كۆك ئاسمان جىلغىسى
توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنى بويلاپ غەربكە 40نەچچە كىلومېتر ماڭغاندىن كېيىن، كۆك ئاسمان جىلغىسى دەپ ئاتالغان بىر جىلغىغا يېتىپ بارىمىز. جىلغىنىڭ ئىچىدىكى يول ئەگرى-بۈگرى، ئېگىز-پەس بولۇپ، كەڭلىگى تەخمىنەن1مېتردىن 20مېترغىچە كېلىدۇ. بۇ جىلغىغا ياز پەسلىدە كەمدىم-كەم ئۇچرايدىغان كەلكۈن كېلىپ تۇرىدۇ. تاغ چوققىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋان شەكىللىك تاشلارنىڭ ھوزۇرلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى، جىلغىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى سىرلىق تاشلارنىڭ شەكلى غەيرى بولغاچقا كىشىنىڭ قورققىسى كېلىدۇ.
جىلغىنىڭ ئىچىدە بىر قەدىمكى يول بار بولۇپ، بۇرۇن بۇ يول ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن باي ناھىيەسى ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، ھەتتا خوتەنگە بارىدىغان سودا كارۋانلىرى يولى بولۇپ قالغان. ئەينى زاماندا كارۋانلار ئاتقا يىمەكلىك، ماي قاچىلانغان كۈپنى ئارتىپ بۇ يولدىن ئۆتكەنلىگى ئۈچۈن، بۇ يول يىمەكلىك ماي توشۇيدىغان ئاتلىق كارۋانلار يولى دەپ ئاتالغان. كۆك ئاسمان جىلغىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا 4كىلومېتر كېلىدىغان جايدا توغراق ئېقىن قەدىمكى قەلئەسى، توغراق ئېقىن مىڭئۆيى، تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە تاجىكقورو قەدىمكى ئۆتىڭى قاتارلىق خارابىلىقلار توپى بار. توقسۇ ناھىيىلىك كۆك ئاسمان جىلغىسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى كۆك ئاسمان جىلغىسىدا 22ئۇرۇندا تىك قىيانىڭ بارلىقى، ئەڭ ئېگىز قىيا تاشنىڭ ئېگىزلىگىنىڭ 20مېترغا يىتىدىغانلىقى، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۈستىگە چىقماقچى بولسا چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان. جىلغىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى ئېدىرلىقتا ئۇرۇش مەيدانىدا بىرونۋىك ماشىنىنىڭ چاقى بىلەن بېسىپ قالدۇرغان ئىزىغا ئوخشايدىغان چاق ئىزىنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. جىلغىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ بىر كىلومېتىر يول ماڭغاندىن كېيىن، تاشتىن ئابىدە بولغان ئىككى دانە يولۋاسنىڭ ئاغزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان دەرۋازا كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ يەردىكى تاشلار يېمىرىلىش نەتىجىسىدە شەكلى راست يولۋاسنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان قىياپەتنى شەكىللەندۈرگەن، ئىككى تەرەپتىكى يولۋاسنىڭ ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ ئۆتكۈر چىشىنى چىقىرىپ تۇرغان قىياپىتى كۆرىنىدۇ. يەنە ئىچىكىرىلەپ ماڭساق تاش ئاستىدىن سۇ چىقىۋاتقان جايغا يىتىپ بارىمىز. جىلغىنىڭ ئىچىدە تاش ئاستىدىن سۇ چىقىۋاتقان خېلى كۆپ جاي بولۇپ، بۇ يەر ياز كۈنلىرى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن.جىلغىنىڭ مەنزىرىسى غەلىتە، تاغ چوققىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولغاچقا، ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ شەكلىگە ئوخشاپ قالغان تاشلار تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ كارامىتىنىڭ يالدامىسى بولغانلىقتىن، ناھايىتى يۇقىرى ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
تېتىر ئويمانلىقى
توقسۇ ناھىيە بازىرىدىكى دۆلەت يولى314-لىنىيەسىدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ 830كىلومېتىرلىق جايغا كىلىپ، ئاندىن شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ، بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن چۆلتاغنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان تېتىر ئويمانلىقىغا يېتىپ بارىمىز. تېتىر ئويمانلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەنۇبتىن شىمالغا 1كىلومېتىردىن 5كىلومېتىرغىچە، شەرقتىن غەربكە 24كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 64كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئويمانلىق چۆلتاغدىكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ ھەركەتلىنىشىدىن شەكىللەنگەن پۈرۈلمە بەلۋاغ ئويمانلىقى بولۇپ، ئويمانلىقتىكى چېچىلىپ ياتقان مىس رودىلىرىدىن بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ مىس رودىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇش سالماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا 3 ئورۇندا مىس ئېرىتىش خارابىلىقى بار بولۇپ، قارىغاندا ۋەيران بولغىنىغا نەچچە يۈز يىللار بولغان بولۇشى مۇمكىن. توقسۇ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تېتىر ئويمانلىقىدا يەنە بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئىپتىدائى ئېكولوگىيىلىك تەبىئىي مەنزىرە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى گىرۋىكىدە كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان قۇرغاق رايونلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيىلىك مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا تېتىر ئويمانلىقى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە.
تېتىر ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئەسلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاساسى جەھەتتىن ساقلاپ كەلگەن. تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغ بىلەن ئورالغان بولغاچقا ئادەم ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئويمانلىقنىڭ ئىچى تىپىك تىندۇرما تۈزلەڭلىك بولۇپ، كەلكۈن سۈيى ئويمانلىقنى شەرقتىن غەرپكە كېسىپ ئۆتكەن. ئويمانلىققا يىغىلىپ قالغان سۇلار بۇ يەردە كۆپ قېتىم ياققان يامغۇر سۈيىدىن شەكىللەنگەن. توقسۇ ناھىيەلىك ئېكىسكۇرسىيە ئەترىتىدىكى سۇچىلىق خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، ئويمانلىقتىكى ئەڭ كۆپ سۇ يىغىلىپ قالغان كۆلەم 10كۇۋادرات كىلومېتىر، توپلانغان سۇ مىقدارى 4-5 مىليون كۇپ مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى كەلكۈن چۆكۈندىسى، لاي-لاتقىلارنىڭ تەسىرىدە ئويمانلىقتىكى توپىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ، كۈلرەڭ سېرىق، قىزىل، قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ ئۇششاق قۇم ۋە يېپىشقاق توپا بولۇپ شەكىللەنگەن. ئېيتىشلارقا قارىغاندا تېتىر ئويمانلىقى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن باي ناھىيىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆك ئاسمان جىلغىسىدىن ئۆتۈشكە تىگىشلىك يول ئىكەن. 2006-يىلى يازدا توقسۇ ناھىيىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىر قېتىملىق ئىكىسپىدىتسىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، بۇ سىرلىق رايۇنغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئەھۋاللارنى ئىگەللىدى.
قىزىل ئېقىن جىلغىسى
قىزىل ئېقىن جىلغىسى
توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنى بويلاپ غەربكە قاراپ 860كىلومېتىرلىق جايغا بېرىپ، شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چەكسىز كەتكەن بىر چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، يەنە ئازراق ماڭساق قىزىلئېقىن جىلغىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىتىپ بارىمىز. قىزىلئېقىن جىلغىسى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارلىقى 76كىلومېتىر بولۇپ، بۇ جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر بىپايان تۈزلەڭلىك كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇ يەردە جىگدە، يۇلغۇن، يانتاق، ئاق سۆكسۆك، ئاق تىكەن، قارا تىكەن، قۇمۇش قاتارلىق ئىگىز ئۆسكەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بار، يەنە ئاقبوغۇز، بۆكەن، ياۋا توشقان، ياۋا توخۇ، ياۋا ئۆردەك، قارچۇغا، قۇرغۇي، لاچىن، تورغاي، قالغاچ، قۇچقاچ قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئەركىن يايراپ يۈرۈيدۇ ۋە پەرۋاز قىلىدۇ.
قىزىلئېقىن تەبىئىي ياۋا ئۆردەك كۆلى
قىزىلئېقىن تەبىئىي ياۋا ئۆردەك كۆلى
توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن دۆلەت يولى 314-لىنىيەنى بويلاپ غەرپكە قاراپ 30كىلومېتىر يول ماڭغاندىن كېيىن، جەنۇپ تەرەپكە بۇرۇلۇپ، 7كىلومېتىر ماڭساق قىزىلئېقىن تەبىئىي ياۋا ئۆردەك كۆلىگە يېتىپ بارىمىز. بۇ كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى دائىرە10مىڭ موغا يېقىن كىلىدۇ، كۆل ئەتراپى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئورالغان. كۆل ئىچىدە نۇرغۇن قومۇشلار ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، كۆلدە ياۋا ئۆردەكلەر توپ-توپ بولۇپ ئۈزۈشۈپ يۈرۈيدۇ، قىزىلئېقىن تەبىئىي ئۆردەك كۆلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى تەبىئىي ھەم ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ساياھەت قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي ھېساپلىنىدۇ.
توقسۇ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنى ئېچىش نوقتىسىدىن قارىغاندا، كۆك ئاسمان جىلغىسى تەبىئىي مەنزىرە بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت بىر گەۋدە قىلىنغان مەنزىرگاھ بولۇپ، ئېچىش، تەتقىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى، نۆۋەتتە ناھىيىمىز كۆك ئاسمان جىلغىسى، تېتىر ئويمانلىقى ۋە قىزىلئېقىن جىلغىسىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئېچىپ، ئۇنى چارلاش ساياھەتچىلىگى ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مەنزىرە ساياھەت رايونىغا ئايلاندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ
.
كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى