلۇرۇم مېنى سۆرەپ سېنىڭ قېشىڭغا ئەكەلگەن چېغى.مەنمۇ سېنى سۈزۈك سۇ يۈزىدە كۆرگەندەك،سۇ يۈزىدىكى سىمايىمنى كۆرۈپ كېتىپ قاپسەن ئەمەسمۇ.شۇندىن بېرى سېنىڭ سۇ يۈزىدىكى سىماھىڭ قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن بولسا كېرەك....
سېماھىڭ قەلبىمنى قىينار ھەر كۈنى،
سەنمۇ ھەم ئەي گۈلۈم ئويلامسەن مېنى؟
يۈرەكلەر قېتىغا كەتسۇن سىڭىشىپ،
ھەي گۈلۈم يۈزىڭنى كۆرسەتكىن قېنى.
سەنمۇ ھەم مېنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولساڭ كېرەك،خۇددى مەن سېنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغاندەك...مەن كۆرگەن چۈشۈمدە شۇنداق بىشارەت بار.ھېلىقى كۆل بويى...ئىككىمىز يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ،يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى قەلىپ سىرلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە دەۋاتقىدەكمىز....
-ئاشۇ چاغ نېمىشقا كەلگەن<<غىپپىدە>>
تۇراتتى كۆل سۈيى شۇنداق تىچچىدە.
سىمايىڭ كۆرۈنگەچ سۇنىڭ يۈزىدە،
شۇ تۇرقۇڭ مېنىمۇ قىينار كېچىدە.
مېنىڭ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىشىمگە سەۋەپ بولغان مۇشۇ سۆزلىرىڭ،ھەر كۈنى مۇھەببەت گۈلخانلىرىدا كۆيىۋاتقان يۈرىكىمنى ئازاپ بىلەن ئېچىشتۇرماقتا.
شۇ سەۋەپ ھەر كۈنى كەلدىم شۇ كۆلگە،
كۆرسەم دەپ چېھرىڭنى سۇنىڭ يۈزىدە.
ۋەلىكىن كۆرەلمەي بولدۇم بىتاقەت،
بولدى بەس!قىينىما سەنلا قەلبىمدە.
بۈگۈن تاڭ سەھەردىلا ئاشۇ سىرلىق كۆلگە،يەنى مېنى سېنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرغان كۆل بويىغا ماڭدىم.
ئارزۇ ھەم ئۈمۈدنى پۈكۈپ كۆڭلۈمگە،
قەلبىمدە ھاياجان خۇشچىراي ماڭدىم.
تۇرسىمۇ قولۇڭدا بىراۋنىڭ گۈلى،
بولدى قىل تاشلىۋەت،مېنى دەپ كەلگىن.
مەنمۇ سەن ئۈچۈن ھەم كەلگۈسىمىز ئۈچۈن گۈلباغ راسلىدىم...قېنى كەل گۈلۈم.
ئېجادىيتىم-ت مەزمۇت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 04:59 PM