مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1268|ئىنكاس: 61

ئەركىكى بار ئۆي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     (ھېكايە )
نەبى جالالىدىن ( ئۆزبىكېىستان)

ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئۆزۈم
دەرۋازىدىن ئىغاڭشىپ كىرىپ كەلگەن بالا ،ئۆي يېنىدىكى شاخلىرى ئۆسۈپ تاملارغا قەدەر سوزۇلغان يوغان ئۆرۈكنىڭ ئاستىدا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەن تاغىل مۇشۈكنى كۆرۈپ توختاپ قالدى . ئاندىن قولىدىكى سومكىنى مۈشۈكنىڭ ئۇستىگە ئاتىدىغاندەك ھەركەت قىلدى ۋە  ۋەھىمىلىك ئاۋازدا ۋاقىردى ، مۈشۈكمۇ ھەمئاھاڭ بولۇپ قاتتىق چىقىراپ ئۆرۈكنىڭ ئىككى ئادەم بويى كېلىدىغان شېخىغا سەكرەپ چىقتى - دە ، بالىغا«ھەزىلىڭ قۇرسۇن » دېگەندەك قاراپ قويۇپ ، بايۋەچچە يۈرۈشتە قىڭغىر - مايماق ئۆسكەن شاخلاردىن مېڭىپ تامغا ئۆتۈپ كەتتى . بالا ئۆز قىلىدىن خوشال بولۇپ كەتتى . بۇ مۈشۈك ئۇلارنىڭ ئەمەس ئىدى ، قاياقتىندۇر پەيدا بولۇپ قالغان ،بىرەرى بېقىۋالمىغاچ تامنى ماكان قىلىپ شۇ يەردە ئاسلانلاپ بۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى . ئۆيىدىن چىقىپ كەلگەن ئاپىسى ئايۋاندا توختاپ بالىنى ئەيىپلەپ :
‏-‏- مۈشۈكنى قىينىمىساڭچۇ ، بالام  ‏- دېدى .
بالا ئەركىلىگىنىچە سومكىسىنى  پۇلاڭلىتىپ ئويناتقىنىچە ئاپىسى بىلەن  سورىدا ئولتۇرغان ھاممىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھامما ، كەلدىڭىزما ؟ - دېدى جاراڭلىق ئاۋازدا .
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،  ئەدەپلىك جۇمۇ مېنىڭ بالام - دېدى ئاپىسى ئوغلىغا مەسلىكى كېلىپ .
- قايتىپ كەلدىڭما پالۋان ؟ قېنى ...-ھاممىسى ئولتۇرغان جايىدىلا سالاملىشىشش ئۈچۈن ئالقىنىنى ئاچتى . بالا ئادىتى بويىچە ئەركىلىك بىلەن ھاممىسىنىڭ ئالقىنىغا « چارس »  قىلىپ بىرنى ئۇرۇپ « ياخشى تۇردىڭىزمۇ »  دېدى .
- ئاپا - بالا سومكىسىنى سورىنىڭ چېتىغا قويۇپ ، چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئانىسىغا تىكككىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى  ‏- بەدەل بوۋامغا سالام قىلغان ئىدىم ، « بارىكاللا ئوغلۇم ، ئاتا ئوغلىدەك بولغىن ، ئىلاھىم ، ئاتاڭدەك   يىگىت بولغىن»  دەپ  دۇئا قىلدى .

- بارىكاللا ئوغلۇم ،  - ئانا بالىسىنى باغرىغا تارتتى  - ئىلاھىم، بەدەل بوۋاڭنىڭ ئېيتقىنى كەلسۇن ، ئۇ كىشى داداڭ رەھمەتلىكنى بەك ياخشى كۆرەتتى  -  دەپلا كۆڭلى بۇزۇلدى .
بەدەل بوۋا ئۇلاردىن ئۈچ –تۆت ئىشىك نېرىدا ئولتۇرىدىغان خوشنىسى بولۇپ ،ئاپپاق ساقاللىق نۇرانە بىر بوۋاي ئىدى.ئۇ ھەمىشە دەرۋازا ئالدىدىكى ئەپچىلگىنە سۇپىدا قولىدىكى بېھى ياغىچىدىن ياسالغان ھاسىسىغا تايىنىپ ئولتۇرۇپ گاھ ئاغزىدا بىر نەرسىلەر دەپ پىچىرلايتتى،گاھ ئۆتكەن – كەچكەنگە گەپ قىلاتتى .بوۋاي تولىمۇ دانا كىشى ئىدى ، قىشلاقتىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى،دىمەكچى بولغان گېپىنى يوپۇرۇپ يۈرمەيتتى ئۇدۇللا دەۋېرەتتى، شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى بۇ كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھېيىقاتتى.بۇ يەردىكى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ  پىكرىنى ئالاتتى.ئۇنىڭ ھۆكمى دائىم توغرا بولغاچقا ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى ئىستەيتتى.بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دانا ھېساپلانغان بوۋاينىڭ بالىسىنىڭ ئاتىسى ھەققىدىكى  گېپىنى ئاڭلاپ ئايالنىڭ دىلى ئېزىلگەن ئىدى.
بالا ھاممىسى بىلەن بۇرۇنقىدەك كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. سومكىنى قويۇپ ئەمدىلا كۆڭلىكىنى يېشىۋاتقاندا بالىنىڭ قۇلىقىغا ھاممىسىنىڭ گۇمان ئارىلاش سۆزلىگەن ئاۋازى كىرىپ قالدى:
-        ئايۋانغا چىقتىما ، ئۆلگۈر ؟ - سورىدى ھاممىسى ئاپىسىدىن.
بالا دەرىزىدىن ئانىسىنىڭ چىرايىغا قارىدى ، ئۇنىڭ چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.
-        بوينى ئۈزۇلگۈر، قولى بىلەن سىرتقا چىقىشقا ئىملىدى ،كۆزلىرىدىن ئىچىۋالغاندەك قىلىدۇ ئۇ ئىتنىڭ بالىسى .
بالا ئەمدى دەرىزىگە يېققىن كېلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا باشلىدى.ئۇنىڭ سەزگۈلىرى ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر كۆڭۈلسىزلىكنى سەزگەن ئىدى.
ئانىسى خىجالەت  بولۇپ پەس ئاۋازدا سۆزلەيتتى .
-        بىر ئىككى قېتىم ئىشتىن يانغاندا قاراپ كېتىۋىدى ، سالام قىلغان ئىدىم ، باشقىچە چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ ئۇ ، يەر يۇتقۇر.
-        كەچتە كېلىپ ھەمراھ بولايمۇ ؟- دېدى ھاممىسى ئاپىسىغا تەسەللى بەرگەن ئاھاڭدا.
-        بولدى ئېرىڭنىڭ ئاچچىقى كەلمىسۇن يەنە .
-        ئۇ يەنە كېلە بۈگۈن كېچە .
-        بىلمەيمەن ، ئاخشام تازا ۋاقىرىماقچىمۇ بولدۇم، ئەمما مەھەللىدىكىلەردىن نومۇس قىلدىم.ھەممىسى توغرا چۈشەنمەيدۇ ، كېيىن مىش – مىش كۆپۈيۈپ قالمىسۇن دېدىم . بالىلىرىم بار .شۇ ئۆيدە ئەر كىشى يوق ، ئېرىم بولغان بولسا ... – ئانىسىنىڭ ئاۋازى يىغلاۋاتسا كېرەك جىمىپ قالدى.
بالىنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئاپىسىغا ئىچى ئاغرىپ قالدى،بىردىنلا دادىسىنى ئەسلەپ ئۆكسىندى.‹ كىم بولغىيتتى › دەپ ئويلىدى بالا .‹ كېچىسى بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەن قايسى ھارىمىلىقتۇ ؟ ئۇ ئەر يوق ئۆيگە كىرەمدىكەن ؟بىزنىڭ ئۆيدە ئەركەك يوقما ؟ مەنچۇ ؟ ياق ئانا . بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئەركەك بار › . بالا تېخى ئەمدى بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇيتتى ، ئەمما ھازىر چوڭ ئادەملەردەك پىكىر قىلىۋاتاتتى ، ئانىسىنى خاپا قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئىستىگى تومۇردىكى قانلىرىنى يىگىتلەرنىڭ قېنىدەك ئوت ئالدۇرماقتا ئىدى.‹ زادى كىم بولغىيتتى ئۇ ئىت ؟ بوپتۇ بۈگۈن كەچتە بىلىمەن . بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرسە قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن مەن ئۇنىڭغا ›. بالا كىم ئىكەنلىكىنى ئانىسىدىن سوراشقا خىجىل بولاتتى ، قەتئىي بىر قارارغا كەلگەن بالا خوشال ھالدا تاشقىرغا چىقتى .
ئانىسى توخو باقىمىز دەپ كاتەك قىلىش ئۈچۈن بىرمۇنچە كېسەك قۇيۇپ قويغان ئىدى.بالا يېڭىلا قۇيۇپ قويغان كېسەكتىن ئىككى تالنى ئېلىپ ئۆرۈكنىڭ كەينىگە ئەكەلدى.بۇ چاغدا ھاممىسى چىقىپ كېتىۋېتىپ ‹ ھەي كېسەكچى بىزنىڭكىگە بار ھە ! › دەپ قويدى ئەركىلىتىپ .ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا ھاممىسىلا ئەمەس ئاپىسىمۇ ‹ كىچىك بالا ئويناۋاتىدۇ › دەپ ئېتىۋارسىز قاراپ قالغان ئىدى.بىراق ئۇ كېچىدە بولىدىغان ‹جەڭگە › تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بالىلىق خوشاللىقلىرى ھەم شۇملۇقلارغا تولغان كاللىسىدا شۇ دەمدە كېچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەم ئۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىش خىيالى ئورناپ كەتكەن ئىدى. شۇ نىيەتتە ئۇ ئىككى تال كېسەكنى ئۆرۈك ئاسىتىغا ئەكەلگەن ئىدى. ئۇ قاياقتىندۇر ئانىسى   بازاردىن پىياز ،كارتوشكا ئالغاندا ئۇلارنى سالىدىغان سۇنئىي يىپتىن توقۇلغان خالتا ۋە ئارقان تېپىپ كەلدى. كېسەكنى خالتىغا سېلىپ ، ئارقاننى بېلىگە باغلاپ ئۆرۈككە يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى.
بالا قولىدىكى خالتىنى كىچىكرەك بىر شاخقا ئىلىپ قويۇپ   قېلىن يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ھۆيلا ئاياغىدىكى تامنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ بىر تۇننۇك ئاچتى. ئۆرۈكنىڭ شاخلىرى بەك قويۇق ئىدى، بالا ئۇ ھۆيلىغا كىرسىمۇ دەرۋازا تەرەپتىن كىرەلمەيدىكەن، چوقۇم تامدىن ئارتىلىپ چۈشىدۇ دەپ ئويلاپ ، خالتىنى ئېلىپ ئۆينىڭ تېمىغا ئىگىلگەن شاخقا قاراپ ئېھتىيات بىلەن ماڭدى.قېرى ئۆرۈكنىڭ ھەر بىر شېخى بالىغا   تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇستىدە يۈرۈش بالىغا قىيىن ئەمەس ئىدى، ھەر يىلى ئۆرۈك پىشىقىدا بۇنىڭغا چىقىپ – چۈشۈپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن قايسى شاخقا پۇتىنى قويۇشنى ياخشى بىلەتتى.ھازىر ئېھتىيات قىلىشىدا قولىدا نەرسە بارلىقىدىن ئىدى.ئۇ ئاشۇ شاخنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ھۆيلىغا كىرگەن ئادەمنى دەل ئۇستىدە تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى مولچەر قىلىپ توختىدى ۋە خالتىنى بىر شاخقا ئىلدى. بېلىدىكى ئارقاننى يېشىپ ئۈچى سۇنغان بىر شاخقا بىر ئايلاندۇرۇپ ئېسىپ قويدى.بالا ئۆرۈكتىن چۈشۈپ  تام يويلاپ ئادەم چۈشۈشى مۇمكىن بولغان جاينى مولچەرلىدى-دە، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى.ئەمدىكى غەم ئۇ كېچىلىك ئۇيقۇنى قانداق يېڭىشتە قالغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان ئادەم چوقۇمكى يېرىم كېچىدىن بالدۇر كەلمەيتتى.چۈنكى ئوغرىغا ئوخشاش بىخەتەر پەيتتنى كۈتىدۇ،بۇ چاغدا بالا ئاللىقاچان قېتىپ ئۇخلاپ كەتكەن چاغ ئىدى.ئۇنى ئەڭ قىينايدىغىنى شۇ ئىدى.كۆپ ۋاقىتلاردا تېلۋىزوردىكى كىنولار باشلانغىچە سىڭلىسىدىن بالدۇر ئۇخلاپ قالاتتى.بۇ ئەقىللىق سىڭلىسى كىچىك بولغان بىلەن كىتاپ ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدى.بولۇپمۇ چۆچەك ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدى، چوڭ ئۆيگە كىرىۋېلىپ ‹ ئۇخلايلى › دېگەنگە باقماي ئوقۇيتتى.بەزىدە ھەتتا ئانىسىمۇ ئۇيقۇغا كېتىپ قالاتتى.قايسىبىر چۆچەكتىن ئوقۇدىمۇ ، ياكى سىڭلىسىدىن ئاڭلىدىمۇ ، شۇ ئوقۇغانلىرىدىن كېچىسى ئۇخلىمايدىغان بىر چارىنى تېپىپ چىقتى .بالا ئۆزى تاپقان چارىسىدىن خوشال بولۇپ كۈلۈپ قويدى.‹‹ئاغرىسىچۇ ؟ دەپ ئويلىدى بالا ، كېچىسى ئۇخلاپ قالمىساملا بولدى ››. ئاغرىققا چىدايدۇ ،ئاخىر ئۇ ئەكەك كىشىغۇ.ئانىسىغا بۇ ئۆينىڭمۇ ئەركىكى بارلىقىغا ئىشەندۇرۇش ئۈچۈن چىدىشى كېرەك ئىدى .
ياتىدىغان چاغدا بالا ئانىسى سىڭلىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ رەڭلىك قەلىمىنى ئۈچلاپ بېرىدىغان كىچىك پىچاقنى  ، دائىم قويۇپ قوۇيۇدىغان تەكچىگە سېلىنغان گېزىت ئاستىدىن ئالدى –دە ، يوتقانغا كىردى.ئانىسى چىراقنى ئۆچۈرۈشىگە سول پۇتىنىڭ تاپىنىنى ھۆيلىدىن چۈشۈپ تۇرغان يورۇقىغا تۇتتى.چىشلىرىنى بىر – بىرىگە بېسىپ تۇرۇپ تاپىنىڭ ئىككى سانتىچىلىك يېرىنى پىچاق بىلەن كەستى.ئۇ ئويلىغاندەك ئاغرىمىدى،ئۇ قان چىقىشى كۈتۈپ بىردەم ساقلىدى، ئاندىن كېسىلگەن كېسىلمىگەنلىكى بىلىش ئۈچۈن قوللىرى بىلەن تۇتۇپ باقتى.قان چىقىشى بىلەن بايا ئاشخانىدىن ئېلىپ كىرگەن تۇرنى يارىغا باستى – دە، لېۋىنى چىشلەپ كۆزلىرىنى يۇمدى.بىردەم ئۆتە – ئۆتمەي يارا دەھشەت ئېچىشىشىقا باشلىدى.بەرىبىر بالىدە ئۇ ، بىردەم ئۆز مەقسەتلىرىنى ئۇنتۇپ تولغاندى،بىلىنەر بىلىنمەس ئىڭرىدى.ئازراق بولسىمۇ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ يارا ئاغزىنى پۇۋلەشكە باشلىدى.ئۇخلىمىغان ئانىسى بالىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى سېزىپ :
-        نېمە قىلىۋاتىسەن بالام – دېدى  ئارىدىكى سىڭلىسىدىن بويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ .
بالا شۇ چاغدىلا سەگەكلىشىپ ، بىردىنلا ئۆزىنى ئۆڭشىۋالدى- دە .‹ ھېچنېمە › دەپ جاۋاپ بەردى خاتىرجەم ئاۋازدا .
بىراق يەنىلا ئۇيقۇ زور كەلدى. يارىسىنىڭ ئېچىشىشى پەسەيدىمۇ ياكى بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىنمۇ بىردەم قاتتىق ئۇخلاپ قالدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە بالا ئانىسىنىڭ ئاۋازىدىن ئويغاندى.ئانا ئۆز ئىشىنى قىلغاچ بالىنى ‹ كېچىكىپ قالىسەن › دەپ  تەكرار – تەكرار چاقىردى.بالا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىككە قاراپ مېڭىشىغا سول تاپىنى سىقىراپ ئاغرىپ كەتتى ، بالا شۇندىلا ئاخشامقى قىلماچى بولغان ئىشلىرىنى ئەسكە ئالدى.ئاغرىقنى ئۇنتۇش ئۈچۈن سول پۇتىنى كۆتۈرىۋالدى.ھېلىقى ئادەم كەلگەنمىدۇ دېگەن خىيال كىرىۋالدى ، ئاخشام ئۇخلاپ قالغانلىقنى ئەلەم كېلىپ چىرايىنى پۇرۇشتۇردى.ئۆز – ئۆزىگە بىرنىمىلەر دەپ غۇدۇڭشىدى،ئۇخلاپ قالغىنىغا تاپىنى ئەيىپداردەك پولغا بىرنەچچىنى قاتتىق ئۇرۇۋەتتى.ئەمدى ئاغرىق ئانچە سېزىلمەيتتى.ئۇ ئۆيدىن چىقىپ سورىدا ئولتۇرغان ھاممىسىغا كۆزى چۈشتىم يۈزىنى يۇماي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشىشتىن خىجىل بولۇپ ‹ كېلىڭ ھامما › دەپ قويۇپ ھۆيلىغا قاراپ ماڭدى.ھاممىسى بىپەرۋالا ‹ تۇردىڭما پالۋان يىگىت › دېدى ۋە جىيەنىنىمۇ ئۇنتۇپ ، ئاچىسىغا دەۋاتقان گېپىنى داۋاملاشتۇردى :
-        ياخشى بوپتۇ ، بۈگۈن كەلمەپتۇ ئۇ يەر يۇرتقۇر – دېدى ئاۋازىغا بىر خىل سىرلىق تۇس بېرىپ – ئۇنىڭغا ئىنساپ بېرىپ بۇندىن كېيىن كەلمىسە ئەجەپ ئەمەس .
بالا  ئۆيدىن قايرىلغان چاغدا بۇ گەپلەر  قۇلىقىغا كىرىپ قالدى،‹ ھەر نېمە بولسا بۈگۈن كەلمەپتۇ ئۇ › دەپ خوشال بولۇپ يەڭگىل نەپەس ئالدى.
بالا كۈن بويى ئۇخلاپ قالماسلىقنىڭ چارىسىنى ئويلاپ چىقتى.ھەتتا مەكتەپتىمۇ بۇ خىياللار  ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئارزۇسى چارە ئىزدەشكە تېخىمۇ تۇرتكە بولىۋاتاتتى.
ئادەتتە ئانىسى كۈن بويى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلەر بىلەن تىنىم تاپمىغاچقا سائەت توققۇز بولمايلا ئۇيقۇ تۇتاتتى.ئانىسىنىڭ شۇ ئادىتى بۇ كېچە بالىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدى.ئانىسىنىڭ چارچىغانلىقىنى بانا قىلىپ سىڭلىسىنى تېزراق يېتىشقا دەۋەت قىلدى.ئۇنىڭ نىيىتى قانداقلاپ قىلىپ بولمىسۇن ئانىسىغا سەزدۇرمەي بالدۇرراق سىرتقا چىقىۋېلىش ئىدى.بولمىسا يەنە ئۇخلاپ قالاتتى.سىڭلىسىغا كىتاپنى قويغۇزۇپ ئۇنى ئۇخلاتقۇچە ئوندىن ئېشىپ كەتتى.ئاندىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئانىسىنى چاقىردى .
-        ئاپا چىراقنى ئۆچۈرەيمۇ ؟
بالا ئانىسىنىڭ چىراقنى دائىم ئۆزى ئۆچۇردىغانلىقىنى ، چىراقنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن دالان ئۆيگە كىرىپ كوينىكىنى ئالماشتۇردىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ بالىلارچە ھىلىسى ئىدى.
ئايال ئۇيقۇسىراپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ‹ ياتىۋەر ئوغلۇم ،ئۆزەم ئۆچۇرىمەن › دەپ قويدى.بالا ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىدىلا يوتقانغا كىرىپ ياتتى.ئانىسى دالان ئۆيگە  كىرىپ كېتىشىگە ئورنىدىن تۇرۇپ  بايا  يوگەپ قويغان كۆرپىنى يوتقىنىغا خۇددى ئادەم ياتقاندەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاستا قەدەم بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى.ئانىسى دالاندىن چىقىپ بالىنىڭ ئورنىغا بىر قاراپ قويدى ،ياتقانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ، ئىشىكنى ئىچىدىن زەنجىرلەپ ئورنىغا كېلىپ ياتتى.
بالا ئامال بار تىۋىش چىقارماشلىققا تىرىشىپ ئۆرۈككە ياماشتى.بىزگە تونۇش بولغان شاخنىڭ ئارقان ۋە كېسەك سېلىنغان يېرىگە كېلىپ ، ئارقاننى قولىغا ئالدى.ئۇ بىر قولدا شاخنى چىڭ قۇچاقلاپ ، بىر قولىدا ئارقان بىلەن بېلىدىن ۋە يەلكىسىدىن ئارقاننى ئۆتكۈزۈپ  شاخقا ئۆراپ باغلىدى.ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ناۋادا كېچىسى ئۇخلاپ قالسا شاختىن يىقىلىپ چۇشمەسلىك ئىدى.ئارقاننى باغلاپ بولۇپ يەنە بىر قولى بىلەنمۇ شاخنى قۇچاقلاپ ياخشى جايلىشىۋالدى –دە ، ئوڭ يۈزىنى گادىر – بۇدۇر شاخقا قويدى ...
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى ،يەلكىسىگە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ يەڭگىل  ئۇرۇلىشىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.بۇ كېچىدە ئايلىنىپ قايتىپ كەلگەن سەرگەردان مۇشۇكنىڭ ئاياقلىرى ئىدى.مۈشۈك كۈندە نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان ، ئۆزى ئۈچۈن يول بوپ قالغان بۇ شاختا ئادەم بار يوقلىقىنى ئىلغىمايلا ئۇنىڭ ئۇستىگە سەكرەپ چۈشكەن ئىدى.بالا ئويغۇنۇپ ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىلغىيالماي قالدى،ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ يۈرۈكىگە ۋەھىمە سالماقتا ئىدى.ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئويلىدى، بۇ چاغدا شاخنىڭ گادىر – بۇدۇرلىرى ئۇنىڭ يۈزىگە ، يەلكىسىگە،كۆكرىگىگە ، قول – پۇتلىرىغا پېتىپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن ئىدى.شۇ قەدەر سىقىراپ ئاغرىدىكى ، بالا ئۇنى ئۇيقۇ بىلەن سەزمىگەن ئىدى.بالا قوللىرىنىڭ ئۇيۇشىشىنى يېشىشكە ئۇرۇنىۋاتقاندا ، پەستىكى ئادەمنىڭ شەپىسىنى تۇيۇپ قالدى.بالا سەگەكلەشتى ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلەگەنلىكىنى ئەسلىدى.پەستىكى ئادەم ئايۋانغا يېىققىلاپ قالغان ئىدى، بالا ئۇنى تونىۋېلىش ئۈچۈن تازا قاراشقا باشلىدى.ۋاي بۇ سىنىپىمىزدىكى شادى ماڭقىنىڭ دادىسىغۇ ! ئۆيى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۈچ – تۆت ئىشىك نېرىدا ئىدى .‹‹ ۋۇي ھاراقكەش تىراكتورچى ،ھەممىسى بالاڭنى ماڭقا دەپ تىللاپ يۇرسۇن ، سەن بولساڭ بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرەمسەن.ھۇ ، ئەبلەخ ››بۇ ئۇنىڭ بالىلارچە تىللىشى ئىدى.بۇ چاغدا شادى ماڭقىنىڭ دادىسى ئايۋان ئالدىغا كېىلىپ ، قولىدىكى كىچىككىنە بىر نەرسىنى ئېھتىيات بىلەن دەرىزە ئەينىكىگە قارىتىپ ئاتتى.بىر ئىككى قېتىم تىرىقلاشتىن كېيىن ئۆي ئىچىدە ئانىسىنىڭ چىرايىدىن غەزەپلەنلىگى چىقىپ تۇرغان چىرايى كۆرۈندى.‹ تۇن مېھمىنى › خېلى ئىچىۋالغان  بولسا كېرەك جىم تۇرالمايتتى، ئۇ قولى بىلەن ئانىسىنى سىرتقا چىقىشقا ئىما قىلىۋاتاتتى.
بالا شۇ يەردە تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي تىت - تىت بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھاراقكەشنىڭ بۇ يەردە خۇددى ئۆز ھۆيلىسىدا تۈرغاندەك يۈرىشىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى،كۈچى بولغان بولسا بېرىپلا بوغۇپ قويغۇسى كەلدى.ئۇ ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە قانداق بولىدىغانلىقى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ ، بىر قولىنى ئاستا خالتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ كېسەكتىن بىرنى قولىغا ئالدى.بالا كېسەكنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئايۋان تەرەپكە قاراپ قىمىرلاۋاتقان شادى ماڭقىنىڭ دادىسىغا بىر پەس قاراپ تۇردى.كەينىدىن ئاستا يۆتەلدى.شادى ماڭقىنىڭ دادىسى چۆچۈپ ،ئۆزىنى قاراڭغۇلۇققا ئالدى ۋە ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قاراشقا باشلىدى.بالا ئويلىغاندەك بولغان ئىدى، ئۇ دەل بالىنىڭ ئاستىغا كېلىپ تۇرغان ئىدى.بالا قولىدىكى كېسەكنى چەنلەپ تۇرۇپ ‹تۇن مېھمان › نىڭ بېشىغا بېشىغا ئاتتى. قۇرىمىغان كېسەك ‹‹ گۇس ›› قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تەگدى ۋە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.ئۇ ‹‹ ۋاي ›› دېگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى .ئۇ ئىڭرىغانچە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئالدىغا بىرنەچچە قەدەم ماڭدى ، كېيىن ھۆيلىنىڭ ئاياق تەرىپىگە يۈگۈرۈپ كەتتى .
بالا ئالدىراپ ئارقاننى يېشىشكە باشلىدى ،ئۇ يېشىۋېتىپ ئانىسىنىڭ تاشقىردىكى تاراق – تۇرۇقلاردىن نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكتە ئىدى. شۇڭا تېزراق يەرگە چۈشۈپ ئانىسىغا كۆرۈنمەكچى ئىدى.چۈنكى ئاپىسى ئۆزىنىڭ تاشقىردا ، يەنە كېلىپ ئۆرۈك ئۇستىدە ئىكەنلىكى چۈشۈگىمۇ كىرمەيدىغانلىقىنى ،ئۆزىنى يوتقان ئىچىدە دۇنيادىن بىخەۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ  دەپ بىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.
شۇنداق، شۇ چاغدا ئۆي ئىچىدە   ئۆتى يېرىلغۇدەك بولۇپ دەرىزە ئالدىدا تۇرغان ئانا  تاشقىرىدا نېمە بولىۋاتقانلىقىن بىلمەيتتى ،ئوغلىنىڭ ئورنىغا قاراش بولسا خىيالىغىمۇ كىرمەيتتى.ئۇ قورقۇنچ ئىچىدە قاراڭغۇلۇقتىن يورۇق جايغا كەلگەن  ئوغلىنى كۆرۈپ باشتا تونىيالمىدى . بىردەمدىن كېيىن كۈلگىنىچە ئايۋانغا چىققان ئوغلىنى كۆرۈپ‹ ۋاي ئۆلەي ، ۋاي ئۆلەي ›دېگۈنىچە بالىسىنىڭ يوتقىنىغا تاشلاندى .يوتقاننى قايرىپ يوتقان ئىچىگە قاتلاپ قويغان كۆرپىنى كۆرۈپ ‹ بالام › دەپ ۋاقىراپ كەتتى.ئەندىكىپ ئىشىككە قاراپ ئېتىلدى ،ئاغزىدىن ‹ ۋاي بالام ، ئوغلۇم › دېگەن سۆزلەرلا چىقاتتى،قورقۇنچتىن  قۇپ – قۇرۇق بولۇپ قالغان كاللىسى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتمەكتە ئىدى.
ئۇلار ئايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچراشتى ، بالا كۈلۈپ تۇراتتى ، ئانىسى بولسا ئۇنى قۇچاقلاپ ، يۈز – كۆزلىرىدىن سۆيۈپ يىغلايتتى ، ھاسىراپ سۆزلەيتتى:
-        قورۇقچى بولغان بالامدىن ئۆرگىلەي ،ئۆيۇمنىڭ ئەركىگى بولغان بالامدىن ئۆرگىلەي ! – ئانا بۇ سۆزلەرنى ئىچ – ئىچىدىن ئۆرتىنىپ ئېيتاتتى، كۆز ياشلىرى بولسا دەرتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يىگانە ئاياللارغا خاس بىرنەچچە يىللىق ئەلەملىرى، تارتقان جاپالىرى بىرگە يۈرۈكىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى.ئۆكسىنىشلىرى  مانا مۇشۇ كىچىككىنە ئوغلىنىڭ نەچچە مىنۇتلۇق جۇرئىتى تۇپەيلى يوق بولماقتا ئىدى.
بىر كۈنى بالا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ، يەنە بۇرۇنقىدەك سۇپىدا كۈلۈپ ئولتۇرغان بەدەل بوۋاينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئەدەپ بىلەن سالام بەردى .
-        ۋەئەلەيكوم ئەسسەلام – دېدى بوۋاي قايىللىق بىلەن بالىغا – بارىكاللا ئاتا ئوغلى ،ھەقىقى ئەركەك .
بالا ئىچ –ئىچىدىن خوشال بولۇپ كەتتى.
شۇ ۋاغدا نېرىراقتىكى دەرۋازىدىن بېشى تېڭىكىلغان شادى ماڭقىنىڭ دادىسى تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغانچە چىقىپ كەلدى . تۇيۇقسىز كۆزى بەدەل بوۋىنىڭ كۆزى بىلەن ئۈچرۇشۇپ قېلىپ تەمتىرەپ كەتتى.ئۇ بوۋاي بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى ئويلىمىغان ئىدى.
-        بېشىڭ ياخشىمۇ ؟ - دېدى بوۋاي كىنايە ئاۋازدا .
تراكتورچى گەپ قىلمىدى. بوۋايغا نارازى بىر نەزەردە قاراپ قويۇپ ‹ نەدىنمۇ چىقتىم › دېگەندەك قىلىپ كەينىگە  ئۆرۈلدى.
-        ئەركىكى بار ئۆينىڭ تېمىدىن ئارتىلمىغىندە – دېدى بوۋاي زەردە بىلەن .
بۇ چاغدا بالا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئىچكىرگە كىرىپ دەرۋازىنى ياپتى ، كەينىدىن يەلكىسى بىلەن ئىتتىرىپ دەرۋازىنى چىپلاپ قويدى.
ئۇ ئويناۋاتقان سىڭلىسىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان مۈشۈكنى كۆرۈپ بۇرۇنقىدەك ئۇنى قورقۇتمىدى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا قاراپ بىلىنەر – بىلىمەس  كۈلۈپ قويدى، سىڭلىسىنىڭ پاخماق چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن سىلاپ قويدى. ئاندىن كۆكرىكىنى كېرىپ ئۇياق – بۇياققا قارىدى.سورىدا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان ئانىسى بىلەن ھاممىسىنى كۆرۈپ ،تامىقىنى مەنىلىك قىرىپ قويدى –دە ، مەردانە قەدەم بىلەن ئۇلارغا  قاراپ ماڭدى
         

www.ziyouz.com

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QALIB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 05:18 AM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
delim + 15 پۇل ئازتى !
zvmrat + 10 3توقاچنىڭ پۇلى كەتتى
aㄒamaη + 100 بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەرج.
bayhenim + 108

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 233   باھا خاتىرىسى

Yo asling kabi ko'rin, yo ko'ringaning  kabe bo`l`````````

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5204
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 45064
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2165 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن، بۇ ھېكايىنى مۇنبەردىشىمىز ئېرپان تەرجىمە قىلىپ يوللىغاندا بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم،سىزنىڭمۇ تەرجىمە قابىليىتىڭىزگە قايىل بولدۇم....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  سىز ئۆزبەك تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى بىزنىڭ بەزى ساۋاتلىقلىرىمىزدىن ياخشى يازدىكەنسىز يا ؟  

  
   دىسىغۇ مىنىڭمۇ بىر ساۋاقدىشىم ئۇيغۇچىغا شۇنداق ئۇستا (ماقال تەمسىل ئېلىپ تۇرۇپ ئىسپات بىلەن سۆزلەيدۇ !)

تىىڭىزنى ئەمدى ئالدىرماي ئوقۇي ھە

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

قايىل قىلىش قۇرق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 766
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9624
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4902 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قەھرىمان ! ئەركەكلىكنى دەرس قىلىپ ئۈگۈتىدىغان يازمىكەن !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 396 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل يېزىلغان ،مەزمۇنى چوڭقۇر ھېكايە  ئىكەن ، تەرجىمە سەۋيەرىڭىزگە قايىل بولدۇم ...داۋاملىق يىڭى تەرجىمە ئەسەرلەرنى ھۇزۇرىمىزغا سۈنۈپ تۈرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

ھى ھى ھى بۈگۈن مەن بەك خوشال....سىلەرچۇ دوسلار

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5204
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 45064
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2165 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72373-1-1.html





بۇ ئېرپان تەرجىمە قىلغىنى....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 11:09 AM
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72373-1-1.html

رەھمەت بۇ مەن تەرجىمە قىلغىنىдарвозидин иғонгшип кириб кэлган бола ,ўй йэнидики шохлири ўсуп томлорғо қадар сўзулғон ёъғон ўрукнинг остида эринчаклик БИЛАН ойлиниб юрган тоғил мушукни кўриб тўхтоп қолди . ондин қўлидаги сўмкини мушукнинг устига отидиғондак ҳаркат қилди ва  ваҳимилик овозда воқирди , мушукму ҳамоҳонг бўлиб қоттиқ чиқироп ўрукнинг икка одам бўйи кэладиган шэхиғо сакрап чиқди - да , болага«ҳазилинг қурсун » дэгандай қараб қўюп , ғанивачча юришда қингғир - моймоқ ўсган шохлордин юриб дэворга ўтуп катти . бола ўз қилидин Хўшол бўлиб катти . бу мушук уларнинг эмас иди , қоёқтиндур пайдо бўлиб қолган ,бирари бэқиволмиғоч томни макон қилиб Сҳу йэрда ослонлоп бу ўйнинг бир азасиғо ойлиниб қолган иди . уйидан Cҳиқиб кэлган описи Айвонда тўхтоп болани айиплап :
хрэстоматияларга-‏- мушукни қийнимисонгчу , болам  хрэстоматияларга- дэди .
бола аркилигинича сўмкисини  пулонглитип Ўйнотқинича описи БИЛАН  сўридо Ўлтурғон ҳоммисининг олдига кэлди .
- ассалому алайкум ҳоммо , кэлдингизмо ? - дэди жарангдор овозда .
- ваалайкум ассалом ,  адаплик жуму мэнинг болам - дэди описи ўғлига маслики кэлиб .
- қайтиб кэлдингмо полвон ? Қани ...-ҳоммиси Ўлтурғон жойидило Саломлишишш учун олқинини очди . бола одатий бўйича аркилик БИЛАН ҳоммисининг олқиниғо « чорс »  қилиб бирни уруп « яхши турдингизму »  дэди .
- опо - бола сўмкисини сўрининг чэтиғо қўюп , чоқноп турган кўзларини онисиғо тикккинича сўзлашка бошлади  хрэстоматияларга- бадал бўвомғо Салом қилган идим , « бор иколло Ўғлум , ота ўғлидак бўлғин , илойим , отангдак   йигит бўлғин»  дэб  дуо қилди .
- бор иколло Ўғлум ,  - оно боласини бағрига тортти  - илойим, бадал бўвонгнинг эйтқини калсун , у киши Даданг раҳматликни бак яхши кўратти  -  дэбло кўнгли бузулди .
бадал бўво улардан уч –тўт ишик нэридо Ўлтуридиғон Хўшниси бўлиб ,оппоқ соқоллиқ нурона бир чол иди.у ҳамиша дарвозо оладидаги апчилгина Сувпидо қўлидаги бэҳи ёғичидин ёсолғон ҳосисиғо тойинип Ўлтуруп гоҳ оғзидо бир нарсилар дэб пичирлойтти,гоҳ ўткан – качканга гап қилотти .чол тўлиму доно киши иди , қишлоқдаги Ҳамма ишлардан Хабардор иди,димакчи бўлган гапини ёъпуруп юрмайтти удулло давэратти, Сҳунглошқо бу йэрдаги бу кишилар унингдан ҳэйиқотти.бу йэрдаги бирар иш учун унинг  пикрини олотти.унинг ҳўкми доим тўғро бўлғочқо , бу йэрдаги кишилар унинг БИЛАН яхши ўтушни истайтти.бу йэрдаги кишиларнинг назирида доно ҳисоплонғон чолнинг боласининг адаси ҳақидаги  гапини эшитиб Аёлнинг дили эзилган иди.
бола ҳоммиси БИЛАН бурунқидак кўрушуп бўлгандан сўнг кийим алмашинув учун уйга кириб катти. сўмкини қўюп эндило кўнгликини йэшивотқондо боланинг қулоғига ҳоммисининг гумон орилош сўзлиган овози кириб қолди:
-        айвонга чиқдимо , ўлгур ? - сўради ҳоммиси описидин.
бола даризидин онисининг чиройиғо қаради , унинг чиройидин ғамкинлик Cҳиқиб турарди.
-        бўйни узулгур, қўли БИЛАН сиртқо чиқишқо имлиди ,кўзларидан ичиволғондак қилади у Итнинг болиси .
бола энди даризига йэққин кэлиб у иккасининг гапини эшитишга бошлади.унинг сазгулири ониси БИЛАН муносиватлик бирар кўнгулсизликни сазган иди.
ониси хижолат  бўлиб пас овозда сўзлайтти .
-        бир икка қэтим ишдан ёнғондо қараб Кэтивиди , Салом қилган идим , Бошқича чушунуп қолган ўхшайди у , йэр ютқур.
-        качта кэлиб ҳамроҳ бўлойму ?- дэди ҳоммиси описиғо тасалли бэрган оҳангда.
-        бўлди эрингнинг оччиқи калмисун яна .
-        у яна Кэла бугун кэча .
-        билмайман , охшом тозо воқиримоқчиму бўлдим, амма маҳаллидикилардин номус қилдим.ҳаммиси тўғро чушанмайду , сўнг миш – миш кўпуюп қолмисун дэдим . болаларим бор  .Сҳу Уйда ар киши Йўқ , эрим бўлган бўлса ... – онисининг овози йиғловотсо кэрак Жимип қолди.
боланингми кўнгли бузулуп описиғо ичи оғрип қолди,бирдинло Додисини аслап ўксинди.‹ ким бўлғийтти › дэб ўйлади бола .‹ Кэчиси бизнинг уйга кирган қайси ҳоримилиқту ? у ар Йўқ уйга кирамдикан ?бизнинг Уйда эркак Йўқмо ? мэнчу ? ёқ оно . бизнинг ўйдиму эркак бор  › . бола тэхи энди баҳшинчи синфда Ўқуйтти , амма ҳозирда улуғ Одамлардак фикр қиливототти , онисини хопо қилганлардан ўч олиш истиги тўмурдики қонлирини йигитларнинг Қанидак аланга олдурмоқто иди.‹ зоди ким бўлғийтти у ит ? бўпту бугун качта билиман . Бировнинг уйига кирса қандак бўлидиғонлиқини кўрситип қўяман мэн унга ›. бола ким эканини онисидин сўрошқо хижил бўлотти , қатъий бир қарорга кэлган бола Хўшол ҳолда ташқирғо чиқди .
ониси тўхў боқимиз дэб котак қила олиш учун бирмунча Кэсак қуюп қўйган иди.бола янгило қуюп қўйган Кэсактин икка толни олиб ўрукнинг кайнига акалди.бу чоқда ҳоммиси Cҳиқиб Кэтивэтип ‹ Ҳай Кэсакчи бизнингкига бор  Ҳа ! › дэб қўйди аркилитип .унинг қилаётган ишига ҳоммисило эмас описиму ‹ кичик бола Ўйновотиду › дэб этиворсиз қараб қолган иди.бироқ у Кэчида бўлидиғон ‹жангга › тайёрлик қиливототти. унинг болилиқ Хўшоллиқлири ҳам шумлуқлорғо тўлғон коллисидо Сҳу дамда Кэчида ўзларининг уйига кирган одамнинг ким эканини билиш ҳам унинг адибини бориш хаёли Ўрноп каткан иди. Сҳу ниятда у икка тол Кэсакни ўрук оситиғо акалган иди. у қоёқтиндур ониси   бозордан пиёз ,картошка олганда уларни солидиғон Сувний йиптин тўқулғон холто ва орқон тэпип кэлди. Кэсакни холтиғо солиб , арқонни бэлига боғлоп ўрукка ёмишип чиқишқо бошлади.
бола қўлидаги холтини кичикрак бир шохқо илип қўюп   қэлин ёъпурмоқлор орисидон ҳўйло оёғидики томни кўргили бўлидиғон қилиб бир туннук очди. ўрукнинг шохлири бак қўюқ иди, бола у ҳўйлиғо кирсиму дарвозо тарафдан киралмайдикан, чўқум томдин ортилип чушиду дэб Ўйлоп , холтини олиб ўйнинг томига игилган шохқо қараб эҳтиёт БИЛАН монгди.қэри ўрукнинг ҳар бир шэхи болага   таниш бўлганлиги учун унинг устида юриш болага қийин эмас иди, ҳар йили ўрук пишиқидо бунга Cҳиқиб – тушиб юрганлики учун қайси шохқо путини қўйишни яхши билади.ҳозирда эҳтиёт қилишида қўлида матах бор лиқидин иди.у ўша шохнинг ярмига кэлганда ҳўйлиғо кирган одамни дал устида турғили бўлидиғонлиқини мўлчар қилиб тўхтиди ва холтини бир шохқо илди. бэлидики арқонни йэшип учи Сувнғон бир шохқо бир айлантириб осиб қўйди.бола ўруктин тушиб  том ёъйлоп одам чушуши мумкин бўлган жойни мўлчарлиди-да, ўзига ишонч қилгандан сўнг қайтиб кэлди.эндики ғам у Кэчилик уйқуни қандак янгишта қолган иди.уларнинг уйига кэладиган одам чўқумки ярим Кэчидин болдур кэлмайтти.чунки Ўғриғо Ўхшош бихатар мавридтни Кутиду,бу чоқда бола аллақачон қэтип ухлоп каткан чоғ иди.уни энг қийнойдиғини Сҳу иди.кўп вақтларда тэлвизўрдики кинўлор бошланғича синглисидин болдур ухлоп қолади.бу зукко синглиси кичик бўлган БИЛАН китоп ўқишга бак омроқ иди.бўлибми эртак ўқишга бак омроқ иди, улуғ уйга киривэлип ‹ ухлайли › дэганга боқмой Ўқуйтти.Баъзида ҳатто онисиму уйқуғо Кэтип қолади.қайсибир эртакдан Ўқудиму , ёки синглисидин онглидиму , Сҳу Ўқуғонлиридин Кэчиси ухлимойдиғон бир чорини тэпип чиқди .бола ўзи топган чорасидан Хўшол бўлиб кулуп қўйди.‹‹оғрисичу ? дэб ўйлади бола , Кэчиси ухлоп қолмисомло бўлди ››. оғриққо чидойду ,Пирўвард у акак кишиғу.онисиғо бу ўйнингму аркики бор лиқиғо ишандуруш учун чидиши кэрак иди .
ётидиғон чоқда бола ониси синглиси БИЛАН иккасининг ранглик қалимини учлоп бэридиғон кичик пичоқни  , доим қўюп қўуюдиғон такчига сэлинғон газэт остидин олади –да , ёътқонғо кирди.ониси чироқни ўчурушига сол путининг топинини ҳўйлидин тушиб турган ёруғиғо тутди.чишлирини бир – бирига бэсип туриб топининг икка сонтичилик йэрини пичоқ БИЛАН касти.у Ўйлиғондак оғримиди,у қон чиқиши Кутуп бирдам соқлиди, ондин кэсилган Кэсилмиганлики билиш учун Қўллири БИЛАН тутиб боқти.қон чиқиши БИЛАН ғанио ошхонидин олиб кирган турни ёриғо бости – да, лэвини тишлаб кўзларини юмди.бирдам ўта – ўтмай ёро даҳшат эчишишиқо бошлади.барибир болида у , бирдам ўз мақсудлирини унтуп тўлғонди,билинар билинмас ингриди.озроқ бўлсо-да оғриқини пасайтиш учун Ўрнидан туриб ёро оғзини пувлашка бошлади.ухлимиғон ониси боланинг биором бўливотқонлиқини сэзип :
-        нэма қиливотисан болам – дэди  орадаги синглисидин бўйлоп унга қараб .
бола Сҳу чоғдило сагаклишип , бирдинло ўзини ўнгшиволди- да .‹ ҳэчнэма › дэб жовоп бэрди хотиржам овозда .
бироқ яънило уйқу улкан кэлди. ёрисининг эчишиши пасайдиму ёки бак чорчоп катканликтинму бирдам қоттиқ ухлоп қолди.
атиси аттиганда бола онисининг овозидин Ўйғонди.оно ўз ишини қилгач болани ‹ Кэчикип қолисан › дэб  такрорий – такрорий чоқирди.бола Ўрнидан туриб ишикка қараб мэнгишиғо сол топини сиқироп оғрип катти , бола Сҳундило охшомқи қилмочи бўлган юмушларини аска олади.оғриқни унтуш учун сол путини кўтуриволди.ҳалиқи одам кэлганмиду дэган хиёл кириволди , охшом ухлоп қолганлиқни алам кэлиб чиройини пуруштурди.ўз – ўзига бирнимилар дэб ғудунгшиди,ухлоп қолғиниғо топини айипдордак пўлғо бирначчини қоттиқ уруватти.энди оғриқ онча сэзилмайтти.у ўйдин Cҳиқиб сўридо Ўлтурғон ҳоммисиғо кўзи чуштим юзини юмой унинг БИЛАН кўрушиштин хижил бўлиб ‹ кэлинг ҳоммо › дэб қўюп ҳўйлиғо қараб монгди.ҳоммиси бэпарволо ‹ турдингмо полвон йигит › дэди ва жияниниму унтуп , очисиғо довтқон гапини даъвомлоштурди :
-        яхши бўпту , бугун калмапту у йэр юртқур – дэди овозиғо бир хил Сирли тус бориб – унга инсоф бориб бундин сўнг калмиса ажап эмас .
бола  ўйдин қойрилғон чоқда бу гаплар  қулоғига кириб қолди,‹ ҳар нэма бўлса бугун калмапту у › дэб Хўшол бўлиб йэнгил напас олади.
бола кун бўйи ухлоп қолмаслиқнинг чорасини Ўйлоп чиқди.ҳатто мактаптиму бу хиёллар  унинг коллисини аср қилган иди. у одамнинг кимликини билиш орзуси чора издашка тэхиму туртка бўливототти.
одатан ониси кун бўйи ушшоқ – чушшак ишлар БИЛАН тиним топмиғочқо соат тўққуз бўлмайло уйқу тутотти.онисининг Сҳу одатий бу кэча болага Қўлойлиқ ёритип бэрган иди.онисининг чорчиғонлиқини боно қилиб синглисини тэзроқ йэтишқо даъват қилди.унинг нийити қандаклоп қилиб бўлмисун онисиғо саздурмай болдурроқ сиртқо чиқивэлиш иди.бўлмаса яна ухлоп қолади.синглисиғо китопни қўйғузуп уни ухлотқуча ўндан ошиб катти.ондин уйқуғо каткан онисини чоқирди .
-        опо чироқни ўчурайму ?
бола онисининг чироқни доим ўзи ўчурдиғонлиқини , чироқни ўчуруштин бурун долон уйга кириб кўйникини алмаштурдиғонлиқини яхши билади.унинг шундак қилиши унинг бололарча ҳилиси иди.
Аёл уйқусироп Ўрнидан турди ва ‹ ётивар Ўғлум ,ўзам ўчуриман › дэб қўйди.бола онисининг кўз оладидило ёътқонғо кириб ётти.ониси долон уйга  кириб кэтишига Ўрнидан туриб  ғанио  ёъгап қўйган кўрпини ёътқиниғо худди одам ётқондак қилиб ўринлоштуруп , оҳиста қадам БИЛАН сиртқо Cҳиқиб катти.ониси долондин Cҳиқиб боланинг ўрнига бир қараб қўйди ,ётқонлиқиғо ишонч қилгандан сўнг , ишикни ботинан силсилалап ўрнига кэлиб ётти.
бола омол бор  тивиш чиқармошлиққо тиришип ўрукка ёмошти.бизга таниш бўлган шохнинг орқон ва Кэсак сэлинғон йэрига кэлиб , арқонни қўлига олади.у бир Қўлда шохни чинг қучоқлоп , бир қўлида орқон БИЛАН бэлидин ва ялкисидин арқонни ўткузуп  шохқо ўроп боғлиди.унинг бундай қилиши навода Кэчиси ухлоп қолса шохтин йиқилип чушмаслик иди.арқонни боғлоп бўлиб яна бир қўли БИЛАНми шохни қучоқлоп яхши жойлишиволди –да , ўнг юзини годир – будур шохқо қўйди ...
орадан қончалик вақт ўтти ,ялкисига қандактур бир нарсанинг йэнгил  урулишидин чўчуп Ўйғунуп катти.бу Кэчида ойлиниб қайтиб кэлган саргардон мушукнинг оёқлари иди.мушук кунда нэчча қэтим ўтидиғон , ўзи учун ёъл бўп қолган бу шахта одам бор  Йўқлиқини илғимойло унинг устига сакрап тушган иди.бола Ўйғунуп ўзининг қайэрда эканини илғиёлмой қолди,атрофдаги қоронғилик унинг юрукига ваҳима солмоқто иди.ўзининг қайэрда эканини ўйлади, бу чоқда шохнинг годир – будурлири унинг юзига , ялкисига,кўкригига , Қўл – путлириғо пэтип уюшуп каткан иди.Сҳу қадар сиқироп оғридики , бола уни уйқу БИЛАН сазмиган иди.бола Қўллирининг уюшишини йэшишка урунивотқондо , пастики одамнинг шаписини туюп қолди.бола сагаклашти , ондин ўзининг бу йэрга нэмишқо калаганликини аслиди.пастики одам айвонга йэиққилоп қолган иди, бола уни тўнивэлиш учун тозо қарашга бошлади.вой бу синфимиздики шоди монгқининг Додисиғу ! уйи уларнинг уйидан уч – тўт ишик нэридо иди .‹‹ вуй арақкаш тироктўрчи ,ҳаммиси болангни Мишиқи дэб лисонлоп юрсун , Сэн бўисанг Бировнинг уйига кирамсан.ҳу , аблақ ››бу унинг бололарча лисонлиши иди.бу чоқда шоди монгқининг Додиси айвон олдига Кэилип , қўлидаги кичиккина бир нарсани эҳтиёт БИЛАН дариза айнкига қаъритип отди.бир икка қэтим тириқлоштин сўнг ўй ичида онисининг чиройидин ғазапланлиги Cҳиқиб турган чиройи кўринди.‹ тун мэҳмини › хэли ичиволғон  бўлса кэрак Жим туролмойтти, у қўли БИЛАН онисини сиртқо чиқишқо имо қиливототти.
бола Сҳу йэрда туриб описининг ўй ичида туриб нэма қилишини билмай тит - тит бўливотқонлиқини кўруп турди.шунинг БИЛАН бирга бу арақкашнинг бу йэрда худди ўз ҳўйлисидо турғондак юришини кўриб ғазапланди,кучи бўлган бўлса борибло бўғуп қўйғуси кэлди.у унга бошқоларнинг уйига кирса қандак бўлидиғонлиқи кўрсутуп қўймоқчи бўлиб , бир қўлини оҳиста холтининг ичига тиқип Кэсактин бирни қўлига олади.бола Кэсакни қўлида чинг тутиб туриб айвон тарафга қараб қимирловотқон шоди монгқининг Додисиғо бир пас қараб турди.кайнидин оҳиста ёъталди.шоди монгқининг Додиси чўчуп ,ўзини қоронғилуққо олади ва атрофга эланглап қарашга бошлади.бола Ўйлиғондак бўлган иди, у дал боланинг остиғо кэлиб турган иди.бола қўлидаги Кэсакни чанлап туриб ‹тун мэҳмон › нинг бошига бошига отди. қуримиғон Кэсак ‹‹ гус ›› қилиб унинг бошига тагди ва иккага бўлунуп катти.у ‹‹ вой ›› дэганича Ўлтуруп қолди .у ингриғонча бирдам тургандан сўнг олдига бирначча қадам монгди , сўнг ҳўйлининг оёқ таърифига югуруп катти .
бола оладироп арқонни йэшишка бошлади ,у йэшивэтип онисининг ташқирдики тороқ – туруқлордин нэма бўлганлигини билмай юрики йэрилғудак бўливотқон ҳолати кўз олдига калтурмакда иди. Сҳунго тэзроқ йэрга тушиб онисиғо кўрунмакчи иди.чунки описи ўзининг ташқирдо , яна кэлиб ўрук устида икони чушугиму кирмайдиғонлиқини ,ўзини ёътқон ичида дунёдан бихавар тотлиқ ухловотиду  дэб билидиғонлиқини яхши билади.
шундак, Сҳу чоқда ўй ичида   ўти йэрилғудак бўлиб дариза оладида турган оно  ташқарида нэма бўливотқонлиқин билмайтти ,ўғлининг ўрнига қараш бўлса хаёлиғиму кирмайтти.у қўрқунч ичида қоронғилуқтин ёруғ жойга кэлган  ўғлини кўриб Бошда тўниёлмиди . бирдамдин сўнг кулгинича айвонга чиққан ўғлини кўриб‹ вой ўлай , вой ўлай ›дэгунича боласининг ёътқиниғо тошлонди .ёътқонни қойрип ёътқон ичига қотлоп қўйган кўрпини кўриб ‹ болам › дэб воқироп катти.андикип ишикка қараб этилди ,оғзидин ‹ вой болам , Ўғлум › дэган сўзларло чиқотти,қўрқунчтин  қуп – қуруқ бўлиб қолган коллиси бўлиб ўткан ишларнинг тагига йэтмоқда иди.
улар айвоннинг алангатурисидо учрошти , бола кулуп турарди , ониси бўлса уни қучоқлоп , юз – кўзларидан сўюп йиғлойтти , ҳосироп сўзлайтти:
-        қўруқчи бўлган боламдан ўргилай ,ўюмнинг аркиги бўлган боламдан ўргилай ! – оно бу сўзларни ич – ботинан ўртинип эйтотти, кўз ёшлири бўлса дартлири БИЛАН қўшулуп йигона Аёллорғо хос бирначча йиллик аламлири, тортқон жафолири бирга юрукидин Cҳиқиб Кэтивотқондак иди.ўксинишлири  моно мушу кичиккина ўғлининг нэчча минутлуқ журити туфайли Йўқ бўлмоқто иди.
бир куни бола мактаптин қайтиб Кэливэтип , яна бурунқидак Сувпидо кулуп Ўлтурғон бадал чолнинг удулиғо кэлганда адап БИЛАН Салом бэрди .
-        ваалайкўм ассалом – дэди чол қойиллик БИЛАН болага – бор иколло ота ўғли ,ҳақиқи эркак .
бола ич –ичидин Хўшол бўлиб катти.
Сҳу воғдо нэрироқтики дарвозидин боши тэнгикилғон шоди монгқининг Додиси томокисини тутоштурғонча Cҳиқиб кэлди . иттифоқо кўзи бадал бўвининг кўзи БИЛАН учрушуп қолиб таъмтирап катти.у чол БИЛАН учришип қэлишни Ўйлимиғон иди.
-        бошинг яхшимилар ? - дэди чол киноя овозда .
троктўрчи гап қилмади. чолга норози бир назарда қараб қўюп ‹ надинму чиқдим › дэгандай қилиб кайнига  ўрулди.
-        аркики бор  ўйнинг томидан ортилмиғинда – дэди чол зарда БИЛАН .
бу чоқда бола дарвозисидин кириб Кэтивототти. у ичкирга кириб дарвозини ёпти , кайнидин ялкиси БИЛАН иттирип дарвозини чиплоп қўйди.
у Ўйновотқон синглисининг удулидо турган мушукни кўриб бурунқидак уни қўрқутмиди, билъакс унга қараб билинар – билимас  кулуп қўйди, синглисининг похмоқ сочларини Қўллири БИЛАН силоп қўйди. ондин кўкрикини Кэрип уёқ – буёққо қаради.сўридо унга кулумсирап қараб турган ониси БИЛАН ҳоммисини кўриб ,томиқини мэнилик қирип қўйди –да , мардона қадам БИЛАН улорга  қараб монгди



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

Yo asling kabi ko'rin, yo ko'ringaning  kabe bo`l`````````

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zvmrat يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 11:04 AM
ئېسىل يېزىلغان ،مەزمۇنى چوڭقۇر ھېكايە  ئىكەن ، تەرجىمە ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QALIB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 11:38 AM  


Yo asling kabi ko'rin, yo ko'ringaning  kabe bo`l`````````

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5204
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 45064
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2165 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
QALIB يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 11:14 AM
darvozidin ig'ongship kirib kelgan bola ,o'y yenidiki shoxliri o'sup tomlorg'o qadar so'zulg'on yo ...

چەتئەل ئەدەبىياتىغا قىزىقىمەن،تەرجىمە ئەسەرلەرنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ئادەتتە....

ئىككىلڭلارنىڭ تەرجىمە قابىلىيىتىگە قايىل بولدۇم....

بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8035
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 2258 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئۆزبەكلىرى ئاساسەن ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان تۇرسا ئەلۋەتتە بۇ تىللاردا سۆزلىيەلەيدۇ ،يازالايدۇ - دە ! مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ تىللار ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ھېسابلىنىدۇ.

جەلىپكار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش