مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1280|ئىنكاس: 56

مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79738
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرقىسىم قىزلار مۇھەببەتلىشش جەريانىدا ياكى يىگىتلەر ئالدىدا ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ .

نەتىجىدە بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى كۆپىنچە يىگىتلەر ئۆزى قوغلاشقاننى ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىگە ئارتۇقچە يېقىنچىلىق قىلغان قىزلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش، كىيىنىش قاتارلىق تەرەپلىرىگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن تۆۋەندە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا تۇرغان قىزلارنىڭ دىققىتىگە 40 خىل ئۇسۇلنى سۇندۇم . بۇ سىزنىڭ مۇھەببەتتىكى ئۆز ئىززىتىڭىزنى ، ئابرويىڭىزنى ساقلاشتىكى «قىبلىنامە» بولۇپ قالغۇسى .


1 - سىزگە ئېتىبار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ ، چۈنكى سىزگە كۆڭۈل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يۈرۈش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۈچۈن مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ئەخمەقلىق بولىدۇ .
2 - ھەرقانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۈچۈن ئازابلانماڭ ، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ . بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇ ئەرزىمەيدۇ ، چۈنكى بەكرەك ئازابلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز . شۇڭا ئازابلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ ، خۇشال ياشاشنى بىلىڭ .
3 - ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ ، سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز .
4 - ئەگەر يىگىتىڭىز سىزگە :‹‹ ئايرىلىپ كېتەيلى ! ›› دېسە ، ھەرگىزمۇ كۆز يېشى قىلىپ يۈرمەڭ ، غەيرەتلىك بولۇڭ- دە ، كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹ خوش ! ›› دەڭ .
5 - ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، ئۆزىڭىزگە مۇئامىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن ،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ .
6 - ھەركۈنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ ، كۈلۈمسىرەپ چىقىڭ .
7 - يىگىتىڭىز ئۈچۈن كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ .
8 - بەدەن شەكلى ۋە چىرايىڭىزنى ئاسراشنى بىلىڭ .
9 - تاماكا چەكمەڭ ، ھاراق ئىچمەڭ ، قىمار ئوينىماڭ .
10 - ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسىمۇ ، شۇنى باھانە قىلىپ قاۋاقخانلارغا بېرىپ يۈرمەڭ . يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
11 - ھەرگىز يالغان ھېسياتتا بولماڭ ، بۇنداق قىلىش يۈرىكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ .
12 - ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يۈرۈڭ ، بىراق ئاياغنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز بولۇپ كەتمىسۇن .
13 - يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى ‹‹ ياخشى كۆرىمەن ›› دېگەن ئىنساننىڭ نېمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ .
14 - ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى تاللىغاندا كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ . ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا ئايرىلىپ كېتىڭ . سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ . بۇ ئىككىڭلار ئۈچۈن ياخشى .
15 - يىگىتلەرگە قول كۆتۈرمەڭ . چۈنكى بىرىنچىدىن ، سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز . ئىككىنچىدىن ، سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ ... شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى .
16 - دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلىڭ . بۇ سىزنى ناھايىتى ئۈمىدلىك ۋە روھلۇق قىلىدۇ .
17 - دائىم تەملىك گۈل چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاب كۆرۈپ ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
18 -ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ . ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى . ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۈستى -بېشىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ .
19 - سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىتنىڭ سوۋغىسنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ .
20 - بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۈڭ .
21 - ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز ؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
22 - ئۆزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەڭسىزلىك بولىدۇ ھەمدە ھېسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ .
23 - سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىت ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھېسياتىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىڭىز لازىم .
24 - ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ . خىزمەت بەلكىم سۆيگۈدەك يۈرىكىڭىزنى تىترىتەلمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىدۇ ، تۇرغۇدەك ئۆيگە ئىگە قىلىدۇ . بىراق مۇقىملاشمىغان سۆيگۈ سىزگە بۇلارنى بېرەلمەيدۇ .... شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ .
25 - ئىللىق كەيپىياتنى ساقلاشنى بىلىشىڭىز كېرەك . قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز لازىم .
26 - قولدىن بېرىپ قويغان ياخشى يىگىت ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ كەتمەڭ ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئاش بولمايدۇ ، كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىپ يەنە بىرنى ئىزدەڭ .
27 - كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن ، ئۈستى-بېشىڭىزدىن ئاياللىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن .
28 -ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس . ئۇ چوقۇم سىزدىن باشقا يەنە بىر قىز بىلەنمۇ شۇنداق قىلالايدۇ .
29 - تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ياكى ئاياللار بايرىمىدا سىزگە گۈل سوۋغا قىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك يوق ، سىز ئۆزىڭىز شۇ گۈللەرنى سېتىۋىلىپ سىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىڭىزغا سوۋغا قىلىڭ .
30- سىز ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
31 - سىز ئەلۋەتتە بىر يىگىتنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق بارلىق سۆيگۈڭىزنى ئۇنىڭ قوينىغا تۉكۈپ بەرمەڭ . چۈنكى ھاياتلىقتا ھاياتىڭىزنى سېلىپ بېرىپ سۆيگۈدەك يىگىت مەۋجۇتمىدۇ ؟........... شۇڭا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ . چۈنكى ئۆزىڭىزنى قەدىرلىگەندىلا ، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيسىز ..........
32 - ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ . ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىنكاس بولمىسا سىزمۇ قارا چىكىت ئۇرۇڭ .
33 - يالعۇزلۇق ھىس قىلسىڭىز ، دوسىتلىرىڭىزنى ئىزدەڭ ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ ، بازار چۆرگىلەڭ ، بىرگە تاماق يەڭ . يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ .
34 - ئەتىگەن سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەينەككە قاراپ،  ئۆزىڭىزگە ئىللىق بىركۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇماڭ .

35 - سۆيگىنىڭىزگە يىگانە مۇئامىلە قىلىڭ ، كۆپ كېمىگە دەسسىسىڭىز، كېمە ھامىنى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ .
36 - ئەگەر كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ يىغلىغىڭىز كەلسە ، ئىشەنچىلىك بىرنىڭ ئالدىغا بېرىڭ . ھەرگىزمۇ خالىغانلا بىرىنىڭ مۈرىسنى ئىجارە ئېلىپ يۈرمەڭ .
37 - بۇندىن كېيىن ئەقىللىق بولۇڭ ، يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىنى سوراۋەرمەڭ. ئۇ ياخشى كۆرسە چوقۇم تەبىئىي ھالدا دەيدۇ . سورىلىش ئارقىلىق بەرمەكچى بولغان جاۋابىدىن ئۇ مەغرۇرلۇق ھېس قىلىپ ، سىزگە ئېتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ .

38 - ئۆزىڭىزگە يارىشىملىق ، چىرايلىق ئۇخلاش كىيىمى سېتىۋىلىڭ ، بۇ كىيىم بەك رومانتىك بولسىمۇ مەيلى ............
39 - ئاتا - ئانىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ ، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى بىلدۈرۈڭ ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى يېنىك قىلىڭ .
40 - يىگىت سىزدىن چىن كۆڭلىدىن ئەپۇ سورىسا ، ئۇنى كەچۈرۈشنى بىلىڭ .كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن بۇ يىگىت سىزدەك بىر مېھىرلىك قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ .

حوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يېزا يۇلغۇنجاي كەنت
پايدىلانغان ماتىرىيال : شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ تۇزگەن«ھاياتلىق پىسخىك ساغلاملىق مەجمۇئەسى»
2012 - يىل 7 - ئاي 1 - كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-11 02:56 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 20 تېمىسى بەك ياخشىكەن!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3136
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 827 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9 - تاماكا چەكمەڭ ، ھاراق ئىچمەڭ ، قىمار ئوينىماڭ . قىزلارمۇ مۇشۇنداق قىلارمۇ؟

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77433
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما  يوللاپسىز ،داۋاملىق يوللاڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن.«تويدىكى ماتەم»تىمىسىدىكى ھىلىقى بەغەرەز قىزغا بالدۇررراق ئوقىتىدىغان گەپكەنتۇق بۇ تىمىنى.

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 2154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5401
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2604 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس . ئۇ چوقۇم سىزدىن باشقا يەنە بىر قىز بىلەنمۇ شۇنداق قىلالايدۇ .          بۇنىڭ ئاساسى 100% ئەمەس ..چۈنكى  بەزى ئەرلەر  ئايالى ياخشى بولماسلىق سەۋەبدىن سرتقا قارايدۇ ..ئۇلارمۇ بەختىمىنى تاپسامكەن دەيدۇ . شۇڭا بۇنداق ئەرلەرىنىڭ ھەممىسى بۇنڭدا دىيلگەندەك بولمايدۇ .  يەنە بەزى ئەرلەر بار بۇڭغا 100% چۈشىدۇ ..ئەمما بۇنداق ئەرلەر ئائلە قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئاشنا تۇتۇش ئۈچۈن قىزلارىنى قوغلشىدۇ ... شۇڭا پەرقلەندۈرۋلڭلا ھە ! ئائلسى بار ئەرلەرىنڭ سرتقا قاراپ قېلشى مۇقىم ئۇنىڭ ئەسكلكدىن دىرەك بەرمەيدۇ

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4426
تۆھپە نۇمۇرى: 1099
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
27 - كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن ، ئۈستى-بېشىڭىزدىن ئاياللىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن .

=================================================

دىققەت قىلىڭكى   :  ئۇياتلىق يەرلىرىڭىز  تۆكۈلۈپ  تۇرمىسۇن   .


كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11557
تۆھپە نۇمۇرى: 1411
توردا: 3303 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنش قىىممىتى بار تېمىكەن

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 229
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە كۆرگەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن؛

ئىللەت  تۇزەلمىسە  مىللەت  تۇزەلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 952
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ،ئەڭ ۋەھشى قۇل -مۇھەببەت قۇلى._ھېكمەتوف

بۇ يەرنى بىسىپ كىرىڭ!بىيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسستىتى ئەرەپ تىلى قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،تېلفۇن ئارقىلىق تىزىملىتىڭ!

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇنىڭ ھەممىسىگە رىئايە قىلدىغان قىز بولسا مەلۇم قىلىشىپ قويۇڭلار كەمىنە مىسرانىمدىكى كونا بويتاق



ئەگەر ھەممە قىىزلار مۇشۇنىڭدا دىيىلگىنىنىڭ 3تىن بىرگە رىئايە قىلالىسا ئۇيغۇر جەمىيىتىمىز بۇنچىۋالا بوپ كەتمەيتى

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش