ھەمجېنىسلار قان تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ
بۇ يىللىق قان تەقدىم قىلىش دۆلەت ئۆلچىمىدە بىر ئاز ئۆزگىرىشلەر بولغان بولۇپ ئەر ھەمجېنىسلارنىڭ قان تەقدىم قىلىشى چەكلەنگەن. چۈنكى ئەر ھەمجېنىسلار خەتەرلىك توپ بولۇپ ئەيدىز ۋە باشقا يوقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن يوقۇملىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يوقىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئايال ھەمجېنىسلارغا بولغان چەكلىمە بېكار قىلىنغان. قان تەقدىم قىلىش مىقدارى ۋە ياش چەكلىمىسىدىمۇ بىر ئاز ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ بۇرۇنقى 200ml、400ml ئىككى خىل تاللاش ھازىرقى 400ml、300ml、200ml ئۈچ خىل تاللاشقا ئۆزگەرگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىزنىڭ ھەمجېنىسلار ئارىسىدە يامرىشى ئېغىرلاشقان بولۇپ ئۇلار ئارىسىدا ئەيدىز بىلەن يوقۇملانغانلار خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.
ھەمجېنىسلار خەتەرلىك توپ بولغاچقا دۆلىتىمىز قانۇنىدا ئۇلارنىڭ قان تەقدىم قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان. بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قان تەقدىم قىلغان، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار قىلىمىشىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ مەمۇرى چارە ياكى جىنايى جازا بېرىلىدۇ.
مەنبە:
http://news.qq.com/a/20120709/001492.htm?pgv_ref=aio2012&ptlang=2052
كۆپچىلىكنىڭ ئىلمىي نوقتىدىن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. تاققا- تۇققا ئىنكاس قارشى ئېلىنمايدۇ.