مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4279|ئىنكاس: 71

قانۇن بايلارغا بىرخىل ، ئاددى پۇقرالارغا بىرخىل ھوقۇق يۈرگۈزەمدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:35:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام .بارلىق تورداشلار . بۇئىش ھەققى يۈزبەرگەن ۋەقە. قېير يېزىسى بولسا باي ناھىيسگە قارايدىغان بۇلۇپ ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى 110كىلومىتىر ،قاتناش تەرەققى قىلمىغان بىر جاي.بۇ يەردە بىرلا دوختۇرخا بۇلۇپ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئىشلىرمۇ ئارقىدا ئىدى. ئۆتكەن يىلى يەنى 2011يىل 12ئاينىڭ 4كۈنى بىر بىۋاپا جان تېخى 18گىمۇ كىرمىگەن خانزۆھرە مۇشۇ جايدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى . خانزۆھرە ئالەمگە ئۈتۈشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن قېير يېزسىدىكى بىر دورا دۇكىندا داۋالىنىش ئۈچۈن ئۇكۇل ئۇردۇغان.<<چۈنكى يېزدىكى ھۈكۈمەت دوختۇرخانىسنىڭ داۋالاش ئىشلىرىمۇ ئادەتتىكچە ،ئۇنىڭ ئۈستگە رەسمىيەتلىرى بەك مۇرەككەپ بولغاچ ھەمدە يېزىدىكى دىھقان -چارۋىچىلار دوختۇرخانىدا يېتىشقا كۈنۈك ئەمەس  >> . ئەسلى ئادەتتكى ئاغىرىق . شۇ دورىخانىدا ئۇكۇل ئۇردۇرۇپ <<ئەسلى بۇ دۇرىخاننىڭ ئۇكۇل ئۇرۇش ،داۋالاش كىنشكىسى يوق>> 3كۈندىن كىيىن باشلىرى قاتتىق ئاغىرغان . شۇنىڭ بىلەن دورىخانا خوجاينى بىمارنى دەرھال ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭلار دىگەن. نەتىجىدە بىچارە خانزۆھرەنىڭ ئاتا -ئانسى بىر ماشننى كىرا قىلىپ ناھىيە ئاتلاپ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئاپارغان. ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا 3كۈن جىددى قۇتقۇزغان بولسمۇ <<مىڭسى ئېغىر دەرىجىدە ئۇكۇلدىن زەھەرلەنگەن.>>ئامال قىلالماي بىۋاپا جان بارلىق دەرىت ھەسرەتنى ئاتا-ئانسىغا قالدۇرۇپ ئۇ دۇنياغا  سەپەر قىلغان. ئۇلار ئەتگىنى خانزۆھرەنىڭ جەستىنى ئېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىدا دەسلەپتە داۋالانغان دورىخانىنىڭ خوجايننى بۇ دوختۇرخانىدا كۆرگەن. ئەسلى ئۇلار ئالدىنقى كۈنى خانزۆھرە قازا قىلغاندىن كىيىن يۇرۇتتكى يىراق -يېقىنلارغا خەۋەر قىلغانكەن. ئۇ دورىخانا خوجاينى خانزۆھرەنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئۆلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن 300نەچچە كىلومىتر يول بىېسىپ ماشىنا كىرا قلىپ كىچىدە بېرىپ بولغانكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ساۋاتسىز ئاتا -ئانا قىزنىڭ جەستىنى ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا دوختۇرلاردىن قىزنىڭ ئۈلۈش سەۋەبىنى چىقىرىپ بىرىشنى ئېيتىپتۇ .ئۇلار 1ھەپتىدىن كىيىن نەتىجىسى چىقدىغانلىقنى ئېيتىپ ئۇلارنى يولغا ساپتۇ. شۇ كۈنى كەچ 3يېرىملار بىلەن ئۇلار ئاقسۇدىن قايتىپ كەلدى. ھەمدە بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ چۈشتى . خانزۆھرە بىلەن بىز نەۋرە ئىدۇق. بىرەرسائەتلەر يىغا زارە بىلەن قانداق قىلىش توغۇرلۇق مەسىلىھەتكە چۈشتۈق .ھەمدە ھەر ھالدا بىر جان،بىر ئادەم  بولغاندىن كىيىن دورا دۇكىنى خوجاينىغا ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى ئويلاشتۇق .تېلفون قىلساق ئۇلارمۇ كىلۋىتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن خانزۆھرەنىڭ ئاتا-ئانسى خانزۆھرەنى ئېلىپ كەتتى. ئاتام ، ھاممام -ئاتامنى سىڭلىسى ، يولدىشى ، يەنە بىر تاغام نەچچەيلەن بىزنىڭ ئۆيدە ئەتكى ئىشلارنى مۇزاكىرلەشتۇق. دورا دوكىننىڭ خوجاينى ئاكسى ھەم بىر ئاغىنسى ئۈچ ئادەم كەچ سائەت 9يېرىملار بىلەن ئۆيگە كەلدى. ئۇنىڭچە  تاماق ،گۆشلەرمۇ پىشقان(ئۈلۈم خەۋىرنى ئاڭلاپ باشقا يۇرۇتتكى ئۇرۇق تۇققانلارمۇ كەلگەن ئىدى.) ئۇلارنىمۇ شۇنداق چىرايلىق مىھمان قىلدۇق. ئاخىردا غۇلجىدىن كەلگەن تاغام ئېغىز ئاچتى . خانزۆھرە قانداقلا بولمىسۇن سىلەرنىڭ دورىخاناڭلاردا داۋالانغان. ھەم شۇ سىلەر ئۇرغان ئۇكۇل بىلەن ئادەتتكى زۇكام ئاخىرى باشقا چىقتى قانداق قىلىمىز؟ دورىخانا خوجاينى : ئەمدى مەن شۇ ئۇكۇللا ئۇرۇپ قويدۇم .باشقا ئىش قىلىمىدىم .
- ئەمسە يېرىم كىچە بىلەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا نىم دەپ باردىڭلار؟
- شۇ يەردە ئىشىم چىقىپ قالغان.
-شۇ دوختۇرخانىدىما؟ خانزۆھرەنى داۋالىغان دوختۇردىما ؟
- ياق كۈرۈشۈپ ئۈتەي دىگەن .
-ئەمسە خانزۆھرەنىڭ ئاتا -ئانسى بىلەن كۈرۈشمەي خانزۆھرەگە مەسئۇل دوختۇر بىلەن كۈرۈشۈپسىلەر بۇ نىمە ئۈچۈن.
- ----------------
بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن ئۇنىڭ ئاكسى ئاخىرى ئېغىز ئاچتى .ئەمدى بولدىغان ئىش بولدى . ھەممىز بىر يەرلىك . بەلكىم بۇ دورىخاننىڭ سەۋەنلىكىدۇ يا باشقا ئىشتۇ . بىزمۇ ئازراق تۈلەم بىرەيلى دىدى ئۆز ئاغزى بىلەن. تاغام دورىخانا خوجاينىغا قارىدى. ئۇمۇ شۇ بىزمۇ بايا يولدا كىلۋىتىپ شۇنى مەسىلھەتلەشكەن .شۇنداق بولسۇن دىدى ئۆز ئاغىزى بىلەن .<<ئىسىت شۇ چاغدا تېىلفونۇمغا ئاۋاز ئالدۇرۇپ قويغان بولسامچۇ >>شۇنداق قىلىپ خانزۆھرەنىڭ ئاقسۇدا نەچچە كۈن داۋالىنىش ھەم قىيىردىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھەققى بۇلۇپ 10نەچچە مىڭ يۈەن بۇلۇپتۇ. تاغام دىدى: ئەمدى بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۇل ئېلىش ئەمەس .ئەگەر پۇل ئېلىش بولسا بىر ئادەمنىڭ خۇننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى ئۈزۈڭمۇ بىلسەن. سەنمۇ داۋالاش كىنشكى يوق ئەھۋالدا بىمارنى داۋالىغانلىقنىڭ بۇلۇپ ئۇكۇل ئۇرۇش ئىجازىتىڭمۇ يوق ئۇكۇل ئۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن ،مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا ۋەيران بۇلۇپ كىتسەن. بوپتۇ . ھەممىمىز بىر يۇرۇتلۇقكەنمىز. ئەتە ئەتگەن مېيىت يەرلىككە قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى 20مىڭ يۈەن خانزۆھرەنىڭ ئاتا ئانىسغا ئاپرىپ بەر. بۇ پۇل 14مىڭى خانزۆھرەنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ،قالغىنى ئاقسۇغا ئاپىرىپ ئەكەلگىچە  كىرا ،ئاخرەتلىكىنى ئۇزۇتۇش ئىشى بولسۇن دىگەنتى .ئۇلارمۇ گەپ قىلمايلا قۇشۇلدى. شۇ چاغدا مەنمۇ بار ئىدىم .ھەمدە بىر كىشلىك تىلخەت يېزىپ بىرىشنى ئېيتقان بولساممۇ ئۇلار ئەتە پۇلنى بەرگەندە يېزىپ بىرىشنى ئېيتتى . بوپتۇ دەپ ھەممەيلەن تارقىدى. ئەتسى ئەتگەن مىيىت نامىزغا خانزۆھرەنىڭ ئۈيگە باردۇق. بىزنىڭ ئۆيدىن 8كىلومىتىر كىلەتتى. بېرىپ 7لەر بىلەن دورىخانا خوجاينى كەپتۇ.لىكىن ئۆيگە ئەمەس ئۆيدىن 200مىتىر يىراقلىقتىكى چوڭ يول تۈپسىدە تۇرۇپتۇ.قانداقلا بولمىسۇن بىر ئادەمنىڭ نامىزى نىمىشقا كىرمەيدىغاندۇ دەپ ئۇيلىدىميۇ  ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقدىن قولغا باشقا خىيال كاللامغا كەلمدى.بىردەمدىن كىيىن قانۇن دوختۇرىغا تىلفون قىلدۇق .ئۇلارمۇ ئىشقا چۈشكەندىن كىيىن ماڭدىغانلىقنى ئېيتى . باي ناھىيسىدىن قېير يېزىسغا كىلىشكمۇ 2سائەت كىتەتتى. بىردەم ساقلىدۇق. جامائەتمۇ سوغۇقتا پۇتلىرىنى تىپشتۈرۈپ تۇراتتى .بىردەمدىن كىيىن دورىخانا خوجاينى چوڭ يولدا تۇرۇپ تىلفون قىلىپتۇ. ھازىر بۇنچە پۇلنى جىددى تاپالمىغانلىقنى شۇڭا مۆھلەت بەرسە ،3كۈن ئىچىدە بىرىغانلىقنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جامائەتمۇ ئالىدىراپ قالدى. قانۇن دوختۇرىنى ساقلىمايلا دىگەن گەپ بۇيچە خانزۆھرەنى يەرلىككە قۇيۇشقا ئېلىپ ماڭدۇق. ئۇۋال بىر جان شۇنداق قىلىپ يەرلىككە قۇيۇلدى. قايتىپ كەلسەك بىز قەۋىرستانلىققا كىتىشىمىز بىلەنلا ھېلقى دورىخانا خوجاينى كىتىپتۇ. نەچچە كۈن .ئۆتتى .دۇنيا يەنە ئۆز ئىزىغا چۈشتى. خانزۆھرەنىڭ ئاتسى ھېلقى دورىخانا خوجاينىغا تىلفون قىلسا دىگەن گەپلەرنىڭ ھىچقايسى يوق. ئۆزىنى قاردىن ئاپپاق . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھىيگە دورا باشقۇرۇش ئۇرۇنغا يول ئاپتۇ.لىكىن بۇ يەرنىڭ باشلىقى ئۇلارنى دەسلەپ كىلىشتۈرۈپ قۇيۇش نامى بىلەن يولغا ساپتۇ. <<ئەسلى قىېير يېزسىدىكى دورىخاننى باي ناھىيسىدىكى بىر چوڭ دورا سودىگىرى ئاچقان ئىكەن.ناھىينىڭ ھەممە يېزىلىردا تارماق دۇكانلىرى بار ئىكەن.>> بىر ھەپتە ، ئىككى ھەپتە ،ئاخىر بولماي بۇلار يەنە دورا باشقۇرۇش ئورنىغا ،ۋە ناھىيدكى باشقا ئۇرۇنلار بېرىپتۇ .ھىچقانداق نەتىجە يوق . ئاخىرى بولماي سوتقا ئەرىز قىلىش باشلاندى. ئۇلار ئادوۋكاتنى ئۈرۈمچىدىن تاپقانكەن. لىكىن بۇ ئادۇۋكات دىگەنمۇ شۇنداق ئالدىراش بۇلدىكەن. 10مىڭ سوم پۇلنى ئېلىپ 2ئايدىن كىيىن بىر قېتىم بايغا كىلىپ ئەرىزنى بۇ ساۋاتىسىز دىھقانلارغا تاشلاپ بىرىپ ئالدىراش خوتەنگە مېڭىپتۇ. ئامال يوق ئۇلار ئۆزلىرى سوتقا ئەرىزنى قۇبۇل قىلدۇرغىلى بارغاندا ئەرىز قۇبۇل قىلغۇچى ئەرىزدىكى ئىسىملارغا قاراپ ئادۇۋكات بايلىق ئەمەسكەن. چۇقۇم بايلىق ئادۇۋكاتلارنى تېپپ ئەرىز قىلىڭلار دەپ ئەرىزنى قۇبۇل قىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە 2ھەپتە ساقلاپ ئادۇۋكات خوتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئەرىزنى ئۆزى ئاپرىپ بىرىپتۇ. <<نەدە شۇنداق ئادۇۋكات يەرلىك بولسۇن دەيغان قانۇن بار>>سوت 6ئايدا ئېچىلىپتۇ. لىكىن سوتتا ھېلقى ئەبلەخنىڭ نىمە دىگەنلىكىڭلارنى بىلگۈڭلار بارمۇ ؟ ئۇ ئېغىزغا كەلگىنچە ئۇلار مىنى تۇتقۇن قىلىپ 20مىڭ يۈەن ئالىمەن دەپ تۇتقۇن قىلغان دەپتۇ .توۋا ،گۆشلەر بىلەن بىر ئاكسى ھەم بىر ئاغىنسىنى ئۈچەيلەننى تەڭ مىھمان قىلغان تۇرساق. سوت  نەتىجىسى ئەدىليىلىك باھالتىڭلار دەپ ھۈكۈم چىقىرىپتۇ. لىكىن بىر ئاي بولدى تۆنۈگۈن بىلەن 9قېتىم ناھىيگە قاتراپ باھالىتىش پۇلنى تۈلىيەلمەيۋىتىپتۇ.  ئەدىليىلك باھالاش ئۈچۈن سوتقا پۇل تاپشۇردىكەن. لىكىن شۇ پۇلنى تۈلەيلى دىسە بىر بولسا كىينكى ھەپتە كەل ،بىر بولسا بۇغالتىر يوق دىگەندەك ئاساسسز سەۋەپلەر بىلەن يۈرۋىتىپتۇ. يەنە بىرى خانزۆھرە قازا قىلغاندا ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا ئاتا-ئانىسغا ئۈلۈم ئىسپاتى چىقىرىپ بىرىپتۇ .لىكىن كىيىن ھېلقى دۇرىخانا خوجاينىغا خانزۆھرە دوختۇرخانىدا ئۆلمىگەن دەپ ئىسپات چىقىرىپ بىرىپتۇ. لىكىن بۇنى ئاقسۇدىن قېيرغا ئەكەلگەن شۇپۇر ھەم دەسلەپكى دوختۇرخاننىڭ ئۈلۈم ئىسپاتى دەلللەپ تۇرۇپتۇ. مەيلى قانۇن ياكى ئەخلاق نوقتىسدىن ئىيتقاندىمۇ دوختۇرخانىنىڭ مۇشۇ قىلمشى توغىرىمۇ ؟
1-دورىخاننىڭ داۋالاش كىنشكسى ، ئۇكۇل ئۇرۇش كىنشكىسى يوق تۇرۇپ ئادەم داۋالىسا بۇلامدۇ؟
2- ھەرقايسى سوت رايونلىرنىڭ ئەرىز قۇبۇل قىلغاندا  ئادۇۋكاتنى چۇقۇم شۇ تۇرۇشلۇق جايدىن تاپىسەن دەيدىغان ئۇقتۇرىشى بارمۇ ؟
3- ئەدىليىلىك باھالاش ئۇرۇنلىرىنىڭ ھەرخىل باھانا- سەۋەبلەر بىلەن داۋاگەرنىڭ باھالىتىش ھوقۇقنى  قۇبۇل قىلماسلىققا بۇلامدۇ؟
4-قانۇن بايلارغا بىرخىل ، ئاددى پۇقرالارغا بىرخىل ھوقۇق يۈرگۈزەمدۇ؟ نىمىشقا ئاددى پۇقرالارنىڭ ئەرزى يۇقرى ئۇرۇنلارنىڭ ھىچ بولمىسا ھىسداشلىقىنمۇ قوزغىيالمايدۇ؟
ئىلاۋھە : مەزكۇر دورىخانا خوجاينى مۇشۇنىڭ بىلەن 2ئادەمنىڭ بېشغا چىققان. بەزىلىرىگە 5000مىڭ يۈەندىن 8000مىڭ يۈەنگىچە پۇل بەرگەن . مۇشۇنداق ساۋاتسىز دورىخانا خوجاينىلىرىنى جازالايدىغان جاي بارمۇ ؟دورا باشقۇرۇش ئورنىدى ئۇلارنىڭ دورىخانىسنى پىچەتلىگەنمۇ بولدى . .پەقەت ئۆزگەرگىنى بۇرۇن يولنى ئوڭ تەرپىدە ئىدى ھازىر قارشى تەرەپكە يوتكەلدى .ئۇلار ھازىرمۇ يەنە نورمال دورىخاننى ئاچماقتا خالاس . خانزۆھرەنىڭ ئاتا -ئانسى ھوقوقنى قوغداش يۇلىدا بالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 10نەچچەمىڭ يۈەن چىقىم قىلدى. بىر قىېتملىق ئاخىرلاش سوت ئۈچۈن 10مىڭ يۈەن ئادۇۋكاتقا تاپشۇرد ى. بۇلار قانچىلىك ۋاقتتا نەتىجىسى چىقىدىغانلىقنمۇ بىلمەيدۇ .قانۇننىڭ قانچىلىك ۋاقتىتا بۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلىدىغانلىقنمۇ بىلمەيدۇ . بىلدىغىنى پەقەت بالا پىراقى ۋە قانۇننىڭ ئادىللىقى ،ھەم بۇندىن كىيىن شۇ بۇرۇن يۈز بەرگەن داۋالاش ھادىسغا <شۇ دورىخاننىڭ> ھەم بۇندىن كىيىن يۈز بىرىدغان ھادىسلەرگە خاتىمە بىرىش!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-12 11:34 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 10 ھەئە
bayhenim + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11134
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2787 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىش دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ . چەتئەللەردە ، ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ ، خېلى چوڭ-چوڭ نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلسا . شۇنىڭمۇ سۇئال-سۇرىقى بولىدىكەن . ھەي ، جوڭگۇچىلىق.............!
مۇنبىرىمىزدىكى ئادۋۇكاتلار قانداق قارايدىكىن .........!

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

سۈبھى ئادۋوكاتل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59026
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7987
تۆھپە نۇمۇرى: 1638
توردا: 1251 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:10:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قانۇن مەيلى باي بولسۇن  ياكى كەمبەغەل بولسۇن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر(ئاساسى قانۇن). گەپ سىزنىڭ قانۇن قۇرالىدىن قانداق پايدىلىنىشىڭىزدا.  باينىڭ ئادۋوكاتى بولسا قۇبۇل قىلىنىدۇ دىگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق. قانۇن تەرتىپ بويىچە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا 7كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىدۇ. ياكى دىلونى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى دىلونى قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا ئاساسىنى كۆرسىتىپ دىلو قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا كىسىم چىقىرىدۇ.  كىسەللىك تارىخنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورۇنلىرىغا تەكشۈرۈتمەپسىلەر ۋە ياكى يەرلىك سەھىيە تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلماپسىلەر. مىنىڭچە ئۈرۈمچىدىن ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان بولساڭلار ھوقوق-مەنپەئىتىڭلارنى قۇغدىغىلى بولىدۇ.

سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!
قانۇن سىزنىڭ مەنپەتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ھەقسىز قۇغدىمايدۇ ،سىز بەدەل تۆلەش ياكى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقىڭىزنى قۇغدىشىڭىز كىرەك.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1703 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:12:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلى بارنىڭ گېپى چوڭ ھازىرقى زاماندا بىچارە ئاتا ئانىغا بوپتۇ با بوغۇلۇق بۇ ئىشلارغا نىمە دىيشىمنى بىلمىدىم جۇما ھازىر

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يەرلىك سەھىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلىپ ئەرزىيەت تەرتىۋى بۇيىچە مېڭىش كىرەكتى . ھېلىھەم سىناپ بېقىڭلار . شۇنداق قىلسىڭىز ئاسانراق بۇلاتتى . ياكى مىسرانىمدا جامائەت پىكرى تەشكىلللىسەك بۇلامدىكىن ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

سۈبھى ئادۋوكاتل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59026
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7987
تۆھپە نۇمۇرى: 1638
توردا: 1251 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۈرۈمچىدە داۋالاش ھادىسىلىرىنى باھالايدىغان ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورۇنلىرى بار. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەتە كىلىڭ، بوغالتىر يوق دىگەندەك گەپلەرنى قىلمايدۇ. گەپ قانۇن قۇرالىدىن قانداق پايدىلىنىشتە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adwokatsubi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 07:15 PM  


سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!
قانۇن سىزنىڭ مەنپەتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ھەقسىز قۇغدىمايدۇ ،سىز بەدەل تۆلەش ياكى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقىڭىزنى قۇغدىشىڭىز كىرەك.

سۈبھى ئادۋوكاتل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59026
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7987
تۆھپە نۇمۇرى: 1638
توردا: 1251 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 07:14 PM
يەرلىك سەھىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلىپ ئەرزىيەت تەرتى ...

  ئەرزىيەت يولىدا ماڭسا نەچچە يىلدا ئاندىن ئايىغى چىقىدۇ ياكى چىقمايدۇ. قانۇن يولى ئارقىلىق، قانۇن تەرتىپ بىلەن ماڭسا ياخشى. چۈنكى قانۇن تەرتىپتە ئىنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ ۋاقىتقا چەك قويۇلغان. ئەرزىيەتتە بىرەر ئون يىل ماڭسىمۇ بولىدۇ، مۇقىم چىكى يوق. باسۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.  سەھىيە تارماقلىرىغا داۋالاش ھادىسىسىنى باھالاش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلسىلا بولىدۇ.

سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!
قانۇن سىزنىڭ مەنپەتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ھەقسىز قۇغدىمايدۇ ،سىز بەدەل تۆلەش ياكى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقىڭىزنى قۇغدىشىڭىز كىرەك.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29867
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5484
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن ئىنتايىن  مۇكەممەل ......

ئەمما قانۇننىڭ شۇ يېزا ناھىيەلەرگە سىڭىپ كىرىشى يىتىپ بېرىشىدا يۇچۇق بار..مېنىڭچە ئەمدى جىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق..

ئەگەر سىز بۇنىڭغا قايىل بولمىسىڭىز،نارازى بولسىڭىز   چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئەرز قىلىڭ ..قانۇن ئادىل سىلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەق ناھەقنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغان سوت ،ئادۇۋكاتلارنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 07:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
adwokatsubi يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 07:10 PM
قانۇن مەيلى باي بولسۇن  ياكى كەمبەغەل بولسۇن ئوخشاش م ...

شۇ قازا قىلىپ بولغاندىن كىيىن يەرلىككە قۇيۋىتىپلا  تۈگتىپتۇ. بۇ دىھقان خەق ئەدىليىلىك باھالاش دىگەننى چۈشەنمىسە، سەھىيە ئىدارسىغا بارسا شۇ دورا باشقۇرۇش -نازارەت قىلىش ئورننى كۆرسىتىپ قۇيۇپتۇ. ئادوۋكاتنىڭ دىيشچە بۇ دىلودىكى جاۋاپكار گەرچە بىر بولسمۇ چاتما جاۋاپكارلار بەكلا كۆپ ، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىمۇ كىسەللىك تارىخى دىگەندەك نەرسىلەرنى دەل ۋاقتىدا تەمىنلىمگەن ،سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ بۇ ئشنى ئۆز ۋاقتىدا ھەم كىيىن بولسىمۇ ھىچقانداق توغرا ھەل قىلىش توغۇرۇلۇق ئىشلارنى قىلمىغان، ناھىيلىك سوت، ھەم قانۇن دوختۇرلىرىمۇ ئىشنى كەينىگە سۆرىگەن. بۇ دىلو يۇقىرى سوتتا ھەل بۇلشى مۇمكىن ،ناھىيلىك ، ۋىلايەتلىك سوتلاردا ھەل بۇلشى تەس دىگەن ئوخشايدۇ.ئۆتكەن ھەپتە بارسام ھاممام ھەم يولدىشى قارىداپ ،ئۇرۇقلاپ بىرخىللا بۇلۇپ قاپتۇ. ئارتۇق گەپ- سۆزلىرىمۇ يوق .بىرخىللا .ئىچىم ئاغىرىپ ئۇلارنىڭ ئىشنى تورغا يوللىدىم .مىنىڭ يا قۇلۇمدىن باشقائىش كەلمەيدىكەن. ھاممامنىڭ يولدىشى مەن بارغاندا تۇيۇقسىزلا : يا قانغا قان ، جانغا جان ئالىمەن .شۇ چاغدا مىنى ئاتسىمۇ مەيلى دىگەنتى ،ئۆيدىكلەر نەسھەت قىلىپ تۇرۋاتىدۇ. بالىنىڭ دەردىمكىن بەكلا مىسكىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
adwokatsubi يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 07:15 PM
ئۈرۈمچىدە داۋالاش ھادىسىلىرىنى باھالايدىغان ئەدىلى ...

ئەدىليىلىك باھالاش ئۇرۇنلىرىنى ناھيىدىن يۇقرى ئۇرۇنلاردىن تەڭلىپ قىلسا بۇلامدۇ ياكى شۇ ناھىيدىكى ئەدىليىلىك باھالاش ئۇرۇنلىرى تەكشۈرەمدۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش