مەڭگۈلۈك زىيالىي ئەھمەد زىيائىينىڭ 100يىللىقىغا بېغىشلايمەن!
ئەھمەد زىيائىي(1913-1989يىللار) 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. زور شۆھرەتكە ئىگە شائىر، يازغۇچى، دىراماتورگ، ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ مۇرەككەپ ۋە ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسىدە بىر تەرەپتىن دەۋر، جەمئىيەت يۈكلىگەن خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي، سىياسىي خىزمەتلەرنى ئارىتقۇزغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، بەدئىي ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل تۈر ۋە ژانىرلىرىدا سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ كەلگەن.
ئەھمەد زىيائىي بەدئىي ئىجادىيەت ساھاسىدە ئىزدىنىپ، <گۈل ۋە بۇلبۇل> ناملىق داستاننى، <رابىئە ۋە سەئىددىن> نامىلىق ئوپىرانى، <مۇھەببەت ۋە ھايات>، <توزىماس چېچەكلەر> نامىلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى، <ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە> نامىلىق نەزەرىيەۋى كىتابنى، <لاداخ يولىدا كارۋان> نامىلىق ساياھەتنامىنى، <ئەھمەد زىيائىي ئەسەرلىرى>، <يۈسۈپ ۋە مەھمۇد>، <رابىئە ۋە سەئىددىن> نامىلىق تارىخى داستانلارنى، <تۆت قېتىم ئۆلۈپ، بەش قېتىم تىرىلگەن ئادەم> نامىلىق تارىخى رومانلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ <دىۋانى لۇغەتىت تۈرۈك>، <قۇتادغۇبىلىك>، تارىخى رەشىدى> قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىب، ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. چەت ئەل ئالىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان<ئىسلام پەلسەپە تارىخى>، <قۇتادغۇبىلىك ئىندىكىسى>، <قۇتادغۇبىلىك ئىنجۈمەلىرى>، <بۈيۈك ھون ئىمپېراتۇرلىقى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تۈركىچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. <رەۋزەتۇسسەفا> نامىلىق كىتابنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى پارىس تىلىدىن ئابدۇرېشىت ئىسلامى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، ئىلمىي خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق يارتىپ بەرگەن.
<رابىئە ۋە سەيددىن>، <لەيلى ۋە مەجنۇن>(ئابدۇرېھىم نىزارى ئەسىرى)، <زەپەرنامە>(موللا شاكىر ئەسىرى)، <غەزەللىيات>، <چاڭموزا يۈسۈپخان> (موللا بىلال ئەسرى)، قاتارلىقلارنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرغان.
ئەھمەد زىيائىي شائىر، يازغۇچى، دىراماتورگ، ئالىم، جامائەت ئەربابى بولۇشى بىلەن بىللە، 20-ئەسىر شارائىتىدا مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئەڭ بۇرۇن كىرىشكەن، بۇ ساھەدە ئەھمىيەتلىك نۇرغۇن نەتىجە ياراتقان مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ 1930-يىللىرى دادىسى، مۇدەرىس ۋە شائىر ھاجاخۇن ھاجى (1879-1952 يىللار) نىڭ خۇسۇسىي كۈتۈپخانسىدا ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ <رابىئە ۋە سەيددىن> نامىلىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسنى كۆرۈپ، ئۇنى بېرىلىپ ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ <رابىئە ۋە سەيىددىن> نامىدا ئوپىرا يازغان.<رابىئە ۋە سەيىددىن> نامىلىق بۇ ئوپىرا 1940-يىللاردىن باشلاپ شىنجاڭ سەھنىلىرىدە ئوينىلىش بىلەن بىللە، ئايرىم كىتابچە قىلىنىپ، 1946-يىلى نەنجىڭدىكى <ئالتاي نەشىرياتى> تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، <توزىماس چېچەكلەر> نامىلىق توپلام تەركىبىدە 1947-يىلى <قەشقەر گېزىتى> باسمىخانسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان. 1960-يىلى مىسىر پايىتەختى قاھىرەدە باشقا ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنغان.
ئەھمەد زىيائىينىڭ <توزىماس چېچەكلەر>، <ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە>قاتارلىق ئەسەرلىرى <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسى تەرىپىدىن 1947-يىلى بىسىلغان. <لاداخ يولىدا كارۋان> نامىلىق ساياھەتنامىسى 1940-يىلىلارنىڭ ئاخىرىدا <كاشغەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغاندىن باشقا ، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، ئوردۇچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي قوليازمىسى شىۋېتسىيەدىكى بىر ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانسىنىڭ قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلانماقتا .
ئەھمەد زىيائىي 1946-يىلى يازدا ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ نەنلىياڭ(ئاياغ مەھەللەياكى ئۈچتاش مەھەللىسى) كوچىسىدىكى <يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۈتۈپخانسى> غا قويۇلغان <قۇتادغۇبىلىك>، <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك> قاتارلىق كىتابلارنى كۆرۈپ، نامىنى ئۇزاقتىن بىرى ئاڭلىغان، بىراق ئۆزىنى كۆرمىگەن بۇ ئىستىداتلىق ئىلمىي ئابىدىمىز بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشۇپ، قاتتىق ھاياجانلانغان.1951-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلى بۇرھان شەھىدى قاتارلىقلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى سەيدۇللا سەيپۇللانىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە ئەھمەد زىيائىي ئەپەندى <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك>نى ئەرەب تىلىدىن، <قۇتادغۇبىلىك>نى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىن يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتەك شەرەپلىك ئىشنى قولىغا ئېلىپ، 1953-يىلى 9-ئايدا <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك> نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولىدىن چىقارغان.ئاكىسى مۇھەممەد پەيزى(1909-1975 يىللار) تەرجىمە نۇسخىنى ئۇدۇللۇق تەھرىرلەپ، ئاق قەغەرگە كۆچۈرۈپ تۈپلەپ چىققان.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەينى چاغدىكى قەشقەر شەھرىدىكى ئەرەب تىلىنىڭ مۇكەممەل ئۇستىلىرى، ئۆلما-مۇدەرىسلەردىن مۇھەممەد پەيزى، مۇھەممەتئىمىن ھاجىم ۋە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن قاتارلىقلار بۇ تەرجىمە نۇسخىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ دۇرۇس ۋە ساپلىقىغا تامامەن قوشۇلۇپ، ئىسپات يىزىپ، ئۆز مۆھۈرلىرىنى بېسىپ بەرگەن ھەم بۇ نۇسخىسنى قەشقەردىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سەيدۇللا سەيپۇللايۇپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چامادانغا سېلىپ، ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كىلىپ مەدەنىيەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئەھمەد زىيائىي 1980-يىللار ئىچىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تارىخى ئورنىنى، كىشلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن <يۈسۈپ ۋە مەھمۇد> نامىلىق ئون نەچچە مىڭ مىسرالىق كاتتا داستان يازغان. يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە ئاز سانلىق مىللەت پەلسەپە ئىدىيەسى تارىخى توغرىسدا 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر ۋە يەنبىيەن شەھەرلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇن ۋە مەملىكەت دەرجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ، قىزغىن قارشى ئىلىنغان.
دېمەك ئەھمەد زىيائىي بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىلىمىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. بۇ توغرىلىق مەخسۇس توختىلىش مۇئەييەن ئىلمىي ۋە تارىخى قىممەتكە ئىگە بولغانلىقى ھەم ئالىمنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ماقالە تەييارلاندى.
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى 2012-يىلى 4-سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-10 02:17 AM