|
|
|
|
نېمە نېمىدىن ياخشى
ئاڭلىغاندىن كۆرگەن ياخشى .يىغلىغاندىن كۈلگەن ياخشى .
بىلمىگەندىن بىلگەن ياخشى ،مەنىسىز ياشغاندىن ئۆلگەن ياخشى .
ئەلسىز سۈرگەن ھۇزۇرۇڭدىن ،ئەل ئوتىداكۆيگەن ياخشى .
ئۆزگە يۇرۇتتا شاھ بۇلغۇچە ،ئۆز يۇرتىنى سۆيگەن ياخشى .
كۈنلۇك ھەقتىن ئايلىق ياخشى ،گادايلىقتىن بايلىق ياخشى .
پىيادىدىن ئاتلىق ياخشى ،خاپىلىقتىن شادلىق ياخشى .
پايدا ئالغان يالغىنىڭدىن ،زىيان تارتقان راسمۇ ياخشى .
ئاڭلاپ ئەمەل قىلمىغاندىن ،ئاڭلىمىغان گاسمۇ ياخشى .
ئۇرالمىغان دەل توپكاڭدىن ،ئەپلىك چىققان پاسمۇ ياخشى .
ئۈنى چىقمىغان داپ -دۇتتاردىن ،داراڭلغان داسمۇ ياخشى .
مىنىتى بار زىياپەتتىن ،قۇرۇق ئىچكەن ئاشمۇ ياخشى .
باشقىلارنىڭ گۆھىردىن ئىلىكىڭدىكى تاشمۇ ياخشى .
تەپكەك قىرى ئارغىماقتىن ،خۇيى ياخشى تايمۇ ياخشى .
يۇرۇتمىغان چىرىغىڭدىن ،ئاسمابدىكى ئايمۇ ياخشى .
ئەندىشە بىلەن يىگەن ئاشتىن ،غەمسىز ئىچكەن چايمۇ ياخشى .
چاش ئال دىسە باش ئالغاندىن ،تۇسۇۋالغان «ھايمۇ »ياخشى .
تۇلغانغىچە پۇشايماندىن ،ئۆز ئۆزنى سۇرىغان ياخشى .
قىل ئالغۇچە پىتىر ناندىن ،سىخىيلارنى دۇرىغان ياخشى .
نىمىنى -نىمە يۇقىتىدۇ ؟
راست يالغاننى يۇقىتىدۇ ،ئۈمىدىسىزلىك ئارماننى يۇقىتىدۇ .
سامساق ھەسەلنىڭ پايدىسىنى يۇقىتىدۇ ،بىئەدەپ سۇرۇننىڭ قائىدىسىنى يۇقىتىدۇ .
ھەرىكەت ئاغرىقىنى يۇقىتىدۇ ،ھۇرۇنلۇق بارلىقىنى يۇقىتىدۇ .
خاپىلىق شادلىقىنى يۇقىتتدۇ ،سىردىشىش ياتلىقنى يۇقىتىدۇ .
ئىسىقى يۇق مەش كۆمۈرنى يۇقىتىدۇ،غەم -ئەندىشە ئۆمۇرنى يۇقىتىدۇ.
نېمە -نېمە بىلەن سەمىرىيدۇ ؟
مەمەدان گەپ بىلەن سەمىرىيىدۇ، پارىخۇر نەپ بىلەن سەمىرىيىدۇ .
قۇلۇلە نەم بىلەن سەمىرىيدۇ ،خىيانەتچى غەم بىلەن سەمىرىيىدۇ .
ماختانچاق پۇۋ بىلەن سەمىرىيىدۇ ،مەرگەن ئوۋ بىلەن سەمىرىيىدۇ .
مانتا ھور بىلەن سەمىرىيىدۇ .كۆنچى شور بىلەن سەمىرىيىدۇ .
ئاشلىق ،مىۋە يازدا سەمىرىيىدۇ، غاز ئۆردەكلەر سازدا سەمىرىيىدۇ .
ئىشەك توپىدا سەمىرىيىدۇ ، ياسانچۇق خوتۇن ئۇپىدا سەمىرىيىدۇ .
تاپاۋەت غەيرەت بىلەن سەمىرىيىدۇ ، بىكارچى غەيۋەت بىلەن سەمىرىيىدۇ .
ئىلىم پەن ھەق بىلەن سەمىرىيىدۇ، سىتىقچى نەق بىلەن سىەمىرىيىدۇ .
قىنى تورداشلار داۋامى سىلەرگە قالدى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 02:53 PM
|
|
|
|
|
|