篮球美女 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 09:37 AM
ۋاي خۇدايىمەي ............ئاۋۇ يولسىزنىڭ ئىشى بىلەن مانا ئە ...
ۋاسكىتبول گۈزىلى ئۈزىڭىزنى بىلىپ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يېزىڭ بولامدۇ؟ سىز مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمىمۇ؟ باشقىلارغا يازغان شەخسى ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ ئاسانلا خەۋەر تاپالايدىكەنسىز.
سىز دەۋاتقان ئۇچۇرنى يازغان باشقۇرغۇچى دەل مەن. تورداش115 غا يازغان ئۇچۇرنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى:
سىزنىڭ ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر ياسىغان يالغان پۇت –قول تۇرپاندا قېزىۋىلىندى دىكى يازمىڭىزدا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تېما يوللىغاندا ئىمكان قەدەر ئىجادىي تېمىلىرىڭىزنى يوللاڭ!
باشقا تور بەت ئەسەرلىرىنى يوللىغاندا شۇ ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پايدىلىنىش قىممىتى بار ئەسەردىن كۈندە بىرنى يوللىسىڭىز بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئەسەرلەرنى يوللىسىڭىز بىردەك ئۈچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ۋاقىپلانغايسىز.
مۇنبەر ھەرگىزمۇ ئەخلەتخانا ئەمەس. كومپىيوتىر ئالدىدىلا ئولتۇرۇۋېلىپ كۆرگەنلا ئەسەرنى چاپلاپ مۇنبەرگە يوللاۋېرىدىغان.
مەن تورداش ئەنۋەر115 نىڭ ئارقا بەتكە بىرلا ۋاقىتتا 10 دىن ئارتۇق كۆچۈرمە خەۋەرنى يوللىغانلىقى، كۆپلىگەن خەۋەرنىڭ مەنبەسى يوقلۇقى، ۋاقتى ئۆتكەن، قىلچىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يوقلۇقىنى بىلىپ يوقارقى ئۇچۇرنى بېرىپ، ئىجادى ئەسەر يېزىشقا ئۈندىدىم؟ بۇنىڭ نەرى خاتا؟
باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىدىن قانداقسىگە خەۋەردار بولغىڭىزغا تولىمۇ ھەيرانمەن. ياكى بارلىق تورداشلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدىغان ئالاھىدە ماھارەت سىزدە بارمۇ؟
تورداش ۋاسكىتبول گۈزىلى: مۇنبەرنى ئۆزىڭىزنىڭ چ چ سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋالماي تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يېزىڭ! ئارتۇقچە ئىشقا ئارلاشماي ئۆز ئىشىڭىزنى قىلىڭ! يەنە مۇشۇنداق ئىنكاس يازسىڭىز كەمىنە سىزنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-6 01:20 AM