مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4157|ئىنكاس: 50

ھەرگىز پايپاق سوغا قىلما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 03:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز كۇلۇپتا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئىدۇق. بىز دىگىنىم مەنسەپدار ئاسىم بەي ھەمدە مەنسەپ پەشتىقىغا ئەمدىلا قەدەم بىسىۋاتقان كەمىنە ئىدى.
-ئاڭلىسام سېنى ئۆيلەنمەكچى دەيدىغۇ؟-دەپ سورىدى شېرىكىم.مەن ئۈندىمەي بىشىمنى لىڭىشتتىم.
-ساڭا پەقەت بىرلا مەسلىھەتىم بار. خوتۇنۇڭغا قەتئىي قىممەت باھالىق پايپاق سوغا قىلىپ سالما.
ئۇ شۇنداق دىگەندىن كېيىن ئۆز ھاياتىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.
....مەن پۈتۈن ئۆمرۈمدە كەمتەر، ئىتائەتكار بىر خوتۇن ئېلىشنى ئارزۇلاپ كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن 15يىل كۈتۈپ ئاندىن كۆڭلۈمدىكىدەك بىر قىزنى تاپتىم. ئۇنىڭ ئىسمى سەبىھە بولۇپ، 21ياشتا ئىدى. ھۆسۈن-چىرايى بىر قاراشتا ئۇنچە كۆزگە تاشلانمىسمۇ، ماڭا يېقىپ قالدى. مەن ھەر قېتىم<ساڭا شۇنداق سوغىلارنى قىلايكى....> دېيىشىم بىلەن ئۇ دەرھال:
-كېرەك ئەمەس، ئەزىزىم!ھەممە نەرسەم بار،-دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى. مەن ئۆزۈمنى ئۇنتىغاندەك دەرجىدە بەختىيار ھىس قىلاتتىم. مانا ھەقىقىي ئۆمۈر يولدىشى دېگەن. پۇلنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ، لەۋ، كىرپىك بوياقلىرى دېگەندەك نەرسىلەردىن مۇستەسنا.....ئوسما، سۈرمە، ئۇپا-ئەڭلىكلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
_گىرىم بويۇملىرىغا بىھۇدە پۇل سەرىپ قىلىشنىڭ نېمە كېرىكى؟- دەيتتى بۇ ھەقتە سورىسام.
كوچىلاردا سۆيۈملۈك سەبىھەم ھەققىدە ئويلاپ ماڭاتتىم ۋە ئۇنى بىرەر نەرسە بىلەن خۇرسەن قىلىشىم لازىم، دەپ قارايتتىم. ماركىسىدا جان ئالغۇچى بىر جاناننىڭ سۈرىتى بار پايپاق سېتىۋالدىم. ئەرزىمىگەن پۇلغا كېلىدىكەن.....
-ۋاي....ۋاي، نېمە قىلاتتىڭىز ، ئاۋارە بولۇپ؟
ئۇ ئەنە شۇ سۆزلەرنى قىلدى ۋە باشقا گەپ قىلمىدى. بىر ئاي كۈتتۈم، نىمىشقىدۇر ئۇ پايپاقنى كىيمىدى. خاپا بولۇپ كىيمىگەننىڭ سەۋەبىنى سورىدىم.
_ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، رەھمەت. ئەمما ئايىغىم ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىكەن، ھېچقىسى يوق كومىسىنى كىيۋېرمەن.
ئامرىقىمنى دۇككانغا ئېلىپ بېرىپ ئەڭ قىممەت ئاياغ تاللىدىم. توغرا، باھاسىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئارقىغا تارتىشىپ كەتتى. لېكىن خوتۇنۇم بۇنىڭغا ئەرزىيدۇ.....ئەمما يېڭى پايپاق بىلەن ئايىغىنى بىر ئاي ئىچىدە پەقەتلا بىر قېتىم چايغا بارغاندا كىيدى، خالاس. سەۋەبىنى سورىدىم.
_بىلەمسەن، ئەزىزىم، ئايىغىم شۇنداق چىرايلىقكى، كۆڭلىكىم ئۇنىڭغا قىلچە..............
ئاشۇ كۈنىلا يېڭى كۆينەك سېتىۋالدۇق. بىر ھەپتىدىن كېيىن يېڭى شىلەپە، يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن يېڭى پەلتۇ. باھاسىنىغۇ ئېيتىپ ئولتۇرمايمەن. ئاڭلاپ ھوشۇمدىن كەتمىگىنىمنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش.
ئەتىسى قارىسام خوتۇنۇم تاش ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ:
_ئەزىزىم، مەن ساڭا باشقىلارنىڭ خوتۇنىدەك پالانى نەرسىنى ئېلىپ بەر، دېگەن ئەمەسمەن. شۇنداقمۇ؟
_شۇنداق-دېدىم گەپنىڭ نېمىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەي.
_ھەممىسىنى ئۆزۈڭ خالاپ ئېلىپ بەردىڭ، توغرىمۇ؟ ئەمدى ئۆزۈڭ ئويلا.....
يەنە نېمە گەپكى دەپ، پۇت-قولۇم تىترەشكە باشلىدى.خەيرىيەت، گەپ كىيىملەرگە ماس ھالدا چاچ ياستىش ئۈچۈن ساتىراشخانغا بىرىش توغرىسدا ئىكەن.
كېيىكى ھەپتىدە گەپ ئەزىز رەپىقەمنىڭ سۈپىتىگە ماس يېڭى ئۆي ھەققىدە بولدى:
-قەدىرلىكىم، بىلسەنكى، سىنىڭ بىر سوم پۇلۇڭنى بىھۇدە سەرىپلىگەندىن كۆرە ئۆلگۈنۈم ياخشى!ئەمما ئۆزۈڭ ئويلاپ باق. شۇنچە پۇل سەرىپلەپ ئېلىپ بەرگەن نەرسىلىرىڭنى كىيىپ، مۇشۇ ئۆيدىن چىقىپ يۈرسەم ھەر-ئىككىمىز كۈلكىگە قالمايمىزمۇ؟
بۇنىڭغا رازى بولدۇم.كېيىن قەرىزگە يىپيېڭى چەتئەل ماشىنىسدىن بىرنى سېتىۋىلىشقىمۇ كۆندۈم. ساڭا غەمخور، سېنى سۆيگەن، سېنى ئاۋايلايدىغان، ئارتۇقچە تەلەپلەر بىلەن بېشىڭنى ئاغىرتىشنى خالىمايدىغان ئادىمىڭ ئۈچۈن ھەر ئىشنى قىلساڭ ئەرزىيدىغۇ......................
ئايلار ئۆتتى. سۆيۈملۈك سەبىھەم بىر كۈنى ماڭا باشتىن-ئاياغ نازاكەت ۋە دىققەت بىلەن شۇنداق نەزەر سالدىكى، يۈرىكىم ئارقىغا تارتىشىپ كەتتى.
_قەدىرلىكىم، ماڭا ناھايىتى كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدىڭ. زورلاپ يۈرۈپ نازىنىن خانىمغا ئايلاندۇردۇڭ، ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگۈنۈشكە مەجبۇر قىلدىڭ. ھەر قېتىم سەندىن بىر نەرسىنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغىنىمدا يۈرۈكىمنى چاڭگاللاپ تۇرىمەن. ئاخىر، مېنى بىلسەنغۇ...........
_بۇ گەپلەرنىڭ ھاجىتى يوق، مەن سېنى بىلىمەن،-دېدىم ھاياجان بىلەن.
_ئەمدى سەندىن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىلتىماسىم...._دېدى سەبىھەم.
_قانداق ئىلتىماس، ئېيىت سۆيۈملۈكۈم؟
_مېنىڭچە ، بىز ئاجىرىشىپ كەتكىنىمىز ياخشى! چۈنكى، سەن ناھايىتى قېرى، كۆرۈمسىز ئادەمسەن، ئەقلىڭنىڭ زەئىپلىكىنىغۇ ئېيىتمىساممۇ بولدى، يىغىپ ئىيىتقاندا، ماڭا ماس كەلمەيسەن!
سوت ئۆي بىلەن ماشىنىنى ئۇنىڭغا قالدۇردى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جۈپ پايپاقتىن باشلانغان ئەمەسمۇ. شۇڭا ساڭىمۇ يەنە بىر قىتىم تەكرارلايمەن، خوتۇنۇڭغا زىنھار پايپاق سوغا قىلما......

مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى 2012-يىللىق 4-سانىدىن  

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 05:59:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 801 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار بەك ئاچكۆز  كىلىدۇ گەرچە توي قىلىشتىن بىر مەزگىل بۇرۇن توي قىلىش ئىھتىياجى  بىلەن  ئالىجاناپ  بولىۋالسىمىۇ  ماھىيەت  جەھەتتىن ئاياللار كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ  مەن  ئۇزۇن  يىل  كىيىم -كىچەك  دۇكىنى  ئاچقان  بولۇپ  ئاياللارنى  خىلى  ئۇزۇن كۈزىتىپ  باققان   ئاياللارنىڭ  مۇھەببەتكە  تۇتقان  پوزىتسىيەسىدىن  كىيىم -كىچەك  ئالتۇن  پۇل  پىچەككە  تۇتقان  پوزىتسىيەسى    تىخمۇ  ئەستايىدىل    كىيىم  كىچەكنى كۆرسە  ئىرىنىڭ قانچىلىك  جاپادا  پۇل   تىپىۋاتقىنمۇ  كۆزىگە  كۆرۈنمەيدۇ

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 06:00 PM
ئاياللار بەك ئاچكۆز  كىلىدۇ گەرچە توي قىلىشتىن بىر مەز ...

قەيەرگە قارىسام مۇشۇ ئىنكاسنى يوللامسىز باشقا چۈشەنچىلىرىڭىز يوقمۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3863
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10136
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 9492 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ تېخىچە توي قىلمىدىم،  ئاللاھ خالىسا ئاتۇشتىن ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ قەدىرىنى قىلىپ تويۇمنى قىلىۋالسام تۇرمۇش رىتىمغا چۈشەتتى. بولمىسا ئادەم شوخلىشىپ دىكى دىكاڭ  زورىخان بولۇپ كېتىدىكەن.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 06:00 PM
ئاياللار بەك ئاچكۆز  كىلىدۇ گەرچە توي قىلىشتىن بىر مەز ...

سىزگە دەپ قوياي سىز سۆكىۋاتقان شۇ ئاياللانىڭ ئىچىدە سىزنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىڭىزمۇ بار بۇلىشى مۈمكىن شۇڭا ئاياللارنى بەكمۇ ھاقارەتلەپ كەتمەڭ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79331
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:31:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئاياللارنى بىر تاياقدا ھەيدەش ئاقىلانىلىق ئەمەس```


Qaro ko'zum, kelu mardumlug' endi fan qilg'il,
Ko'zum qarosida mardum kibi vatan qilg'il

(Alisher Navoiy)

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12660
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:32:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇزۇسى بىر خېلىلا ئىكەن، لېكىن مەزمۇنى بولۇپ قويدىكەن.
ئەرلەرمۇ نامرات ۋاقتىدا يۇۋاش، ئىتەئەتچان، ۋىجدانلىق، ئازراق پۇل تاپدىمۇ ئۇنىڭدىن چوڭ ئادەم يوق.
ئەرلەرنىڭمۇ ئايالارنىڭمۇ ئوخشاش كەمچىلىك ۋە ئاجىزلىقلىرى بولىدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 06:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ئەزىز نەسىننىڭكىگە تولمۇ ئوخشايدىكەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
al.ansar + 20 چوقۇم شۇ كىشىنىڭ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش