قادىر ئىگەم شەپقىتى، كەلدى بىزگە رامىزان،
ھەر مۇسۇلمان بەندىگە كاتتا سوۋغات رامىزان.
شەيتانغا تىغ كۆتۈرگەن، ئىتىقادنى ئويغاتقان،
قەلىبلەرگە يورۇقلۇق باشلاپ كىرگەن رامىزان.
ھەر كىچىدە ئويغۇنۇپ، دىلدىن نىيەت قىلغاندا،
رەببىمىزگە تەشەككۈر، ھەمدۇ-ساناھ ئېيىتقاندا،
گۇگۇم بىلەن خۇشلۇقتا، ئىفتارغا قول تىققاندا،
ھەر قەدەم، ھەر زاماندا رەھمەت ياغقان رامىزان.
ئوچۇق جەننەت ئىشىكى، تاقالغاندا جەھەننەم،
رەھمەت، شەپقەت ئاشكارە، يوقالغاندا غەزەپ ھەم،
ئىتىقادلىق مۇسۇلمان بۇندىن بولار بەھرىمەن،
ساۋابلىرى بىھېساب، خۇش مۇبارەك رامىزان.
يۇيۇپ تاشلاپ قەلىبتىن ئىمانغا داغ باتىلنى،
باغلاپ تاشلاپ شەيتاندەك ئىتىقادقا قاتىلنى،
سۈيۈندۈرەر قەلبىنى ئىمانىدا ئاقىلنى،
چىن مۇسۇلمان بەندىنى سۆيۈندۈرگەن رامىزان.
روزا تۇتقان بەندىگە بىرەر ئەجىر ھىسابسىز،
روزا بىلەن كەتكۈچى بولۇپ كېتەر ئارمانسىز،
ئۈشبۇ ئايدا ساپ كۆڭۈل بولۇپ كېتەر غۇبارسىز،
قىيامەتتە ئاسانلىق بىرەر بىزگە رامىزان.
ھەقتىن قورقۇپ ياشايلى ئادا قىلىپ پەرزنى،
ئۇلۇغ رەببىم ئالدىدا تولۇق تۆلەپ قەرزنى،
بەرسۇن بىزگە ھىدايەت، ئىمان ھەمدە سەۋرنى،
ياخشى پۇرسەت بىزلەرگە بۇ ئۇلۇغ ئاي رامىزان.
شۇڭا دوستۇم ئېيتارمەن تولۇق تۇتۇپ ماڭغايسىز،
قورقۇپ يۈرمەي جاپادىن ئىماندا چىڭ تۇرغايسىز،
ئىنسان مەڭگۈ ياشىماس، بۇندا مەڭگۈ تۇرمايسىز،
ئاخىرەتتە مەھشەردە، بىزگە ھەمدەم رامىزان.
كەمىنە قەلىمى، قوبۇل ئەتكەيسىزلەر.....