مەن تۆت قېتىم سېتىۋالغان كىتاپ
كۇندۇلۇك پائالىيتىم ئىچىدە كىتاپ ئوقۇش، مەن ئەڭ ياقتۇردىغان ئىشلارنىڭ بىرى، كىتاپ ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى يىڭى مەزمۇن، يىڭى ئىدىيە، يىڭى بىلىملىرى بىلەن سىزنى يىتەكلەپ بۇرۇنقى ھالىتىڭىزغا ئوخشىمايدىغان يىڭى بىر سىزنى قايتا ياساپ چىقىدۇ، بۇ جەيران يىڭنىدە يەر كولىغانغا ئوخشاش جاپالىق، ئاستا بۇلىدۇ، لىكىن سىز بۇنىڭ جاپالىقلىقىدىن لەزەتلىنەلەيسىز، ئاستىلىقىدىن ھەر كۇنى يىڭىدىن تۇغۇلىسىز، ئۆزىڭىزنى چۇشۇنۇشكە نۇرغۇن ۋاقىت ئاجىرتالايسىز. ئەمدى مەقسەتكە كىلەيلى، يېقىندا قولۇمغا بىر كىتاپ چۇشۇپ قالدى، كىتاپنىڭ ئىسمى ‹‹باشقىلاردىن ئۇستۇن تۇرۇشنى خالامسىز›› بۇلۇپ، ئامىركىلىق جامىس، ك، ۋان فلېت يازغان ئىكەن، بۇ كىتاپ 2003-يىلى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ ھازىرغىچە كىتاپخانىلاردا توپا بېسىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. مەندە باشقىلاردىن ئۇستۇن تۇرۇش، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دىگەنلەرگە بولغان كۇچلۇك ئېنتېلىش بولغاچقىمىكىن كىتاپنى سېتىۋىلىپلا ئوقۇشنى باشلاپ كەتتىم، ئوقۇغانسىرى بۇ كىتاپنى نىمىشقا بۇرۇن كۆرمىگەندىمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ، بۇنداق ياخشى كىتاپنىڭ كىتاپخانىلاردا توپا بېسىپا تۇرۇپ قالغانلىقىغا ئېچىندىم. بۇ كىتاپتا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەردە دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ كارخانا باشقۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تەپسىلى يېزىلغان بۇلۇپ ئادەتتكى ئادەم ياكى بىر كىچىك خىزمەتچى ۋە ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولسۇن چوقۇم بىر ئوقۇپ بېقىشقا تىگىشلىك، ياق، چوقۇم ئىشخانىسىدىكى ئىشكابىغا سېلىپ ساقلىشى، بىكار قالسىلا ئېلىپ كۆرۇپ قويىشى كىرەك ئىكەن دەپ ئويلىدىم، تورلاردا ئېغىزىنىڭ بىر قات تېرىسى چۇشۇپ كەتكۇچە ماختاپ كەتكەن ‹‹كارخانىنىڭ بازار تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىسىز›› دىگەندەك ناملاردىكى ماتىرياللارنى 300يۇەندىن سېتىۋىلىپ 1موچەنلىك پايدىسى بولمىغىنىدىن خەجلىگەن پۇلۇمغا ئېچىپ ئاغىرىپ كەتتى. ‹‹باشقىلاردىن ئۇستۇن تۇرۇشنى خالامسىز››دىگەن كىتاپقا بولغان ئىشتىياقىم ۋە ئەتىراپىمدىكى كارخانچى تاغىلىرىمنىڭ باش قېتىنچىلىقلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىپ دەرھال بىرىپ يەنە 3نى سېتىۋالدىم ۋە جەمەتىمىزدىكى كارخانچى تاغىلىرىمنىڭ ھەر بىرىسىگە بىردىن ھەدىيە قىلدىم. مانا بۇگۇن تورداشلارغىمۇ بۇ كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇلۇپمۇ كارخانچى دوسلارنىڭ بۇ كىتاپنى كۆرۇپ بېقىشىنى، ئەتىراپىدىكى ھەرخىل مەسىلىلەرنىڭ ئەسلى تۇگۇنىنى تېپىپ مەسىلىلەرنى تۈپ يېلتىزىدىن ھەل قېلىۋىتىشىنى كارخانسىىنى تەرەققىي قىلدۇرشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. بۇ كىتاپنى كۆرگەندىن كىيىن شىرخان بازار تىجارەت مەسلىھەتچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇچەپ تەرغىپ قىلىپ توردا 300يۇەندىن ساتقان كىتابىنىڭ مۇنۇ 19يۇەنلىك كىتاپنىڭ ئالدىدا دۇم يېتىپ يېغلايدىغانلىقىغا سىزمۇ گۇۋاچى بۇلىسىز. ‹‹باشقىلاردىن ئۇستۇن تۇرۇشنى خالامسىز›› دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ بېقىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى رەقىبىڭلاردىن ئۇستۇن ئۇرۇندا تۇرىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەنبەسى: ئاشىن 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۇنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-10 07:18 PM
|