|
|
|
|
شامال ئارىلاش يېغىۋاتقان سىم –سىم يامغۇر ئۈنسىز ئاققان كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ يۈز –كۆزلىرىمنى ھۆل قىلىۋەتتى.ھاۋا تۇتۇق.....كۆڭلۈممۇ بۇلۇتلۇق ئاسماندەك شۇنداق تۇتۇق......!كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم....يامغۇرلۇق ئاسمانغا قاراپ سېنى ،ئىككىمىزنىڭ مۇشۇنداق يامغۇر ياققان كۈنلەردە قول تۇتۇشۇپ سەيلى قىلشقان چاغلىرىمىزنى ئەسلىدىم......! نەقەدەر بەختلىك كۈنلەر ئىدى ئۇ چاغلار....!
شامال ئارىلاش چۈشىۋاتقان سىم -سىم يامغۇر.... يامغۇر بىلەن كۆز ياشلارغا ھەمراھ بولۇپ غەمكىن كېتىۋاتقان مەن......! مەن يالغۇز، قېشىمدىكى ھەمراھىم، ماڭا يامغۇرلۇق كۈنلەردىكى شېرىن ھېسلارنى بىلدۈرگۈچى،ماڭا تاتلىق مۇھاببەت ئاتا قىلغۇچى سەن قېشىمدا يوق،سەن بەلكىم يامغۇردىكى بۇلۇتلۇق ھاۋانىڭ كەينىگە مۆكىۋالغان، بۇلۇتلۇق ھاۋا توسۇۋالغان بولغاچقا سېنى كۆرەلمەيدىغاندىمەن.....!
سىم -سىم يامغۇر يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ ھەسرەتلىرىمگە جۆر بولماقتا...كۆز ئالدىمدا كۈنلۈك ئاستىدا بىر -بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشۇپ،يامغۇردىن دالدىلىنىپ رومانتىك ھېسلار قوينىغا چۆمۈلۈش بەختىيار كۈلكىسى بىلەن يامغۇرغا جۆر بولۇپ كېتىۋاتقان بىر جۈپلەر ‹‹ سەن بىلەن مەن ››كەلدى....!يامغۇردىكى ئەسلىمە يۈرىكمنى تېخىمۇ ئېزىپ كۆز ياشلىرىمنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولدى.چۈنكى سېنى،سەن بىلەن بىرگە كۈنلۈك ئاستىدا ماڭغان شۇ يامغۇرلۇق كۈنلەرنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم.....!
سىم -سىم يامغۇرغا چىلىنىپ سېنى خىيال قىلىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە سەنمۇ شۇ يامغۇرۇلق كۈنلەردىكى بەختىيار مىنۇتلىرىمىزنى خىيال قىىلۋاتامدىغانسەن ياكى تېخىمۇ بەختلىك بولغانئەنە شۇنداق يامغۇرلۇق كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتامدىغانسەن.....! خەير،مەيلى قانداقلىكى بول ساڭا بەخت تىلەيمەن...! يامغۇرلۇق كۈنلىرىڭنىڭ ماڭا ئوخشاش غەمكىنلىك ئىچىدە ئەمەس، بەلكىم شادلىق ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەيمەن......!
مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 11:32 PM
|
|
|
|
|
|