مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 20

مۇئەللىم بىز (ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82286
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

             مۇئەللىم  بىز  (ساتىرا)
            نۇرمۇھەممەت  قاراساي  

ئەل ئىچىدە يالغان گەپ ،ساتمايدىغان مۇئەللىم بىز ،  
ھە دىسىلا قۇرۇق پو ،ئاتمايدىغان مۇئەللىم بىز .  
ئەۋلات ئۇچۇن ئىزدىنىپ ،ياتمايدىغان مۇئەللىم بىز ،  
زەر ھالالغا ھارامنى ،چاتمايدىغان مۇئەللىم بىز ،  
ھەر سەھەردە مەكتەپكە ،قاتنايدىغان مۇئەللىم بىز .  


مەرىپەتكە بۇپ شەيدا ،جاھالەتتە يوق پايدا ،  
بۇ''قوش تىللىق ''مائارىپ ،ئەۋىج ئالدى جاي -جايدا.  
تۇنىمىساق نە قىسمەت ئالتۇن ياتسىمۇ سايدا،  
خاراپ بولسا مائارىپ ،ئەۋلات قايدا بىز قايدا ،  
ئۆگەنگەنچە بىلىمنى ،ھارمايدىغان مۇئەللىم بىز .  


تەكشۇرۇشلەر كەپ تۇرار ،سەپ بۇلۇشۇپ رەتمۇ -رەت ،  
تەييارلىقلار ئۈستىگە، بېسىپ تۇرار كۈندە خەت ،  
ھەقىقەتنى سۆزلىسەك .كۆرىنىمىز كۈزگە سەت .  
بۇدۇنيادا يامانكەن ،دەرت ئۇستىگە ياغسا دەرت ،  
گۇناھلارنى باشقىغا ،ئارتمايدىغان مۇئەللىم بىز .  


بىلىنىدۇ ئارمانىم، قېپ قالغاندەك يىراقتا ،  
مۇھەببىتىم ،سىردىشىم ،ساقلىغاندەك قىرغاقتا ،  
ئوتقا چۆشكەن قىل كەبى ،يۆرەكلىرىم پىراقتا،  
نىمىشقىكىن قەلبىمنى، بىر ۋەھىمە تىلماقتا ،  
مۇھەببەتتە ،خىزمەتتە ،چانمايدىغان مۇئەللىم بىز .  

شۇئارىمىز بۇپ قالدى، بىر گە چىقماس گىپىمىز ،  
بور -تۇزاندە ھامىنى، بىر كۈن ئۇلۇپ كىتىمىز،  
چارچىساقمۇ ھارساقمۇ، مۇئەللىم بىزنىڭ ئېتىمىز ،  
بەزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ،ئاچچىق ھەسرەت چىكىمىز ،  
مەنزىلىدىن ئارقىغا ،يانمايدىغان مۇئەللىم بىز .  

كىملەر قويغان بىلمەيمىز، بىزگە مۇئەللىم بۇلۇشنى ،  
ھېيت - بايرامدا تەتىلدە ،جىبەرلىكتە قۇنۇشنى ،  
كۈندە ئىشلەپ بىلمەيمىز ،پۇت-قولنىمۇ سۇنۇشنى .  
ئىسپىراپكا ئېپ بىرەي، تېپىپ بىرەر تۇنۇشنى ،  
دەپ سۆرەن سەپ ،مەكتەپكە پاتمايدىغان مۇئەللىم بىز .  

تەييارلىقنى تەق قىلساق، قاراپ تۇرار تاپشۇرۇق ،  
تاشلىنىدۇ ئوقۇتۇش ،كۈندە يېڭى بىر بۇيرۇق .  
تازىلىق قىل دەپ شۇئان ،يىڭىلىنار يول -يۇرۇق ،  
شۇسەۋەپتىن ھەممىمىز ،چاپان شالدەك بەك ئۇرۇق ،  
ساپان تارتقان كالىدەك ،ھارمايدىغان مۇئەللىم بىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 07:16 PM  


ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9128
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2243 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ پاھ پاھ ... پاساھەتلىك شىئېركەن. لىكىن بۇ شىئېرنى بەزى جايلارغا سۆرەپ چىققىلى بولمىغۇدەك، چوڭئاملىرىڭىز كۆرۈپ قالسا يەۋاتقان نېنىڭىز يوق بولغىدەك، بىر كۈلىۋالدىم رەھمەت

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1187 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدىكى تۆت مەلىمگە ئوقۇپ بىرەي مانى .       كېلىن بىلەن بەشكەن راسىت .    جاپا چەكتىڭلا باغۋەنلەر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asat708 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 05:33 PM
ئۆيدىكى تۆت مەلىمگە ئوقۇپ بىرەي مانى .       كېلىن بىلەن ب ...

سىلىنىڭ ئۆيگە جاپاكەشلەر يىغىلىپتۇ ھە !
ئەمما ماۋۇ ساتىرامۇ قالتىس ياخشى چىقىپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى شىئەركەن.ئاشۇنداق مۇئەللىملەنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن

ياشا ئۇيغۇرۇم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11419
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5446
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائىنكاسچىلارغا نىمبولغاندۇ دەيمەندە،ساتىرا دەپ ئېنىق چۈشەنچە بەرسە توۋا.......... نىمدەپ جۆيلىۋاتىدۇ ما ئەدەملە...........

ياۋا ئات

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5643
تۆھپە نۇمۇرى: 1177
توردا: 1959 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۈن يېزىغا خىزمەت تەكشۈرگىنى بارغان. بىر مەكتەپكە كىرسەك، «ھازىر مۇئەللىملەر ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ دىجۇرنىلىك قىلىۋاتىمىز، يەنى ھەر ئىككى كۈندە بىر كۈن دىجۇرنىلىك قىلىۋاتىمىز. قاچانمۇ مەكتەپلەر ئىككى ئېرى بار يۈزى قېلىن خوتۇندەك بوپ قېلىشتىن قۇتۇلا؟ » دەپ دادلاپ كەتتى. ئەسلى ناھىيىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە دىجۇرنى خادىملار 6 دىن كەم بولماسلىق ئىدى. ئىدارىنىڭ تەلىپىمۇ ناھىيەنىڭ بىلەن ئوخشاش. ئەمما، يېزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 40 نەچچە ئەر ئوقۇتقۇچى ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ دىجۇرنىلىك قىلىۋىتىپتۇ.
يەنە بىر يېزىغا بارساق ئوقۇتقۇچىلار يېزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2 كۈندىن بېرى نوپۇس ئېنىقلىغىنى تۇرۇپتۇ. ئەگەر ۋەزىپىنى تاماملاپ بولسا ئەتىدىن باشلاپ نۇرمال تەتىل باشلىسا بولىدىكەن، ئۇنداق بولمىسا داۋاملىق ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن. بىزنى يەنە بىر يېزىغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن ماشىنىسىبار بىر ئوقۇتقۇچى چاقىرتىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە يېزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە 3 كۈندىن بېرى تەشۋىق ۋاراقلىرىنى ھەر بىر كەنتنىڭ ھويلىسىدىكى تەشۋىقات دوسكىسىغا چاپلا ۋېتىپتۇ. كۆرۈڭ، كەنتنىڭ كادىرلىرى نېمىش قىلىدۇ؟ نېمىش قىلالايدۇ؟ ..................
ئىچىم ئاچچىققا تولدى. ئىدارىدىن چۈشۈرگەن ۋەزىپىنى تاماملىيالماسلىقىغا كۆزۈم يەتتىدە، بۇ مەكتەپنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ مەكتەپ مۇدىرىغا: ئىدارە تاپشۇرغان ۋەزىپىنى جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىلغاندا ئورۇنلاڭلار، ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەتىدىن باشلاپ تەتىل قىلىۋەرسەڭلا بولىدۇ، ئەمما، باشقىلار سوراپ قالسا، خىزمەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ كەتتى دەپ قويۇڭلار دەپ، باشقا يېزىغا يول ئالدىم.................
يېزا مەكتەپلىرى، ئەگەر خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسە، ئۇ، يېزىنىڭ تۆھپىسى بولىدىكەن، ئەگەر مەسىلە چىقىپ قالسا، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىشى بوپ قالىدىكەن..................
جاپاكەش باغۋەنلەر، باغنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا ۋاقىت، زېھىن يېتىشمەي، باغنىڭ مېۋىلىرىگە قۇرت چۈشمىسىلا بولاتتىغۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 08:27 PM  


ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60483
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 338
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەكشۇرۇشلەر كەپ تۇرار ،سەپ بۇلۇشۇپ رەتمۇ -رەت ،  
تەييارلىقلار ئۈستىگە، بېسىپ تۇرار كۈندە خەت ،  
ھەقىقەتنى سۆزلىسەك .كۆرىنىمىز كۈزگە سەت .  
بۇدۇنيادا يامانكەن ،دەرت ئۇستىگە ياغسا دەرت ،  
گۇناھلارنى باشقىغا ،ئارتمايدىغان مۇئەللىم بىز .     بۇ مىسرا ماڭا بەك يارىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 952
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغاننى راست سەپ يازمىساڭ تېىخى،
پىلان دەپ ئاقماس گەپلەرنى يازمىساڭ تېىخى ،
بەگزادە خىنىملارنىڭ رايىغا باقمىساڭ تېىخى ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

بۇ يەرنى بىسىپ كىرىڭ!بىيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسستىتى ئەرەپ تىلى قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،تېلفۇن ئارقىلىق تىزىملىتىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawaat0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 08:24 PM
بۇگۈن يېزىغا خىزمەت تەكشۈرگىنى بارغان. بىر مەكتەپكە كى ...

ئۇنداق ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن .ئىش كۆرىدىغانلارنى جازالاش كىرەققۇ ھە ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش